فېي تۇنىيەننى سۇڭشەن تېغىغا ئوزىتىش
كۆرۈنۈش
فېي تۇنىيەننى سۇڭشەن تېغىغا ئوزىتىش
لى بەي
ئوزىتىپ چىققاندا مەن بولماق ئۈچۈن سىزدىن جۇدا،
چىنچىمىن دەرۋازىسىغا ھەم كېلىپ قالدۇق مانا.
ئىما قىپ ئۇيغۇر قىزى مەي ئىچكىلى تەكلىپ قىلۇر،
جىلۋە ئەيلەر مەي - شاراپ قولىدىكى زور جامىدا.
سىز ئۆزەڭگە دەسسىمەككە شۇنداق تەمشەلگەن چېغى،
ھەزرىتىم تەنھا دېيىشتۇق دىل سۆزىنى خالىدا:
«سۇندۇرۇپ رەيھان شېخىنى قىلدى پايمال جۇت – بوران،
قاغا – قوزغۇن ھۇۋلىغار ئىشرەتتە تۈن دەرگاھىدا.»
قول سۇزۇپ قىلدۇق ئىشارەت كۆكتىكى تورنىغا بىز،
دىل پۇغانىن تىلدا ئايان ئەيلىمەك مۈشكۈل يانا.
ئاقىۋەت قىسمەت نەسىب، بىزلەرگە بالدۇر ياكى كېيىن،
پاكلىنۇر يىڭ شۈي سۈيى يەتكەندە مەنزىل چاغىغا.
— بۇ شېئىر مىلاسىيە 744- يىلى يېزىلغان.