Jump to content

قارا ئېكران «مېڭىمىزنى چىرىتمەكتە»؛ تەتقىقاتتا ئىسپاتلاندى

ئورنى Wikipedia

قارا ئېكران «مېڭىمىزنى چىرىتمەكتە»؛ تەتقىقاتتا ئىسپاتلاندى

2026.01.17


1. كىرىش سۆز

«ھېلىلا قويغان نەرسىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنتۇپ قېلىش»، «ئىشىكنى قۇلۇپلىدىممۇ-يوق دەپ قايتا-قايتا جەزملەشتۈرۈش»، «ھېلىلا دېگەن گەپنى دەرھال كاللىدىن چىقىرىۋېتىش»، «ھەتتا ئەڭ ئاددىي بىلىم نۇقتىلىرىنىمۇ ئەستە ساقلاش تەس بولۇش»... ئىلگىرى ياشانغانلارغىلا خاس دەپ قارالغان بۇ خىل ئەستە تۇتۇش قىيىنچىلىقلىرى، ھازىر تەدرىجىي ياشلار توپىغا كېڭىيىپ، نورمال ھالەتكە ئايلىنىپ قالدى.

بۇنىڭدىن ئاۋۋال ياشلار تەرىپىدىن چاقچاق ياكى مەسخىرە ئورنىدا تىلغا ئېلىنغان «مېڭە چىرىش» (Brain Rot)، يېقىندا كۆپ تۈرلۈك نوپۇزلۇق تەتقىقاتلار تەرىپىدىن قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى «تۆۋەن سۈپەتلىك تور مەزمۇنلىرى بىلەن زىيادە كۆپ ئۇچرىشىشنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى يىمىرىشى»دىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت، ھەممەيلەننىڭ ھوشيار بولۇشىغا ئەرزىيدۇ.

«مېڭە ئىلمى» (Brain Sciences) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا «مېڭە چىرىش»نىڭ يادرولۇق مەنىسى ئېنىق بەلگىلەندى: ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تۆۋەن سۈپەتلىك مەزمۇنلار بىلەن زىيادە كۆپ ئۇچرىشىشى سەۋەبىدىن، بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، روھىي جەھەتتىن ھارغىنلىق قاتارلىق روھىي ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇ دەل مېڭە چېكىنىشىنىڭ يادرولۇق ئىپادىسىدۇر.

تەتقىقاتچىلار شۇنى ئاگاھلاندۇردىكى، سەلبىي خەۋەرلەرگە بېرىلىپ كېتىش، مەقسەتسىز ھالدا ئۇچۇر ئېقىمىنى سۈرۈش (كۆرۈش)، ئىجتىمائىي تاراتقۇغا خۇمار بولۇش قاتارلىق كۈندىلىك قىلمىشلار «مېڭە چىرىش»نىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر. بۇ خىل زىيان ۋاقىتلىق روھىي ھارغىنلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، پىسخىك ساغلاملىق، كەيپىياتنى تەڭشەش، ھەتتا ئۆزىنى تۇنۇشقىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە چوڭقۇر سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

«نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى» (Neurology) ژۇرنىلىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق بۇ يۈزلىنىشنى دەلىللىدى: 2013-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىلىش توسالغۇسى (Cognitive impairment) دوكلات نىسبىتى %5.3 تىن %7.4 كە ئۆرلىگەن؛ 40 ياشتىن تۆۋەنلەر توپىدىكى ئېشىش نىسبىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، %5.1 تىن %9.7 كە ئۆرلىگەن، بۇلار تۇنۇش ئىقتىدارى چېكىنىشىنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان توپقا ئايلانغان. ئەسلىدە مېڭە ئىقتىدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇشقا تېگىشلىك بۇ ياشتىكىلەر، تۈركۈملەپ ئەستە تۇتۇش ۋە دىققەت كرىزىسىغا پېتىپ قالماقتا.

چاقچاقتىن ئىلمىي دەلىللىنىشكىچە، «مېڭە چىرىش»نىڭ رەسمىيلىشىشى ئويلىغانسېرى قورقۇنچلۇق بىر قوڭغۇراقنى چالدى. تېلېفون ئېكراننى سىيرىش تۇغما ئىقتىدارغا ئايلىنىپ، پارچە-پۇرات ئۇچۇرلار ھەر بىر دەقىقە بىكار ۋاقىتنى تولدۇرۇۋالدى، بىزنىڭ مېڭىمىز جىمجىت ھالدا قايتا شەكىللىنىۋاتىدۇ ۋە ئاستا-ئاستا يىمىرىلىۋاتىدۇ.

بۇ قۇرۇق ۋەھىمە ئەمەس، بىلىش ساغلاملىقى ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى ھېس قىلىشى ۋە قىممەت يارىتىشىنىڭ ئاساسى. ياشلار توپى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چېكىنىشى شەخسنىڭ كەلگۈسى ياشاش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات رېتىمىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

رەقەملىك دەۋردە، ئۆزىنىڭ تۇنۇش ساغلاملىقىنى قانداق ساقلاش، مېڭىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانداق تىزگىنلەش تاللاش سوئالى ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئادەم، ھەتتا جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئالدۇر.

  • بىر كۈندە، قانچە قېتىم ئاڭسىز ھالدا تېلېفوننى قولىڭىزغا ئېلىپ سىيرىگىڭىز، كۆرگۈڭىز كەلدى؟
  • بىر كۈندە، قانچە قېتىم تېلېفوننى قويغان ھامان، بايا نېمە كۆرگەنلىكىڭىزنى ئاساسەن ئۇنتۇپ قالدىڭىز؟
  • يەنە قانچە قېتىم، تېلېفوننى قويغان ھامان، ۋاقىتنىڭ نېمىشقا بۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن چۆچۈپ كەتتىڭىز؟
  • يىغىپ ساقلاش قىسقۇچىدا كېيىن كۆرىمەن دەپ ساقلىۋالغان، ئەمما مەڭگۈ قايتا ئېچىپ باقمىغان قانچىلىك ئۆگىنىش مەزمۇنلىرى بار؟
  • بىز شۇنچىلىك ھېرىپ كەتكەن تۇرساقمۇ، نېمىشقا يەنىلا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالالماي تېلېفوننى قولىمىزغا ئېلىپ، مەڭگۈ تۈگىمەيدىغاندەك تۇيۇلىدىغان مەزمۇنلارنى سىيرىپ، كۆرۈپ ئولتۇرىمىز؟


Brain rot «مېڭە چىرىش» 2024-يىللىق ئوكسفورد يىللىق سۆزى بولۇپ تاللىنىپ، دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

«مېڭە چىرىش، 脑腐» دېگىنىمىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇ، قىسقا سىن قاتارلىق تۆۋەن سۈپەتلىك، رىقابەتسىز، پارچە-پۇرات تور مەزمۇنلىرى بىلەن زىيادە كۆپ ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن، شەخستە كۆرۈلىدىغان ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىكى چېكىنىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. (بۇ ئېنىقلىما ئوكسفورد ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسەن يىغىنچاقلاندى).

تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 6.5 مىنۇتتا بىر قېتىم تېلېفونغا قارايدىكەن، ئەگەر ھەر كۈنى ئويغاق تۇرىدىغان ۋاقىتنى 16 سائەت دەپ ھېسابلىساق، بىر كۈندە تەخمىنەن 150 قېتىم تېلېفونغا قارايدىكەن.

نۇرغۇن كىشىلەر تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن ئۆزىنى قۇرۇق، ھېسسىياتسىز، روھىي جەھەتتىن ھارغىن ۋە تەپەككۇرى قالايمىقان ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.

ئاڭسىز، تىزگىنسىز ھالدا ئېكران سىيرىش بىزنىڭ ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىزنى يۇتۇۋېلىپلا قالماي، بەلكى بىزنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ۋە رېئال دۇنيانى ھېس قىلىش ئىقتىدارىمىزنىمۇ يىمىرىۋاتىدۇ.

بۇ ماقالە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يادرولۇق تەتقىقات ماقالىلىرىگە ئاساسەن، «مېڭە چىرىش» نىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ۋە زىيىنىنى رەتلەپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇچۇر يۈكى ئېشىپ كەتكەن دەۋردە، بىزنىڭ «مېڭە چىرىش» ھادىسىسىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


2. «مېڭە چىرىش»نىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى

2.1. مېخانىك «سىيرىش»، تەپەككۇر قىلىش ھاجەتسىز.

تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ چەكسىز تۆۋەنگە سىيرىلىش لايىھەسى ئىنسانلارنى پاسسىپ ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

بۇ لايىھە ئەنئەنىۋى ئوقۇشنىڭ تىنچ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەخسنىڭ كۆرگەن مەزمۇنلارنى ئالدىن مۆلچەرلىشى ۋە ئەسلەپ چىقىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن شەخسنىڭ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشتى.

مەسىلەن، قەغەز كىتابلارنىڭ مۇندەرىجە قۇرۇلمىسى ۋە بەتلىرى بولىدۇ، بىز مەلۇم بىر بابنى كۆرگەندە، مۇقىم مۇندەرىجە ماۋزۇسى ۋە بەت نومۇرى، تېز ئورۇن بەلگىلەيدىغان ئالدى-كەينى مەزمۇنلار ئارقىلىق ئۇزۇن تېكىستلىك قۇرۇلما ۋە لوگىكا بەرپا قىلىپ، مەلۇم بىر ئۇزۇن تېكىستنى چۈشىنىش ۋە پىششىقلاشنى تاماملايمىز ھەمدە بۇ خىل فىزىكىلىق بوشلۇقنىڭ ئىزچىللىقى ئارقىلىق ئەسلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

ھالبۇكى، ھازىر كۆپ ساندىكى سۇپىلارنىڭ سىيرىلىش لايىھەسى بۇ خىل ئىزچىللىقنى يوقاتتى، مەسىلەن، ئەمەلىي بەت ياكى سىننىڭ چېگراسى يوق، «ئورۇن-مەزمۇن»نىڭ مۇقىم ماسلىشىش مۇناسىۋىتى كەمچىل. بارماقلار مېخانىك ھالدا سىيرىغاندا، مېڭە بىر خىل تەپەككۇر قىلىش ھاجەتسىز ھالەتكە كىرىدۇ، كىشىلەرنىڭ لوگىكا تەشكىللىشىگىمۇ، ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلىشىغىمۇ ھاجەت قالمايدۇ.

مەلۇم بىر ئىشلەتكۈچى: «بەزىدە 2 سائەت تېلېفون سۈرۈپمۇ، نېمىنى كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن» دەپ ئوچۇق ئېيتقان.

بۇ خىل نۆل تۇنۇش تەننەرخىگە ئىگە، مەقسەتسىز، تۆۋەن ئۆزلىكىدىن بولغان سىيرىش ئەندىزىسى، شەخسنىڭ ئاكتىپ تەپەككۇر قىلىش ئارزۇسىنى تەدرىجىي يوقىتىپ، مېڭىنى ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەن قۇۋۋەتلىك ھالەتتە تۇرغۇزىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى خۇددى ماشىنا «داتلىشىپ كەتكەن» گە ئوخشاش، قايتا ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، يېتەرلىك جانلىق ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.

2.2. تۆۋەن سۈپەتلىك مەزمۇنلارنىڭ يامرىشى.

«3 سېكۇنتتا كۆزنى تۇتۇۋېلىش، 5 سېكۇنتتا قىممەت يارىتىش»تىن ئىبارەت ئېقىم مىقدارى (Traffic) قائىدىسى، نۇرغۇنلىغان قۇرۇق، تۆۋەن سۈپەتلىك مەزمۇنلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مەسىلەن، كىنو-تېلېۋىزىيە شەرھى تۈرىدىكى «ئۇزۇن كىنونى ئۈچ مىنۇتتا سۆزلەپ بولىدىغان» (تاماق يېگەچ كۆرىدىغان سىنلار) نى مىسالغا ئالساق، كلاسسىك ئەسەرلەرنى پارچىلاش ئارقىلىق، «مەدەنىيەت تېز تامىقى» شەكلىدە بايان قىلىش لوگىكىسى ۋە ئۆز ئالدىغا تەپەككۇر قىلىشنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، مېڭىنى تېز ئالمىشىدىغان كۆرۈنۈش ۋە يوچۇقسىز ئۇلانغان ھېسسىيات غىدىقلىشى ئىچىدە تېيىز تۇنۇش يولىغا تايىنىۋېلىشقا كۆندۈرۈپ قويىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، شەخس تاراتقۇ سۇپىلىرى تەۋسىيە قىلغان ئۇچۇر سۈپىتىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ، «قۇرۇق قېلىشتىن قورقۇش كېسىلى» شەخسنى پايدىسىز ئۇچۇرلارنى مېخانىك سۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، مېڭىنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۇزۇن مۇددەت تۇنۇش يۈكى ئېغىر ۋە ھارغىن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «تۆۋەن سۈپەتلىك ئۇچۇرلارنى تاللاش تەننەرخى شەخسنىڭ %52 تۇنۇش بايلىقىنى ئىگىلىۋالىدىكەن».

ساختا ئېلان، ماۋزۇۋازلىق، تور زوراۋانلىقى ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشتىكى مەزمۇنلار شەخسنىڭ سىگنال-شاۋقۇن نىسبىتى (Signal-to-noise ratio) بوسۇغىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ھامان، ئۇنىڭ تۇنۇش ئېلاستىكىلىقى داۋاملىق زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئاخىرىدا شەخسنى ھارغىنلىق، بوشىشىش ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. قىسمەن تۆۋەن سۈپەتلىك مەزمۇنلار قارىماققا سەزگۈ ئەزالىرىنى قاندۇرغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت قوبۇل قىلىش ئادەمنى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل، تەپەككۇرى پاسسىپلىشىپ، كەيپىياتى ئاسانلا سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

2.3. ئۇچۇر يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشى.

مېڭە دېڭىزدەك كۆپ ئۇچۇرلارنى پاسسىپ بىر تەرەپ قىلغاندا، ئىنسانلار تېيىز ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئەندىزىسىنى قوزغىتىپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچۇر يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشى تور مۇھىتىدا ئۈچ ئۆلچەملىك ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىدىكەن:

(1) ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش چېكىدىن ئېشىش (مەسىلەن، دېڭىزدەك كۆپ پارچە-پۇرات مەزمۇنلار)

(2) ئالاقە بېسىمىنىڭ توپلىنىشى (ئۇچۇرغا جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت)

(3) سىستېما مۇرەككەپلىك يۈكى (تېخنىكىلىق ئىقتىدارلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى)

مەلۇم بىر تورداش مۇنداق دەپ ئاغرىنغان: «10 پارچە چوڭقۇر خەۋەرنى كۆرۈشكە كېتىدىغان زېھىن، ھازىر 300 قىسقا سىننى سۈرۈشكە يېتىدۇ — لېكىن ئالدىنقىسىدا كۆز قاراشنى ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ، كېيىنكىسىدە پەقەت پارچە-پۇرات كۆرۈنۈشلەرلا قالىدۇ.»

تاراتقۇ سۇپىلىرى توختاۋسىز بىر ئۇچۇر ئېقىمى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، ئىشلەتكۈچى ئۈزلۈكسىز دېڭىزدەك كۆپ ئۇچۇرلار ئىچىدە تۇرغاندا، «قۇرۇق قېلىشتىن ئەنسىرەش ← يېڭىلاشقا تايىنىۋېلىش» يولىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ خىل مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۇچۇر ئىگىلەش ئەمەلىيەتتە شەخسنىڭ ئۇچۇرلارنى بىرىكتۈرۈشى ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ.

2.4. ئۇچۇر غوزەك ئۆيى (Information Cocoon)

سۇپا ئالگورىزىمى تەۋسىيە قىلىدىغان «دەلمۇ-دەل يەم بېرىش»، ھەر بىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ تۇنۇش ئارىلىغا قاماپ قويىدۇ.

ئۇچۇر پىلىسى بولسا ئالگورىزىم تېخنىكىسىنىڭ «سۈزگۈچ كۆپۈكى» (Filter bubble) ئېففېكتى ئارقىلىق، ئىشلەتكۈچىنى مايىللىق يېتەكچىلىكىدىكى ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك ئۇچۇر مۇھىتىغا قۇلۇپلاپ، تۇنۇش دائىرىسىنىڭ داۋاملىق تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدۇر.

مەسىلەن، چولپان قوغلىشىشنى ياخشى كۆرسە، داۋاملىق غەيۋەت-شىكايەتلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ؛ تەشۋىشلىك تېمىلارغا كۆڭۈل بۆلسە، داۋاملىق ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. مەلۇم بىر ئىشلەتكۈچى بىر قېتىم «خىزمەتتىكى ئىچكى رىقابەت» (Involution) دەپ ئىزدەپ باققاندىن كېيىن، باش بەتتىكى %80 مەزمۇننىڭ تەشۋىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل «ئۆزىنى كۈچەيتىش» يېپىق ھالقىسى كىشىلەرنى كۆپ خىل كۆز قاراشلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، تەپەككۇرنى تەدرىجىي تار ۋە ئەسەبىي قىلىپ قويىدۇ.

«ھارغىن جەمئىيەت» نەزەرىيەسى شۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشكارىلىدىكى، ئۇچۇر غوزەك ئۆيى تەكرار غىدىقلاش دوپامىن مۇكاپاتلاش سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئىشلەتكۈچى ئۈنۈم، ئۆزىنى سىقىش ۋە داۋاملىق رىقابەتلىشىشنى زىيادە قوغلىشىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاخىرىدا تۇنۇش ئېلاستىكىلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە تەپەككۇرنىڭ تېيىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەدرىجىي ھالدا مۇرەككەپ رېئاللىققا بولغان سىستېمىلىق تۇنۇشنى يوقىتىدۇ.

2.5. ئېكرانغا قاراش ۋاقتىنىڭ زىيادە ئۇزۇن بولۇشى.

ئېكرانغا قاراش ۋاقتىنىڭ زىيادە ئۇزۇن بولۇشى شەخسنىڭ فىزىئولوگىيەلىك رېتىمى ۋە تۇنۇش بايلىقىغا كۆپ تەرەپلىمىلىك بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

(1) بىئولوگىيەلىك رېتىمنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە نېرۋا ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى.

ئېكران كۆك نۇرى مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تىزگىنلەپ، كېچە-كۈندۈز رېتىمىنى تەڭشەشكە دەخلى قىلىدۇ.

كۆرۈش نېرۋا ھۈجەيرىلىرى كۆك نۇرنىڭ 8 مىنۇت غىدىقلىشىغا ئۇچرىسا، بەدەننى 1 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىق ھاياجانلاندۇرۇپ، بىئولوگىيەلىك سائەتنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 1.3 لىيۇكس كۆك نۇرنىڭ يورۇتۇشى ئاستىدا، مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنىڭ توختايدىغانلىقىنى بايقىغان. ھالبۇكى بىز دائىم ئىشلىتىدىغان تاختا كومپيۇتېر، كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىق يورۇقلۇق مەنبەلىرى تارقىتىدىغان كۆك نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈكى 1.3 لىيۇكستىن خېلىلا يۇقىرى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېكرانى بار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى 2 سائەت ئىشلەتسىلا، مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىش سەۋىيەسى %22 تۆۋەنلەيدۇ.

(2) كۆرۈش سېزىمى يۈكى ۋە بىلىش بايلىقىنىڭ تۈگەپ كېتىشى

ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارغا بىۋاسىتە قاراش كۆزنىڭ قىسمەن كۆرۈش پوستلاق قەۋىتىنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېكرانغا بەك ئۇزۇن ۋاقىت تىكىلىپ تۇرغاندا كۆرۈش پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ، «كۆرۈش سېزىمى يۈكى ئېشىپ كېتىش»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كۆرۈش سېزىمى يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىجرا قىلىش بىلىش بايلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ خىزمەت ئەستە ساقلاش سىغىمىنى ئىگىلىۋېلىپ، لوگىكىلىق يەكۈن چىقىرىش ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرىقى بارلىق مېخانىزملار (بۇ مېخانىزملار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ) بىرلىكتە ئىشلەتكۈچىنى «بىلىش ئىقتىدارى تۈگەش ← تولۇقلاش خاراكتېرلىك ئېكران سۈرۈش»تىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا ئىتتىرىپ، ئاخىرىدا شەخسنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ھارغىنلىقتىن قۇرۇلمىلىق مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىگە قاراپ كېسەللىك خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


3. «مېڭە چىرىش»نىڭ ئاساسلىق زىيىنى

3.1. تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى

زىيان ئېنىقلىمىسى: تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ئاساسلىقى شەخسنىڭ مۇرەككەپ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ياكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ لوگىكىلىق يەكۈن چىقىرىش، تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە ئىجادچانلىق ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدە كۆرۈلىدۇ.

رېئال ئىپادىسى: مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ، ئۇچۇر سۈپىتىگە باھا بېرىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇپ، يۈزەكى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. مەلۇم ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى: «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىلىرىدە ‹قۇراشتۇرما› ماقالىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، 7-8 قىسقا سىن كۆز قارىشىنى تىزىپ چىقالايدۇ، ئەمما ئۇلارنى بىر پۈتۈن ئىسپاتلاش زەنجىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقالمايدۇ» دەپ ئىنكاس قىلغان.

شەكىللىنىش جەريانى: ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەگەر بىز ئۇزۇن مۇددەت پارچە-پۇرات، رىقابەتسىز، تۆۋەن سۈپەتلىك مەزمۇنلار ئىچىدە تۇرساق، مېڭىنى ئۇچۇرلارنى تېز قوبۇل قىلىشقا، ئەمما مېڭە ئىشلىتىپ ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز بولۇشقا كۆندۈرۈپ قويىمىز، بۇنىڭ بىلەن لوگىكىلىق بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى تەدرىجىي يوقىلىدۇ. بىر تەرەپتىن، سۇپا چەكسىز يېڭىلىنىدىغان كۆرۈنمە يۈزى ۋە كۆپ مىقداردىكى تەكرار مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ چەكلىك ۋاقتىنى داۋاملىق ئىگىلىۋالىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇچۇر يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئىشلەتكۈچىنى ئۇچۇرلارنى ئاكتىپ تاللاشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، قارىماققا سەرپ قىلىش كەتمەيدىغاندەك تۇيۇلىدىغان پاسسىپ قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاشقا مەجبۇرلايدۇ. بۇ خىل «بىلىدىغىنى كۆپ، چۈشىنىدىغىنى ئاز» ھالەت دەل بىزنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىمىزنىڭ چېكىنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

3.2. بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى

زىيان ئېنىقلىمىسى: بىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى شەخسنىڭ دىققەت، ئەستە ساقلاش، تىل ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە بوشلۇق سېزىمى قاتارلىق تەرەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ياكى قىسمەن چېكىنىش كۆرۈلۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ.

رېئال ئىپادىسى: بىر پارچە ئۇزۇن ماقالىنى ئوقۇپ بولغۇچە بېشى ئاغرىش، لېكسىيەنى 10 مىنۇتتىن ئارتۇق ئاڭلىسىلا خىيالى بۆلۈنۈش (بۇ ۋاقىت بەلكىم تېخىمۇ قىسقا بولۇشى مۇمكىن)، ھەتتا «ئوقۇش توسالغۇسى» كۆرۈلۈش — گەرچە ھەر بىر خەتنى تونىسىمۇ، ئابزاسنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش تەس بولۇش.

شەكىللىنىش جەريانى: بىرىنچىدىن، بىز ھەر كۈنى كۆپ مىقداردىكى تۆۋەن سۈپەتلىك مەزمۇنلار بىلەن ئۇچرىشىمىز، بۇ ھەم كۆپ مىقداردىكى بىلىش بايلىقىنى سەرپ قىلىدۇ، ھەم دىققەتنى چېچىۋېتىدۇ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇچۇرلارنىڭ قايتا-قايتا ئالمىشىشى مېڭە ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىشنى كونترول قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تېز رېتىملىق رەقەملىك تۇرمۇشتا، كىشىلەر بىلىمنى سىستېمىلىق چۈشىنىش ۋە قوللىنىشقا (مەسىلەن، كىتابنىڭ سىستېمىلىقلىقى، كۆپ ئۆلچەملىكلىكى، مۇقىم ماسلىشىش مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار) سەل قاراپ، تېيىز تۇنۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ. تۆتىنچىدىن، كىشىلەر ساقلىۋېلىش ئارقىلىق بىلىم تەشۋىشىنى يېنىكلىتىپ، بىر خىل «ساقلىۋالدىم = ئىگىلىۋالدىم» دەيدىغان ئۆزىنى ئالداشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بەشىنچىدىن، ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك ئۇچۇرلار تۇنۇش كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى چەكلەپ قويىدۇ. بۇ ئەندىزىلەر مېڭىنى يېتەرلىك رىقابەت ۋە ئۈنۈملۈك غىدىقلاشقا ئېرىشەلمەس قىلىپ، مۇستەھكەم بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تۇنۇش ماھارىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

3.3. سۇبيېكتىپلىق (ئۆزلۈك)نىڭ ئاجىزلىشىشى

زىيان ئېنىقلىمىسى: سۇبيېكتىپلىقنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۆزلۈك ئېڭى، ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ھېسسىيات ۋە ھەرىكەتنىڭ كۆپىنچە ئالگورىزىم ۋە سىرتقى سۈنئىي كونتروللۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.

رېئال ئىپادىسى: توردا كۆرسىتىلگەن كۆپ قىسىم مەزمۇنلار ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئىنچىكە پىششىقلانغان تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەقەت «گۈزەل خام خىيال» نىلا كۆرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كىشىلەر «يۇقىرىغا قاراپ ئىجتىمائىي سېلىشتۇرۇش» (مەسىلەن، تاشقى قىياپەت، بايلىق، مەنسەپ قاتارلىقلار) ئارقىلىق ئۆزىنى كەمسىتىپ، رېئال دۇنياغا چېقىلالمايدۇ، دىئالېكتىكىلىق قارىيالمايدۇ، نەتىجىدە ئۆزلۈك ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىقى تۆۋەنلەيدۇ.

شەكىللىنىش جەريانى: دېڭىزدەك كۆپ ھەم پارچە-پۇرات مەزمۇنلار بىزنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ؛ ئۇچۇر غوزىكى ئۆيى بىزنى ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك مەزمۇنلارنىڭ ئايلىنىشىغا قىستاپ، ئۇچۇر ئىزدەش ۋە تەنقىدلەش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي يوقىتىدۇ؛ ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەۋھۇم «مەن» بىلەن رېئال «مەن» ئوتتۇرىسىدا ياتلىشىش پەيدا بولۇپ، «مەن»نىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئامىللار ئاخىرىدا بىزنى ئۇچۇرلارنىڭ پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچىسىغا ئايلىنىشقا ئىتتىرىدۇ. بىز ئىزدىنىشنىڭ ئورنىغا «يەم بېرىلىش»كە كۆنۈپ قالغاندا، «سىزنىڭ ياقتۇرۇشىڭىز مۇمكىن» دېگەنلەر «مېنىڭ بىلگىم بار»نىڭ ئورنىنى ئالغاندا، ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى تەدرىجىي چېكىنىپ، «مەن»نىڭ سۇبيېكتىپلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.4. دىققەتنىڭ چېچىلىشى

زىيان ئېنىقلىمىسى: دىققەتنىڭ چېچىلىشى ئاساسلىقى شەخسنىڭ دىققىتىنى يىغىپ يەككە ۋەزىپىنى تاماملىيالماسلىقى، پات-پات مۇناسىۋەتسىز غىدىقلاشلارغا بۇرۇلۇپ كېتىشىدە ئىپادىلىنىدۇ.

رېئال ئىپادىسى: ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشىنى پات-پات تەكشۈرۈش، ھەر قايسى سۇپىلارغا بېرىپ «سۈرۈپ بېقىش» ئادىتى خىزمەت ياكى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەسلىدە 3 سائەتتىلا تاماملاشقا بولىدىغان ۋەزىپە، ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈش سەۋەبىدىن 8 سائەتكە ئۇزىراپ كېتىدۇ.

شەكىللىنىش جەريانى: بىرىنچىدىن، بىز تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر تەۋسىيە بىزنىڭ تۇنۇش بايلىقىمىزنىڭ قايتىدىن تەقسىملىنىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، سىجىل ئۇچۇر ئېقىمى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تەننەرخىنىڭ ئېشىشىنى (مەسىلەن، مېڭە ھارغىنلىقى) كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىشلەتكۈچى بىر نەچچە سېكۇنتتىلا بىر قېتىم تەدبىر بەلگىلەش ھالقىسىنى قوزغىتىپ، «ئېكران سۈرۈپ يېڭىلاش»نى ئاڭسىز ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. بىلىش كونترول بايلىقى داۋاملىق نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈلگەندە، مېڭە ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، مەسىلەن، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت نىشانىنى ئۇنتۇپ قېلىش، ۋاقىت سېزىمى بۇرمىلىنىش (ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى ھېس قىلىش بىلەن رېئال ۋاقىتنىڭ پەرقى بەك چوڭ بولۇش) كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا دىققىتىمىزنىڭ چېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.5. روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى (مەسىلەن، تەشۋىش، ھېسسىياتسىزلىق، يالغۇزلۇق)

زىيان ئېنىقلىمىسى: روھىي ساغلاملىق مەسىلىلىرى ئاساسلىقى ھېسسىيات جەھەتتە ياتلىشىش، تەشۋىش، چۈشكۈنلۈك، ھېسسىياتسىزلىق، يالغۇزلۇق قاتارلىق پىسخىك مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، شەخسنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدە ھەقىقىي ھېسسىيات سېلىنمىسى كەمچىل بولۇشى؛ كەلگۈسىنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا قارىتا سەلبىي ھېسسىيات ئىنكاسى؛ كىشىلىك مۇناسىۋەت باغلىنىشىنىڭ كەمچىللىك تۇيغۇسى (مۇناسىۋەت مول، ئەمما ھېسسىيات كەمچىل).

رېئال ئىپادىسى: «ئېكران سۈرۈش-قۇرۇقلىق ھېس قىلىش-تېخىمۇ بەك سۈرگۈسى كېلىش» تىن ئىبارەت يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش، تەشۋىش، قۇرۇقلىق قاتارلىق پىسخىك ھالەتلەرنى قوزغايدۇ. مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 18-25 ياشقىچە بولغان كېسەل كۆرسەتكۈچىلەر ئىچىدە، %47 كىشى «يانفوندىن ئايرىلسىلا يۈرىكى سالىدىغانلىقى» نى ئېيتقان، تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا ھارغىنلىق پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن — يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقىشىنى يوقىتىش، رېئال تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى يوقىتىش، روھىي جەھەتتىن ھېسسىياتسىز ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش.

شەكىللىنىش جەريانى: بىرىنچىدىن، ئۇزۇن مۇددەت زىيادە ئىشلىتىش ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە تۇنۇش ھارغىنلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ئېلاستىكىلىقنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، تاراتقۇلارنى زىيادە ئىشلىتىش سېزىم يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق «قۇرۇق قېلىشتىن قورقۇش» ۋە ھارغىنلىق پىسخىكىسىنى قوزغايدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھارغىنلىقى تەدرىجىي توپلىنىپ، ھېسسىياتسىزلىق قىزىقىشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، مەۋھۇم باغلىنىش ھەقىقىي ھېسسىيات سېلىنمىسىنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، «مۇناسىۋەت تويۇنغان، ئەمما مەنىسى قۇرۇق» بولغان زىددىيەتلىك ھالەتنى نامايان قىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، تاراتقۇ سۇپىلىرىنى زىيادە ئىشلىتىش ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قارىغۇلارچە يۇقىرىغا سېلىشتۇرۇپ، چۈشكۈنلۈك، تەشۋىش قاتارلىق پىسخىك مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەشىنچىدىن، شەخس تۈرلۈك بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قارشىلىق كۆرسىتىش خاراكتېرلىك پىسخىك مۇداپىئە پەيدا قىلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ھېسسىيات جەھەتتە چېكىنىش، پاسسىپ قوبۇل قىلىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەنھالىق، چۈشكۈنلۈك مايىللىقى ۋە مەۋجۇتلۇق تەشۋىشىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ. ئاخىرىدا، ئۇچۇر يۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ھارغىنلىق ۋە تەشۋىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ← ئالگورىزىمغا پاسسىپ تايىنىۋالىدۇ ← بىلىشنىڭ تارىيىشى ۋە سۇبيېكتىپلىقنىڭ يوقىلىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ ← ئاخىرىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، «مېڭە چىرىش»نىڭ بىزگە بولغان سەلبىي تەسىرى غايەت زور ۋە چوڭقۇر، بىز ھازىردىن باشلاپ بۇ خىل مەسىلىلەر ئېلىپ كەلگەن تەسىرگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، «مېڭە چىرىش»نىڭ زىيىنى يۇقىرىدا تىزىلغان مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

(ئىزاھات: قىسمەن زىيانلار ئوتتۇرىسىدا ئالدى-كەينى باغلىنىش ياكى ئۆز ئىچىگە ئېلىش مۇناسىۋىتى بار، بۇ يەردە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئانالىز قىلىنمايدۇ.)


4. «مېڭە چىرىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

«مېڭە چىرىش» ھادىسىسىنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر بارغانسېرى پاسسىپ، ھارغىن، ھېسسىياتسىز، يالغۇز ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى، بۇ بىزنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك كىتابلار ۋە كۆپ خىل ماتېرىياللار ئارقىلىق، ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىقتۇق.

4.1. مۇستەقىل، سەگەك ئۆزىنى تىزگىنلەش ئېڭىنى ساقلاش

تېلېفوننى قولىمىزغا ئالماقچى بولغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، بىز ئۆزىمىزنى دەرھال ئۆز ئېڭىنى قوزغىتىشقا، ئەقلىي ئانالىز قىلىشقا مەشىق قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

(1) تېلېفوننى ئېلىشتىن بۇرۇن، ئاڭلىق ھالدا «ئۆزىدىن سوئال سوراش پەيتى»نى تەڭشەش:

  • بۇ تاپتا تېلېفوننى ئېلىشىم نېمە ئۈچۈن؟
  • بۇ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلىدىغان بىر خىل ئادەت خاراكتېرلىك ھەرىكەتمۇ؟
  • ئۇچۇرنى چوقۇم ھازىر كۆرۈش كېرەكمۇ؟
  • مەن ئېھتىياجلىق ئۇچۇرغا قەيەردىن ئېرىشەلەيمەن؟
  • بۇ تاپتا سۈرىدىغان ئۇچۇرنىڭ ماڭا قىممىتى بارمۇ؟
  • بۇ تاپتا تېلېفوننى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلىتىشىم كېرەك؟

(2) تېلېفون ئىشلەتكەندە، ئاڭلىق ھالدا «مەقسەت تىزىملىكى»نى تەڭشەش:

ئەگەر تېلېفون ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا، ھەر قېتىم قۇلۇپنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىش نىشانىنى (مەسىلەن، ماتېرىيال ئىزدەش / ئۇچۇر قايتۇرۇش) ئىچىدە تەكرارلاپ، مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلارنىڭ باشلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

(3) ھەر كۈنى ئاڭلىق ھالدا «تورسىز ۋاقىت» تەڭشەش:

تاماق يېگەندە تېلېفوننى كۆرۈش دائىرىسىدە كۆرۈنمەيدىغان يەرگە قويۇپ، زېھنىنى يېمەكلىكنىڭ تەمىنى تېتىش ۋە چايناش رېتىمىغا مەركەزلەشتۈرۈش.

ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى مېھمانخانىغا قويۇپ، تېلېفوننىڭ ئورنىغا كارىۋات بېشى سائىتى ئىشلىتىش.

ھاجەتخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن تېلېفوننى قەستەن ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار.

(4) ئاڭلىق ھۆكۈم قىلىش

يانفون كۆرۈنمە يۈزىگە تەۋسىيە قىلىنغان بارلىق مەزمۇنلارغا قارىتا، بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى، بۇ مەزمۇننىڭ راستلىقى قانداق، بۇ مەزمۇن ئۆزى ئېھتىياجلىقمۇ-يوق، بۇ مەزمۇننىڭ لوگىكىسىدا مەسىلە بارمۇ-يوق، جۈملىلىرىدە كېسەللىك بارمۇ-يوق، كۆز قارىشى زىيادە بىر تەرەپلىمىمۇ-يوق، مەزمۇنى توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنمۇ-يوق دېگەنلەرگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

ئەلۋەتتە، يۇقىرىقى مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۆزىنى تىزگىنلەش ئېڭى «مېڭە چىرىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلىدۇ. ئۆزى ئاڭلىق ھالدا تېلېفون ئىشلىتىش قېتىم سانىنى تىزگىنلەش، ئاڭلىق ھالدا مەزمۇن سۈپىتى، راستلىقى قاتارلىقلارغا ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، تەدرىجىي ئاڭلىق ھالدا تېلېفون كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇپ، ئاڭسىز ئېكران سۈرۈشتىن ئىبارەت ھەرىكەت ئادىتىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

4.2. كۈندىلىك قەغەز كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى بېكىتىش

ئەمەلىي كىتابلار چوڭقۇر تەپەككۇر ۋە ئويلىنىشنى مەشىق قىلدۇرىدىغان ئۈنۈملۈك قورال. بىز ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەزى كلاسسىك قەغەز كىتابلارنى ئوقۇشىمىز كېرەك. ئەدەبىي ئەسەرلەر، لوگىكىسى چوڭقۇر ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرى (مەسىلەن، «پەلسەپە. ئىلىم-پەن. ئادەتتىكى ساۋات»، «دۇنيا قاراش»، «ئىلىم-پەن ئىنقىلابىنىڭ قۇرۇلمىسى») قاتارلىقلارنى ئوقۇش كېرەك.

مەلۇم ئوقۇرمەن مۇنداق دېگەن: «قەغەز كىتاب ئوقۇغاندا، بەلگە سېلىش، بەت قاتلاش، ئىزاھات يېزىش جەريانى تەپەككۇر ئىزلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىدۇ، بۇ ئېلېكترونلۇق ئوقۇش ئورنىنى باسالمايدىغان تۇنۇش مەشىقىدۇر.»

نۇرغۇن كىتابلارغا ئاپتورنىڭ كۆپ يىللىق كىشىلىك ھايات تەپەككۇرى، تەسىراتى، ھېس-تۇيغۇلىرى مۇجەسسەملەنگەن، بىز كىتابنىڭ نىسبەتەن سىستېمىلىق، قۇرۇلمىلىق، لوگىكىلىق مەزمۇنى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى، تەسىراتى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىمىزنى مەشىق قىلدۇرساق ۋە يېتىلدۈرسەك بولىدۇ.

4.3. پارچە ۋاقىتنى رېئاللاشتۇرۇش

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۈندىلىك ئەمەلىي كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى بېكىتىشتىن باشقا، يەنە ئەسلىدە قىسقا سىن سۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان پارچە ۋاقىتلارنى (مەسىلەن، قاتناشتا، ئۆچرەتتە تۇرغاندا) ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ھاجەتسىز بولغان يېنىك پائالىيەتلەرگە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، مەسىلەن، خاتىرە دەپتىرىگە كۈندىلىك ئۈچ كىچىك نەتىجە، تەسىراتى چوڭقۇر ئىش، گۈزەل ئىشلارنى يېزىش ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتقا (مەسىلەن، دەرەخ، شامال، قۇياش نۇرى) دىققەت قىلىش.

سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن رېئاللىقنىڭ بىۋاسىتە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق، ئاڭلىق ھالدا رېئال دۇنيانى ھېس قىلىش كۈچىنى قايتا قۇرۇپ، تەپەككۇرنىڭ ئالگورىزىم تەۋسىيە قىلغان پارچە-پۇرات ئۇچۇرلار تەرىپىدىن داۋاملىق ئىگىلىۋېلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

4.4. ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى تاللاش

بىز ئۆز ئېڭىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش «پىرامىداسى»نى قۇرۇپ چىقساق بولىدۇ:

(1) ئاستىنقى قەۋەتتىكى ئۇچۇرلار كۆڭۈل ئېچىش، مەسىلەن، ھەر كۈنى 45 مىنۇتتىن ئاشۇرماسلىق.

(2) ئوتتۇرا قەۋەتتىكى ئۇچۇرلار ئەمەلىي ماھارەت (مەسىلەن، كەسىپ دوكلاتى، چوڭقۇر ئانالىز، كەسپىي ساھە مەزمۇنلىرى).

(3) ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۇچۇرلار ئىدىيەۋى، تەپەككۇر خاراكتېرلىك مەزمۇنلار (پەلسەپە، ئادىمىيەت قاتارلىق مەزمۇنلار).

چوڭقۇر مەزمۇنلۇق سۇپىلارغا دىققەت قىلىش ياكى كەسپىي ساھەدىكى ژۇرناللار، چوڭقۇر ئانالىز قىلىدىغان بلوگگېرلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇشتەرى بولۇش ئارقىلىق، نىسبەتەن پۇختا، ئىلمىي مەزمۇنلارغا ئېرىشىش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، بىز ھەر ھەپتىدە 10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى دىققەت قىلىش تىزىملىكىنى تازىلىساق بولىدۇ، ھېساباتلارنى ئۈچ تۈرگە ئايرىيمىز: ① يۇقىرى چاستوتىدا كۆرىدىغان ئەمما ئەمەلىي قىممىتى يوق ھېساباتلارنىغا (مەسىلەن، ساپ كۆڭۈل ئېچىش) ئەگىشىشتىن توختىتىش؛ ② بىلىم تۈرىدىكى ھېساباتلارنى كېيىن ئوقۇشقا ئۆزگەرتىش (مەسىلەن، شەخسىي بىلىم ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئوقۇش)، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىمكانقەدەر ئاساسلىق كۆز قاراشلارنى شەخسىي خۇلاسە ئارقىلىق خاتىرە قىلىپ چىقىرىش؛ ③ ئەلا سۈپەتلىك چوڭقۇر مەزمۇن مەنبەسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تەڭشەش.

ئۇچۇر مەنبەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاش ئارقىلىق تۆۋەن سۈپەتلىك مەزمۇنلارنىڭ پاسسىپ يەم بېرىلىشىنى ئازايتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىممەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش يولىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

4.5. ئۇچۇر غوزىكى ئۆيى (Information Cocoon) تەڭشىكىنى بۇزۇپ تاشلاش

ئۇچۇر غوزىكى ئۆيىنىڭ پەيدا بولۇشى سۇپا ئالگورىزىمىنىڭ تەۋسىيەسى سەۋەبىدىن بولىدۇ، شۇڭا، بىز ئالگورىزىمغا قارشى مېڭىشىمىز كېرەك.

(1) ئالگورىزىم تەۋسىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقاش

بىز تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارىنى تاقاشنى تاللاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ ئۇچۇر ئېرىشىشكە تايانساق، مەلۇم دەرىجىدە پاسسىپ مەزمۇن قوبۇل قىلىش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالگورىزىمنىڭ ئۇچۇر چېگراسىنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

(2) ئوخشىمىغان ساھەدىكى مەزمۇنلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەش

بىز ئوخشىمىغان بىر قانچە ساھەدىكى بلوگگېرلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىققەت قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئەدەبىيات تۈرىدىكى، يېزا ئىگىلىك تۈرىدىكى ھېساباتلارغا مۇشتەرى بولسا، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى پەن-تېخنىكا تۈرىدىكى، تېببىي تۈرىدىكى ھېساباتلارغا دىققەت قىلسا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك مەزمۇنلارنىڭ كۆپ مىقداردا ئۆز كۆرۈنمە يۈزىگە كىرىۋېلىشىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ.

(3) ئۇچۇر ئىزدەش ۋە دەلىللەش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش

يەككە سۇپىنىڭ تەۋسىيەسىگە تايىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز سۇپا ھالقىپ، يول ھالقىپ (مەسىلەن، كەسپىي تور بېكەتلەر، كىتابلار، تورسىز پائالىيەتلەر) كۆپ مىقدارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشسەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز تاراتقۇ ئۇچۇرلىرىغا قارىتا مەلۇم گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز، ھېسسىياتلىق ماۋزۇلار ۋە ساختا مەزمۇنلاردىن ھوشيار بولۇشىمىز، زۆرۈر تېپىلغاندا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مەزمۇننىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى دەلىللىشىمىز كېرەك.

4.6. ئېكران ۋاقتىنى كونترول قىلىش

بىز تېلېفوننىڭ ئۆزىدىكى «تېلېفوننى ساغلام ئىشلىتىش» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى ئەپلەرگە قاتتىق ۋاقىت چەكلىمىسى قويۇش، ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلېفون ئىشلەتمەسلىك ۋاقتىنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كونترول قىلىشقا ياردەم بەرسەك بولىدۇ. ئەلۋەتتە تەڭشەش بىر تەرەپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنىلا مۇستەقىل، سەگەك ئۆزىنى تىزگىنلەش ئېڭىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېلېفون ئىشلىتىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانىنى كونترول قىلىش كېرەك.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، مۇستەقىل ۋە سەگەك ئۆزىنى تىزگىنلەش ئېڭىنى ساقلاش (ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ پۈتكۈل يولىغا سىڭدۈرۈلىدۇ)، كۈندىلىك قەغەز كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى بېكىتىش، پارچە ۋاقىتنى رېئاللاشتۇرۇش (مەسىلەن، يېنىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق پارچە ۋاقىتنىڭ ئورنىنى ئېلىش)، ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى تاللاش، ئۇچۇر غوزىكى ئۆيىنىڭ ئالدىن تەڭشىكىنى بۇزۇپ تاشلاش ھەمدە ئېكران ئىشلىتىش ۋاقتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق «مېڭە چىرىش» مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال ھەل قىلىش كېرەك.


5. ئاخىرقى سۆز

تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ مېخانىزم لايىھەسى (مەسىلەن، ئالگورىزىم تەۋسىيەسى، چەكسىز سۈرۈش، چېگراسى بولماسلىق)، ئىشلەتكۈچىنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسى (مەسىلەن، قۇرۇق قېلىشتىن قورقۇش، كۆپ ۋەزىپىنى بىر تەرەپ قىلىش، پاسسىپ قوبۇل قىلىش، بەك كۆپ تەپەككۇر قىلىش ھاجەتسىز بولۇش) بىلەن سۇپا مەزمۇنلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى (مەسىلەن، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولماسلىق، ئوخشاش خۇسۇسىيەتلىك، تۆۋەن سۈپەتلىك) بىرلىكتە شەخسنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ۋە روھىنىڭ سىستېمىلىق چېكىنىشى — «مېڭە چىرىش»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تېخنىكا زادى ئىنسانلارنى ئازاد قىلىۋاتامدۇ ياكى چەكلەپ قويۇۋاتامدۇ؟ — بۇ سوئالغا بەلكىم بىرلىككە كەلگەن جاۋاب بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى: ئاڭسىز، تىزگىنسىز ھالدا ئېكران سۈرۈش بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ تىنچلىنىش بوشلۇقىنى بارغانسېرى تارايتىۋېتىدۇ.

«مېڭە چىرىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش رەقەملىك مەدەنىيەتنى رەت قىلىش ئەمەس، بەلكى ئادەم بىلەن تېخنىكا ئوتتۇرىسىدىكى ساغلام مۇناسىۋەتنى قايتا تۇنۇش ۋە ئورنىتىشتۇر. خۇددى بىز تېز تاماق يېسەك بولىدۇ، ئەمما پەقەت تېز تاماقلا يېسەك بولمىغاندەك؛ بىز لىفىتقا ئولتۇرساق بولىدۇ، ئەمما قانداق مېڭىشنى ئۇنتۇپ قالساق بولمىغاندەك.

شۇڭا، كېيىنكى قېتىم ئېلېكترونلۇق ئېكراننىڭ قۇلۇپىنى ئاچماقچى بولغاندا، بىز ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان سوئاللارنى تەڭشىسەك بولىدۇ، مەسىلەن: بۇ تاپتا مەن ئۈچۈن قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ؟

ھەممىمىزنىڭ «مېڭە چىرىش»نىڭ زىيىنىنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يېتىپ، مۇستەقىل، سەگەك ئۆزىنى تىزگىنلەش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئېڭى بىلەن، يېڭىچە ئۇسۇلدا مەۋھۇم ۋە رېئال دۇنياغا قايتا سىڭىشىپ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىمىزنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمىز.

سالونىمىزغا مۇشۇنىڭدەك ئۇزۇن ماقالىلەرنى نېمىشقا يوللايدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىڭلارمۇ؟

ئاخىردا ئەنگلىيە تىياتىرى «قارا ئەينەك» 《黑镜》(Black Mirror) نى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ تىياتىردا يۇقاردا دېيىلگەنلەر سەنئەت يۈكسەكلىكىدە نامايان قىلىنغان.


مەنبەسى: ئالپ سالونى