شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ لوڭبو مەبلەغ سىلىش شىركىتى

شىركەت توربىتى: http://www.xjlongbo.com

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ لۇڭبو مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 2010 – يىل 1 – ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان مەبلىغى 32 مىليون يۈەن خەلق پۇلى. شىركەت قارىمىقىدا 7 بالا شىركەت تەسىس قىلىنغان. يەنى، «شىنجاڭ لۇڭبو ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى»، «شىنجاڭ لۇڭبو ماشىنا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى»، «شىنجاڭ لۇڭبو خەلقئارا يۈك ترانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى»، «ئۈرۈمچى لۇڭبو سودا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى»، «ئۈرۈمچى لۇڭبو مەدەنىيەت تارقىتىش ئېلان چەكلىك شىركىتى» قاتارلىقلار. 2 چەت ئەل سېتىش مەركىزى: «تاجىكىستان دۈشەنبە لۇڭبو ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى سېتىش مەركىزى»، «ئۆزبېكىستان تاشكەنت شەھىرى لۇڭبو  KEDR ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى سېتىش مەركىزى» تەسىس قىلىنغان.

شىركەتنىڭ ھازىرقى خىزمەتچىلىرى 100 دىن ئاشىدۇ، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، موڭغۇل، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان، 12 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار. خىزمەتچىلەرنىڭ %90 دىن كۆپرەكى ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلەىرى پۈتۈن شىركەت خادىملىرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگەللەيدۇ، كۆپ مىللەتتىن تەشكىل تاپقان، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كوللېكتىپتىن ئىبارەت.

2008 – يىل شىركەت ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى 101 مىليون  ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزدى؛ 2009 – يىلى پۈتۈن يىللىق ئىمپورت –ئېكسپورت سوممىسى 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ 2010 – يىلى روسىيە – بېلوروسىيە-قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئېكسپورت سودا توسالغۇلىرى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، شىركەت يەنىلا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئېكسپورت سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2011 – يىلى شىركەت ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسىنى 160 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈپ، 2010 – يىلدىكىدىن %60 ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى ئىچىدىكى ئالدىنقى 10 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىردى. 2012 – يىلى شىركەت 220  مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2013 – يىلى 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

لۇڭبو كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىزچىل ھالدا «سەمىمىي بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت قىلىش، تۆھپە قوشۇش» تەك كارخانا روھىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بازارنى يېتەكچى، مەبلەغنى ۋاسىتە قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك ۋە يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، قەدەممۇ – قەدەم ھالدا مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، خەلقئارالىشىشتەك تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

شىنجاڭ لۇڭبو ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى 2004 – يىل 4 – ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئېكسپورت سودىسى، چېگرا كىچىك سوممىلىق سودىسى، ساياھەت – مال سېتىۋېلىش، بەش كېرەكسىزنى يىغىۋېلىش، تەييار ماي، خوت سولفۇر قاتارلىقلارنىڭ باج تاپشۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە تاشقى سودا ئوبوروتى كارخانىسى. شىركەتنىڭ ئۆز ئالدىغا P.I.T ۋە  KEDR ماركىسىنى ياراتقان. ئاساسلىق تىجارەت قىلدىغان ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتتە سېتىلىدۇ، ئۇ ھازىر شىنجاڭدىكى 2 –،  3 – تۈردىكى ماشىنا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش كەسىپىنىڭ سەردار ماركىسىغا ئايلاندى.

بولۇپمۇ ئوتتۇرا – ئاسىيادىكى ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا نىسبەتەن يۇقىرى ئابروي ۋە ئىناۋەتكە ئىگە، مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردا ئىگەللىگەن نىسبىتى %30 كە يېتىدۇ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بازار ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، شىركەت تىجارەت ئەندىزىسى ۋە ئورنىنى پائال ئۆزگەرتىپ، داڭلىق ماركا يارىتىش ــ ۋاكالىتەن پىششىقلاپ ئىشلەش ـــــ سېتىۋېلىش – تەمىنلەش ئەندىزىسىنى قەدەممۇ – قەدەم ھالدا ئۆز ماركىلىرىنى سېتىۋېلىش –تەمىنلەش ۋە باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلارنى ماركىلاشتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش، ئېكسپورت قىلىش ۋە ئىمپورت قىلىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازار ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى ئەندىزە ۋە يېڭى ئورۇن بەلگىلەشكە ئۆزگەرتىپ، بازار تەرەققىياتى ۋە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، ئۇدا كۆپ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق ئىمپورت – ئېكسپورت كارخانىسى ۋە ئىمپورت –ئېكسورت ساھەسىدىكى ئىلغار ئوبوروت كارخانىسى دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

شىنجاڭ لۇڭبو ماشىنا –ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى 2010 – يىل 1 – ئايدا قۇرۇلغان، شىركەتنىڭ ئاساسلىق تىجارەت تۈرلىرىدىن: ئادەتتىكى ماشىنىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇراشتۇرۇش، سەپلەپ قۇراشتۇرۇش، ئىسكىلاتتا ساقلاش؛ ئۇششاق زاپچاسلارنى سېتىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى؛ ماددىي ئەشيا ئوبوروتى ۋە تېخنىكا ئىمپورت –ئېكسپورتى قاتارلىق كەسىپلەر بار. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، شىركەت شىركەت داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىش ـــ ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىش ــــ تولۇق جەريانلىق سۈپەت كونترول قىلىش ــــ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار ئېچىشتەك داڭلىق ماركىلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى ئوبوروت سودىسىدىن ئىشلەپچىقىرىش- پىششىقلاپ ئىشلەش تىپىدىكى كارخانىغا ئايلىنىشنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىشقا ئاشۇردى.

شىركەتنىڭ ھازىرقى زاۋۇت كۆلىمى 5000 كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك بولۇپ، ئاساسلىقى 1 -، 3 –تۈردىكى ماشىنا –ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىش، قۇراشتۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىسكىلاتتا ساقلاش ۋە ئەشيا ئوبوروتى، سۈپەتنى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىش ۋە سېتىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

شىنجاڭ لۇڭبو خەلقئارا يۈك ترانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى 2006 –يىل 12 – ئايدا قۇرۇلغان. 1 –دەرىجىلىك مال ۋاكالەتچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە، كەسپىي تاموژنىغا دوكلات قىلىش كەسىپى مال ۋاكالەتچىلىك كارخانىسىدۇر. باش شىتابىي شىنجاڭ ئۈۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئېكسپورت پىششىقلاش رايونىغا جايلاشقان، ئاساسلىى ترانسپورت، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، قاچىلاش – چۈشۈرۈش – توشۇش، ئۇچۇر ئۇقتۇرۇش، ئىسكىلاتتا ساقلاش، ئوراپ قاچىلاش، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى كونتېينېرغا قاچىلاش - چۈشۈرۈش كەسىپى ۋە ئادەتتىكى يۈك ترانسپورت ۋاكالەتچىلىك كەسىپى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىركەت قورغاس چېگرا ئېغىزى، ئالاتاۋ ئېغىزىدا شۆبە شىركەت تەسىس قىلغان بولۇپ، سودا مۇلازىمىتى ۋە ئەشيا ئوبوروتى – مال ۋاكالەتچىلىك كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تاموژنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تارماق ئاپپاراتى ۋە توشۇش ۋاكالەتچىلىكى تەسىس قىلىنغان. شىركەت تاموژنا، سودا تەكشۈرۈش ئىدارىسى، تۆمۈريول ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە شۇنداقلا جۇڭگو تۆمۈريولى بىلەن كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە ترانسپورت، قازاقىستان تۆمۈريولى ۋە قىسمەن دۆلەت ئىچىدىكى 1 –دەرىجىلىك مال ۋاكالەتچىلىك ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرى بىلەن ناھايىتى ياخشى بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

شىنجاڭ لۇڭبو خەلقئارا مال ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى 2013 – يىل 6 – ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ئېكسپورت پىششىقلاش رايونىدا رويخەتكە ئېلىنغان 3 – تەرەپ باجدىن خالى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسى. باجدىن خالىي رايون ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۈچ چوڭ فونكىسيەسى بولىدۇ: باجدىن خالى ئىسكىلات ئىقتىدارى يەنى ماللار باجدىن خالىي ئىسكىلاتا ھالقىسىغا كىرىش ۋە ئىسكىلاتتا ساقلىنىش مەزگىلىدە ئېكسپورت تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ، ھۆججەت تەستىقلىتىش ھاجەتسىز، سومما چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ؛ ئاددىي ھالدىكى پىششىقلاش فونكىسىيەسى: يەنى ماللار باجدىن خالى ئىسكىلاتقا كىرگەندىن كېيىن ئوراپ قاچىلاش، ئايرىپ بۆلۈش، چاپلاش، ئالماشتۇرۇش، پاچىلاش، تىزىپ قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئوبوروت خاراكتېرلىك پىششىقلىنىدۇ؛ ئېكسپورت سودا فونكىسيەسى، يەنى ئېكسپورت ماللىرى باجدىن خالى رايوندا ساقلانغاندا، ئاددىي پىششىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، باشقا  دۆلەت ۋە رايونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

شىركىتىمىز ئاساسلىقى خېرىدارلارنى باجدىن خالىي فونكىسيەگە ئىگە تولۇق جەريانلىق تەمىنلەش زەنجىرى ئەشيا ئوبوروتى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ تەكشۈرۈش، باجدىن خالىي ئىسكىلاتتا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى بويىچە ئايرىپ تەڭشەش، ترانسپورت ۋە تەقسىملەش، سودا ۋاكالەتچىلىكى، قىممىتى ئاشىدىغان مۇلازىمەت قاتارلىق ماس دەستىلەنگەن ئەشىيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىركەت پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەمەلىي مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى ۋە تور مۇلازىمىتى ئېلېكترونلۇق سودا ئۇچۇر سۇپىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى يىپەك يولى يادورلۇق رايونىغا جايلاشقان كۈچلۈك رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار بولغان يۈك توشۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قوللىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈم، قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماس دەستىلەنگەن خېرىدارلار مەنبەسىگە قارىتا مەركەزلەشتۈرۈپ سېتىۋېلىش ئېلىپ بېرىپ، خېرىدارلار ۋە ھەمكارلىق شېرىكلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنياغا يۈزلەنگەن ئەشيا ئوبوروتى قىممەت ئېشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. خېرىدارلارنى توردا ھازىر ۋاقىتلىق، تۆۋەن تەننەرخلىق، تولۇق يۆنىلىشلىك «بىر پونكىت شەكىللىك» ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىنجاڭ لۇڭبو ئۆي –زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2013 – يىل 6 – ئايدا قۇرۇلغان، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 20 مىليون يۈەن، ئۆي – زېمىن ئېچىش، ئۆي سېتىش، ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش، سودا مال سېتىۋېلىش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن  زامانىۋى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك كارخانا. شىركەت نۆۋەتتە، لۇڭبو سارىيى ۋە لۇڭبو ماشىنا ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش مەركىزى قۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.