قارا بۇقا
قارا بۇقا (خەنچە: Hālà pǔhuá/哈剌普華 ياكى Hélá pǔhuá/合剌普華؛ ت. ؟— ئۆ. ؟) موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر گېنېراللىرىنىڭ بىرى ۋە ئىدىقۇتلۇق يۇلىن تېمۇرنىڭ (岳璘帖穆爾) سەككىزىنچى ئوغلى.
ھەققىدە
[تەھرىر]تېگى قۇچۇلۇق، نۇرغۇن ئەلەمدار قەلەمدارلار يېتىشكەن ئېسىلزادە ئائىلىدىن كېلىپ چىققان قارا بۇقانىڭ قاچان توغۇلۇپ قاچان ئۆلگەنلىكى ئېنىق ئەمەستۇر. قارا بۇقانىڭ ئاتىسى يۈەن سۇلالىسىنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىدىن يۇلىن تېمۇر دېگەن زات بولۇپ، ئۇ ئۆسمۈرلۈك يىللىرىدا ئانىسى ئادۇن (奧敦氏) خاتۇن بىلەن يىدۇدا (بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭجۇ ناھىيەسى) تۇرغان. ئاتىسى بولسا باۋدىڭ دېگەن يەردە ياساۋۇللۇق يارغۇنچى (ئالىي سوتچى) ئىدى. قارا بۇقا ئاتىسىغا ئۆزىنىڭ ئىلىم ئېلىش ئىشتىياقى بارلىقىنى ئىزھار قىلغاندىن كېيىن، ئاتىسى ئۇنى ئۇيغۇر تىلى (畏兀兒文)، نوم ۋە تارىخ بىتىكلەرنى (經史) ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ.
1261 - (جوڭتوڭ 2 -) يىلىنىڭ ئاخىرى شەندۇڭ يىدۇدىكى مىلىتارىست لى تەن قوزغىلاڭ كۆتۈردى (李璮之亂)، قارا بۇقانىڭ ئانىسى بۇ مالىمانچىلىق ئىچىدە كىچىك ئوغلى تۆرە بۇقانى (脫烈普華) ئېلىپ شەندۇڭنىڭ شەرقىدىكى دېڭ ۋە لەي ئايماقلىرىغا پاناھ تارتىپ كەتتى. قارا بۇقا ئاكىسى تۇرمىش (都爾弥勢) بىلەن بىرگە تاغىسى ساجىسى (撒吉思) غا ئەگىشىپ 1262 - يىلى 8 - ئايدا قوزغىلاڭنى بېسقتۇرغاندىن كېيىن، ئانىسىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتتى. ساجىسى قارابۇقانىڭ قابىلىيەتىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ قۇبىلايخانغا قاتتىق ماختىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇبىلايخان ئۇنى ئۆزىنىڭ خاس قوغدىغۇچىلىرى بولغان قىشىغتاي (宿衛\怯薛歹) تەيىنلىدى. كېينچە ئۇنىڭغا ئالتۇن تەمتەك بېرىپ يىدۇغا تەۋە سىجياۋ تېغى ئېتىكىدە قۇرۇلغان گۇاڭشيڭ ۋە شاڭشەن قاتارلىق ئىككى تۈمۈر ئوچىقىغا نازارەتچى بەگ قىلىپ تەيىنلىدى. ئەمما كېيىن ئۇ بۇ ۋەزىپىسىنى ئىنىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
موڭغۇل قوشۇنلىرى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلغاندا، قارا بۇقاغا 15000 ئەسكەر بېرىلىپ، يېمەك - خەشەك تەمىناتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقاسەپ خىزمىتىگە تەيىنلەندى. سۇڭ سۇلالىسى يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇ قۇبىلايخانغا مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، سابىق جەنۇبىي سۇڭ زېمىنىدا مەمۇرىي تەڭشەش، تەپتىش، مەكتەپ ئېچىش، تۈزۈم ئورنىتىپ باشقۇرۇشىنى تەرتىپكە سېلىپ جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خاننىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشتى.
200 مىڭ توننا گۈرۈنچ خەنگو (邗溝) قانىلى ئارقىلىق سارى ئۆزەن (خۇاڭخې) غا تۇشۇلۇش جەريانىدا كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئوندىن بىر (1\10) ئاشلىق زىيان بولدى. پەرغانە ئەسىللىق ۋەزىر ئەھمەد بەناكەتى (احمد بَناکَتی یاكى احمد فناکتی) بۇيرۇق قىلىپ، قارا بۇقادىن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. قارا بۇقا تۆلەم تۆلەشكە قارشى چىقىپ، ئەھمەدنىڭ چىقىشىغا تىگىپ قويدى ۋە نىڭخەيلۇغا دارۇغاچى (達魯花赤) تەيىنلەندى. كېيىنچە جياڭشى\江西 (جياڭنەن ئايمىقى\江南道 دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قۇتاتقۇچىبېگى (宣慰使) تەيىنلەندى، لېكىن مەنسەپكە تېخى مەنسەپكە ئولتۇرماي تۇرۇپلا گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى تۇز تۇشۇش ئەلچىسى (運鹽使)، ھەمدە بارلىق ئايماقلارنىڭ دېڭىز سودىسى مەسئۇلى قىلىپ تەيىنلەندى.
چېن لياڭچېن (陳良臣) ئىسىملىك تۇز ئەتكەسچىسى جياڭشىدا دوگۇەن، شياڭشەن ۋە خۇيجۇلۇق تۈمەنلىگەن كىشىنى يىغىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، جياڭشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قارا بۇقا بىلەن جازا بېگى (招討使) داشمان (答失蠻) نى ئوردۇ باشلاپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ۋە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. قارا بۇقا بۇ قالايمىقانچىلىقنى تۇز قانۇنىنىڭ نامۇۋاپىقلىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپ، خانبالىقتىن بۇ تۇز تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. قوزغىلاڭ ئوڭۇشلۇق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار بازىسىنى ئۆزى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن توپىلاڭچى ئەسكەرنى ئەسلىدىكى كەسپىگە قايتۇرۇپ، تالاپەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.
1284 (جىيۈەن\至元نىڭ 21) - يىلى ئوۋ نەنشى (歐南喜) ئۆزىنى پادىشاھ جاكارلاپ، ۋەزىر، جازا بېگى قاتارلىقلارنى تەيىنلەپ، ئونمىڭلىغان ئون تۈمەن (100،000) كىشىلىك قوشۇن تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قارا بۇقا چوڭ مارشال (都元帥) كېئربۇ قايا (課兒伯海牙)، قۇتاتقۇچى چوڭ مارشال (宣慰都元帥) بەي زۇ (白佐)، تۈمەنبېگى (萬戶王) ۋاڭ شوۋشىن (王守信) قاتارلىقلار بىلەن بۆلۈنۈپ قوشۇن تارتىپ جازا يۈرۈشى قىلدى.
ئوڭ قول ۋەزىر سۈگەتۇ (唆都) قوشۇن تارتىپ چامپا (占城)، جياۋجى (交趾\ۋيېتنام شەھرى) غا يۈرۈش قىلغاندا قارا بۇقا ئارقا سەپ تەمىنلەشكە مەسئۇل بولدى. ئۇلار دوڭگۈەن ― بولۇ (博羅) چېگراسىغا يېتىپ بارغاندا ئوۋ گو (歐狗) ۋە جوڭ مىڭلياڭ (鍾明亮) باشچىلىقىدىكى يۈەنگە قارشى ئىسيانچىلارغا دۇچ كەلدى. قارا بۇقا ئۇرۇشقا ئۆزى ئاتلاپ قاتتىق ئۇرۇشۇپ نەچچە ئونلىغان باندىنتنى ئۆلتۈرۈپ، دۈشمەنگە قەتئىي قارشى تۇرغان بولسىمۇ يەنىلا باندىتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئەل بولۇشنى قەتئىي رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جوڭشەن داۋىنىدا ئۆلتۈرۈلدى. شۇ كۈنى كېچىسى، خاتۇنى ھىتاي تۆرە (希台特勒氏) چۈشىدە ئۇنىڭ كېلىپ ئۆلۈم خەۋىرىنى بەرگەنلىكىنى كۆردى.
تۈتۈن پىرقىسى (戶部) دىۋان بېگى (尚書) ئۇنى تولۇق ساداقەتمەن تۆھپىكار ۋەزىر دەپ قەيت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا قوچو ئىنانچ تارقانى (高昌郡侯) ئۇتۇغاتى بېرىلدى، ساداقاتمەند (忠愍) ئاتىقى ئىنئام قىلىندى.
ئۇرۇق - ئەۋلادى
[تەھرىر]قارا بۇقانىڭ شيې ۋېنجى (偰文質\ئوگرۇنچى؟) ۋە يۈگرۈنچى ئاتلىق ئىككى ئوغلى بار ئىدى. جيئەن ھۇدۇدى (吉安路) دارۇغاچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چوڭ ئوغۇل شيې ۋېنجى (ئوگۇنجى) نىڭ بەش ئوغلى بولغان بولۇپ، ھەممىسىلا ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى (كېجۈ\科举) دىن ئۆتۈپ تەشرىپدار (جىنشى\进士) بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئابرويىنى يەنىمۇ يوقىرى كۆتۈرگەن.
شيې ۋېنجى «شيې» تەگئاتىنى بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپېراتورلۇقى قۇرغان ئاتا - بوۋىلىرى ياشىغان سېلېنگا دەرياسى (偰輦傑河) ئالغان بولۇپ ئېلىپ، تارىختا ئۇنىڭ جەمەتى گاۋچاڭ شيې جەمەتى دەپ ئاتالغان .
كىچىك ئوغۇل يۆ لۇنجى (يۈگرۈنچى) نىڭ شەنجو ئىسىملىك بىر ئوغلى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ماسامۇنې ۋە ئارسلان (ئەگېر سىلان) لارمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1345 ۋە 1348-يىللىرى تەيىنلەنگەن .
ئائىلە: گاۋچاڭ شيې ئۇرۇقى
[تەھرىر]- بوۋىسى: يوشمۇت (لاتىن: Yoşmut؛ خەنچە: 堊思弼/èsībì)
- تاغىسى: بىلگە بۇقا (لاتىن: Bilge buqa؛ خەنچە: 仳理伽普華/pǐlǐgā pǔhuá)
- ئاتىسى: يۇلىن تېمۇر (لاتىن: Yulïn temür؛ خەنچە: 岳璘帖穆爾/yuèlín tièmùĕr)
- ئاكىسى: ئىتمىش بۇقا (لاتىن: Itmiš buqa؛ خەنچە:益弥勢普華/yìmíshì pǔhuá)
- ئاكىسى: تۇدۇنمىش بۇقا(لاتىن: Tudunmiš buqa؛ خەنچە:都督弥勢普華/dōudūmíshì pǔhuá)
- ئاكىسى: قايجۇ بۇقا (لاتىن: Qaiǰu buqa؛ خەنچە: 懐朱普華/huáizhū pǔhuá)
- ئاكىسى: تۇرمىش (لاتىن: Turmiš؛ خەنچە:都爾弥勢/dōuěrmíshì)
- ئاكىسى: باسا بۇقا (لاتىن: Basa buqa؛ خەنچە:八撒普華/bāsā pǔhuá)
- ئاكىسى: ھىلاگۇ بۇقا (لاتىن: Hülegü buqa؛ خەنچە:旭烈普華/xùliè pǔhuá)
- ئاكىسى: قوساڭ (لاتىن: Qošang؛ خەنچە:各尚/gèshàng)
- قارا بۇقا (لاتىن: Qara buqa؛ خەنچە:合剌普華/hélá pǔhuá)
- ئوغلى: شيې ۋېنجى (偰文質/xiè wénzhì)
- نەۋرىسى: شيې جىجيەن (偰直堅/xiè zhíjiān)
- نەۋرىسى: شيې جېدۇ (偰哲篤/xiè zhédǔ)
- ئەۋرىسى: شيې شۈن (偰遜/xiè xùn)
- چەۋرىسى: شيې چاڭشوۋ (偰長寿/xiè chángshòu)
- چەۋرىسى: شيې يەنشوۋ (偰延寿/xiè yánshòu)
- چەۋرىسى: شيې فۇشوۋ (偰福寿/xiè fúshòu)
- چەۋرىسى: شيې چيڭشوۋ(偰慶寿/xiè qìngshòu)
- كۆكنەۋرىسى: شيې شۈن (偰循/xiè xún)
- چەۋرىسى: شيې مېيشوۋ (偰眉寿/xiè méishòu)
- ئەۋرىسى: شيې شۈن (偰遜/xiè xùn)
- نەۋرىسى: شيې چاۋۋۇ (偰朝吾/xiè cháowú)
- نەۋرىسى: شيې ليېچى (偰列箎/xiè lièchí)
- نەۋرىسى: شيې يۈلى (偰玉立/xiè yùlì)
- نەۋرىسى: شيې لىتەي (偰理台/xiè lǐtái)
- چەۋرىسى: شيې سى (偰斯/xiè sī)
- ئوغلى: يۈگرۈنچى (لاتىن: Yügrünči؛ خەنچە:越倫質/yuèlúnzhì)
- نەۋرە: شەنجۇ (善著/shànzhù)
- ئوغلى: شيې ۋېنجى (偰文質/xiè wénzhì)
- ئىنىسى: تۈكەللىق بۇقا (لاتىن: Tükellig buqa؛ خەنچە:独可理普華/dúkělǐ pǔhuá)
- ئىنىسى: تۆرە بۇقا (لاتىن: Töre buqa؛ خەنچە:脱烈普華/tuōliè pǔhuá)
- ئۇلۇغ تاغىسى: توقىش (لاتىن: Toqiš؛ خەنچە:多和思/duōhésī)
قەبرىسى
[تەھرىر]قارا بۇقانىڭ قەبرىسى بۈگۈن ج خ ج جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرى لياڭ شەھىرى (ناھىيە) كۇنلۇن تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 2002 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن بېرى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ بىرىدۇر.
مەنبەلەر
[تەھرىر]- باھائەددىن ئۆگەل\Bahaeddin Ögel: «سىنو-تۇركىكا: چىنگىزخان ۋە جۇڭگودىكى خانىداننىڭ تۈرك مۇشاۋۇرلىرى» ("Sino-Turcica: çingiz han ve çin'deki hanedanĭnĭn türk müşavirleri.") 1964
- ئابې تاكېئو: «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، ئىبۇندو كىتابخانىسى، 1950 (安部健夫『西ウイグル国史の研究』彙文堂書店、1950年)
- سۇڭ ليەن: «يۈەن سۇلالىسى تارىخى: 193 - جىلد»
- خې شاۋمىن: «يېڭى يۈەن سۇلالىسى تارىخى: 136 - جىلد»
- «موڭغۇل تارىخ قەيتلىرى 45 - جىلد»