شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى

ئورنى Wikipedia

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى تەتقىقات، تەربىيەلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى بىر گەۋدە قىلغان، دۇنيا IT ساھەسىدىكى سەركە شىركەتلەرنىڭ تەرەققىيات نىشانىغا ياندىشىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغان يۇمشاق دېتال شىركىتى.

يۇلتۇزسوفتنىڭ باشقۇرۇشىدا شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئىككى شىركەت بار. پات ئارىدا ئاقسۇغا شۆبە شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، بۇلۇت / ئىنتېرنېت+ / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، يۇمشاق دېتال مائارىپى، IDC تور مۇلازىمىتى، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى پىلانلاش، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

يۇلتۇزسوفت ئىككى جايدىكى خىزمەت ئورنىدا 37 نەپەر يۇقىرى ساپالىق، تېخنىكىلىق خىزمەتچىلەر قوشۇنىغا، 500 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كۆلەمدىكى تىنچ، ئازادە، ئۆلچەملىك ئىشخانا مۇھىتىغا ئىگە.

يۇلتۇزسوفت شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نوپۇزلۇق IT شىركەتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، IT تېخنىكىلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، قىيىن ئۆتكەللەرگە ھەمكارلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، يېڭى ئىدىيەگە، ئىجادىيلىققا ئىگە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تۈر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش يولىنى تۇتقان.

يۇلتۇزسوفت ئۇنىڭدىن باشقا «يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا كارخانىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىغا ھەيئەت ئەزا كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرىگە ھەيئەت ئەزا كارخانا»، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىگە ئەزا كارخانا»، «دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى - ‹كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش› ژۇرنىلىغا مەسئۇل كارخانا»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇمشاق دېتال ئىنىستىتۇتىنىڭ پىراكتىكا بازىسى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچى كارخانا»، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى ‹گۇاڭدۇڭنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقۇچى› نامىنى بەرگەن كارخانا»، «خەلقئارا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتناشقان كارخانا»، «بەيدۇ شىركىتىنىڭ سودا ھەمكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «ئالىيۈن شىركىتىنىڭ IDC ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كارخانا»، «تېڭشۈن شىركىتى ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت كارخانىسى» قاتارلىق شەرەپلەرگىمۇ ئىگە.

يۇلتۇزسوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەسىدە نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىقات تەجرىبىسىگە ئىگە. ھازىرغا قەدەر 500 گە يېقىن شىركەت، ئىدارە-ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يۇلتۇزسوفت شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ كۆپ تەۋسىيە قىلىنغان يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇلتۇزسوفت شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقات دائىرىسىدە ۋاقىت، سۈپەت ۋە ئىقتىدارغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، ھەرقايسى ئورۇنلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ.

يۇلتۇزسوفت نۆۋەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بازىرىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ.

يۇلتۇز سوفىت شىركىتىنىڭ ئورگان تور ئادىرىسسى: www.yultuzsoft.com

[1]