غۇر خانلىقى
غۇر خانلىقى (فارسچە: غوريان؛ ئۆزىنى ئاتىشى: شەنسابانىيان\شنسبانیان) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئافغانىستان خاندانلىقى. Ⅻ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھېرات بىلەن غەزنە ئوتتۇرىسىدىكى غۇر (Ghor ياكى Ghur) تاغلىق رايونىدا بارلىققا كەلگەن. ئىسلام دىنى سۈننىي مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلغان.[1]
ئەسلى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىگە تەۋە بولغان، 1151 - يىلى غۇر خانى ئالاۋۇددىن ھۈسەيىن (Alauddin Husain، ؟ — 1163) ئەسكەر باشلاپ، غەزنەۋىيلەر ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى تۇرۇپ، غەزنى شەھىرىنى ئىشغال قىلغان ۋە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى غىياسىددىن مۇھەممەد (Ghiyas ud din Muhammad) تەختتە ئولتۇرغان چاغدا (1163 — 1203) بۈگۈنكى پۈتۈن ئافغانىستان زېمىنىغا ئىگە بولغان ھەمدە ئىرانغا كېڭەيمىچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد (غورلىك) ھىندىستانغا كۆپ قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1186 - يىلى غەزنى خاندانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى بويسۇندۇرغان. 1206-يىلى مۇھەممەد (غۇرلىك) زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن پارچىلانغان. دېھلى ۋالىيسى ئايبەك مۇستەقىل بولۇپ، قۇللۇق خاندانلىق قۇرغان. 1215 - يىلى غۇر خاندانلىقى خارەزم سۇلتانى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.[2]