غەززالىي: پەقەت ئەخمەقلەرلا سۆزلۈككە تايىنىپ تەپەككۇر قىلىدۇ
غەززالىي: پەقەت ئەخمەقلەرلا سۆزلۈككە تايىنىپ تەپەككۇر قىلىدۇ
بىر ساھەنىڭ ساھەلىشىشى، بىر پەننىڭ پەنلىشىشى، بىر ئىلىمنىڭ كەسپىيلىككە يۈزلىنىشى ئاتالغۇسىز تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ. ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇم ئەقىلنىڭ ئىشى. ئەقىل ۋە لوگىكا قول تىققان ئىشتىن ئاتالغۇ پۈتۈپ چىقىدۇ. بىر ئاتالغۇنىڭ يېشىمى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن - مۇھتەۋاسىنى ئىدراك قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئەقلىي ساغلاملىق، بىلىم - ساپا ساغلاملىقى شەرتتۇر. ئەمما كۆرۈنمەكتىكى ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان شالغۇت زېھنىيەتتە بۇنچىلىك ئاساسىي تەلەپمۇ ھازىرلانمىغان. تۈنۈگۈن مەنسەپ ئېلىپ بۈگۈنى باشلىقىنىڭ ئىناۋىتى ئۈچۈن چاپان كۆتۈرۈپ ئاقلىغۇچى بولۇشنى، تەخسىكەشلىك رولىنى ئۆتەشنى ۋەزىپە قىلغان مەزكۇر شالغۇت زېھنىيەتنىڭ تۇتۇرۇقسىز گەپ ئوينىتىشلىرىنى گويا ئۇنىڭ ئايرىلماس تەبىئىتىدىن كۆرگىلى، ھەمدە بۇنى ئېشەك تېرىسىنى خىجالەتتە قويىدىغان دەرىجىدە قېلىنلىقى ۋە زىيادە داپيۈزلۈكى نۇقتىسىدىن توغرا چۈشىنىپ تۇرغىلى بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت مەنىسى ۋە دائىرىسى ئېنىق بولغان بىر ئاتالغۇنى قاراپ تۇرۇپ سۆزلۈك تەرجىمىسى بويىچە ھەرخىل بۇرمىلاشلىرىنى، ئاتالغۇ مەنىسىدىن قېچىپ سۆزلۈك تەرجىمىلەر ئارقىسىغا ئۆتىۋېلىپ گەپ سېتىشلىرىنى، مەزمۇن ۋە ئوبيېكتى شۇ ساھەدە ۋە شۇ ئاتالغۇنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ھەمدە قوللانغۇچىلارنىڭ قامۇسىدا ماددىمۇ ماددا ئېنىق ۋە كونكرېتلىققا ئىگە قىلىنغانلىقىغا قارىماي ئاتالغۇنى ساز قىلىپ ئويناشلىرىنى، شۇنداقلا مەزكۇر ئاتالغۇنى خەلق ياقتۇرمايدىغان يەنە بىر ئاتالغۇغا قارمۇقارشى قىلىش ئارقىلىق ئاقلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنى توغرا چۈشىنىپ بولمايدۇ. چۈنكى بۇ دەرىجىدە سەپسەتىۋازلىق، رەڭۋازلىقنى تەپ تارتماي گەپ دەپ قىلىپ بېقىش، بىلمەيدىغان ۋە چۈشىنىشكە شالغۇت كاللىسى يەتمەيدىغان بىر ساھەدە بىلەرمەنلىك قىلىش بەئەينى ساختىلىقنى، چۈپرەندىلىكنى سازايە قىلغانلىقتۇر. ئېشەك دەرەخ غاجىلىسا، كۆكلەۋاتقان دەرەخنىڭ قۇرۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا، بۇنى ئۇنىڭ تەبىئىتى نۇقتىسىدىن توغرا چۈشىنىش مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئېشەك دائىم دەرەخنى غاجىلاش خۇيى سەۋەبلىك ئاقىللار تەرىپىدىن دۇمبا يەپ تۇرىدۇ. لېكىن ئېشەك ھامان ئېشەكلىكىدىن يانمايدۇ. بىراق بۇ ئېشەك ناۋادا ئېشەكلىكىگىمۇ توغرا كەلمەيدىغان بىر ئىشنى، مەسىلەن، ئۇ ھاڭراش ئورنىغا مۆرىسە، بۇقىچىلاپ قالايمىقان ئۈسىدىغان، كالىنىڭ تېزىكىدە قورساق تويغۇزىدىغان بولىۋالسا، بۇ چاغدا بۇ ئېشەكنىڭ ئېشەكلىكىگىمۇ گۇمان چۈشمەي قالمايدۇ. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ Indigenous People ئاتالغۇسىدىكى «يەرلىك خەلق» سۆزىگە گىرىم قىلىپ ئۆزگەرتىپ «يەرلىك مىللەت» دېگەن تەرجىمىگە ئۇدۇللاپ، ئارقىدىن بۇ تەرجىمىنى ئاتالغۇ مەنىسىدە ئەمەس، سۆزلۈك تەرجىمىسى بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ بۇرمىلىشى، سەپسەتەلەرگە ئورىشى ئادىتى بويىچە ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلىم قويمىچىلىقىنى، ئۆزى قارا ساۋات ساھەگە گەپ يورغىلىتىدىغان ساختا بىلەرمەنلىكىنى، ھېسسىي سۇيىئىستېمالچىلىقتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان يالاقچى قەلەمكەش ئىكەنلىكىنى يەنە بىر نۆۋەت نامايان قىلىشى، دېيىشىكە بولىدۇ. «يەرلىك مىللەت» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ گەپ ئوينىتىلغان بۇ يۈزەكى ۋە بۇرمىلانغان تەھلىل كىشىگە ھېكىم بىلەن ئايالىنى داۋالاتقىلى كەلگەن ئاۋۇتاخۇننىڭ ھېكايىسىنى ئەسلىتىدۇ. ھېكايە شۇ: ئاۋۇت بىر كۈنى ئايالىنى ئېلىپ ھېكىم ھۇزۇرىغا كەپتۇ. ھېكىم ئاۋۇتاخۇننىڭ ئايالىنىڭ ئاغرىق مەنبەسىنى بىلگەندىن كېيىن بىر دورىنى تەييارلاپتۇ ۋە دورا قۇتىسىغا «بۇ دورا 15 كۈن ‹مانتى› غا سېلىنىدۇ»، دەپ يېزىپ ئاۋۇتنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئاۋۇت خەتنى ئوقۇپتۇ ۋە ھېكىمگە بىر قارىۋېتىپ قايتىپتۇ. ھەپتە ئۆتۈپ ئاۋۇت ھېكىمگە شىكايەت قىلىپ كەپتۇ ۋە دەپتۇ:
−سىلى زادى قانداق دورا بەرگەنتىلە، كۈندە يەۋېرىپ كېسەل ساقىيىش تۈگۈل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى.
ھېكىم ئاۋۇتنىڭ سۆز ئۇرانىغا قاراپ دەرھال سوراپتۇ:
−ھەي ئاۋۇتاخون، بەرگەن دورا قانداق ئىستېمال قىلىنغان ئىدى؟
ئاۋۇت دەرھال جاۋاب بېرىپتۇ:
−مانتىغا تۈگۈپ يېگەنتۇق.
ھېكىم ھەيران ھەس قىلىپ دەپتۇكى، دورىنى ئالغاندا گەپ قىلماي قارىۋېتىپ ماڭسىلا سىلىنى رېتسىپنى ئاڭقىرىدى دەپتىمەن. ۋاي ئاۋۇتاخۇن، بۇ دورا مانتىغا تۈگۈلمەيدۇ، «مانتىغا سېلىنىدۇ، مانتىغا»، دېگەن ئىكەن.
ئىدىنجىنىس پىپول Indigenous Peopleنى «يەرلىك مىللەت» دېگەن تەرجىمىگە ياپسالاش، شۇنداقلا ئاتالغۇنى سۆزلۈك مەنىسى بويىچە چۈشىنىۋېلىش بىر جاھالەت. لېكىن قاراپ تۇرۇپ ئاتالغۇ بىلەن سۆزلۈك ئوتتۇرىسىنى پارچىلاپ يۈزەكى ئىزاھلاپ گەپ سېتىش، قايسى ئاتالغۇنىڭ قايسى مەنىدە ۋە قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەتراپلىق دەڭسىمەستىن، كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەزمۇن دائىرىسىنى دىققەتكە ئالماستىن گەپ يورغىلىتىش، ياكى ئەتەي دىققەتنى بۇراش، ئاتالغۇنى سۆز مەنىسىگىلا قاپسىتىپ سۆزلۈكلەر بىلەن رەڭۋازلىق قىلىش بەئەينى ئەمەس دورىنى ئەمەس يەرگە يەۋېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇ تۈرلۈك جاھالەتنىڭ بايراقدارلىقىنى قىلىش بولسا سېپى ئۆزىدىن جاھالەتكە پېتىش، سەپسىتىۋازلىقنى بازار تاپقۇزۇش ۋە خىيانەتنى ئاقلاشقا خىزمەت قىلىشتۇر.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى