شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى

East Turkistan Government in Exile

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى
قۇرۇلۇشى
قۇرۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى
مەقسىتى مۇستەقىللىق
ئۇچۇرلىرى
باش شىتاب ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى
تۈرى خەلقئارالىق
پرېزىدېنت غۇلام ئوسمان
مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئابدۇلاھات نۇر‎
باش مېنىستىر سالىھ خۇدايار‎
ئوسمانجان تۇسۇن كۈرەش ئاتاخان
تور بەت شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى
ئىستىقلال مارشى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan Sürgündi Hökümiti ) بولسا 2004-يىلى قۇرۇلغان تەشكىلات، ھازىرقى پرېزىدېنتى غۇلام ئوسمان.

مۇغلا خىتاپنامىسى[تەھرىرلەش]

مۇغلا خىتاپنامىسى

( شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ 8- نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىندى )

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە خەلىقارادىكى سىياسى سىپىمىز ۋە ئىچكى -تاشقى مۇستەقىللىق ھەركىتىمىز ئۈچۈن ، شۇنداقلا قۇرۇلغۇسى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىتىنى تەمسىل قىلغان ، ھەمدە دەۋلەتچىلىك ۋە ھاكىمىيەت سالاھىتىگە ئىگە بولغان ھەمدە ،بارلىق سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ جۈملىدىن ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە نىشانىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ، پارلامىنىت ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كىلىدىغان ئەڭ توغرا ئالى بىر تەشكىلى ئاپرات قۇرۇلـمىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . خەلقىمىزنى ھازىر يۈز بىرىۋاتقان زور بىر ئىرقى قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش ، شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق ھەركىتىنىنىڭ ئىستىراتىگىيىسى ئەڭ توغرا ،ئەڭ ئۈنۈملۈك يوسۇندا تۇرغۇزۇپ چىقىپ ، كونكىرىتنى لايىھە پىلان ئارقىلىق ھەقلىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىدىدە شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى پارلامىنتى نامىدىن تۆۋەندىكى ئددىيە ۋە پىكىرلەرنى ئلگىرى سۈرىمىز :

مىللى داۋايىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىستىراتىگىيىسى : ـ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىغى ئاساسى شەرت قىلىنغان ، مىللى ئىرادە ۋە مىللى ھەركەتنىڭ ئۈستىگە قۇرىلىدۇ . كونكىرىتنى لايىھە ۋە قەدەم باسقۇچلۇق پىلان تۈزۈشتە « شەرقى تۈركىستانلىقلار ئىككى پۇتلاپ مىڭىشى كىرەك » دىگەن پىرىنسىپقا ئاساسەن ماس قەدەم تاشلاپ جىددى خەتەر ئاستىدا قالغان مەۋجۇتلىقىمىزنى جان تىكىپ قوغداشقا توغرى كىلىدۇ .

ھازىر شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ بىشىغا ئومۇيۈزلۈك كىلىۋاتقان پاجىيەلىك ، قورقۇنۇچلۇق قارا قىسمەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە روھى بەرداشلىق بىرەلـمەيدىغان سان-ساناقسىز تۈرلۈك ئاچچىق رىياللىقلىرىنى ، دەلىل- ئىسپاتلىرىنى ئۆزىمىزگە ۋە خەلىقاراغا ئاڭلىتىش بىلەن چەكلەنسەك كۇپايە قىلـمايدۇ . ئەشۇ پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق دۈشمىنىمىز خىتتاينىڭ : « بىزگە شىنجاڭ نىڭ نۇپۇسى كىرەك ئەمەس ، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن پەقەت ئۇلارنىڭ زىمىنى كىرەك » دىگەندىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارلاش ئارقىلىق ، شەرقى تۈركىستاندا قانۇنى جەھەتتىن مۇستەقىل دەۋلىتىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتىن باشقا قۇتۇلۇش يولىمىزنىڭ يوقلىغىغا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز بەرھەق ئىمان ئىيتيپ ، ئاندىن خەلىقارانى ئىشەندۇرىشىمىز ، ئۇلارنى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل دەۋلەت بولۇشىنى جەزمەن قوللايدىغان نۇختىغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن يۇقۇرى سەۋىيەلىك سىياسى ، دىپلوماتىيە ئۈستۈنلۈكنى يارىتىپ مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزنى خەلىقارالاشتۇرۇشنىڭ يىڭىى قەدىمىنى بىسىشىمىزغا توغرى كىلىدۇ .

70 يىلدىن بۇيان ۋەتەن ئچىدە خەلقىمىز دۈشمەنگە تەسلىم بولـمىدى ، تاجاۋۇزچى خىتتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئازاتلىق كۆرىشىنى توختاتمىدى ، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئۈمىدى پەقەتلا شەرقى تۈركىستان خەلقىگە باغلانغان ئىدى . ئەمدىلىكتە شەرقى تۈركىستان ئومۇمىيۈزلۈك تۇرمىغا ئايلاندى ، قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى ھىچ يوق ، قەتلىئام شىددىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ ، خەلقىمىز چارىسىز سۈكۈتتە ئۆزلىرىگە كىلىۋاتقان بالا - قازانىڭ نۆۋىتىنى كۈتىۋاتىدۇ ، ئەمدىلىكتە ۋەتەننى ، مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش بىز مۇھاجىرەتتكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئورۇنداشقا تىگىشلىك مۇقەددەس ۋەزىپە بولۇپ ئالدىمىزغا قويۇلدى ، مىللى داۋايىمىزنىڭ خاراكتىرىدىكى بۇ زور بۇرۇلۇشقا جىددى ھەم سەگەك قارايمىز ، ئەلبەتتە . نۆۋەتتە ، خەلىقارانىڭ ۋە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دەۋلەتلەرنىڭ بىزگە پايدىلىق بولغان قانۇنلىرىنى چەتئەلدىكى ئازاتلىق ھەركىتىمىزدە مۇداپىيە قورغانى ۋە قالقان قىلىپ تۇرۇپ ، يىڭى يول خەرىتىسىنى سىزغىنىمىزدا يولىمىزغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقاندا بىر قانۇن چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتىشىمىزگە توغرى كىلىدۇ . ئازاتلىق يولىدا ئىزدىنىشنىڭ چەتئللەردە تولۇق ئىمكانى ۋە زور يوشۇرۇن كۈچى بار . ئۈگۈنۈش ، تەربىيىلىنىش ، چىنىقىش، پىشىپ - يىتىلىش ، باشقىلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن تاجاۋۇزچى خىتتايغا قارشىلىق ئاشكارە - يوشۇرۇن ھەركەتكە ئۆتۈش ، مىللى بىخەتەرلىك ئىستىخپارات سىستىمىسىنى بەرپا قىلىش ، ھازىرقى زامانىدىكى ئەڭ ئىلغار تەخنىكىلارنى ئىگەللەش ، ئىشلىتىش ، كۈچ ھاسىل قىلىش يەنە نۇرغۇن ئمكانلارنى ياشاۋاتقان دەۋلىتىمىزدىن تاپالايمىز، يارىتالايمىز .

مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزنى خەلىقارالاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى شۇكى ، خىتتاي بىر يول ، بىر بەلۋاغ پىلانى ئارقىلىق دۇنياغا خوجا بولۇش نىيىتىنى ئاشكارلاپ ئىشنى شەرقى تۈركىستاننى تازىلاشتىن باشلىدى . دىمەك ، خىتتاي ئۈچۈن جىددى يوق قىلىۋىتىش بۇقەدەر زۆرۈر بولغان شەرقى تۈركىستان دەۋلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ، قىرىنداش تۈرىك ئىسلام دۇنياسىنىڭ ، دىمۈكراتىك غەرىپ ئەللىرىنىڭ ، خىتتاي بىلەن بىۋاستە مەنپەت توقۇنىشى بولغان شەرقى ، جەنۇبى ئاسىيا دەۋلەتلىرىنىڭ تىنچلىغى ، بىخەتەرلىگى، سىياسى مۇقىملىغى، ئىقتىسادى تەڭپۇڭلىغى ئۈچۈن ، خىتتاينىڭ خەلىقارالىق تەھدىدىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ، ۋاختى كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك دەۋلەتلەر بىلەن بىرگە ھەركەت قىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىشتا ئلاھىدە ئىستىراتىيگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە . ھازىرقى ، ئۆلۈم لاگىرلىرىغا قامالغان ، ئىچكىرگە ئاشكارا- مەخپى يۆتكىلىۋاتقان بىگۇنا خەلقىمىزنى ۇە كوچىلاردا سەرسان بولوپ يوقاپ كىتىۋاتقان مىلىيونلىغان سەبى بالىلارنى قۇتقۇزۇش نىھايەت ، تەييارلىقىمىز بولـمىغان ئەڭ قىيىن بىر مەسىلە بولوپ قالدى . خەلىقارا غا ئەڭ كۇچلۇق تەپكە بىلەن تۇشمۇتۇشتىن ئومۇمىيۈزلۈك مۇراجەت قىلىۋاتىمىز ، دۇنيانىڭ يىرىمى تىخى سۈكۈتتە ، يىرىمى ئاياقتا دەس تۇردى ، ھىلىگەر دۇشمەن خەلىقارا سۇراق سەھنىسىدە جاۋاپكارلىققا تارتىلسىمۇ تەشۋىقات ئالدامچىلىقىنى قىلىۋاتىدۇ . بىز يەنە قانداق قىلىشىمىز كىرەك ؟ ھازىرچە دۇشمەننى تولۇق مات قىلىش ئۈچۈن يەنىلا يۇقۇرى دولقۇن ھاسىل قىلىپ خەلىقارانىڭ ئەمىلى كۈچى بىلەن خىتتاينى كامپىلارنى تاقاشقا مەجبۇرلاش ، ئامالنىڭ بىرىچە تىگىشلىك مەسۇلىيەتنى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دەۋلەتلەگىمۇ تەۋسىيە قىلىشقا ، يەنە چارە ئىزدەشكە توغرى كىلىدۇ .

بايرىغى رۇشەن ، مۇھەببەت-نەپرىتى ئىنىق جەڭگىۋار بىر تۇرڭۇم ئاۋانگارت ياشلار قوشۇنى ئۆزلىرىنىڭ دەۋىرگە ئۇيغۇن ئالاھىدىكلىرى بىلەن مۇستەقىللىق ھەركىتىمىزنىڭ ئالدىنقى سىپىدىن ئورۇن ئىلىشقا باشلىدى . بۇلار ئارقىلىق بارلىق ياشلارنى تەشكىللەش ، يىتەكلەش ،كۈچلەندۈرۈش بىزنىڭ مەسۇلىيىتىمىز . خىتتاينىڭ ياشلىرىمىزغا سۇنىۋاتقان زەھەرلىك قولىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا پەۋقۇلاددە ھۇشيار بولۇش بىلەن بىرگە ھوقۇق ،مەنپەت ،شۆھرەت ئۇچۇن داۇانى سۈيئىستىمال قىلىدىغان ، پىتنە -پاسات ، ھەسەت -ئاداۋەت ، گورۇھۋازلىق ئارقىلىق ئارىنى بۇزۇپ ماجرا ۋە ئىتتىپاقسزلىق شەكىللەندۇرىدىغان كونا كىسەلنى ياشلارغا قەتتى يۇقتۇرماسلىققا تىرىشساقلا ئۇلار چوقۇم خەلىقنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىيالايدۇ .

ئاخىرىدا قايتا تەكىتلەش زۆرۈر بولغان سەزگۈر نوختا شۇكى ، مۈھاجىرەتتكى شەرقى تۇركىستانلىقلارغا قارىتا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئۈزۈلدۇرمەي ئىلىپ بىرىۋاتقان ئىدىلوگىيە تاجاۋۇزچىلىغى تۈپەيلى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىمىز قالايمىقانلىشىپ ، بىر قىسىم مۇھىم پىرىنسىپاللىق مەسىللەردە پىكرىمىز كۆز قارىشىمىز بىريەردىن چىقماي كىرىزىس ياشىدۇق . مىللى داۋاسىمىز ئاقسىدى ،بىر ئىزىدا چۆگلەپ نەتىجىسىز قالدى . ئەمدىلىكتە ھىلىگەر دۈشمەننىڭ ئىزىتقۇ نەيرەڭلىرىنى مەغلۇپ قىلىشتا ساغلام بىر ئىددىيە بىرلىگى ئاستىدا ھازىرقى قوغدىنىش مۇداپىيە ھالىتىدىن ھۇجۇم ھالىتىگە ئۆتۈپ خاتا پىكىر -ئىقىملىرىغا دەل جاۋاپ زەربە بىرىشىمىز ، نۆۋەتتىكى بىر ئىش سۇپىتىدە باشقىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ، ۋەتىنىگە ،دەۋلىتىگە قىلىنغان قىپ -قىزىل تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنى دەۋلەتنىڭ ئالى مەنپەتى خەلىقنىڭ مىللى مەنپەتى قىلىپ سىڭدۈرۈلگەن سۈيقەستلىك خاتا ئىددىيىۋى ئىقىمنى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلاپ تاجاۋۇزچىلىق بىلەن مىللى مەنپەتنىڭ تامامەن بىر بىرگە زىت ئككى ئىش ئىكەنلىگىنى شەرھىلەپ بىرىشتە مۇۋاپىقىيەت قازىنالىساق خەلىقارادا ۋە ئۆزىنىڭ مىللىتى ئىچىدىمۇ بۇ فاشىست ھاكىمىيەتنى يىتىم قالدۇرۇپ شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر نەزىريەۋى ئاساس ياراتقان بولىمىز .

ئەمەل بىزدىن ، نەتىجە ئاللاھتىن . ئامىن

2018-يىلى ، 28-ئۆكتەبىر ، مۇغلا ، تۈركىيە

رەھبەرلىكى[تەھرىرلەش]

ھۆكۈمەت ئىچكى كابىنېتى


قۇرۇلتايلىرى[تەھرىرلەش]

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى 2018-يىل، 26-28 – ئۆكتەبىر، مۇغلا، تۈركىيە.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن بۈگۈنكى ئالاھىدە ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئالاھىدە ۋەزىيەتكە قارىتا ئىستراتېگىيە بەلگىلەش ئۈچۈن بۇ يىل 26-ئۆتەبىردە تۈركىيەنىڭ مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى مۇغلا شەھرىدە بىر ئارىغا كېلىپ، سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىردى. بىرىنچى كۈنىدىكى تەييارلىق يىغىنىدا رەسمىي پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ باش قوشۇشى بىلەن، سابىق رەئىسجۇمھۇر ئەخمەتجان ئوسمان كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈرگۈندى ھۆكۈمەت ئىچىدىكى كىرىزىسنى جىددى ھەل قىلىپ ، زىھنىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى مەركەزلەشۇرۈپ دۈشمىنىمىز خىتتايغا تاقابىل تۇرۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن چىقىرىلغان — ئەخمەتجان ئوسمان (ياكى قانۇنىي ئىسمى بىلەن ئارمان راستېر)نى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى — قارار قاراپ چىقىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ يۈز تۇرانە پىكىرلىشىشى نەتىجىسىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە پارلامىنت ئەزالىقىدىنمۇقادۇرۇش رەسمى قارارقىلىندى . شۇنداقلا ،مۈقەددەس نۈرنىڭ ھۆكۈمەتتىن چىكىنىش ھەققىدىكى ئىستىپانامىسى رەسمى تەستىقلاندى .

پارلمىنىت ئەزالىرىدىن مەمتىمىن پوسما ،،نەپىسەلەرنىڭ پارلامىتتىن چىكىنىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى .

ۋاپات بولغان پارلامىنت ئەزالىرىدىن زەپەر ئالى قىزىل ئاي ، سۇلتان ساۋاش ئەزالار رويىخىتىدىن ئۆچۈچۈلدى .

ئۈچ يىلدىن بېىرى ھىچقانداق پائالىيەتكە سەۋەپسىز قاتناشمىغان ۋە مەۋجۇتلىقى بىلىنمىگن پارلامىنت ئەزالىرىدىن ؛

جەمىلە چاقماق سەمەت گۈدەر ئايدىن

ئابدۇلقادىر شەھىم قاتارلىقلارنىڭ پارلامېنت ئەزاسىلىق سالاھىيىتى ئاپتوماتىك ھالدا ئەمەلدىن قالغانلىقى ئېلان قىلىندى. كۈنتەرتىپنىڭ ئىككىنچى موھىم مەزمۇنى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان رەئىسجۇمھۇرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ياكى مۇئاۋىن رەئىسجۇمھۇر كېيىنكى قېتىمقى قۇرۇلتايغا قەدەر بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش مەسىلىسىدە قىزغىن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن مۇئاۋى نرەئىسجۇمھۇر خىزىربەك غەيرەتۇللاھنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر تىلى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى نەزەرگە ئېلىنىپ، رەئىسجۇمھۇرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش قارارى ئېلىندى.

قاراردىن كېيىن نامزات كۆرسۈتۈلۈپ، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەرنىڭ تولۇق ئاۋازى بىلەن غۇلام ئوسمان ياغما كېلەركى قېتىملىق قۇرۇلتايغا قەدەر رەئىسجۇمھۇرلۇققا سايلاندى ۋە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغان ۋە رەسمىي ئىلتىماس قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى، سالاھىيەتلىرى، تونۇشتۇرغۇچى ۋە كېپىللىك قىلغۇچىلارنىڭ ئىزاھاتلىرى بىر-بىرلەپ مۇزاكىرە قىلىنىپ، تەستىقلاندى.

يىغىننىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى داۋامىدا بارلىق ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داغدۇغىلىق ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 1) يىغىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلىنىپ، سۈكۈتتە تۇرۇلدى. قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىپ، شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى. 2) مۇئاۋىن رەئىسجۇمھۇر خىزىربەك غەيرەتۇللاھ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، يىغىن ئىشتراكچىلىرىنى — رەسمىي پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مىھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا سۈرگۈندى ھۆكۈمەت بېسىپ ئۆتكەن جاپالىق، شۇنداقلا كۆرەشكە تولغان مۇساپىنى، بولۇپمۇ دۈشمىنىمىز خىتتاينىڭ پاراكەندىچىلىكى ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتەك ئەگرى-توقاي كەچمىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. 3) يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋەكىللەردىن بەزىلىرى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. بۇلار: شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم، تۈركىستانلىقلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسا، نوغاي جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ۋەيسەل دەمسىز، بۈيۈك تۈرك قۇرۇلتىيى خەلقارالىق چاقىرىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم خېلىل بالاي ئوغۇللارى، پروففىسسور ئىسمائىل دوغان، ئۇيغۇر سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت جەمىيىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇلغاپپار تام ئۇيغۇر، تۈركچە سۆزلۈشۈدىغان مۇخبىرلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى گۈنگۆر ياۋۇز ئاسلان، دۇنيا تۈركىستانلىقلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئاقيول، مۇخبىر ھۈسەيىن ئاتىلخان، مىرزاخان بايبىلوف (قازاقىستان)، ئابدۇللاھ تۇرسۇن قاتارلىقلار. نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر بىردەك سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ تارىخىي رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ۋەتەن سىرتىدىكى سىياسىي داۋانىڭ ئەڭ توغرا تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى. 4) پارلامېنت رەئىسى كۆرەش ئاتاخان ۋە مۇئاۋىن رەئىس ئىليار شەمسىددىن ئەپەندىلەرنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يوللىغان ئوتلۇق سالىمى، تىلەكلىرى يەتكۈزۈلدى. 5) سۈرگۈندى ھۆكۈمەت باش مىنىستېرى ئىسمائىل چىڭگىز ئۆتكەن بىر مەزگىل ئىچىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەردى. شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ موھىم نۇقتىلىرى ھەققىدە توختالدى.

6) پارلامېنتقا ئەزالىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەزالارنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. يېڭى ئەزالار تۆۋەندىكىچە: 1. تۇرمۇھەممەت ھاشىم (شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، ياپونىيە) 2. ئالىمجان مۇھەممەد (شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، گېرمانىيە) 3. ئوسمانجان تۇرسۇن (شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىس كابىنت ئەزاسى، گېرمانىيە ۋەكىلى ) 4. يارمۇھەممەد بارات (ئامېرىكا) 5. ئابدۇلئەھەد نۇر (كانادا، ئالبېرتا ئۇيغۇر كۈلتۈر مەركىزىنىڭ رەئىسى) 6. نەجمىددىن (تۈركىيە) 7. ئابدۇللاھ تۇرسۇن (تۈركىيە) 8. ئابدۇلغاپپار تام ئۇيغۇر (ئۇيغۇر سەھىيە، مائارىپ-مەدەنىيەت جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىستانبۇل) 9. تىبەت بۇجەتۇر 10. خەمىد چوڭ 11. ئاتىللا گۈۋەن (قىرغىز) 12. ئابدۇسالام ساۋاش 13. ۋەيسەل دېمىر (نوغاي) 14. بۇلبۇل ئابدۇكېرىم (قازاق، تاشقى موڭغۇلىيەدىن) 15 . ئابدۇللاھ ئاقيول (دۇنيا تۈركىستانلىقلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى) 16. غوپۇرچوڭ ئابدۇراھمان 17. قۇربانجان ھىسامىدىن ( شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، نورۋىگىيە ۋەكىلى ) بۇ يېڭى ئەزالاردىن 12 نەپىرى بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلگەنلەر بولۇپ، قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا داخىل بولدى، كېلەلمىگەنلەر قەسىمى كېيىنگە قالدۇرۇلدى. 7) شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى نامىدىن بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا يېزىلغان مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇزاكىرە قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى، بىزنىڭ مەجسىدىمىز دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى رەسمىي يوسۇندا بىلدۈرۈپ قويۇش بېكىتىلدى ۋە مەكتۇپنى دەرھال يوللاش قارار قىلىندى. 8) پارلامېنت ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىش، كۆپەيتىش شەرتلىرى (مۇئاۋىن پارلامېنت رەئىسى ئىليار شەمسىددىن سۇنغان لايىھە ئاساسىدا) مۇزاكىرە قىلىندى. 9) ئاساسىي قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش ھەققىدە قارار ئېلىنىپ، تۈزۈتۈش ئىشى بارلىق ئەزالار ئىشتراك قىلغان ھالدا تور ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان بولدى. 10) باش مىنىستېر ئىسمائىل چىڭگىز ئەپەندىنىڭ نامزات كۆرسۈتۈشى ۋە كۆپچۈلۈكنىڭ ماقۇللىشى بىلەن موھىم دەپ قارالغان بوش ئورۇنلارغا ئادەم سەپلەندى: مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىككە: ھاجى مامۇت؛

دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە: ئابدۇلئەھەد نۇر؛ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە: يەملىبىكە فاتخولىن؛ ياپونىيەدىكى دىپلوماتىيە ۋەكىللىكىگە: تۇرمۇھەممەد ھاشىم؛ مۇھاجىرلار خىزمىتىگە: ئابدۇللاھ ئاقيول؛ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت — ئاممىۋىي خىزمەتلىرىگە: ئابدۇللاھ تۇرسۇن قاتارلىقلار تەيىن قىلىندى. 11) بۇندىن باشقا تەشۋىقات-تەرغىبات ئىشلىرىنىڭ زۆرۈرىيىتى ئۈچۈن توربەتچىلىك ۋە ئاممىۋىي توربەتلەردىكى ھۆكۈمەت ھىسابىنى باشقۇرۇش ئىشى ئۈمىت ئۇيغۇرغا تاپشۇرۇلدى. سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز تېلىۋىزىيە سىتودىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش، تور تېلىۋىزىيىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئەركىن سابىت، غوپۇرچوڭ ئابدۇراھمان قاتارلىقلار تەيىنلەندى. 12) ئىقتىسادىي ھىسابات كۆرۈپ چىقىلدى ۋە بۇندىن كېيىن ئىقتىسادىي مەنبەنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. 13) شەرقىي تۈركىستان سۈگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلى ئېچىلىدىغان قۇرۇلتىيى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش، يىغىننىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بىرلىكتە، كېلەر يىلقى قۇرۇلتاينىڭ پەۋقۇلئاددە بولۇشى، پارلامېنتنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا ماددىي ۋە مەنەۋىي جەھەتلەردە تەييار بولۇش تەلەپ قىلىندى. 14) يىغىندىن كېيىن مۇغلا خىتاپنامىسى ئېلان قىلىش بېكىتىلدى.

سابىق رەئىسلەر[تەھرىرلەش]

ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى

ئەخمەتجان ئوسمان

سايلام[تەھرىرلەش]

ئەزا تەشكىلاتى[تەھرىرلەش]

قارالسۇن[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]