Jump to content

فارابىي يىلى ۋە بىز

ئورنى Wikipedia

فارابىي يىلى ۋە بىز

ئىنسانلىقنىڭ قەدرى چۈرۈپ كېتىۋاتقان، بىباھالىقى ئەرزان نەرخلىك ماتا ئورنىغا چۈشۈرۈۋېتىلگەن، ئىنساننىڭ ئىنساندەك ياشاش ھەققى يەنە شۇ «ئىنسان» تۈرى ئىچىدىكى كۈچ ۋە مەنپەئەتدارلارنىڭ قولىدا دەپسەندە بولۇۋاتقان، ئادىمىيلىك روھ ماتېرىياللاشقان، ماشىنىلىشىۋاتقان دۇنيا سىستېمىسى ئالدىدا ئېرىۋاتقان، زالىملار دەۋران سۈرۈۋاتقان، مەزلۇملار پەرياد چېكىۋاتقان بۇ يىللاردا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات كارۋىنىغا باشلامچى بولغان، ئىنسانچە ياشام بىنا قىلىش، ئىنسانچە جەمئىيەت، ئىنسانچە دۆلەت بەرپا قىلىش ئارقىلىق سائادەتلىك ئىنسان، سائادەتلىك جەمئىيەت ۋە سائادەتلىك دۇنيا قۇرۇشنى ئارمان قىلغان تۆھپىكارلارنى ئەسلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئادەتتىكى ئىش بولمىسا كېرەك.

فارابىي ئەنە شۇ تۆھپىكارلار سېپىدە يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە ئۇلۇغ دانىشمەنلىرىمىزدىندۇر. فارابىيدىن سۆز ئېچىش بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆز نۆۋىتىدە تەڭرىنىڭ ئەقىلدىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ھەدىيەسىنى قەدىرلىگەن، دەۋرىگە قەدەر يېتىپ كەلگەن، ئەمما بىر تۈرلۈك ھاياتىيلىقىنى يوقۇتۇپ ئۇنتۇلۇش باسقۇچىدا نىمجان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىلمىي مىراسلارنى گۈللىنىۋاتقان ئىسلام ئىلىم مەدەنىيىتى بىلەن يۇغۇرۇش ئارقىلىق  ھايات بەرگەن، ئۇنى جەۋھەرلەشتۈرگەن، سىستېمىلاشتۇرغان ۋە يېڭىچە قىياپەتتە سۇنغان بىر ئەجدادتىن سۆز ئېچىش دېمەكتۇر. بىز فارابىي كەبى ئەجدادنىڭ مىراسلىرىدىن مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى، ئىلىم - ئەنئەنىمىزنى تاكامۇللاشتۇرغان، تەپەككۇر تىلىمىزنى ۋە ئىلىم - تىلىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ مەپكۇرىلىرى تەسىرىدە ئائىلىۋى، ئىجتىمائىي ئەنئەنىلىرىمىزنى بېيىتقان، دۆلەتچىلىك ئېڭىمىزنى شەكىللەندۈرگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرغان بولۇشىمىزغا قارىماي، ئاسارەت تارىخىمىز داۋامىدا ئەنئەنىمىزنىڭ چۈرۈكلىشىشى، تەپەككۇر تىلىمىزنىڭ گاچىلاشتۇرۇلۇشى، ئىلىم تىلىمىزنىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى ۋە ھەتتا بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆز قولىمىز بىلەن ھەسسە قوشۇپ بېرىشىمىز سەۋەبلىك خۇددى تارىخىمىزنى قانداق يالغان ياۋىداقلار بىلەن تولدۇرۇپ خاتىرىمىزنى ئۆچۈرۈپ ماڭغان بولساق، بۈيۈكلىرىمىزنىڭ مىراسلىرىنىمۇ بۇرمىلاپ ئىزاھلاش، ئۇلارنى ياتلارنىڭ مەپكۇرىلىرى ئاساسىدا تارازىلاش، بىمەنىلەشكەن مەدھىيە -ماختاشلارغا كۆمۈۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەقىقىي سىماسىنىمۇ مىللەتنىڭ خاتىرىسىدىن خىرەلەشتۈرۈپ ياتلاشتۇردۇق. بىزدە مەيلى فارابىينى ماختايدىغان ياكى ئۇنى باشقا خەلقلەردىن قىزغىنىدىغانلار بولسۇن، ياكى ئۇنىڭ مىراسلىرى ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز قىلغۇچىلار ياكى سۈكۈتنى تاللىغۇچىلار بولسۇن، ھېچبىر توپتا ئۇنىڭ قۇرغان تىلىنى، ئەدەبىياتىنى، پەلسەپەسىنى، دۇنيا قارىشىنى، ئۇنىڭ قەلەمگە ئالغان تىلىدا ئوقۇپ تەتقىق قىلىدىغان سەۋىيەدىكى بىر ئىلىم ئەربابى يېتىشىپ چىققىنى يوق. باشقا مىللەتلەردە، يەنە كېلىپ دۇنيا مىقياسىدا بۇ بۈيۈك ھۆكۈمانىڭ كۆپ قىرلىق ۋە مول - ھوسۇللۇق ئىلمىي مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەلسەپەشۇناسلارنىڭ، تەبىئەتشۇناسلارنىڭ، ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ، جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ، لوگىكاشۇناسلارنىڭ، تىلشۇناسلارنىڭ، مۇزىكاشۇناسلارنىڭ، قانۇنشۇناسلارنىڭ، سىياسەتشۇناسلارنىڭ، سەنئەتشۇناسلار ۋە ئەخلاقشۇناسلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ھەتتا ئىلىم ئاشىنالىرى ئىچىدە بىر ئۆمۈر ھاياتىنى فارابىي تەتقىقاتىغا ئاتىغان فارابىيشۇناسلارنى ئۇچرىتىمىز. ئىلىملەرنى كاتولوگلاشتۇرغان، سىستېمىلاشتۇرغان، ئىسلام تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىخىدا تۇنجى ئىلىم - پەن ئېنسىكلوپېدىيەسىنى تۈزۈپ چىققان بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ مىراسلىرىغا ئۇنىڭ ئۆز قەۋمىنىڭ ساھىب چىقالماي يۈرۈشىنىڭ ئۆزى بىر تىراگېدىيە. فارابىينى ئۆز قەۋمىدىن دەپ بىلىدىغان مىللەتلەر ئىچىدە، داۋرىڭى ئەڭ چوڭ مىللەت بىز بولۇشىمىزغا قارىماي ئۇنىڭ ھەققىدە تەقدىرلەشكە ئەرزىگۈدەك بىرەر ئىلمىي خىزمەتنى ھېلىغىچە ئوتتۇرىغا چىقىرالىغىنىمىز، تېگىشلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلالىغىنىمىز يوق. ئەكسىچە فارابىيدەك نادىر بىر شەخسىيەتنى ئۆز قەۋمى ئىچىدىن تۈزۈكچە تونۇشتۇرىدىغان فارابىيشۇناسلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋۇجۇتقا كەلمەي تۇرۇپ، ئىگە چىققۇدەك سالاھىيەت ھازىرلىغان ئىلىم ئەربابلىرى چىقماي تۇرۇپ ئۇنىڭ كىملىكى سېنىڭ، مېنىڭ دېيىشىدىغان مۈلۈك - ماتاغا، نام - نەسەبىي تۈركىي خەلىقلەر بىلەن تالاش - تارتىش قىلىش بويۇمىغا ئايلىنىپ ئولتۇردى. يات ئەللەردە بولسا، ئۇنىڭ قەلەمگە ئالغان تىلىنى مەخسۇس ئۆگىنىپ، ئۇنى تەتقىق قىلىپ، ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ تۈرلۈك ئىلمىي مىراسلىرىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى، ئىسلامىيەت ئىلىم مەدەنىيىتىدىكى ئورنىنى چۈشىنىشكە، ئۇنىڭ مىراسلىرىدىن نېسىۋە ئېلىشقا تىرىشسا تىرىشتىكى، بىز بۇنداق بىر ئىلمىي مېھنەتكە يەڭ تۈرگىدەك ئاڭغا كەپ بولالماي ئۆتۈپ كەتتۇق. نەتىجىدە باشقىلار ئۇنىڭ مىراسلىرىنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە ئىلىم ئەنئەنىسىگە ماسلاشتۇرۇپ ھەزىم قىلدى ۋە باشقىلارغا ھەزىم قىلغىنى بويىچە چۈشەندۈرۈپ ئۇستازلىق قىلدى. بىز بولساق، باشقىلارنىڭ يازغانلىرىنى ئۇدۇل قوبۇل قىلىپ شۇ بويىچە تونۇشتۇرۇشۇپ بەدۇق، ياكى ئۇنىمۇ جايلاپ قىلالمىدۇق. بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەندە بولسا، ئاكادېمىك ئاتىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىسىم زىيالىي ئەپەندىملىرىمىز چېغىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلدا ئىلمىي ماقالە - ئەسەرلەرنى يېزىپ ئىلمىي ئۇنۋان ئالغان بولۇشلىرىغا قارىماي، فارابىي ھەققىدە: «فارابىي ئۇيغۇرچە يازمىغاچقا ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ ئالىمى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ»، دەپ ئەھكام پېچىدىغان دەرىجىدە بەغەرەزلىكلەرگە، يەڭگىلتەكلىكلەرگە، قارىسىغا لاپ ئۇرۇشلارغا شاھىت بولۇشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ يەتتۇق. ئىلىم تىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىش، كۆپ قىرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ۋە پىكىر تىلىمىزنى ئىھيا قىلىش (تىرىلدۈرۈش) تەخىرسىز بولۇۋاتقان بۇ دەۋردە ھېچقانداق تارىخىي شەرت - شارائىتلارنى نەزەرگە ئالماستىن، دۇنيا تارىخىدا جەريان ئەتكەن ئىلمىي تەرەققىياتلارنىڭ تارىخىي مۇھىتى ۋە رېئال تەلەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا فارابىي كەبى مىللىي ئىپتىخارىمىزغا بۇ دەرىجىدە يۈزەكى، ھەمدە ئىرقچى زېھنىيەتتىن يۇقۇملانغان مەپكۇرە ئاساسىدا باھا بېرىش ئېغىر دەرىجىدە تەنتەكلىك، ھەددىنى بىلمەسلىكتۇر. بۇ دەرىجىدە يالاڭ ۋە يۈزەكىي زېھنىيەتنى يادرو قىلغان ئاساستا ئىلىم ساھەسىدە سۆز ساھىبى بولۇش، ئۇيغۇرلۇق روھنى ئويغىتىشتىن سۆز ئېچىش، پىكىر ئىشلەپ چىقىرىشتىن لاپ ئۇرۇش مەمەدانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  بۇ خىل زېھنىيەتنى بازارغا سېلىشقا تۇتۇنۇش بولسا، بىر تۇيۇق يولدىن ئىككىنچى بىر تۇيۇق يولغا رېلىس ئالماشتۇرۇشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ.

دەرۋەقە، بۇ يىلنىڭ خەلقئارا فارابىي يىلى قىلىنىشىنى فارابىينىڭلا ئەمەس، فارابىينى تەربىيەلىگەن مىللەتنىڭ، ئۇنى يېتىشتۈرگەن مەدەنىيەت ھاۋزىسىنىڭ يىلى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. 100 يىللىق دۇنياۋى تەرتىپنىڭ يېڭىلىنىش قەدىمى بولغان بۇ يىلنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مىڭ يىللىق  ئىلىم - پەن مەدەنىيىتىگە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتكەن بۇ زاتنىڭ خاتىرلىنىش يىلى بولۇپ جاكارلانغانلىقى ئەڭ ئالدى بىلەن كېلەچىكى ئۈچۈن خىيال قۇرۇشقىمۇ ئاجىز كېلىۋاتقان بىزنى سەگىتىشى، سىلكىشى لازىم. بىز بۇ ئەسىردە، يەنە كېلىپ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ قۇرۇلۇشىنى شەكىللەندۈرگەنلەر ھەر يۈز يىلىدا ئۆتمۈشنىڭ ھېساب - كىتابلىرىنى ئايرىپ يېڭى غايىلەر بىلەن قەدەم ئېلىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز، بىزنىڭمۇ كېلەچىكىمىز ئۈستىدە بىر غايىمىز، ھېچ بولمىسا خام بولسىمۇ بىر خىيالىمىزنىڭ بولۇشى زۆرۈر. خىيال قۇرۇشنى بىلمىگەننىڭ غايىسى بولمىغاندەك، غايىسى بولمىغاننىڭ ئىستىقبالىمۇ بولمايدۇ. بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگە، بىر رامىزاندىن يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان مۇددەتنى ماددىي ۋە مەنىۋى ھېسابلار بىلەن ئۆتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلىدىغان، ھەر يۈز يىلدا بىر يېڭىلىنىشنىڭ مۇھەققەقلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن بىر دىنغا مەنسۇپ مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شۇنداقلا بۇنداق بىر سەپەۋەرلىكنى فارابىي كەبى ئەمەلىي ئىش - ئىزلىرى بىلەن ئورۇندىغان بىر ئەجدادنىڭ داۋامى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يوقالغان خاتىرىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نىمجان ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇلغان دۇنيا قارىشىمىزنى يېڭىلاش، پارچىلاپ بۆلۈۋېتىلگەن، ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئاڭ خەرىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە پۈتۈنلەش، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ئىھيا قىلىش، ئىستىقبال ۋە ئىستىقلالىمىز يولىدا ئاتلانغان بۇ ئەسىر ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن باش تارتىپ بولماس بۇرچتۇر. شۇندىلا بۇ شانلىق مەدەنىيەتنىڭ يۇلتۇزلىرى بولمىش ئەجدادلارنى خاتىرىلەشكە، ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىشكە سالاھىيىتىمىز ۋە يۈزىمىز بولغۇسى!

بۇ يىلنىڭ فارابىي يىلى ئېلان قىلىنغانلىقى قۇتلۇق بولسۇن! ئىنسانىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىخارى بولغان بۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇرگە جانابى ئاللاھتىن ئۇ ئارمان قىلغان سائادەتنى بەخش ئېتىشىنى تىلەيمىز. شۇنداقلا بۇ سائادەتتىن ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئاسارەت ئاستىدىكى قەۋمىنىمۇ نېسىۋېسىز قويماسلىقىنى سورايمىز!

ھۆرمەت بىلەن: بۇرھان مۇھەممەد

2020-03-09


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى