ھافىز ئىبنى ھەجەر

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى شىھابۇددىن ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي)

ھافىز ئىبنى ھەجەر (شِهَابُ الدِّيْنِ أَحْمَدُ بنُ عَلِيِّ بنِ حَجَر العَسقَلاني): شىھابۇددىن ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (ئەبۇلفەزل). (ھ. 773 – 852 / م. 1371 – 1449) ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس، كاتتا شافىئىي فەقىھ ۋە تارىخچى. «فەتھۇل بارىي»، «بۇلۇغۇل مەرام»، «تەھزىيبۇتتەھزىيب»، «ئەددۇرەرۇل كامىنە» ۋە «ئەتتەلخىسۇل ھەبىر» قاتارلىق كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىفى.