غەربىي لياۋ سۇلالىسى
غەربىي لياۋ سۇلالسى قاراخىتاي دۆلىتى | ||||||||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
غەربىي لياۋ سۇلالىسى (西遼\Xī Liáo؛ 1132 - 1218) ياكى قاراقىتان \ قاراخىتاي دۆلىتى (喀喇契丹 ياكى 哈剌契丹 شەكلىدە يېزىلىدۇ)، لياۋ سۇلالىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن ئاخىرقى ئىمپېراتور لياۋ شىزۇڭنىڭ ۋەزىرى، لياۋ تەيزۇ يېلۈ ئاباۋجىنىڭ 8 - بوغۇن نەۋرىسى يېلۈ داشى تەرىپىدىن لياۋ سۇلالىسىنى قايتا تىكلەش نىيىتىدە قۇرۇلغان دۆلەت. بۇ يۈزدىن كېيىنكى لياۋ سۇلىسى (後遼) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇمۇمىي چۈشەنچە
[تەھرىرلەش]11 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نۈجىن\جۈرجەن قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ۋەنيەن قەبىلىسى جۈرجەن قەبىلىلىرىنى بىر ئىتتىپاق ئاستىغا ئۇيۇشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ جۈرجىتلەر كۈچەيدى. جۈرجەن خانلىرىنى ۋەنيەن قەبىلىسىنىڭ خانزادىلىرىدىن تەيىنلىدى. مىلادى 1114 - يىلى ۋەنيەن ئاگۇدا قىتانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ھازىرقى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ فۇيۇ ناھىيەسىدە قىتانلارنى تارمار كەلتۈردى. ۋەنيەن ئاگۇدا، 1115 - يىلى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن تارىختا ئالتۇن خانلىقى (金) دەپ ئاتالغان خانلىق مەيدانغا كەلدى. ۋەنيەن ئاگۇدا شىمالىي سۇڭ سولالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ قىتانلارغا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. قىتان خانلىقى 1124 -يىلى خەلق قوزغىلاڭلىرى، ھۆكۈمران تەبىقە ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر (جۇرجىتلار بىلەن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى) نىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.[1]
تارىختا 210 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قىتان خانلىقى (916 - 1124) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، قىتان شاھزادىسى تۇس تايغۇ ــ يىلۈ داشى (تۇ. 1087 — 1143) بىر قىسىم قىتانلارنى باشلاپ غەربكە قاچتى. تۇس تايغۇ دەسلەپ ھازىرقى موڭغۇلىيىدىكى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ خېلى مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان خاتۇنبالىققا كەلدى. ئۇ يەردە ئۆزىنى قىتان پادىشاھى دەپ جاكارلىدى. ئاندىن كېيىن يەنسەي دەرياسىنىڭ بويىدىكى قىرغىزلار ئارىسىغا باردى. قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان قىتانلار يەنسەي دەرياسى بويىدىن قېچىپ بەشبالىق ئەتراپىغا كېلىپ توختىدى. تۇس تايغۇ باشچىلىقىدىكى قىتانلارنىڭ سانى 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، 40 مىڭ تۇتۇن (چېدىر) دىن ئىبارەت ئىدى. تۇس تايغۇ مانا شۇ 40 مىڭ چېدىرلىق قىتانلاردىن 40 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن تەشكىللىۋېلىشقا ئىمكانىيەت تاپقانىدى. ھەر جەھەتتىن خېلى مۇكەممەل تەجرىبىگە ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان تۇس تايغۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى بەشبالىق ئەتراپىدا تۇرغان چاغدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن تىڭ تىڭلىغۇچىلارنى ئىشقا سالدى. بۇ ئارقىلىق ئەھۋالىنى خېلى ئېنىق ئىگىلىۋالغان تۇس تايغۇ 1125 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانى بىلگە تېكىنگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ غەربكە بېرىشتا ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىدىن ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى، خاننىڭ بۇ ئىشتىن ئەندىشە قىلماسلىقىنى ئۇقتۇردى. بىلگە تېكىن تۇس تايغۇنىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قارارگاھىغا باردى. بىلگە تېكىن تۇس تايغۇنىڭ قارارگاھىدا ئۈچ كۈن مېھمان بولدى. تۇس تايغۇ غەربكە قاراپ ماڭىدىغان چاغدا، بىلگە تېكىن ئۇنىڭغا 600 ئات، 100 تۆگە 3000 قوي يوللۇق تۇتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنى گۆرۈ سۈپىتىدە تۇس تايغۇغا قوشۇپ قويدى. بۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تۇس تايغۇغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىلگە تېكىن تۇس تايغۇنى ئۆز مەملىكىتىنىڭ چېگرىسىغىچە ئۇزىتىپ باراردى.
باشقا تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇس تايغۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىدىن غەربكە قاراپ يۈرۈپ شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ شىمالىي ئىلىكخانى باشقۇرىدىغان تېررىتورىيە ئىچىدىكى ئىمىلدا بىر مەزگىل تۇردى. تۇس تايغۇ ئىمىلدا تۇرۇش ئۈچۈن شىمالىي ئىلىكخاندىن روخسەت ئالغانىدى.
تۇس تايغۇ ئىمىلدا تۇرۇپ كۈچ توپلىۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ئۈستىگە بېسىپ بېرىشنىڭ پەيتىنى پايلاپ تۇردى. دەل شۇ چاغدا، شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ قاغانى ئىبراھىمخان (1128 - 1158) قارلۇقلار ئىسيانىنى باستۇرۇشقا تۇس تايغۇدىن ياردەم سوراپ قالدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان تۇس تايغۇ مىلادىنىڭ 1130 - يىلى قارلۇقلار ئىسيانىنى باستۇرۇشنى باھانە قىلىپ، بالاساغۇن بىلەن كاشغەرنى بېسىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شەرقىي قاراخانىيلارمۇ قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ قالدى.
تۇس تايغۇ 1137 - يىلى 8 - ئايدا خوجەنت ئەتراپى (ئۆزبېكىستان) دا غەربىي قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. 1141 - يىلى غەربى قاراخانىيلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قارلۇقلار قىتانلارنى ياردەمگە چاقىردى. غەربىي قاراخانىيلار بولسا سەلجۇقىيلارنى ياردەمگە چاقىردى. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەرگە كۆرە، مىلادىنىڭ 1141 - يىلى 9 - ئايدا تۇس تايغۇ سەمەرقەند بىلەن بۇخارا ئارىسىدىكى قەتۋان چۆلىدە، غەربىي قاراخانىيلار بىلەن سەلجۇقىلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، غەربىي قاراخانىيلارمۇ قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ قالدى.
تۇس تايغۇ تارىختا «غەربىي قىتان خانلىقى» دەپ ئاتالغان دۆلەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. غەربىي قىتان دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خېلى كۆپ قىسمى كىرگەنىدى. غەربىي قىتانلار ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى بېقىندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشمىغان. غەربىي قىتانلار ئۆز ئادىتى بويىچە، ئۇلاردىن مەلۇم مىقداردا سېلىق ئېلىپ تۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن. غەربىي قىتانلار سېلىقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇلۇشىغا كاپالەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئوردىسىغا بىر دائىمى نازارەت ئەلچىسى (少监) ئەۋەتكەن.
قارا قىتان خانلىرىنىڭ ئۇنۋانى — گۈرخان ئىدى.
قارا قىتان خانلىرى — گۈرخانلار
[تەھرىرلەش]- يېلۈ داشى\يوللىغ تاشىن (، تيەنيۈ، 1124-1143-يىللىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان) - لياۋ تەيزۇ يېلۈ ئاباۋجىنىڭ 8 - بوغۇن نەۋرىسى.
- گانتېننىڭ ئىمپېراتورى دوۋاگېر شياۋ (تاپ يېن ، 1143-يىلدىن 1150-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) - يالې دائېساكىنىڭ ئىككىنچى ئايالى
- ئىمپېراتور رېنزوڭ يېلۇ يىل (1150-1163-يىللىرى ) - يېلۇ داشىنىڭ ئوغلى
- ئىمپېراتور دوۋاگېر چېڭتېن پۇسۇۋان (1163-1177-يىللىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ) - يېلى يىريوڭنىڭ سىڭلىسى
- ئىمپېراتور تيەنشى يېلۇ جىلوكو (سەلتەنەت 1177-1211 ) - يېلۇ يىنىڭ ئوغلى
- كۇچلۇك (ھۆكۈمرانلىق قىلغان 1211-1218 ) - نايمان قەبىلىسىدىن يېلۇ جىلۇكونىڭ كۈيئوغلى
ئالاقىدار
[تەھرىرلەش]- لياۋ سۇلالىسى
- جىن سۇلالىسى
- قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى
- قاراخانىيلار خانلىقى
- سەلجۇقىيلەر سۇلتانلىقى
- موڭغۇل قاغانلىقى
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ تۇرغۇن ئالماس، «ئۇيغۇرلار»