فرانز كافكا ۋە ئۇنىڭ قىسقا ھېكايىلىرى

ئورنى Wikipedia

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

فرانز كافكا 1883-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۇنى پراگتا گېرمانچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىدىسى ھېرمان كافكا (1852-1931) ۋە ئاننىسى جۇلىئە كافكا (1856-1934).

ئاننىسى جۇلىئە كافكا باي بىر ئائىلىدىن كەلگەن بولۇپ، يولدىشىغا قارىغاندا تىھىمۇ يۇقۇرى سەۋىيەلىك بىر ئايال ئىدى. فرانز كافكا ئالتە قىرىداشنىڭ بىرسى بۇلۇپ ئىككى ئوغۇل قىرىندىشى كىچىك چاغدىلا ئالەمدىن ئۆتكەن، قالغان ئۈچ قىز قىرىندىشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناسسىسلارنىڭ يەھۇدىلارنى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىدا ئۆلتۇرۇلگەن.

فرانز كافكا دادىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نېمىنى ئۈگۇنىشىنى ۋە نېمە ئىش قىلىشىنى دادىسى بەلگىلىگەن. ئۆسمۇرلۇك دەۋرلىرىنى دادىسىنىڭ بەسىمى ئاستىدا ئۆتكۇزگەچكە ئىچىدە دادىسىغا بولغان بىر ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى شەكىللەنگەن. دادىسىدىن ھەرۋاقىت ئىھتىيات قىلغان. بۇ خىل ئاتا بالا مۇناسىۋەت فرانز كافكانىڭ ئىچكى دۇنياسىدا بىر خىل ئۆچمەنلىك، نەپرەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگەن. مانا بۇ دادىسىغا بولغان ئۆچمەنلىك ھىس-تۇيغۇلار كافكانىڭ نۇرغۇن ھېكايىلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

كافكا 1909-يىللىرى پاراگتا ئەدەبىيات ساھەسىگە قەدەم بېسىشقا ياردەمچى بولغان ماخ بورد بىلەن يىقىن دوستلۇق ئورناتقان. 1917-يىلى 8-ئايلاردا تۇيۇقسىز كافكانىڭ ئاغزىدىن قان ئاقىدۇ. مانا بۇ چاغدا ئەينى يىللاردا ئەڭ ئېغىر كىسەل ھىساپلىنىدىغان ئۆپكە كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىغى مەلۇم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش ئۇنۇم بەرمەي 1924-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 40 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۆلۇش ئالدىدا ئۆز ھاياتى بويىچە يازغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى بىرخالتىغا سىلىپ، كۆيدۇرۋىتىش ئۈچۈن دوستى ماخ بوردقا بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن چوقۇم كۆيدۇرۋىتىش توغرىسىدا ۋەدە ئالىدۇ. ئەمما كافكانىڭ ئۆلۇمىدىن كىيىن ماخ بورد ۋەدىسىگە خىلاپ ھالدا ئەسەرلەرنى كۆيدۇرۋەتمەي بەلكى نەشىرياتتا ئىلان قىلىدۇ. مانا ماشۇ مۇناسىۋەت بىلەن فرانز كافكا ئېسىل ئەسەرلىرى دۇنيا خەلق بىلەن يۇز كۆرۇشىدۇ. ئەينى چاغلاردا يەنى 1933-1945-يىللىرى ياۋروپادا گېرمانلار تەرىپىدىن چەكلەنگەن يەھۇدىلارنىڭ ئەسەرلىرى قاتارىدا فران كافكانىڭمۇ ئەسەرلىرىمۇ قاتتىق چەكلىنىدۇ. 1939-يىللىرى گېرمانلارنىڭ پاراگقا تاجاۋۇس قىلىپ كىرىشنىڭ ئالدىدا ماخ بورد كافكانىڭ قول يازمىلىرىنى ئىسرايىلگە كاچۇرۇشنى غەلبىلىك ئورۇنلىغان. ئەينى يىللاردا نامى چىقمىغان كافكانىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشدىن كىيىن بىردىنلا نامى چىقىپ، ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆزنىڭ شانلىق ئورنىغا ئىگە بولىدۇ.

بىز ئاكتىپ ئوقۇرمەنلەر ماشۇ مۇناسىۋەت بىلەن فرانز كافكانىڭ كۆيدۈرۋىتىش ئۈچۈن بېرىلگەن بىباھا ئەسەرلىرىنى كۆيدۇرمەي تا بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا ۋەسىلە بولغان، ئاغىنىسىگە بەرگەن ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغان ماخ بورد ئەپەندىگە تەشەككۈرلىرىمىزنى سۇنىمىز ۋە ئۇنىڭ بۇ يولدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز.

كافكانىڭ قىسقا ھېكايىلىرىدىن تەرجىمە

1. دەرەخلەر

ئىنسانلارنى قار ئىچىدە قالغان دەرەخلەرگە ئوخشاتساق بولىدۇ. كۆرۇنۇشتە تۇپ-تۇز ئۇزۇن تۇرغان بۇ دەرەخلەرنى يەردىن ئاسانلا يۇلىۋەتكىنى بولىدىغاندەك كۆرۇنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ھېچ ئۇنداق ئاسان ئەمەس. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يىلتىزى تۇپراققا مەككەم كۆپۇلگەن. ئەمما، يەنىلا بۇ بىر كۆرۇنۇشتۇر پەقەت.

2. قىسقا بىر مەسەل

“ھەي ھايات !” دەپ سۆز باشلىدى بىر چاچقان.

“بۇ دۇنيا ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن تارىيىۋاتىدۇ. بۇرۇنلاردا شۇنداق چوڭتى بۇ دۇنيا. مەن ئۆزەممۇ قورقاتىم. تۇرماستىن يۇگەردىم، يۇگەردىم، يىراقلاردىكى ئوڭ سولدا تۇرغان تاملارنى كۆرگۇنۇمدە خوشال بولدۇم. ئەمما، ئۇ تاملار شۇنچىلى تىز تارايدىكى، ئەمدى مانا ئەڭ ئاخىرقى ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرۇپتىمەن. ھەتتا ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا مېنى تۇتۇش ئۈچۈن قاپقانمۇ قويۇلغان ئىكەن”

دەل ماشۇ چاغدا، “پەقەت ساڭا ئەڭ كىرەكلىك نەرسە يۆنىلىشنى ئۆرگەرتىش” دېدى مۆشۇك ۋە كاپلا قىلىپ يېدى چاچقاننى.

3. دېرىزىدىن خىيال بىلەن قاراش

شۇنداق تىز يىقىنلىشىۋاتقان باھار كۈنلىرىدە نېمە ئىش قىلامىز؟ تېخى بۇگۇن ئەتىگەندىلا كۆك يۇزۇ كۇل رەڭ ئىدى. ھازىر دېرىزىدىن سىرتقا قارايدىغان بولساق، ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بولۇپ، دېرىزىنىڭ گىرۋىكىگە يۇزىڭىزنى قويۇپ كۆككە قاراپلا قالىسىز.

قۇياش ھازىر پېتىۋاتىدۇ بىراق ئۇياق-بۇياققا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، مېڭىپ يۇرگەن كىچىك قىزچاقنىڭ يۇزۇنى يورۇتۇپ تۇرۋاتقانلىغىنى كۆرۇسىز. مانا ماشۇ چاغدا يەنە سول تەرىپىدىن ئۆتۇپ كىتىۋاتقان ئادەمنىڭ سايىسىدە، قىزچاقنىڭ ئوماق يۇزۇنىڭ قارداۋاتقانلىغىنىمۇ كۆرۇسىز. ئاخىرى ئادەم ئۆتۇپ كەتتى. كىچىك قىزچاقنىڭ يۇزى غايەت پارقىراق كۆرۇندى.

4. يولغا قارايدىغان دېرىزە

ياپمۇ ياڭغۇز بىر ھايات كەچۇرگەن. ئەمما، يەنە ھەرۋاقىت ئۆزىنى بىر يەرگە ئائىت ھىس قىلىشنى ئارزۇ قىلغان بىرسى، مەيلى ئۇ كىم بولسا بولسۇن كۈن ئىچىدىكى ئۆزگۇرۇشلەرگە، ھاۋاغا، ئىشلىرىنىڭ مېڭىشىغا قاراپ قانداق بىر سەۋەپلەر بىلەن بولسۇن ، تۇيۇقسىز يۆلىنىدىغان بىر مۆرىگە ئىگە بولۇش ئارزۇسى تۇغۇلىدۇ. مانا دەل ماشۇنداق بىر ئىنسان، تالاغا قارايدىغان دەرىزىسىز ياشالمايدۇ.

بولۇپمۇ جېنى ھېچ بىر ئىشنى قىلىشنى خالىمىغان بىرسى، دېرىزە يېنىغا كېلىپ قالغان چاغدا، سىرتىكى كىشىلەرنىڭ كۆك ئاسمانغا قاراپ ئاندىن كىيىن تۆۋەڭەڭە قارىغان كۆزلىرى بۇ بىزارلىققا تولغان ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئازراق يۇقۇرغا قارىتىدۇ.

يەنە دەل شۇنداق چاغدا، ئەسلىدىلا تىشىغا چىقىشنى ھېچ خالىمىغان بۇ ئادەمنى سىرتىكى ئاتلار ئۆزىنىڭ توپىغا ۋە قالايمىقانچىلىغىغا ئۇدۇل جەلىپ قىلىدۇ ۋە يەنە ئاخىرىدا ئىنسانلىققا ئۇيغۇنلىشىشقا يۇزلەندۇرىدۇ.

5. ئۆيگە يانغاندا

ئاسماننىڭ گۇلدۇرلەشلىرىدىن كىيىنكى ھاۋانىڭ ئۆزىگە ئىشەندۇرۇش كۈچى قامچىلىك بولاتتى! سىلەرگە شۇنداق كاپالەت بىرىمەنكى، ھېچقانداق بىر تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەن ھالدا قابىليەتلىرىم مەيدانغا چىقىپ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ.

چوڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ ماڭماقتىمەن. مېنىڭ مېڭىش تېزلىگىم مەن تەرەپتىكى كوچىنىڭ، پۈتۈن كوچىنىڭ، پۈتۈن رايوننىڭ تېزلىگى. مېنىڭكىسى جاۋاپكارلىق ۋە ھەقلىق بولۇش سۇپىتى بىلەن ئىشىكلەردىكى ياكى شىرە ئۇستىدە لىق تۇرغان نەرسىلەرگە قارشى شەرەپ ئۈچۈن كۆتۇرۇلگەن بارلىق قەدەھلەرگە، ئۆينى ياكى قاراڭغۇ تار كوچىلاردىكى ئۆرۇلۇپ چۇشەي دىگەن ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى يۆلەپ تۇرغان تىيەكلەرگە ياكى بولمىسا بىر پاھىشىخانەنىڭ سافالىرىدا سوزۇلۇپ ياتقان سەۋگىلىكلەرگە قارشى جاۋاپكارلىقتۇر.

ئۆتمۇشۇمنى كېلەچىگىم بىلەن ئۆلچىمەكتىمەن. ئەمما، ھەر ئىككىلىسىنى قەدىرلەش كىرەك. ئىككىسىنىڭ بىرسىنى تاللىمىدىم. بۇ زاماندا پەقەت ئىنىق بايان شۇكى، مېنى قايغۇرتقان تەڭرىنىڭ ئادالەتسىزلىگىدىن باشقا شىكايەت قىلغۇدەك باشقا بىر نەرسە تاپالمىدىم.

ئەمدى ئۆيۇمگە كەلگەندە، ئۆزەمنى بىراز ئويچان ھېس قىلىۋاتىمەن. ھالبۇكى پەلەنمەيلەردە بېشىمنى قاتۇرۇشقا ئەرزىگۇدەك ھېچبىر نەرسە بىلەن ئۇچراشمىدىم. دېرىزېنى ئىچىپ باغچىدىكى تا ھازىرغىچە چىلىۋاتقان مۇزىك ئاۋازىنى ئاڭلاشنىڭمۇ بەك بىر پايدىسى بولمىدى.

6. يولدىن ئۆتكەنلەر

كىچىلىرى يولدا كىتىۋاتقاندا بەكمۇ يىراقتىن ئادەمنى تونۇۋالغىنى بولىدۇ. چۈنكى كوچىنىڭ دۆڭلۇك تەرىپى باش تەرەپتە ۋە ئاسماندا تولۇن ئاي پاقىراپ تۇرىدۇ. سىزگە قاراپ ئۇدۇل كىلىۋاتقاندا ئەپسۇس ئۇنى تۇتالمايسىز. ئاجىز ۋە يىرگىنىچلىك بىر نەرسە بولسىمۇ، قويۇپ بەرسىڭىز يۇگرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ كىچە ۋاختى. كوچىنىڭ دۆڭ تەرىپى ئاي نۈرى ئاستىدا كۆزلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا يۇقۇرغا سوزۇلغان بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بىراق، بۇ ئىككىسى بىر بىرسى بىلەن قوغلاشماق ئوينىغان بولسا ياكى ھەر ئىككىلىسى بىردەك ئۈچۈنچى بىرسىنى قوغلىغان بولسا، بەلكى ئالدىدا بىر گۇناھسىز ئادەم، ئىككىنچى بىرسى ئالدىدىكىسىنى ئۆلتۇرمەكچى بولغان بولسا ۋە سىز جىنايەتكە شىرىك بولغان بولىسىز. بەلكى بىر بىرلىرى توغرىسىدا ھېچ بىر نەرسە بىلمىسە، پەقەت ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۆز ئۆيلىرىگە قاراپ يول ئالغان بولسا، بەلكى كىچىدە يۇگرەۋاتقان بولسا، ياكى بىرىنچى ئادەم قوراللىق بولۇشى مۇمكىن.

مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىزنىڭ ھارغىن بولۇش ھەققىڭىز يوقمۇ، بىر ۋاقىتقىچە شاراپنى ئىچكەن سىز ئەمەسمۇ؟ شۇكرە قىلىڭ، ئىككىنچى ئادەم ئاللا بۇرۇن كۆزدىن غايىپ بولدى.

7. قىياپەتلەر

بەدىنىڭىزگە بىر چىرايلىق ئارتىلغان ھەر تۈرلۇك پىر-پىر نەرسە-كېرەكلەر، قاتمۇ-قات كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرگەن چىغىمدا ھەر ۋاقىت ئۇ ئاددى تۇرقۇڭىزنى ئۇزۇن مەزگىل قوغدالمايدىغانلىڭىزنى ھىس قىلىمەن. دەزمال سالسىمۇ تۇزەلمەيدىغان پۇرلۇشۇكلەرنىڭ، نەقىشلەر بىلەنمۇ ياپقىلى بولمايدىغان شۇ قەدەر قىلىن بىر چاڭ-توزان باسقان تاۋاقتەك ۋە ياكى بىرلىرىنىڭ ھەر كۈنى سەھەردە تا كەچكىچە ئوخشاش قىممەتلىك بىر كىيىمنى كىيىپ يۇرگىنىدەك بەختسىز ۋە رەتسىز ھىس قىلىشىنى ئىستىمەيدىغانلىغىنى ئويلايمەن.

ۋە يەنە خوشال يۇرگەن قىزلارنى كۆرۇمەن. ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ئادەتلىرىنى ۋە كىچىك ئەۋرىشىم ئۇستىخانلىرىنى، پۇكلەشمىگەن سىلىق تىرىلىرىنى ۋە دولقۇنلاپ تۇرغان يۇمشاق چاچلارنى، ئوخشاش كىيىم-كېچەكلەر ئىچىدىكى ساپ بەدەنلەرنى، ئوخشاش ئالقانلار بىلەن ئوخشاش يۇزلەرنى تۇتۇپ ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرگەن سەبىلەرنى كۆرۋاتىمەن.

پەقەت بەزىدە، كىچىلىرى ئولتۇرۇشتىن يېنىپ ئۆيىگە كەچ كەلگەندە، ئۇ كىيىملەر كونا، بۆرتۇپ قىقىپ قالغان، چاڭ-توزاڭ، ئاللا بۇرۇن ھەقلەر كۆرۇپ بولغان ۋە ئەمدى كىيىلمەس ھالدا كۆرۇنىدۇ ئەينەكتە.

8. تاغدا سەيلە قىلىش

“بىلمەيمەن!” دەپ ۋاقىرسام ھېچكىم ئاڭلىمىدى. بىلمەيمەن، ھېچكىم كەلمىسە كەلمىسۇن. ھېچكىمنى رەنجىتمىدىم. ھېچكىممۇ مېنى رەنجىتمىدى. ئەمما، ھېچكىم ماڭا ياردەم قىلمايدۇ.

بىر ۋاقىتقىچە ھېچ كىم. يەنە ھەممىسى توغرا ئەمەس. پەقەت، قىنى ماڭا ھېچكىمنىڭ ياردەم قىلمايدىغانلىغى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن بىر ۋاقىتقىچە ھېچكىمگە تەسىرى بولمايتى.

سەيلىگە چىقىشنى خالايتىم. نېمە ئۈچۈن بولمىسۇن؟ بىر ۋاقىتقىچە ھېچكىم بىلەن بىرلىكتە. ئەلۋەتتە تاغلارغا، باشقا نەرگە بولاتتى؟ بۇ پۈتۈن ھېچكىملەر نېمىشكە بىربىرلىرىگە زومىگەرلىك قىلىدۇ، پۈتۈن بۇ يۇقۇرغا كۆتۇرۇلگەن قوللار بىربىرلىرىنى ئىتتىرىشىدۇ، يا ئۇ سانسىزلىغان پۇتلار قانداق بولۇپ بىر بىرى بىلەن يىقىن تۇرالايدۇ! ئەلۋەتتە ھەممىسى ئاددى كىيىڭەنلەر ئىدى. ئۇنداق بولسا خوشاللىق بىلەن يولغا چىقايلى. شاماللار ئەتراپىمىزدا ۋە ئارىلىرىمىزدىكى بوشلۇقلاردا چىقىۋەرسۇن. گەللىرىمىزنى كۆپۇپ كەتتى، تاغالاردا ئەركىن بىز. ماشۇ چاغدا ناخشا ئىيتمىغانلىغىمىزنىڭ ئۆزى بىر ئەجەپلىنەرلىك.

9. ۋاز كەچ

تاڭ سەھەردە كوچا تەنھا، پاك-پاكىز ۋە سۇكىناتتا ئىدى. مەن بېكەتكە قاراپ يول ئالدىم. سائەتىمنى توغرۇلاۋالماقچى بولۇپ، ھەيۋەتلىك چىركافنىڭ سائەتىگە قارىغىنىمدا بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىگىنى، ئالدىرمىسام بولمايدىغانلىغىنى بايقىدىم. ۋاخ بولۇپ كەتكەنلىكنى پەرق ئەتكەندىن كىيىنكى ھودۇقۇشتا، قاياققا مەڭىشنىمۇ بىلمەيلا قالدىم. چۈنكى ھازىرغىچە شەھەرنىڭ يوللىرىنى ئىنىق بىلىپ بولالمىغانتىم. خىلىمۇ ئاللاھغا مىڭ شۇكرى ئا تەرەپتە بىر ساقچى بار ئىكەن. مەن دەرھال ئاشۇ تەرەپكە قاراپ يۇگەردىم ۋە ھاسىراپ تۇرۇپ يولنى سورۇدۇم.

ساقچى كۈلۇمسىرەپ تۇرۇپ:”مەندىن يول سوراۋاتامسەن؟” دەپ، ماڭا سوئال قويدى.

“ھە” دېدىم ۋە “چۈنكى مەن ئۆزەمنى تاپالماۋاتىمەن”

ساقچى:”ۋازكەچ! ۋازكەچ!” دېدى ۋە تۇيۇقسىز يۇزۇنى بۇرىدى خۇددى ئۆزى ئۆزى-ئۆزىچە قاھ-قاھلاپ كۇلىدىغان بىرسىدەك.

10. ئەڭ يىقىن يېزا

بۇۋام مۇنداق دەيدىغان:”ھايات ھەيران قالارلىق دەرىجىدە قىسقا. ماڭا شۇنداق تۇيۇلىدىكى، بۇرۇلۇپ ئارقامغا قارايدىغان بولسام ھايات شۇنداق بىر قىسقا كۆرۇنىدíكى بۇنى تەسەۋەر قىلىشمۇ شۇنچىلىك تەس. مەسىلەن: خۇددى بىر يىگىتنىڭ ئاۋۇ كۆرۇنۇپ تۇرغان خوشنا يېزىغىمۇ ئات چاپتۇرۇپ بارماقچى بولغىنىدەك.

مەن تەسەدىبىلىقلارنى دېمەۋاتىمەن، ئادەتتىكى بەختلىك بىر ئۆمۇرمۇ مانا مۇشۇنداق بىر سەپەر ئۈچۈن قىسقا كېلىپ قالىدۇ”.

كافكانىڭ گۈزەل سۆزلىرى

1. ئەڭ ئەسكى ئىش ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە باغلىنىپ قىلىش.

2. ئۆزەڭنى ئىنسانلىق بىلەن سىنا. چۈنكى ئۇ شۈھبە قىلغاننى شۇھبىگە، ئىشەڭەننى ئىشەنچىگە يۇزلەندۇرىدۇ.

3. ئۇمۇدۋار بول. چەكسىز دەرىجىدە ئۇمىد بار. ئەمما، ئۇ بىز ئۈچۈن ئەمەس.

4. بۇ كىچىمۇ بىر بۇلۇڭدا ساڭا خاتىرجەم بىر ئۇيقۇ تىلەۋېتىپ، ھەممە نەرسەمنى ساڭا بېغىشلىدىم. مېنىڭ بۇ بەختىم سەندە ئېرىپ كىتىۋاتىدۇ.

5. ھەممىمىز ئۆلۇپ كىتىدىغان بۇ دۇنيادا، ھېچ بىر نەرسە مۇھىم ئەمەس ئەسلىدە….

6. نەچچە ئايدىن بىر ئەمدى بىر ئىشقا يارىدى مېنىڭ بۇ كۆزۇم. چۈنكى، سېنى كۆردۇم.

7. ھەممە نەرسە ئالداش ئۈچۈن. ئەڭ بولمىغاندا ئەڭ ئاز خاتالاش. نورمال ئۆلچەم ئىچىدە ياشا، ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىشتىن ھەزەر ئەيلە.

8. ئۆزەمدىن باشقا ھېچ بىر يېتەرسىزلىگىم يوق.

9. ئەگەر بىر نىشانىڭ بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭغا يېتىشنىڭ يولىنى بىلمىسەڭ. بۇ يولنىڭ ئىسمى “ئىككىلىنىش” تۇر.

10. ھەر كۈنى ئىشىگىمنىڭ ئالدىغا تاشلانغان خەتلەرنىڭ ئۇستىدىن دەسسەپ ئۆتىمەن. ھېچ ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئىلىپ ئوقۇمايمەن. چۈنكى، تېخىمۇ بەك سىغىنىپ كىتىمەن دەپ.

11. ئەگەر بىز ئوقۇغان بىر كىتاب، كاللىمىزغا تەككەن قاتتىق بىر زەربىدەك تەسىر قىلمىسا، ئۇ كىتابنى ئوقۇغاننىڭ ھېچ بىر پايدىسى يوق.

12. ئەمما، بارلىق ئىس-تۇتەكلەرنىڭ ئاستىدا بىر ئوت بار.

13. بەك چارچاپ كەتتىم. ھېچ بىر نەرسىنى بىلمەيمەن. پەقەت بىرلا ئىستىكىم، يۇزۇمنى قۇچاقىڭغا قويۇپ، بېشىمنى سىلىغان قولۇڭنى ھېس قىلماق ۋە مەڭگۇ شۇپىتى قالماق.

14. ئوقۇغان كىتابلىرىمىز ئىچىمىزدىكى مۇز تۇتقان دېڭىزغا ئۇرۇلغان پالتا بولۇشى كېرەك.

15. توغرا يولنى تىپىش ئۈچۈن قوپال ئىشىلگەن ئارقاننى بويلاپ مېڭىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ ئارقان يۇقۇرغا ئەمەس بەلكى يەر يۇزىگە سىلىنغان. ئەمما، ئادەملەرنىڭ يولنى بويلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى چىرماش ئۈچۈن سىلىنغان.

16. دەسسىگەن يەرنىڭ ئىككى پۇتنىڭ ئارلىغىچىلىك بىر دائىرە ئىكەنلىكنى بىلىشنىڭ ئۆزى نېمە دېگەن بىر بەخت !

17. ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىككى گۇناھى بولۇپ، باشقا گۇناھلار ئاشۇ گۇناھ ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدۇ. بۇ ئىككى گۇناھنىڭ بىرى سەۋرسىزلىك، يەنە بىرى ھورۇنلۇق. سەۋرسىز بولغانلىغى ئۈچۈن جەننەتتىن قوغلاندى، ھورۇن بولغانلىق ئۈچۈن قايتا جەننەتكە كىرەماۋاتىدۇ. بەلكى ئاساسلىغى بىرلا گۇناھ بولۇشىمۇ مۇمكىن يەنى سەۋرسىزلىك. سەۋرسىزلىكتىن قوغلاندى، يەنە شۇ سەۋرسىزلىكتىن قايتا كىرەلمەۋاتىدۇ.

18. دولقۇنلارنىڭ سۇ تامچىلىرىنى قىياغا چاچرىتىشلىرى دېڭىزدىكى ئەزەلى دولقۇنلارغا ھەرگىز تەسىر قىلمايدۇ. ھەتتا دېڭىزدىكى دولقۇنلارنىڭ مەھجۇتلۇقى قىياغا چاچرىغان تامچىلارغا قەرز بولۇشى مۇمكىن.

19. كەچ كۈزدە يوللارنى پاك-پاكىز سۇپۇرۋەتسەڭمۇ، بۇ قىتىم يەنە تىخىمۇ قۇرغاق يوپۇرماقلار بىلەن پۇركىنىدۇ.

20. ئۆيدىن سىرتقا چىقىشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى يوق. شىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇر ۋە دەم ئال. دەم ئالما، پەقەتلا ساقلا. ساقلىما، پەقەت جىم ۋە يالغۇز تۇر. دۇنيا ئۆزىنى ئەركىن ساڭا سۇنىدۇ. ماسكىسىنى ئىلىۋىتىشتىن باشقا بىر تاللاش يولى يوق. كىچىك پېئىللىق بىلەن پۇتلىرىڭغا سېرىلىدۇ.

21. ياخشىلار توغرا قەدەم بېسىپ ماڭىدۇ. ياخشىلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز بولغان باشقىلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تاڭسا ئوينايدۇ. زامانىڭ ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوينايدۇ.

22. خەلق ئاممىسىنى قوغدىغان تەڭرىگە ئىشەنمەكتىن باشقا نېمە خوشاللىق بولسۇن دەيسىز.

23. مەنچە خالىغان ۋاقىتتا يالغۇز قىلىشنىڭ ئۆزى بەختلىك بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى.

24. بەلگىلىك بىر نۇقتىغا يىتىپ بارغاندا، ئارقىغا قايتىشقا بولمايدۇ. بۇ نۇقتىغا يېتىش كېرەك.

25. بۇ دۇنيا ئۈچۈن زىبە-زىننەتلەرنى قاداشنىڭ ئۆزى بىر كۇلكۇلىك بىر ئىش.

18.09.2017، گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى