قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش

ئورنى Wikipedia

قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش

قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش يۈك قارشىلىقنىڭ ئۈسكۈنىدىن ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن يۈكنىڭ قارشىلىقى ۋە ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقى ئوخشاشلا ساپ قارشىلىق بولغان ئەھۋالنى مىسالغا ئالساق ، بۇ خىل ئەھۋالدا يۈكنىڭ قارشىلىقى ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقىدىن چوڭ ياكى كىچىك بولسا ئوخشاشلا ئىرىشكەن قۇۋۋەت بىرقەدەر كىچىك بولىدۇ ، پەقەت يۈكنىڭ قارشىلىقى ئىلىكىتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقى بىلەن تەڭ بولغاندىلا ، يۈك ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ئېرىشەلەيدۇ . بۇ خىل يۈك قارشىلىقى بىلەن ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقى تەڭلەشتۈرۈپ ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر « قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش » دىيىلىدۇ .

ئەگەر يۈكنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ ئىچكى قارشىلىقى «ساپ قارشىلىق » بولمىسا ، بۇ ۋاقىتتىكى تەڭلەشتۈرۈش بىرقەدەر مۇرەككەپ ، بۇ ۋاقىتتا قارشىلىق قىسمىنىڭ تەڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىپلا قالماستىن ، بەلكى ئېلېكتىر توسقۇنلۇق قىسمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنىڭ تەڭ بولىشى ، ئالامىتىنىڭ قارمۇ قارشى بولىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . ئېلېكتىر توسقۇنلۇقى -- سىغىم توسقۇنلۇق ۋە ئىندۇكتىۋ توسقۇنلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

سىگنال ئۇزاتقاندا ، يۈكنىڭ قارشىلىق توسقۇنلۇقنى ئۇزىتىش سىمىنىڭ قارشىلىقىغا تەڭ قىلىش ئەھۋالىمۇ «قارشىلىق تەڭلەشتۈرۈش » دىيىلىدۇ .

تېلېۋىزورنىڭ ئانتېناسىنىڭ قارشىلىقىنى تەڭلەشتۈرۈش مۇشۇ خىل ئەھۋالغا مۇناسىپ .