فېتوفى

ئورنى Wikipedia

«ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت، ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت. ۋەلېكىن، كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن، ئەركىنلىك، ئازادلىق ئۈچۈنلا پەقەت.» بۇ مەشھۇر شېئىرنىڭ ئاپتورى 19-ئەسىردىكى ۋېنگرىيە شائىرى فېتوفى (1823-1849-يىللار)، ئۇ ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابچى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :فېتوفى


دۆلەت تەۋەلىكى :ۋېنگرىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1823-يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1849-يىل

كەسپى :شائىر، ئىنقىلابچى

چەتئەلچە نامى :Petőfi Sándor

شەخسلەر ئانكىتى[تەھرىرلەش]

فېتوفى (1823-1849-يىللار)  قاسساپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمەيلا تىرىكچىلىك يولىغا كىرگەن. ئۇ ئەسكەر بولغان، سەرگەردان سەنئەتكار بولغان. ئۇ 19 يېشىدا تۇنجى شېئىرى «ھاراقكەش» نى ئېلان قىلغان.

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

1844-يىلى ئۇ بوداپىشتقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئىككى شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان، «يېزىنىڭ بازغىنى» بىلەن «باتۇر يۇھان» ناملىق ئىككى داڭلىق پوئېمىسىنى پۈتكۈزگەن. ئالدىنقىسىدا جەمئىيەتتىكى رەزىل ھادىسىلەر ۋە تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئاقسۆڭەكلەر ئەدەبىياتىغا كۈچلۈك زەربە بەرگەن ۋە ھەجۋىي قىلغان. كېيىنكىسىدە، بىر مۇھەببەت ھېكايىسى ئارقىلىق، ۋېنگرىيە خەلقىنىڭ ھۆرلۈك ۋە يورۇقلۇققا تەلپۈنۈشى ۋە ئىزدىنىشى ئىپادىلەنگەن. كېيىنكى يىلى، ئۇ ھەرقايسى جايلاردا ساياھەت قىلىپ، ئىككى پارچە ساياھەت خاتىرىسى ئېلان قىلغان ۋە كىنەز-تۆرە، ئاقسۆڭەكلەرنى قامچىلايدىغان، مېھنەتكەش ئاممىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان.

1846-يىلىدىن باشلاپ، فېتوفى تۈرلۈك ئىجتىمائى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان، ئەدەبىي ژۇرنال چىقارغان، شائىرلارنىڭ شېئىرنى قورال قىلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەشلەرگە ئاڭلىق خىزمەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ جەڭگىۋار روھقا تولغان نۇرغۇنلىغان سىياسىي لىرىكىلارنى يازغان. مەسىلەن: «مەن ۋېنگرىيە لىك» دېگەن شېئىرىدا ئۆز ۋەتىنىنى مەدھىيەلىگەن، ۋەتەننىڭ ئويغىنىشىنى ئۈمىد قىلغان؛ «مېنىڭ ناخشام » دا قۇللارنى قوزغىلىپ، پۇتىدىكى كىشەننى پاچاقلاپ تاشلاشقا چاقىرغان؛ «قان تۆككەن كۈنلەرنى چۈشۈمدە كۆردۈم» دە ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا، يېڭى دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن؛ «بىر خىيال بىئارام قىلماقتا مېنى» دا يەنە غايەت زور قىزغىنلىق بىلەن ئىنقىلاب بوران-چاپقۇنىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى چاقىرىق قىلغان.

1848-يىلىنىڭ بېشىدا ئىنقىلاب دولقۇنى ياۋروپانى قاپلىدى، ۋېنگرىيە خەلقى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۇردى، فېتوفى ئىنقىلابنىڭ بايراقدارى بولدى. ئۇ ئىنقىلابىي خەلقنى باشلاپ، جەڭ مارشىنى ياڭرىتىپ، كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلدى، ئاممىۋى يىغىلىشتا ئۆزىنىڭ يېڭى ئەسىرى «مىللەت ناخشىسى» نى دېكلاماتسىيە قىلىپ، «قوزغال! ۋېنگرىيەلىكلەر، بىزنى ۋەتەن چاقىرماقتا! پەيتى كەلدى، ھازىرمۇ كېچىكمەيمىز! . . .»دەپ چاقىرىق قىلدى. شائىر يەنە، «دېڭىز داۋالغۇماقتا»، «1848-يىلى»، «ھۆرلۈككە مەدھىيە»، «جۇمھۇرىيەت»، « غەزەپ ئوقىنى ئاتتىم» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، خەلقنىڭ كۈچىنى مەدھىيەلەپ، خەلقنى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاخىرىغىچە قانلىق كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا تەشنالىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فېتوفى نۇرغۇن جەڭگىۋار سىياسىي لىرىكىلارنى يازغان شۇنداقلا ئۆزى بىۋاسىتە قورال ئېلىپ، دۈشمەنلەر بىلەن قانلىق جەڭ قىلغان.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى