Jump to content

قارا تېرەك

ئورنى Wikipedia

قارا تېرەك (ئىلمىي ئىسمى: Populus nigra) يەنە سۇۋادان تېرەك دەپمۇ ئ‍اتىلىدۇ. بۇ خىلدىكى تېرەك تېرەك تۈرلىرى ئ‍ىچىدىكى ئ‍ەڭ تۈز، ئ‍ېگىز ئ‍ۆسىدىغان، شەكلى ۋە رەڭگى چىرايلىق بولغان تېرەك تۈرلىرىنىڭ بىرى. قارا تېرەك ئ‍ەڭ ئ‍ېگىز ئ‍ۆسكەندە 40 مېتىر ئ‍ەتراپىدا ئ‍ۆسىدۇ. غولى ياكى شاخلىرى بولسۇن قەلەمنىڭ سېپىدەك تۈز ئ‍ۆسىدۇ. غولىنىڭ قوۋزاق، يۇپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگىمۇ قارىغا مايىل كۆكۈش بولىدۇ. شۇڭا قارا تېرەك دەپ ئ‍اتالغان. قارا تېرەكنىڭ غازىڭى چوڭ، ئ‍ېگىزگە قاراپ ئ‍ۆسىدۇ. قارا تېرەكنىڭ تۈۋىدە ۋە ئ‍وتتۇرا قىسمىدا يان شاخلىرى بولمايدۇ، ئ‍ېگىزلىگەنسىرى ھەر بىر مېتىر ئ‍ەتراپىدا بىر تال يان شاخلىرى بولىدۇ. يان شاخلىرىمۇ ئ‍ېگىزگە قاراپ تىك ئ‍ۆسىدۇ. قارا تېرەكنى قەلەمچە قىلىپ ئ‍ۆستۈرسە ئ‍ەڭ ياخشى ئ‍ۆسىدۇ. بىر يىللىق بولغان شېخىنى كېسىپ ئ‍ېلۋىلىپ، 20 سانتىمېتىر ئ‍ەتراپىدا قىلىپ توغراپ قىشتا ئ‍ورەككە كۆمۈپ توڭلىتىۋەتسە ناھايىتى ياخشى تۇرىدۇ. ئ‍ەتيازدا ئ‍ېتىزغا تىكىپ ئ‍ۇستىدىن سۇغۇرۋەتسە بىر يازدا بىر مېتىر ئ‍ەتراپىدا كۆكلەيدۇ. كېلەر يىلى ئ‍ەتيازدا ئ‍الدىنقى يىلى كۆكلىگەن شېخىنى تۈۋىدىن كېسۋەتسە ئ‍ىككىنچى يىلى تۆت مېتىر ئ‍ەتراپىدا ئ‍ۆسىدۇ. قارا تېرەك 30 يىل ئ‍ەتراپىدا ناھايىتى ياخشى ياغاچ ئماتىريالى بولىدۇ. ئ‍ۆيگە لىم قىلىشقىمۇ، ئ‍ۆي جاھازىلىرى ياساشقىمۇ بولىدۇ. ياغاچنىڭ رەڭگى ئ‍اق، سۈزۈك، يۈزى تەكشى، سۈپەتلىك بۇلۇپ، ھەر قانداق ئ‍ۇرۇندا بىمالال ئ‍ىشلەتكىلى بولىدۇ.