غەيرەتجان ئوسمان

ئورنى Wikipedia
غەيرەتجان ئوسمان
'
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1958-يىلى 25-ئىيۇن

قەشقەر شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى

مىللىتى ئۇيغۇر

غەيرەتجان ئوسمان، ئەدەبىي تەخەللۇسى ئۇتغۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى پەنلىرىنىڭ ماگىستىرانىت يېتەكچىسى. ئۇ 1958 – يىلى 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى قەشقەر شەھىرىگە تەۋە يۇقىرىقى قازېرىق كەنتىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1965 – يىلىدىن 1975 – يىلىغىچە ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملاپ، 1978 – يىلى 2 – ئايغىچە زىيالىي تاش بولۇپ يېزىغا چۈشۈپ، دېھقانچىلىق ئەمگىكىكە قاتنىشىپ دېھقانلاردىن قايتا تەربىيە ئالغان. 1978 – يىلى 2 – ئايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، 1983 – يىلى 2 – ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، شۇ فاكۇلتېتقا ئېلىپ قېلىنىپ، بۈگۈنگىچە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. [1]

ھاياتى[تەھرىرلەش]

غەيرەتجان ئوسمان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش ئىشىغا قىزىققان. ئەدەبىي ئەسەرلىرى مەكتەپنىڭ تام گېزىتلىرى ۋە مەكتەپ سەنئەت كۇرۇژۇكلىرىدا كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش جەريانىدا ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان. ئوقۇتۇش خىزمىتىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، پۈتۈن دىققىتىنى ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋە ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا قارىتىپ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس، ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، ماگىستىرانتلار ۋە ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى››، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت تارىخى››، ‹‹دىنشۇناسلىق››، ‹‹شىنجاڭ دىن تارىخى››، ‹‹جۇڭگو مەدەنىيىتى جەۋھەرلىرى››، ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى››، ‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە – ئىدىيە تارىخى››، ‹‹خەلق مەدەنىيەتشۇناسلىقى››، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە نەزەرىيىۋى ئەسەرلىرى››، ‹‹ئۇيغۇرشۇناسلىق››، ‹‹ھۆججەتشۇناسلىق››، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھۆججەتلىرى ئوقۇشلۇقى››، ‹‹فولكلور مەدەنىيەتشۇناسلىقى››، ‹‹شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات››، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات›› قاتارلىق ئون نەچچە خىل دەرسنى ئۆتكەن. ئۇ 2001 –، 2002 – ۋە 2005 – يىللىرى ئۈچ قېتىم ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش لايىھەسى›› نىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ‹‹ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپىي ئوقۇتۇش لايىھەسى››، ‹‹كاتىباتلىق كەسپىي ئوقۇتۇش لايىھەسى››، ‹‹ئېكران ئەدەبىياتى ئوقۇتۇش لايىھەسى›› قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى››، ‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتى››، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت تارىخىغا مۇقەددىمە››، ‹‹ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى››، ‹‹مۇقامشۇناسلىق››، ‹‹ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتى››، ‹‹دىنشۇناسلىق ئاساسلىرى››، ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر ھۆججەتلىرى تەتقىقاتى››، ‹‹چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى››، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى›› قاتارلىق دەرسلىكلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ لايىھەلەر 2001 –، 2002 –، 2005 – يىللىق ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش لايىھەسى››گە، زۆرۈرىي ئوقۇشلۇق بولغان ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى››، ‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتى››، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت تارىخىغا مۇقەددىمە››، ‹‹ئۇيغۇر قەدىمقى ئەدەبىيات ئوقۇشلۇقى›› قاتارلىق دەرسلىكلەرنىڭ پىروگراممىلىرى 2005 – يىللىق ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش پىروگراممىسى›› غا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن تەكلىپ بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتى ۋە ياپونىيە فۇكۇكا مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئۆتكەن ياكى لېكسىيە سۆزلىگەن. غەيرەتجان ئوسمان يازغان ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن تېزىس›› (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1987 – يىلى نەشرى)، ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى››(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى نەشرى)، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى تەتقىقاتى››(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1999 – يىلى خەنزۇچە نەشرى)، ‹‹ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە››(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى)، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزە›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003 – يىلى نەشرى) قاتارلىق كىتابلار ۋە ئۇ تۈزگەن ‹‹ئۇيغۇر خەلق رىۋايەتلىرى›› (شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 1998 – يىلى نەشرى)، ‹‹بۈيۈك شائىر نەۋائىي›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 – يىلى خەنزۇچە نەشرى) قاتارلىق كىتابلار نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ باش تۈزگۈچىلىكىدە يېزىلغان ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى››(ئىككى قىسىم، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2004 – ، 2005 – يىللىرى نەشرى) قاتارلىقلار نەشر قىلىنغان ۋە بىر تۇتاش دەرسلىك قىلىنىپ كەڭ قوللىنىلغان. ‹‹ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتى›› (شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1986 – يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002 – يىلى نەشرى)، ‹‹جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ دىن ۋە ئەپسانىلەر قامۇسى››(بېيجىڭ، ئىلىم گۈلزارى نەشرىياتى، 1990 – يىلى خەنزۇچە نەشرى)، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى››(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1998 – يىلى خەنزۇچە نەشرى)، ‹‹جۇڭگو تارىخىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قەھرىمانلىرى شەجەرىسى››(گەنسۇ خەلق نەشرىياتى، 2000 – يىلى خەنزۇچە نەشرى)، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى››(مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006 – يىلى نەشرى) قاتارلىق كىتابلارنى يېزىشقا قاتناشقان. ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئىشەنچ ۋە ئېتىقادلىرى››(1993 – يىلى)، ‹‹غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تەتقىقاتى››(1993 –، 1995 – يىللىرى)، ‹‹چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات››(1997 — 1999 – يىللىرى)، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېتىقاد مەدەنىيىتى ھەققىدە››(2004 — 2006 –يىللىرى) قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ‹‹غەربىي يۇرت ئەدەبىياتى تەتقىقاتى››(1995 — 1997– يىللىرى)، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى››(1995 — 1997 – يىللار)، ‹‹ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ياپون بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى توغرىسىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات››(1995 — 1998 – يىللار)، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى››(1997 — 2002 – يىللار)، ‹‹ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى››(2000 — 2003 – يىللار) قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. بىر مۇنچە شېئىر، نەسىر ۋە 240 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ياپون تىللىرىدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېزىت، ژۇرنال – مەجمۇئەلەر سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان. 20 نەچچە پارچە ماقالىسى ‹‹جۇڭخۇا مەدەنىيەت – تارىخ تورى›› قاتارلىق تورلاردا ئېلان قىلىنغان. بەش قېتىملىق خەلقئارالىق، 10 نەچچە قېتىملىق مەملىكەت دەرىجىلىك ۋە نەچچە 10 قېتىملىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. ئۇ توپلاپ رەتلىگەن بىر قاتار ئەپسانە – رىۋايەتلەر توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئون نەچچە پارچە ماقالىسى ۋە كىتابلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن تەقدىرلىنىپ مۇكاپاتلانغان، جۈملىدىن ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى تەتقىقاتى›› ناملىق كىتابى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2001 – ۋە 2002 – يىللىرى نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىدىكى ئۈچ مەسىلە››(خەنزۇچە) ناملىق ماقالىسى 2002 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 1 – دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى مۇكاپاتىغا، ‹‹نەسىر ھەققىدە مۇلاھىزە››، ‹‹شېئىرىي رومان ھەققىدە›› ناملىق ماقالىلىرى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2006 – يىلى نادىر ماقالە مۇكاپاتىغا، ‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە›› ناملىق كىتابى 2007 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 3 – دەرىجىلىك پەن تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. غەيرەتجان ئوسمان كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەن. يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گۇاڭخۇا (1995 – ، 1999 – يىللىرى)، شياۋداۋكاڭيۈ (1997 – يىلى)، شىچۈەنلياڭيى (1996 – يىلى) ئوقۇتۇش مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تەرجىمىھالى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قامۇس ۋە تەزكىرە كىتابلىرىدا تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ – مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى.

( مەزكۇر تەرجىمىھال غەيرەتجان ئوسماننىڭ ‹‹قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى›› ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى )

باشقىلار[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. "غەيرەتجان ئوسمان ھەققىدە". Archived from the original on 2018-09-20. Retrieved 2018-09-20.

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]