شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

ئورنى Wikipedia

<شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى> - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ، 1993 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن تارتىپ نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. گېزىت چوڭ فورماتلىق، تۆت بەتلىك بولۇپ، ھەپتىدە ئىككى سان چىقىدۇ. گېزىت نەشر قىلىنىشى بىلەنلا <تەڭرىتاغ گۈلزارى> نامىدا ئەدەبىيات بېتى تەسىس قىلىنغان. <تەڭرىتاغ گۈلزازى> ئايدا ئىككى سان چىقىدۇ. بۇ بەتكە ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ رومان، پوۋېست، درامىدىن باشقا ھەرقايسى ساھەلىرىگە دائىر ئەسەرلەر بېرىلىدۇ. بۇ بەتكە ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ، ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەچچە يۈز پارچە ئەدەبىي ئەسىرى بېرىلدى. بۇ بەتنىڭ يەنە <بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز>، <بىزنىڭ سەنئەتچىلىرىمىز>، <چەت ئەل ئەدىبلىرى>، <چەت ئەل ئەدەبىياتى>، <قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى> قاتارلىق سەھىپىلىرىمۇ بار. بۇ بەتتە ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيۋى مۇھاكىمە ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىندۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]