شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، مۇڭغۇل، شىبە قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ھەر خىل كىتابلارنى نەشر قىلىدىغان نازارەت (ئىدارە) دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال نەشرىيات بولۇپ، 1950 - يىلى 3 - ئايدا قۇرۇلغان. ھازىر ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، خەنزۇ تەھرىر بۆلۈمى، قازاق تەھرىر بۆلۈمى، مۇڭغۇل تەھرىر بۆلۈمى، قىرغىز تەھرىر ئىشخانىسى، شىبە تەھرىر ئىشخانىسى بار. ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى قارمىقىدا ئەدەبىيات - سەنئەتكە دائىر ئىشخانا - بۆلۈملەردىن ئەدەبىي ئىجادىيەت تەھرىر ئىشخانىسى، ئەدەبىي تەرجىمە - تەھرىر ئىشخانىسى، <دۇنيا ئەدەبىياتى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، <بۇلاق> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىقلار بار. ئەدەبىي ئىجادىيەت تەھرىر ئىشخانىسى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ھەر قايسى ئەدەبىي ژانىرلاردا يېزىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەش - نەشر قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى - گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان نەشرىياتلارنىڭ بىرى. بۇ نەشرىياتى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئاز بولمىغان ئېسىل ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپ، كىتابخانلارغا تەقدىم قىلدى. ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ رومان، پوۋېستلار توپلىمى، شېئىرلار توپلىمى، نەسرلەر توپلىمى، درامىلار توپلىمى، ئوبزورلار توپلىمىدىن بىر نەچچە مىڭ پارچىنى نەشر قىلدى. ئەدەبىياتىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان خېلى كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇشۇ نەشرىياتتا نەشر قىلىندى.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]