شەربىتى زەبىب

ئورنى Wikipedia

شەربىتى زەبىب ئىممونىت كۈچى ئاجىزلاش ۋە بەرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

دورا نامى :شەربىتى زەبىب


ياسالما شەكلى :سۇيۇقلۇق

ئاساسلىق دورىسى :قوي گۆشى

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

بۇ قىزغۇچ جىگەررەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ،تەمى تاتلىق. ئىممونىت كۈچى ئاجىزلاش ۋە بەرەس قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • خۇسۇسىيىتى
  • ياسىلىشى
  • ئۆلچەم
  • ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى
  • ساقلاش
  • تەكشۈرتۈش
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ياسىلىشى[تەھرىرلەش]

قۇرۇق ئۈزۈمگە سۇ قوشۇپ بىر سائەتتىن 2 قېتىم قاينىتىپ،دورا سۈيىنى ئايرىۋېلىپ 3 لىتىرغىچە قۇيۇلدۇرۇۋېلىنىدۇ؛ قوي گۆشى، كەپتەر باچكىسى، كەكلىك گۆشى قاتارلىقلارنى كاۋاپ قىلىپ، قالغان ئارپا بەدىيان قاتارلىق دورىلار بىلەن بىرگە 1.5 سائەتتىن 3 قېتىم قاينىتىپ، دورا سۈيىنى ئايرىۋېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردا قويۇلدۇرغاندىن كېيىن يۇقۇرۇقى دورا سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، 1000مىللىلىتېرغا كەلتۈرۈلىدۇ ھەمدە سۈزۈپ، ساپال قاچىدا بىر ئاي ئاپتاپتا ساقلىغاندىن كېيىن، دورا سۈيى ئايرىۋېلىنىپ تەييارلىنىدۇ.

ئۆلچەم[تەھرىرلەش]

ھەر بىر قۇتىغا (1) 250ml (2) 500mlدىن قاچىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى[تەھرىرلەش]

كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 100ml~50 غىچە ئىچىلىدۇ.

ساقلاش[تەھرىرلەش]

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

ئۆلچەم[تەھرىرلەش]

ھەر بىر قۇتىغا (1) 250ml (2) 500mlدىن قاچىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى[تەھرىرلەش]

كۈندە 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 100ml~50 غىچە ئىچىلىدۇ.

ساقلاش[تەھرىرلەش]

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

تەكشۈرتۈش[تەھرىرلەش]

نىسپىي زىچلىقى 1.10  دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك(قوشۇمچەⅦ A).

pHقىممىتى   5.0~3.5ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەك(قوشۇمچە Ⅶ G ).

بۇ دورا قاينىتىلما ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IJ) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.