فەقىھنىڭ فەقىھكە، ئۆلىمانىڭ ئالىمغا بەرگەن شاھىدلىقى
فەقىھنىڭ فەقىھكە، ئۆلىمانىڭ ئالىمغا بەرگەن شاھىدلىقى
شەھىدلىك مەرتىۋە، شاھىدلىق بۇرچ، شۇھۇدلۇق كامالەتتۇر. ئىلىم بېرىلگەنلەر ئاللاھتىن قانداق قورقۇشنى بىلىدىغان، تەڭرى ھۇزۇرىدىكى جاۋابكارلىقى بولىدىغانلىق شوئۇرى بىلەن قەدەم باسىدىغان كىشىلەردۇر. ئىلىمىمۇ چالا، تەپەككۇرى گال، دىتى بۇزۇق تىپلارنىڭ، ساقالغا تۇشلۇق تايىنى يوق ئەخمەق «موللا» تىپلارنىڭ پەرقى بىلەن پەيغەمبەر مىراسىغا ئىگە چىقىپ ياشاۋاتقان، نېمىنى قانداق يەردە، قانداق پوزىتسىيەدە دېيىشنى بىلىدىغان بەسىيرەتلىك ئۆلىمانىڭ پەرقى ھەم بۇدۇر. توغرا ئادا قىلىنغان شاھىدلىق، ئال ئىمران سۈرىسىدىكى بىرىنچى ئايەتتە قەيت قىلىنغان شاھىدلىق ۋەسپىگە لايىق بولغان تۇتۇم، ئىلىم ئەھلىگە خاس مەۋقە - مەيدان ھەر زامان بىر تۈركۈم زېھنىيىتى گاداي، پىكرى چولتا، تۇتۇمى ئەبگا موللا ئاتلىقلارنىڭ كاپشىشلىرىدىن ئۈستۈندۈر. تەڭرى ئەنە شۇ ھەققانىي شاھىد بولغۇچىلارنىڭ شاھىدلىقىنى مەقبۇل ئەيلىگەي! كاپشىغۇچىلار بىلەن ۋەزنىلىك ۋە ئىلمىي ئاساستا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ پەرقىنىڭ دائىما بىلىنىپ تۇرۇشىنى مۇشۇ تەرىقىدە بولسىمۇ ئۈزۈپ قويمىغاي!
ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىر پارچە سالام خەتنى جايلاپ يازالمايدىغان دەرىجىدە سەۋىيەسىزلىكىگە باقماي ھەدسىزلەرچە «إمام العصر (دەۋرنىڭ ئىمامى)» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان مۇجەددىد ئالىم ئۈستىدىن بىلجىرلايدىغان، «داموللا» قالپىقىنى تەخەللۇس قىلىۋېلىپ قاچان قارىسا ئىدراك سىغىمىغا پاتمايدىغان تېمىلارغا بۇرۇنىنى تىقىپ ئۆزىنى بازارغا سالمىسا ئولتۇرالمايدىغان پۈتۈك بۇرۇنلۇق تىپلارنىڭ كاپشىشلىرىمۇ بازارنى قاينىتىش قەستىدە كېتىۋاتقاندەك. بۇنداق چاغلاردا ھەقنى دېيىش، دېگەندىمۇ ئۆزى شاھىت بولغانلىرى ئاساسىدا شاھىدلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىر مەسئۇلىيەت ۋە پەزىلەتتۇر. سىستېمىلىق ئىلىم ئېلىش قانداق بولىدۇ، ئىلمىي پوزىتسىيە قانداق بولىدۇ، ئىختىلاپلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ، قاتارلىق نۇقتىلاردا ئەمەلىي خىزمەتلىرى بىلەن ئۆرنەك بولغان تەتقىقاتچى ئالىمنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزىنىڭ ۋەزنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىڭ يىللىق ساغلام ئىسلامىي ئەنئەنىسىگە قىلچە ۋەكىللىك قىلالمىغاندىن تاشقىرى سىرتتىن ئىمپورت قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈۋالغان يېڭى ئەسىر خاۋارىجلىقىغا تۆر ئىزدەپ، تۈركىستان ئىسلام مەپكۇرىسىگە قارشى ئېقىندا مۇقام توۋلاپ يۈرگەن، تا ھازىرغىچە رەڭ تۈزۈپ بولالمىغان، دەۋا باھانىسى بىلەن ئۆلىمالىققا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان قاتمال زېھنىيەتلىك تومپاي موللىلارنىڭ ۋالاقلىشىدىن قاتمۇقات ئۈستۈن تۇرىدۇ. دەۋرىمىزدە يېتىشكەن فىقھىشۇناس دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ مۇجتەھىد ئالىم ئىمام ئەلقەرداۋىي ھەققىدىكى ئىغۋالارغا قارشى مەزمۇت ئىنكاس بىلدۈرۈشى ۋە بۇ ھەقتىكى شاھىتلىق بايانلىرى مەزكۇر نۇقتىنى يارقىنلاشتۇرغۇچى ئۆرنەكلەردىندۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-09-28
تۆۋەندىكىلەر دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ «قۇياش مىسالى نۇر چاچقانىدى» دەپ ناملانغان يازمىمىزغا چۈشكەن بىر ئىنكاسقا قالدۇرغان جاۋابى:
Abdullaganne Ganne:
ئاللا مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرنى جەننەتە قىلغاي. مۇشۇنداق سەگەك بىر ئالىمنىڭ خىتاينىڭ قىلتىقىغا چۇشۇپ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بىر نىجىس خىتاينىڭ شىئەن ئۇنۋىرسىتنىڭ پەخرى دوكتۇرى بولۇپ قالغانلىقىغا ھەيرانمەن. بىر ئەمەس ئىككى قىتىم خىتاينى زىيارەت قىلدى . 2009 دىن كىيىن .
:Abdulaziz Rahmetullah
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، «سەگەك بىر ئالىم» دېگەن توغرا سۈپەتلىشىڭىز، «خىتاينىڭ قىلتىقىغا چۇشۇپ» دېگەن ئالدىراقسانلارچە چىقارغان ھۆكمىڭىزگە زىت كەپ قالدى. دەرۋەقە ئىمام قەرداۋىي ھەقىقەتەن سىياسىي سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن يۇقىرى سەگەك بىر ئالىم. ئالەمى ئىسلامدا مەن تېخى ئۇنىڭدىن سەگەكرەك، مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىقراق، دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بىرەر ئالىمنى كۆرمىدىم. خىتتايغا زىيارەتكە بېرىشى ئۇ بىر دۇنياۋىي ئالىم بولغانلىقتىن، خىتتايدىن ئىبارەت بىر يېرىم مليارت مەخلۇقلارنىڭ ئىسلام ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىسلامغا كەلمىسىمۇ، ئادەمىيلىككە كېلىشى ئۈچۈن، تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنىي ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن دەۋەت ئۇسلۇبى تەقەززاسى دەپ چۈشىنىش تامەمەن توغرا. بولمىسا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى فىرئەۋننىڭ ئالدىغا بارغان دەپ ئەيىبلىگەندەك، شەيخ جامالىددىننى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مەۋلانا ئەرشىددىننى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ قېشىغا بارغان دەپ ئەيىبلىگەندەك ئىش بولىدۇ. بۇنىڭدا مەرھۇم ئالىمنىڭ دەۋەت ئۇسلۇب ئىجتىھادى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئىنتايىن قىممەت باھالاشقا بولىدۇكى، خىتتايغا بارغان دەپلا كەمسىتىش توغرا ئەمەس. خىتتايغا ئېغىز - بۇرۇن يالىشىشقا، ئىسلامنى بۇرمىلاشقا ياكى تىجارەت قىلىشقا بارمىدى. ئىسلام دەۋىتىنى كۆزلەپ باردى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئويلاپ باردى. شەيخنىڭ كۈنتەرتىپىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ بار ئىدى. بۇنى ئاممىۋىي سورۇنلاردا سۆزلەپ يۈرمىگەن. خىتتاي سى سى تىۋى قانىلىدىمۇ خىتتاي دىيارىدا تۇرۇپ بىرەر ئالىم دېيەلمىگەن سۆزنى نەق مەيداندا جاراستاندا تۇرۇپ: «سىلەر شىنجاڭ دەپ ئاتايسىلەر، بىز شەرقىي تۈركىستان دەيمىز، ئۇيەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلىر بار» دەپ خىتتاينىڭ يۈزىگە خىتتاي خەلقئارادا تونۇلغان بىرەر ئۆلىمادىن يەپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر تەستەكنى سالدى. ھازىر بىرەر ئالىم بېرىپ ياكى ھەتتا چەتئەلدىكى مەيلى دىنداشلىرىمىزدىن، مەيلى قانداشلىرىمىزدىن بىرەر دۆلەت رەئىسى بىرەر يىغىندا خىتتايغا شۇ گەپنى قىلالىدىمۇ؟ سى سى تىۋى قانىلىدىكى پاراڭنى خىتتاي خاھلىغانچە تەرجىمە قىلىپ، خىتتاينىڭ شايكىلىرى شەيخكە زەربە بېرىش ئۈچۈن خىتتاي تەرجىمىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ داۋراڭ سېلىشىدۇ. دېمەك، شەيخنى خىتتاي ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مۇستەبىتلەرنىڭ ھەممىسى قارىلاپ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈشكە پەۋقۇلئاددە كۈچەپ كېلىگلىك. خىتتاي شايكىلىرىنىڭ ھە دېسە شەيخنى تىللاپ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ. يەنى شەيخنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى ھازىرقى 3-4 يىللىق "«دەۋاچى ئۇيغۇرلار» قىلىشتىن بۇرۇنلا قىلغان ۋە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى ھۆر ئالىملارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەلىكىدۇر. مەن شەخسەن قاتناشقان «دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى»نىڭ ھەر بىر قۇرۇلتاي - يىغىلىشلىرىدا ئاخىرقى باياننامەلىرىدە چوقۇم شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن ۋە فىلىپپىن قاتارلىق ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەپ، ھەتتا بۇ ئىشلارغا ئارتۇقچە كىرىۋالمايلى دېگەنلەر بىلەن تاقاشىپ مەزمۇت تۇرغانلىقىغا مەن شەخسەن شاھىد بولغان. شۇڭا، بۇ ئالىم ھەقىقەتەن سەگەك، ئەمدى ئاۋاممۇ سەل سەگەك بولمىسا خىتتاي ئويۇنىغا ئۇسۇل ئوينايدىغان گەپ. ھازىر قارايدىغان بولساق، شەيخنى پىلانلىق تىللاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئويۇننى بىلمەي ئويناپ قېلىۋاتقانلارمۇ بولىۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئويۇنغا ئۇسۇل ئوينىغانلار خىتتاي پىلانىنى بىغەرەزلىك بىلەن، ئاخماقلىق بىلەن ئىجرا قىلىشقا ھەسسە قاتقانلىق بولىدۇ. مېنىڭچە شەيخنى تىللايدىغانلار يا مۇناپىق، يا بىغەرەز، يا نادان، ساددا ۋە گول ئادەم. خىتتاي ئەزەلدىن مۇشۇنداق ئويۇن ئويناپ كەلگەن. بىز بۇ ساددىلىقىمىزنى تاشلىمىساق، كۆرىدىغان كۈنىمىز يەنە بار دېگەن گەپ.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى