شىنجاڭ ئاياللىرى

ئورنى Wikipedia

<شىنجاڭ ئاياللىرى> - ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ نەشر ئەپكارى، بۇ ژۇرنال 1984 - يىلدىن تارتىپ نەشر قىلىنشقا باشلىغان. ژۇرنالدا ئاياللارنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى، ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، بالا تەربىيىلەش، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى، تېبىىي ساۋات، ئاياللار خىزمىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئەسەرلەر بېرىلىدۇ. ژۇرنالنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىدىغان <باھار چېچەكلىرى>، <ئەدەبىيات گۈلزارى> سەھىپىلىرى بار. بۇ سەھىپىلەرگە شېئىرلار، ھېكايە - نەسرلەر بېرىلىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]