شۇڭغۇتماق

ئورنى Wikipedia


شۇڭغۇتماق بولسا قوناق ئۇنى ، ياغ ،لازا ، يېشىل ماش ، تۇز ، چامغۇر ، پىننە قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ئۆزگىچە .

 

لازىملىق ماتىرياللار[تەھرىرلەش]

7پارچەلازىملىق ماتىرياللارقوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، ياغ ،لازا مۇۋاپىق مىقداردا، يېشىل ماش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چامغۇر 500 گرام، پىننە ئازراق.

تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1.ماشنى تازىلاپ، سوغۇق سۇدا 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇ بار قازانغا سېلىپ، پەس ئوتتا قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندا چوڭ-چوڭ تۆت بۇرجەك توغرالغان چامغۇرنى سېلىپ 7-5 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

2. قوناق ئۇنىغا تۇز قۇيۇپ قايناق سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، خېمىرنى ئۆرۈك قېقىدەك چوڭلۇقتا ئۈزۈپ، ئىككى قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئېلىپ يۇمىلاقلاپ، چوڭ بارماق قولىنىڭ ئۇچى بىلەن بېسىپ كاۋاك قىلىپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاندىن پىننە سېلىپ قازاننى چۈشۈرۈپ، ئازراق تىنغاندىن كېيىن قاچىلارغا ئۇسۇپ، ھەربىر قاچىغا يېرىم قوشۇقتىن ياكى خالىغانچە ياغ لازا سالسا بولىدۇ.