شىنجاڭ جەۋلان ئېلان تارقىتىش چەكلىك شېركىتى

ئورنى Wikipedia

شىركەت ھەققىدە[تەھرىرلەش]

جەۋلان ئېلانچىلىقى 2006-يىلى يەكەن ناھىيسىدە قۇرۇلغان، دەسلەپتە ئىككى دانە باسما ماشىنىسى بىلەن پۈركىمە ئېلان بىسىش، لاھىيلەش، ئېلان قوراشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ خىرىدارلارنىڭ كۆپىيىشى، تەلەپ ۋە ئىھتىياجلارنىڭ كۆپ خىللىشىشى بىلەن كەسىپ تۈرلىرىنى كىڭەيتىپ شىركەت، ئىدارە - ئورگان، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئوبراز قۇرۇلىشىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاپ بەلگىلىك نۇپۇز ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولدى ۋە سەمىمىي مۇلازىمەت، يۇقىرى ئىش ئۈنۈمى بىلەن خىرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشتى.جەۋلان ئېلانچىلىقى 2015-يىلى ھەزرىتىپىر يولى ئارزۇ تاللا بازىرى يىنىدىن ئورنىمىزنى كىڭەيتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەزرىتىپىر يولى سۇ ئىدارىسى ئائلىلىكلەر قورۇسىنىڭ قارشى تەرىپىگە يۆتكىلىپ زور مەبلەغ سىلىش ئارقىلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەرخىل چىراقلىق خەتلەرنى ۋە بەلگىلەرنى ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، زور كۆلەمدىكى ھەرخىل ئېلانلارنى ياساش مۇھىتىنى ھازىرلاپ ماتىريال ۋە تېخنىكا مەنبەسى تولۇق، مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى يىتەرلىك، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان سەمىمىي مۇلازىمەت ئىڭى ئارقىلىق دىيارىمىزدىكى تۈنجى بولۇپ كۆلەملەشكەن پۈركۈپ بىسىش بۆلۈمى، لاھىيلەش بۆلۈمى، ياساش بۆلۈمى قاتارلىق خىزمەت مۇھىتىنى ھارزىرلىغان.

شىنجاڭ جەۋلان ئېلان تارقىتىش چەكلىك شىركىتىمىز مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسىپ تۈرلىرىدىن لاھىيلەش، پۈركىمە ئېلان بىسىش، چىراقلىق ۋىۋىسكا ۋە ئادەتتىكى ۋىۋىسكا ياساش، LED ئېكران ئورنۇتۇش، بىنالارنىڭ كىچىلىك مەنزىرە چىراقلىرىنى ئورنۇتۇش، ئاممىۋىي ئورۇنلارنىڭ ( مەكتەپ، سودا-ساراي، دوختۇرخانا، بانكا ...) قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشۋىقات ئېلانلىرىنى ياساش، بىسىش، قوراشتۇرۇش، زور ھەجىمدىكى سۈرەتلىك تەشۋىقات ئېكرانى قوراشتۇرۇش، ھەرخىل مۇكاپات جاھازىلىرىنى ئىشلەش، قائىدە تۈزۈم جاھازىلىرىنى ئىشلەش، خەت ئويۇش، ئىزنەك، خىزمەت كىنىشكىسى، ھەرخىل ئىسىم كارتۇچكىسى، تەشۋىقات ۋاراقچىسى بىسىش، قاتارلىق مۇلازىمەتلىرىمىز بىلەن خىرىدارلىرىمىزنى تولۇق رازى قىلىمىز. شىركىتىمىز LED ئىكراننىڭ تاق رەڭلىك، قوش رەڭلىك ۋە تولۇق رەڭلىك قاتارلىق تۈرلىرىنى ياساش، ئۈگۈتۈش، كۈزۈتۈش ئاپراتى ئورنۇتۇش، بۇزۇلغان LED ئىكران ۋە كۈزۈتۈش ئاپراتلىرىنى ئىشىك ئالدىغىچە بىرىپ رىمونت قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق.[1]