Jump to content

شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى)

شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى (خەنچە: 新疆大学؛ لاتىن: Shinjang Universiteti) شىنجاڭ داشۆ ياكى ئ‍ېغىز تىلىدا​​​​​​​​ شىندا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1924 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىۋېرسال تەتقىقات تىپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت. شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، روسىيە، خەلقئارا سىياسەت ۋە قانۇننى پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك رۇس تىلى ۋە قانۇن مەكتىپى ئولاراق قۇرۇلدى.

1935 - يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1950 - يىلى، سابىق ئۆلكىلىك جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا قوشۇلدى، شىنجاڭ ئىنستىتۇتى شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلدى. 1954 - يىلى، شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلدى. 1960 - يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەسمىي قۇرۇلدى. 2000 - يىلى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇردى. 1958 - يىلى مېتاللورگىيە سانائىتى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق شىنجاڭ كانچىلىق ۋە مېتاللورگىيە ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان بولۇپ، 1966 - يىلى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 2004 - يىلى ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «ئۆلكىلىك مىنىستىرلار بىرلەشمە قۇرۇلۇش» ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئايلانغان.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ج خ ج دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. ئۇ «قوش بىرىنچى دەرىجىلىك B تىپ» ۋە ئەسلىدىكى «211 قۇرلۇش تۈرى» نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، «مەركىزى ۋە غەربتىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچنى ئاشۇرۇش تۈرى» گە تاللانغان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنلۇق تۇرالغۇسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇرۇمچى شەھىرى شېڭلى يولى 666 - نومۇر بولۇپ، خوڭخۇ مەكتەپ رايونى (ئاساسلىق مەكتەپ رايونى) ، دوستلۇق مەكتەپ رايونى (شىمالىي مەكتەپ رايونى)، جەنۇبىي مەكتەپ رايونى ۋە يېتۈك ئىزباسارلار مەكتەپ رايونى (يېڭى مەكتەپ رايونى) بار.

ئىنىستىتۇتلىرى

[تەھرىر]

23 ئىنىستىتۇت ، 1 ئاسپىرانت ئىنىستىتۇتى ، 1 مۇستەقىل ئىنىستىتۇت ، 1 ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۇمى ، 4 ئەمەلىي پىراكتىكا مەركىزى ، 8 تەتقىقات مەركىزى بار .

دولەتلىك مۇھىم ئوقۇتۇش تۇرى

[تەھرىر]

2 خىل

ماگىستىر نۇقتىسى

[تەھرىر]

157 دانە

دوكتۇرلۇق نۇقتىسى

[تەھرىر]

48 دانە

ئاكادىمىك

[تەھرىر]

1 نەپەر

قۇرۇلغان ۋاقتى

[تەھرىر]

1924 يىلى

مەكتەپ شۇئارى

[تەھرىر]

ئىتىپاقلىق ، قەھرىمانانە ئىلگىرىلىمەك ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ، يېڭىلىق يارىتىش

ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى

[تەھرىر]

تاشپولات تىيىپ

مەكتەپتىن چىققان كوزگە كورۇنگەنلەر

[تەھرىر]

نۇر بەكرى(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھازىرقى رەئىسى) ،

ئىسمايىل تېلىۋالدى(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى)

پروفېسسور ئۆمەر موللا بەرداش

تارىخى

[تەھرىر]

1924-يىلى قۇرۇلغان.

مەنبەلەر

[تەھرىر]

"L"