غەربىي ئايماق
غەربىي ئايماق (خەنچە: 西州) ياكى شىجۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۈگۈنكى تۇرپان ۋىلايىتى تەۋەسىدە قۇرۇلغان مەمۇرىي رايون. قارمىقىدا: قوچۇ، لۈكچۈن، يارغول، تەڭرىتاغ ۋە پىچان ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيەلەر بولغان.
مىلادى 640 (تاڭ تەيزۇڭ جىنگۈەن 14 - يىلى) قوچۇ كۈي بەگلىكىنى يوقىتىلغاندىن كېيىن باشتا شىچاڭ ئايمىقى قىلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەي شىجۇ — غەربىي ئايماق دەپ ئاتالغان. ئايماق مەركىزى قوچۇ ناھىيەسىدە بولغان. باشقۇرۇش دائىرىسى ھازىرقى تۇرپان شەھىرى، توقسۇن ۋە پىچانناھىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 658 - يىلى ئەنشى تۇتۇق مەھكىمىسى قۇرۇلغان. 791 - يىلى تىبەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 840 - يىلىدىن كېيىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تىبەتلەردىن قايتۇرۇۋېلىنغان ۋە تارىختا مەشھۇر قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلغان. خەنزۇچە مەنبەلەردە غەربىي ئايماق ئۇيغۇرلىرى (西州回鶻) دەپمۇ ئاتالغان.
پايدىلانما
[تەھرىر]- 《唐刺史考全編》
- ^ 《唐西州官吏編年考證》