Jump to content

فېليەتون ۋە ھاياتلىق

ئورنى Wikipedia

فېليەتون ۋە ھاياتلىق

مەن فېليەتونغا ھېرىسمەن، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھاياتىم بىلەن چېتىلىپ كەتكەن، ھاياتىم ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي ھەم قىسمەن باغلىنىپ كەلمەكتە.

ئۇ مېنىڭ سۆز قابىلىيىتىمنى پىشۇرۇپ بارماقتا.

ئۇ مېنىڭ لازىم بولغاندا ئىشلىتىش ئۈچۈن توپلىغان بىلىملىرىمنى ۋە شۇ بىلىملىرىمنى يېڭىلاپ تۇرۇش سۈر ئىتىمنى ئىمتىھان قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇ مېنىڭ مېڭەمنى ئادالاپ - يېڭىلاپ، پىكىر - خىيالىمنى سۈزۈلدۈرۈپ، چېچەنلەشتۈرۈپ بارماقتا.

ئۇ مېنىڭ ئەقىل - پاراسىتىمنى، نەزەر - دائىرەمنى كېڭەيتىپ، مېھرىمنى ۋەتەنگە، نەزىرىمنى دۇنياغا چاتماقتا.

ئۇ مېنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتىمنى سىناپ كەلمەكتە، يەنى ھاكاۋۇرلۇق قىلامدىمەن ياكى پەسلىك قىلامدىمەن ۋەياكى كۈچۈكلىنىپ خۇشامەتگۇيلۇق قىلامدىمەن، ئۆز ئالدىمغا تۇتقان يولۇم بىلەن ماڭىدىغان ئادەممۇ مەن ياكى خوش - خوش ئېيتىپ، ياغلىمىچىلىق بىلەن ئۆتىدىغان خۇشامەتگۇي ئادەممۇ مەن، جىگەرلىك باتۇر ئادەممۇ مەن ۋە ياكى توخۇ يۈرەك قورقۇنچاق ئادەممۇ مەن، فېليەتون مېنى سىناپ تۇرماقتا.

فېليەتون مېنى سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل ئەخمەقلەردىن بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مەنسەپپەرەسلەر، پۇلپەرەس بەتنىيەتلەر، بۇ دۇنيادا باشقىلاردىن بىر غېرىچ ئۈستۈن تۇرۇش كويىدىلا يۈرىدىغان ئادەملەر فېليەتونغا يېقىن يولىمايدۇ.

فېليەتون ھاياتلىق مۇساپەمدە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان روشەن نامايەندە بولۇپ كەلمەكتە.

جاھاندا جاھالەت - نادانلىق ۋە مۇستەبىتلىك - زالىملىق تۈگىگىنى يوق، ئۇلار ئەلمىساقتىن بۇيانقى جۇدۇن - چاپقۇنلارغا يامىشىپ چاپلىشىپ دەۋران سۈرمەكتە. بەزى چاغلاردا قۇدرەت تېپىپ يامرىماقتا؛ پەن ۋە دېموكراتىيە بولسا گاھ جانلىنىپ، گاھ سالپىيىپ تۇرماقتا، تېخى چوڭقۇر يىلتىز تارتقىنى يوق، ئۇلار مەرىپەتچىلەرنىڭ تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىشىغا، پىدائىيلارنىڭ باتۇرانە نىدالىرىغا موھتاج.

دېمەك، فېليەتون مېنىڭ ھاياتىمغا ئەنە شۇنداق سېڭىپ كەتكەن!

_______________

- بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى شېڭ مىنتې، ئەنخۇيلۇق يازغۇچى. ئۇنىڭ «نادىر يازمىلاردىن تاللانما» ناملىق مەجمۇنىڭ 15 يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان بۇ ماقالىسى «جۇڭگونىڭ 2003- يىللىق نادىر فېليەتونلىرى» سەرلەۋھىلىك تاللانمىلار توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.

توختى باقى ئارتىشى: «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول»، 1-، 2-بەت

بۇ ئەسەرنىڭ خىتايچە ئەسلىي نۇسخىسى:

杂文与人生

作者:盛敏特

我对杂文情有独钟,因为杂文与我的生命的全部或局部相联系。

它在锤炼我的语言文字能力。

它在检验我急需时的知识储备和更新知识的速度。

它在清洗、更新我的大脑,过滤、敏捷我的思维。

它在拓展我的智力和视野,把我的情感连着祖国,把我的目光连着世界。

它在考量我的人性:是狂妄还是卑琐?是媚态毕露还是我行我素?是唯唯诺诺、一团和气还是刚直不阿?是胆大包天还是胆小如鼠?杂文在拷问着我。

杂文倡导我做一个真诚、善良的“傻子”。官迷、财迷、心术不正、一心想在世上高人一头的人,是走不进杂文的。

杂文是我人生历程半个多世纪以来的鲜明路标。

世上愚昧与专制并未绝迹,它们依附于那一股股自古以来的倒春寒而在此刻盛行,有时还很猖獗;科学与民主或兴或衰,尚未深深扎根,需要文明的精心呵护,需要志士的呐喊。

杂文,就是这样融入了我的生命。