شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك ئونىنچى شىسى

ئورنى Wikipedia

يېزا ئىگىلىك 10 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 22 - بىڭتۇەنى ئاتلىق ئەسكەرلەر 7 - شىسىنىڭ 9 - تۇەنى ئىدى. بۇ قىسىم 1953 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن تەرتىپكە سېلىنىپ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇستەقىل 28 - تۇەنى بولغان، 1954 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن تەرتىپكە سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مۇستەقىل 28 - تۇەنى بولغان. 1959 - يىلى يېزا ئىگىلىك 10 - شىسى قىلىپ قۇرۇلغان.

شى شىتابى ئالتاي شەھىرىنىڭ بېيتۇەن بازىرىدا. يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرى پۈتكۈل ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسىگە تارقالغان. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 36 سى بار بولۇپ، ئۇنى 11 ى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 25 ى سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 92 سى بار. ھازىر 37 مىڭ گېكتار )555 مىڭ مو( تېرىلغۇ يەر، 5000 گېكتار )495 مىڭ مو( يايلاق، 8000 گېكتار )120 مىڭ مو( ئورمانلىق، 5000 )750 مىڭ مو( سۇ كۆلىمى، 1000 گېكتار )15 مىڭ مو( ئورمانلىق، ئۇنىڭدىن باشقا 129 مىڭ گېكتار )1 مىليون 935 مىڭ مو( ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان قاقاس يەر بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 68 مىڭ، ئەمگەكچى 33 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 32 مىڭ نەپەر. يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بىر قەدەر ياخشى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 12 نى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 118 مىليون كۇب مېتىر( ياسىدى؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 61 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 500 گە يېقىن چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، مايلىقدان، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلار يېتىشتۈرۈپچىققان >ئالتاي ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى< دۆلەتنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى؛ بېقىلىۋاتقان قارا كۈرەڭ تۈلكە، شىمالىي قۇتۇپ تۈلكىسى قاتارلىق تېرىسى ئەتىۋارلىق ھايۋانلار تەخمىنەن 10 مىڭغا يېتىدۇ، تۈلكە تېرىسىنىڭ ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدا بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى، ئاساسلىقى كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، سېمونت، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ئىلمە توقۇمىچىلىق، كۆن - خۇرۇم مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، قەغەز ياساش، مەتبەئەچىلىك، ساپال ۋە فار - فۇر بۇيۇملىرىنى ياساش، چىرىمتال قېزىش ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش، بېنتونىت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق تۈرلەر بار. چىرىمتال قەغىزى بىلەن چىرىمتال قەغىزى تاختىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بېنتونىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]