Jump to content

غەزەپ ۋە زار

ئورنى Wikipedia

غەزەپ ۋە زار

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،

ئىستىدىم كۆپ،تاپمىدىم بۇدەردىمە ھىچ دارىمەن.

ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،

گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.

بىر پۇراپ ئۆلسەم ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،

ھەر سەھەر گۈل ئىشقىڭدا بولبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.

دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرەر مىسالىغا،

قارچۇغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.

يۈزمۇ-يۇز قىلماس تەئەررۇز، كۆپ كۈڭۈلچاندۇر ئۇلار،

كۆرمىسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.

لا ئەقىل دەپ ئويلىدى، چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،

يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.

قولىدىن كەلمەيدۇ، ئىش دەپ دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،

مەن شۇلارنىڭ سۆزىگە بەكمۇ بەك خۇنبارىمەن.

پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ، جەدىت دەپ قاغىشۇر،

بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بولۇپ يانارىمەن.

چۆل -جەزىرە، دەشتۇ سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،

ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ، قۇشۇلاي قاتارىمەن.

سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت يېرى،

مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش ، قاينام بولۇپ قاينارىمەن.

ئۇيغىنىپ كەتتى جاھان مەغرىپى-مەشرىق تامام،

مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،

مەن مىسالى يالاڭئاياغ، دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

ئىلىم -پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت خەۋپ-خەتەر،

ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر، قانداق چىدار تۇرارىمەن؟

تىل-ھاقارەت، تەنە دىخمار، ۋاي داد! … بۇ جاننى قىينىدى،

ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپ بولدۇم خارىمەن.

زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،

تاغ كەبى دولقۇندا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.

دەۋرى جەبرىدىن ئېسىت، ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋاي ھېكىم،

جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىق، تاپمايسەن باشقا چارىسەن!!