تەلبىسۇ ئىبلىس

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى)

تەلبىسۇ ئىبلىس (شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى / تلبيس إبليس)؛ ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئاتاقلىق مۇھەددىس جامالۇددىن ئابدۇرراھمان ئىبنۇل جەۋزىي (ھ. 510 - 597 / م. 1116 – 1201) يازغان قىممەتلىك ئەسەر.

ئاپتور كىتابىنى 13 بابقا بۆلۈپ، شەيتاننىڭ پىتنىلىرىدىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. شەيتاننىڭ بەندىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشتىكى تاكتىكىلىرىنى، ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئادەمزاتلارنىڭ ئۆزىنى قانداق ئالدايدىغانلىقىنى پاش قىلغان.

شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى كىشىلەردىكى جاھالەتكە قاراپ كۈچىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ ئىللەتنىڭ جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك تەبىقىلىرىدە شەكىللەنگەن ئالامەتلىرى ئۈستىدە توختالغان. بولۇپمۇ دەۋرداش مۇتەسەۋۋىفلەردىكى ھەق ۋە ساپ يولدىن بۇرۇلۇشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئەسەرنىڭ ئىسمىنى ۋە مەزمۇنىنى ئەبۇ ھامىد ئەلغەززالىينىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن (دىن ئىلىملىرىنى ياشارتىش)»دىن ئالغان ھەم بېيىتقان بولسىمۇ، ئىمام غەززالىي ئۇنىڭ تەنقىدىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالغان.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]