قاراقۇرۇم

ئورنى Wikipedia

قاراقۇرۇم (ئىنگ: The Karakoram) تۈرك تىلىدا «قارا قورام تاشلىق تاغ» دېگەن مەنىدە. قارا قۇرۇم تېغى — دۇنيادىكى ئېگىز تاغ مۇزلۇقلىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى، ئاسىيا دىكى مەشھۇر تاغ تىزمىلىرىنىڭ بىرى.

ئافغانىستاننىڭ ئەڭ شەرقىدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ تەخمىنەن 480 كىلومېتىر سوزۇلغان. كەڭلىكى تەخمىنەن 240 كىلومېتىر، ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5500 مېتىردىن يۇقىرى. دۇنيادىكى ئېگىز تاغ ۋە يۇقىرى كەڭلىكتىكى باشقا ئەڭ ئۇزۇن مۇزلۇق ئەڭ مەركەزلەشكەن جاي ھېسابلىنىدۇ. تاجىكىستان، جۇڭگو، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ھىندىستاننىڭ چېگرا ھەممىسى بۇ تاغ سىستېمىسى ئىچىدە، بۇ ياقا جاي غايەت زور سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. قاراقۇرۇم قەدىمكى موڭغۇل تىلىدا «قارا دەريا» ياكى «قارا سۇ» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىنگلىز تىلى ئەسىرىدە كۆرۈنگەن. تۈرك تىلى بويىچە قاراقۇرۇم «قارا قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ نامنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنگىلىز تىلى ئەسىرىدىن بالدۇر.

1954-يىلى، ئاداتو. دەيشوۋ باشچىلىقىدىكى ئىتالىيە تاغقا چىقىش ئەترىتى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم قاراقۇرۇم تېغىغا چىققان. ئۇ بەزىدە «خەتەرلىك تاغ» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

جۇغراپىيىلىك ئورنى[تەھرىرلەش]

قاراقۇرۇم تېغى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن كەشمىر ئوتتۇرىسىدىكى بىر يۆنىلىشى  ۋە ھىمالايا تېغى بىلەن پاراللېل بولغان چوڭ تاغ تىزمىسى. شۇنداقلا دۇنيادىكى ئىككىنچى ئېگىز تاغ تىزمىسى. غەربىي شىمال-شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىدە بولۇپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ شىمالى ئارقىلىق ئۆتىدۇ.

قاراقۇرۇم تىزمىلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدۇ، جەمئىي 19 تاغ 7260 مېتىردىن ئارتۇق، تاغ چوققىسىنىڭ ئىگىزلىكى 8 تاغ  7500 مېتىردىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتى 8000 مېتىردىن ئارتۇق، تاغ چوققىسى ئادەتتە ئۇچلۇق، سىرتقى شەكلى تىك، قارلىق چوققا ۋە غايەت زور مۇزلۇقلار كۆپ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوراپ تۇرغان نەچچە يۈزلىگەن تاش مۇنار ۋە ئۇچلۇق چوققا بار.

ئىقلىم ۋە كىلىماتى[تەھرىرلەش]

قارا قۇرۇم تېغىدا گورزىنتال كېلىمات پەرقى روشەن بولىدۇ. مەسىلەن ، ھىندى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن تۆۋەن بولغان بەزى جىلغىلاردا، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، بۇ يەر قۇرغاق چۆللۈك ئىقلىمىغا تەۋە. چوڭ مۇزلۇق جۇغلانغان رايوندىكى يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000 مىللىلېتىردىن يۇقىرى بولىدۇ. قىش ۋە ئەتىيازدا ھۆل-يېغىن مول بولۇپ، غەرب شامىلى ئايلانما ئېقىمى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياز پەسلىدە بەلگىلىك مىقداردا ھۆل-يېغىن بولىدۇ، شەكىللەنگەن ھۆل-يېغىن روشەن، قىش ۋە ئەتىيازنى ئاساس قىلىدۇ.

نورمال يىللاردا، قارا قۇرۇم تېغىدا ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇب مۇسسۇن شامىلى تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر كىچىك بولسىمۇ، بىراق غەربىي جەنۇب مۇسسۇن شامىلى كۈچلۈك يىللاردا دائىم قارا يامغۇر يېغىن ئېلىپ كېلىدۇ، كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ ئىسسىق بولغان ئايلاردا تەخمىنەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5600 مېتىر كېلىدىغان جايلارنىڭ يىللىق ھارارەت سىزىقى ℃0 بولىدۇ. يىللىق ھارارەت سىزىقى ℃0 بولغان جايلارنىڭ 4200 مېتىرلىق تەڭ ئېگىزلىك سىزىقى بىلەن بىردەك بولىدۇ، كۆپ قىسىم رايونلىرىنىڭ يىل بويى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ. قارا قۇرۇم تېغى رايونىدىكى ھاۋا شالاڭ، قۇياش رادىئاتسىيەسى كۈچلۈك، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى زور، ھەمدە دائىم كۈچلۈك شامال چىقىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىزدە تورى، 30 كۆنەك 2016 ئۇلانمىسى