غول

ئورنى Wikipedia

غول ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسلىق ۋېگېتاتىۋ (ئوزۇقلۇق) ئەزاسى بولۇپ، توشۇش، تىرەش، زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغان. يىلتىز تۇپراقتىن سۈمۈرگەن سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلار غول ئارقىلىق يوپۇرماقتىكى «يېشىل زاۋۇت» لارغا يەتكۈزۈلۈپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، يوپۇرماقتىكى فوتوسىنتېز ھاسىلاتلىرىمۇ غول ئارقىلىق ھەرقايسى «ئىسكىلات» لارغا توشۇپ كېلىنىپ زاپاس ساقلىنىدۇ.

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غوللىرى گەرچە خىلمۇخىل بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىدە بوغۇم ۋە بوغۇم ئارىلىقى بولىدۇ ھەمدە بوغۇملارنىڭ دىففېرېنسىيىلىنىشى بىلەن يوپۇرماق ياكى بىخلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. غوللارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تىك ئۆسىدۇ، لېكىن ئۈزۈم، تاتلىقياڭيۇ قاتارلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش ياماشقۇچى غول ۋە يەر بېغىرلىغۇچى غوللارمۇ بار.

غوللارنىڭ كۆپىنچىسى سىلىندىر (تۈۋرۈكسىمان) شەكىلدە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىسى ۋە تۇرۇۋاتقان مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئوخشاش ھەجىملىك شەرت ئاستىدا سىلىندىر شەكلىنىڭ سىرتقى يۈزى ئەڭ كىچىك بولىدۇ، سىرتقى يۈزى قانچە كىچىك بولسا پارغا ئايلاندۇرۇش مىقدارى شۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇڭا، غولنىڭ بۇ خىل شەكلى (مورفولوگىيىسى)، ئۇنىڭ بوشلۇقتا ئۇزاق مەزگىل ئۆسۈش جەريانىدىكى ماسلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

غوللارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشى ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. توغرىسىغا كېسىلگەن ياغاچنىڭ كەسمە يۈزىدىن بەزى قىسمىنىڭ شالاڭ ۋە بوش، رەڭگى سۇسراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ باھاردا ئۆسۈپ شەكىللەنگەن ئەتىيازلىق ماتېرىيال (دەسلەپكى ماتېرىيال) ھېسابلىنىدۇ؛ بەزى قىسمىنىڭ زىچ ۋە چىڭ، رەڭگى قېنىقراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ يازنىڭ ئاخىرلىرى ۋە كۈزنىڭ باشلىرىدا ئۆسۈپ شەكىللەنگەن كۈزلۈك ماتېرىيال (كېيىنكى ماتېرىيال) ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى ئۆسكەن ئەتىيازلىق ۋە كۈزلۈك ماتېرىياللار بىرلىشىپ بىر يۇمىلاق ھالقىنى تۈزىدۇ، مانا بۇ دەل - دەرەخلەرنىڭ يېشىنى خاتىرىلەيدىغان »يىل ھالقىسى«دۇر.

غولنىڭ يەنە بىر رولى غايەت زور دەرەخ تاجىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ھەم يوپۇرماق، گۈل (چېچەك) ۋە مېۋىلەرنىڭ بوشلۇقتا يېيىلىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، بۇ فوتوسىنتېز رولىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا، چېچەكلەش ۋە مېۋىلەشكە، ئۇرۇقلارنىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق. غولنىڭ ئاساسلىق توقۇلمىلىرىدا يەنە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زاپاس ساقلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، يەر ئاستى غول ۋە قىسمەن يەر ئۈستى غوللارنى ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپەيتىشكە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

غوللارنىڭ ئىقتىدار (فۇنكسىيە)لىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان شەكلى ئۆزگەرگەن غوللار شەكىللەنگەن. مەسىلەن، نېلۇپەر، بامبۇك قاتارلىقلارنىڭ يىلتىزسىمان غولى؛ باش پىياز، سامساق قاتارلىقلارنىڭ تەڭگىچە غولى؛ بېجىق، سۇ ئوقياسى قاتارلىقلارنىڭ شارسىمان غولى؛ تاتلىق زەنجىۋىل، قۇددۇس ئوت قاتارلىقلارنىڭ تۈگۈنەك غولى؛ توخۇچىڭگىلىكى، ھەشقىپىچەك قاتارلىقلارنىڭ يۆگىمەچ غولى؛ كاۋا، ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ ياماشقۇچى غولى؛ تاتلىقياڭيۇ، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلارنىڭ يەر بېغىرلىغۇچى غولى؛ ھۆرىگۈلنىڭ يوپۇرماقسىمان غولى؛ دولانىنىڭ تىكەنسىمان غولى قاتارلىقلار.