غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى

ئورنى Wikipedia

يېڭىدىن ياسالماقچى بولغان غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى (يېڭى يېزىق: Ghulja - Aqsu Tomor Yuli; ئېنگلىزچە: Ghulja-Aksu Railway; ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 伊利-阿克苏铁路) ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ئىكەن. بۇ لىنىيە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى جىڭ-قورغاس تۆمۈر يولى بۆلۈكەي ۋوگزالىنىڭ جىڭ بۆلىكىدىن باشلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قاش ۋە ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇيسۇن تېغىغا كىرىدىكەن، 19.9 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تونېل ئارقىلىق ئۇيسۇن تېغى، 4-دىۋىزىيە 73-پولىك ۋە تېكەس ناھىيەسىدىن ئۆتىدىكەن، جەنۇبقا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، تېكەس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كۆكسۇ دەرياسىنى بويلاپ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا كىرىدىكەن. 21.8 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تونېل بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىغا كىرىپ، باي ناھىيەسىگە تۇتىشىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى يانتاققۇدۇق ۋوگزالىغا تۇتىشىدىكەن. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 346.88 كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسلىق يولى تۆۋەندىكىچە: غۇلجا ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، بىڭتۈەن 4-دىۋىزىيەسىنىڭ 73-پولىكى. لىنىيەنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 195 كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 151 كىلومېتىردىن ئارتۇق.

ئەھمىيتى[تەھرىرلەش]

بۇ لىنىيە شىنجاڭ ھالقىسىمان تۆمۈر يولى تورى «تەڭرىتاغ ئايلانما لىنىيەسى»نىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى بولۇپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نىڭ شىمالىي يولى بىلەن جەنۇبىي يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن. لىنىيە پۈتكەندىن كېيىن، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى ئارىسىدىكى قاتناش يەنىمۇ قولايلىشىدۇ، لىنىيە بويىدىكى ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولىدۇ. مۆلچەردىكى يۈك ئېقىمى يىلىغا 486 توننىغا يېتىدۇ، كۈنىگە ئالتە جۈپ يولۇچىلار پويىزى قاتنايدۇ.

نۆۋەتتە، غۇلجىدىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى 1600 كىلومېتىر مۇساپىنى باسىدۇ، غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى ياسالغاندىن كېيىن، 600 كىلومېتىر مۇساپىنى باسىدۇ، ھازىرقى مۇساپىدىن 1000 كىلومېتىر قىسقىرايدۇ. بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان ئارىلىقى ئەڭ قىسقا تۆمۈر يول بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ يولۇچى، يۈك تىرانسپورتىغا زور قولايلىقلارنى يارىتىپلا قالماي، لىنىيە بويىدىكى ساياھەت بايلىقلىرىنى ئېچىشقىمۇ زور پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى ياسالغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ غەربي قىسمىدىكى ئەڭ قولايلىق سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىغا ئايلىنىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى تۆمۈر يول تۇتاشماسلىق تارىخىغا، شىمالدىكى يولۇچىلارنىڭ جەنۇبقا بېرىشىدا چوقۇم ئۈرۈمچى، تۇرپاندىن ئايلىنىپ ئۆتۈش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدۇ.