شىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

ئورنى Wikipedia

شىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نەنخەي ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، كۆلىمى14 كۋادرات كىلومېتىر.

شىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
ئۇيغۇرچە نامى شىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇغراپىيەلىك ئورنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى
خەنزۇچە نامى 西樵山風景名勝區
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
مەنزىرە نۇقتا دەرىجىسى AAAAA دەرىجىلىك

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش[تەھرىرلەش]

شىچياۋشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى نەنخەي ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، كۆلىمى14 كۋادرات كىلومېتىر. شىجياۋشەن تېغى70-80 مىليون يىللار ئىلگىرى دېڭىز تېگى يانار تېغىنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان ئۆلۈك يانار تاغ بولۇپ، تاغنىڭ سىرت تەرىپى يانتۇ، ئىچ تەرىپى تۈز، نېلۇپەرسىمان شەكىلگە ئىگە، داپىڭفېڭ چوققىسى چوققىلارنىڭ ئالدى، جيۇلۇڭيەن، دۇڭگۇشى، شيەنشى قاتارلىق چوققىلارنىڭ شەكلى خىلمۇخىل. شىچياۋشەن تېغى قىيا تاشلاردىن ھاسىل بولغان بولۇپ، قىيا تاشلاردا ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا يېرىقلىرى بار، يەر ئاستى سۈيى مول بولغاچقا، كۆپ جايلاردا سۇ مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن، 232 بۇلاق كۆزى، 28 شارقىراتما بار.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى[تەھرىرلەش]

يېڭى، كونا تاش قورال دەۋرلىرىدىلا ئىنسانلار شىچياۋشەن تېغىدا پائالىيەت قىلىپ، تاش قېزىش مەيدانى قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلارنى قالدۇرغان، تارىخ ئىلمىدا بۇ «شىچياۋشەن مەدەنىيىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە جەنۇبىي دىياردا مەشھۇر تاغ بولۇپ قالغان، «يۈنچۇەن ئەۋلىيالار قەسرى» ، «بەييۈن قەدىمىي ئىبادەتخانىسى» ۋە كۆپلىگەن قىيا تاش ئويمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلىنىپ قالغان.