شەپقەتسىز رېئاللىق قارشىسىدىكى ھال – ۋەزىيىتىمىز
شەپقەتسىز رېئاللىق قارشىسىدىكى ھال – ۋەزىيىتىمىز
دەۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتتەھەم بولۇپتۇ، دەيدۇ ئەجدادلىرىمىز. ئىنسانىيەت تارىخىي تەجىربىلىرى كېلىۋاتقان ھەر پۇرسەتنىڭ بىر ئىمكانىيەتنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىمەكتە. پۇرسەتنى ئىمكانىيىتى بىلەن قوشۇپ تۇتۇش ۋە بۇ ئىمكانىيەتتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ياكى پۇرسەتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن نەتىجىنىڭ ۋە ئىمكانىيەتسىزلىكلەرنىڭ بەدىلىنى تۆلەش ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىسىگە، سەۋەب قىلىشىغا باغلىق. پۇرسەتلەر بەزى شەپىلەرنى ئالدىن بېرىۋاتىدۇ. پەلەك چەرخىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئايلىنىدىغان كۈنىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىدىن، شۇنداق كۈنلەرنىڭ ھامان يېتىپ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى قىلىۋاتقان تەييارلىقلىرىمىز، كۆرسىتىۋاتقان ئىنكاسلىرىمىز كېلىش ئالدىدىكى پۇرسەتلەرنى ئىمكانىيەتلەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ پۇرسەتلەر ئۆتۈپ كەتكەن چاغدا قانداق قىلىپ چىڭ تۇتالمىغانلىقىمىزنى ئاقلاشقا يارايدىغان ئىشلارنى ئورۇنداشتەك، باھانە قىلىشقا ئەسقاتىدىغان ئىشلار ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپتىن قىمىرلاۋاتقاندەك بىر كەيپىيات شەكىللەنمەكتە. پاسسىپ سىياسەتۋازلىقنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئاكتىپ مەزلۇملۇق، ئاكتىپ مەزلۇملۇقتىن نەپ يەۋاتقان پاسسىپ سىياسەتۋازلىق بۈگۈنىمىزنى قانداق ھازىرلاشقا ھەسسە قوشقان بولسا، كېلەچىكىمىزنىمۇ شۇ تەرىقىدە بەلگىلەشكە خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقى دەرگۇمان. قەيەردىن يولغا چىقىپ قەيەردە قېيىپ كەتكەنلىكىمىز ۋە قەيەردىن قېيىپ قەيەرلەرگە كېتىۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە شەكىللەنمىگەن ئەھۋالدا، بۈگۈنىمىزدىن ئاغرىنىشقا ھەققىمىز بولمىغىنىدەك، كېلەچىكىمىز ئۈستىدىمۇ قاخشىغۇدەك سالاھىيەتنىڭ قولىمىزدا بولمايدىغانلىقى مۇئەييەنلەشكۈسى. تۆۋەندىكى يازما بەلكىم بۇ ھەقتە بىزنى بەزى جەھەتلەردە سىلكىگۈسى. ئەلۋەتتە سىلكىنىش سەزگۈيىمىزنى مۆرىمىز ئۈستىدىكى ئەسلى مەركىزىدىن غۇلىتىپ مۆرە ئاستىدىكى جايلاردىن بىرەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ قويمىغانلا بولساق...
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى