شىنجاڭ باقى باي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى

ئورنى Wikipedia

    شىنجاڭ باقى باي سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى − 2014-يىلى قۇرۇلغان، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 5مىلىيۇن يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى تېز توڭلىتىلغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان پۇقراۋى كارخانا. شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتى توخۇ گۆشى، كالا، قوي گۆشى، قۇرۇتۇلغا گۆش، قېزا پارچىلانغان گۆش قاتارلىق گۆش مەھسۇلاتلىرى.

شىركەت باش دىرېكتور مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، سېتىش تىجارەت بۆلۈمى، سۈپەت تەكشۈرۈش بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى قاتارلىقلار مۇكەممەل ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شىركەتنىڭ ھازىر توڭلىتىش ئامبىرى، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش سېخلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. دەسلەپكى مەھسۇلاتىنى خىمىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە « ئۈچ كېرەكسىز» نى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى تۇلۇق.

شىركىتىمىز بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆز جايى ۋە ئەتراپتىكى توخۇ، ئات، كالا، قوي گۆشى مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلغار تىجارەت ئىدىيىسى ۋە ئۇسۇلىنى پائال قوبۇل قىلىپ، كارخانا ئەمەلىي كۈچىنى زورايتتى.  نۆۋەتتە شىركەتنىڭ توخۇ گۆشى، كالا، قوي گۆشى، قېزا، گۆش قېقى، پارچىلانغان گۆش --- قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى چوڭ بازارنى ئىگىلەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

شىركىتىمىز بۇنىڭدىن كېيىن كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ بازارغا سېلىپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرىدۇ، پەن-تېخنىكىدا ۋە مۇلازىمەتتە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ،  كارخانىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ۋە ئىناۋەتنى ئاشۇرۇشقا، شۇنداقلا بايلىق ئەۋزەللىكىنى ياخشى يۈرگۈزۈپ ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدۇ!.

www.bakibay.com

[1]