شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك يەتتىنچى شىسى

ئورنى Wikipedia

يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 22 - بىڭتۇەنى 9 - جۈنىنىڭ 25 - شىسى ئىدى. 1953 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىش قىسمىغا ئۆزگەرتىلىپ، يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1957 - يىلى شى شىتابى ئەسلىدىكى ساۋەن ناھىيىسىنىڭ پوتەي كەنتىدىن كۈيتۈنگە يۆتكەلگەن. يېزا ئىگىلىك 7 - شىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرى كۈيتۈن شەھىرى ۋە قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ قارمىقىدا مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان كارخانىدىن 55 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ 10 ى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانى، 45 ى سانائەت، قاتناش، بىناكارلىق، سودا كارخانىسى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق كەسپىي ئورۇندىن 145 ى بار. ھازىر 78 مىڭ 800 گېكتار )1 مىليون 182 مىڭ مو( تېرىلغۇ يەر، 80 مىڭ گېكتار )1 مىليون 200 مىڭ مو( يايلاق، 3000 گېكتار )45 مىڭ مو( باقمىچىلىق قىلىدىغان سۇ كۆلىمى بار. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 199 مىڭ بولۇپ، ئەمگەكچى 89 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچى 79 مىڭ 200 نەپەر. يېزا ئىگىلىك 7 - شىسىنىڭ سۇ ئىنشائاتلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىدىن 6ى )ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 70 مىليون كۇب مېتىر( ياسىغان ۋە يۈرۈشلەشكەن مۇكەممەل سۇ چىقىرىش، سۇغىرىش ئۆستىڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان؛ دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي كۈچى 118 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 1500 دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، قىزىلچا قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ مۇھىم پاختا، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك 7 - شىسىنىڭ سانائىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر پاختا توقۇمىچىلىق، ئىلمە توقۇلما، يېمەكلىك، شېكەرچىلىك، پەمىدۇر قىيامى، ئېچىتما مەھسۇلاتلارنى ئىشلەش، قەغەز ياساش، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، كۆمۈر قاتارلىق تۈرلەر بار. بۇ شى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلاردىن كۈيتۈن ئالاھىدە ھارىقى 1991 - يىلى مەملىكەتلىك ئېسىل مەھسۇلات دېگەن نامغا، 1992 - يىلى بريۇسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن 30 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار كۆزگەزمىسىدە ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا، 1994 - يىلى مەملىكەتلىك يېنىك سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ كۈمۈش مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ پولات ۋە ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرى، شاپتۇل تەملىك كەمپۈت، قوغۇن شەربىتى، تيەنچى ئالاھىدە ھارىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار يېزا ئىگىلىك مىنىستىرىقى، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن داڭلىق، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات قىلىپ باھالاندى؛ كۈيتۈن تۆۋەن گرادۇسلۇق ئالاھىدە ھارىقى، ئۆرۈك مېغىزى شەربىتى، ئاق مۈشۈك ماركىلىق مەدەنىيەت كۆينىكى قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1994 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى، يېڭى تېخنىكىسى كۆزگەزمىسى كېڭىشى يىغىنىدا ۋە 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو يېزا - بازار كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلىرى كۆزگەزمىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن