غەربى تۈركىستان دىيارىغا مەكتۇپ

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇردىن ئېلاۋە: غەربى تۈركىستان دىگەندە روسلار قولىدىن ئازاد بولغان تۈرك دىيارلىرى يەنى ”ئۆزبەگىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان…“ قاتارلىق رايۇنلارنى كۆزدە تۇتتۇم. ئانا ۋەتىنىمىز ”شەرقى تۈركىستان“ بىلەن بىر تۇتاش كەتكەن بۇ زىمىنلارنىڭ تارىختا ۋەتىنىمىز بىلەن قوشۇلۇپ ”تۈركىستان“ دىيارى دەپ ئاتالغىنى بىر ھەقىقەتتۇر. دادام رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا، جاللات سىتالىننىڭ تۈرك قەۋىملىرنىڭ مەڭگۈ بىر يەرگە ئۇيۇشالماسلىغى ئۈچۈن، تارىختىن بۇيان تۈرك قەۋملىرى ئورتاق ۋەتىنىم دەپ بىلگەن بۇ تۇپراقلارغا ”ئۆزبەگىستان، قازاقىستان، ….ىستان“ دىگەن بۇ تەرىقىدىكى بۆلگۈنچى ئىسىملارنى قويۇپ رىسبوبلىكلارنى تەسسىس قىلغىنىنى، ۋە بىزنى خىتايغا يەم قىلىپ بەرگەنلىگىنى دائىم ئەلەم بىلەن تىلغا ئالاتتى. دادام ئۆزبەكلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر بىلەن بىر خەلق ئىكەنلىگىنى قەيت قىلىپ: كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئۆزبەكلەرنى كىشىلەرنىڭ ”ئەنجانلىق“ دەپ چاقىرىدىغانلىرىنى، ”ئۆزبەك“ دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ شۇ چاغلاردا بىر ئايرىم مىللەتنىڭ نامىدەك ئەمەس، خۇددى ئاتۇشلۇق، قەشقەرلىق، غۇلجىلىق دىگەن ئاتالغۇلاردەك تەسىر بېرىدىغانلىغىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ۋە ھالا بۇ كۈنگە كەلگەندە بۇ تۈرك قەۋىملىرنىڭ سىتالىننىڭ ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ بىر – بىرىنىڭ ھالىغا يەتمەيۋاتقانلىغىدىن تولىمۇ ئېچىناتتى. مانا ھازىر سىتالىننىڭ بۇ رەزىل سۈيقەستى ئۇ ئۆلۈپ جەسىدى تامام چىرىپ بولغان بۇ كۈندىمۇ ئۆز كۈچىنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ. ھەر قېتىم بۇ قېرىنداش تۈرك قەۋىملىرىمىزنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايلارغا قول چوماق بولۇپ، خىتايدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى قانلىق ئاقىۋەتلەرگە گىرىپتار قىلغان خەۋەرلەرنى كۆرگىنىمدە ئەپسۇسلۇق ۋە ئېچىنىش ئىچىدە ياش تۆكىمەن. ئۇشبۇ ۋەجىدىن بۇ شېئىرنى يېزىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتتىم.

غەربى تۈركىستان دىيارىغا مەكتۇپ

ئاپتۇرى: سەرۋى

*

ئۆزبەگىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان دىيارى،

تۈركىستانى شەرقى ئېلى قېرىندىشىڭ مىسالى.

*

تارىخقا باق چاپتۇر دۇلدۇل مۇتائىلە مەيدانىدا،

تۇپراق تۇتاش، ئەجدادىڭ بىر ئوغۇز سۈتى يىلتىزىڭدا.

*

پەلەك چەرخى پارچىلىدى تۈركىستان دىيارىنى،

غەربى، شەرقى بۆلۈندى ئاھ تۈركىستانى گۈلشەنى.

*

غەربى تۈرك دىيارىدا روس بايرىقى ئەزدى جاننى،

شەرقى تۈرك دىيارىدا خىتاي دەھشەت چاچتى قاننى.

*

ھالا بۈگۈن ئۆزبەگىستان، قازاقىستان سىز ئەركىنسىز،

روس بايرىقى جەۋلان قىلماس، تەختىڭىزدە قەددىڭىز.

*

ئەپسۇس خىتاي ھاكىم ئىرۇر تۈركىستانى شەرقىدە،

ئەھلى ئۇيغۇر زىندانلاردا، قول – پۇتلىرى ئىشكەللەردە.

*

ئەھلى تۈركىستانى شەرقى خانۇ-ۋەيران بەك مەزلۇممىز.

كېلىپ كۆرۈڭ قېرىندىشىم سىز ھەيرەتتە قالارىسىز.

*

بايلىق ئاقار خىتاي يۇرتى تامان يۇرتۇم تېگىدىن،

قاراقچىدەك بۇلار خىتاي بەكمۇ ئاشقان ھەددىدىن.

*

زىندان تولدى ئۇيغۇر بىلەن، تىلى- دىنى خەۋپتەدۇر،

سىزدەك قانۇ-قېرىنداشتىن ياردەم ئىزدەپ تەلەپتەدۇر.

*

ئالەم ئىچرە مەزلۇمدۇربىز، پېقىرلىقتا سەرۋازبىز،

قېرنىداشچۈن، ئادالەتچۈن قاينىمامدۇ قېنىڭىز.

*

نىچۈن غىرىپ ئۇيغۇر قاچسا زۇلۇم -ستەم تىغىدىن،

سىز تەرەپكە پاناھ تارتار تېلەپ ياردەم قولىڭىزدىن.

*

بىلەر ئۇيغۇر ئۆزبەك، قىرغىز، قازاق قانۇ-قېرنىداش،

تاتار، تۈركمەن بارچە ئەھلى تۈركىستانى تۈركداش.

*

ئۇشبۇ سەۋەپ بىرلە ئۇيغۇر پاناھ تارتار سىزىن تۇپراق،

مىڭ ئەپسۇسكى، سىز بولدىڭىز شۇم خىتايغا يانتاياق.

*

پاسپورتىسز ئۇيغۇر يۈرسە سىز قېرىنداش دىيارىدا،

سىز بىلسىز قاچقان ئۇيغۇر ئۇشبۇ ۋەتەن دەۋاسىدا.

*

خىتاي قەستى ھەر ئۇيغۇردا شۇڭا بېرەر سىزگە ئاقچا،

بېقىندۇرار سىزنى بۇندا سىياسى ھەم ئىقتىسادتا.

*

ۋادەرىخا، سىز قېرىنداش ئۇيغۇرىڭىز تۇتتىڭىز،

ئاقچا ئۈچۈن، مەنپەئەتچۈن ۋەتەنداشنى ساتتىڭىز.

*

قوللىرىڭىز بىگۇناھنىڭ قانلىرىدا تامغىدار،

نىچۈن ئاكا ئىنىسنى ئەغيارىغا ئۇزىتار؟

*

تەگسە گەر توقماق ئۆكۈزنىڭ تۇياقىغا پىقىراپ،

ھۆكىرەيدۇ بۇندا ھايۋان قوش مۈڭگۈزى سىقىراپ.

*

ئۇيغۇرىڭىز زالىم قولىدا قاندا-ياشتا زار ئۆتسە،

سىز غەپلەتتە بىغەملەرچە توۋلامسىزكەن ”شادىيانە“؟

*

ئىككى تۈركىستانى خەلقى قان-قېرىنداش ئەمەسمۇ،

ئەسلى زاتى بىر نەسىلدىن تىلداش-دىنداش ئەمەسمۇ؟

*

ئەھلى شەرقى تۈركىستانى قايغۇلىرى سىزنىڭمۇ،

قەلىبىڭىزنىڭ تۆرىدىن ماكان تۇتقان ئەمەسمۇ؟

*

سىزدىن تەلەپ ئېتەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىق مىھرىنى،

قانات يېىپىڭ، سىلاڭ غېرىپ ئۇيغۇرۇمنىڭ باشىنى.

*

خىتايسزمۇ تاپارسىز دوست ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەككە،

سىز مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قاياشىسىز شەرىئەتتە.

*

غېرىپ ئۇيغۇر ئاھى تۇتار گەر ساتسىڭىز قىيامەتتە،

كۈچەيىتسىڭىز شۇم خىتاينى سىزنى يۇتار ئاقىبەتتە.

*

ئەھلى شەرقى تۈركىستانغا ھۆرلۈك كېرەك، ئەرك كېرەك،

يۆلەڭ ئۇندا، قېرىنداشلىق بۇرچلىرى ئادا دېمەك!

*

2017-يىلى، 27- نويابىر، ئامېرىكا

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى