قارغايلىق كۆلچىكى

ئورنى Wikipedia

قارغايلىق كۆلچىكى(خەنزۇچە: 松树塘) شىنجاڭ قومۇل ۋىلايىتى گە جايلاشقان بۇلۇپ، قومۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 73 كىلومېتىر.

تۇنۇشتۇرۇلىشى[تەھرىرلەش]

قارغايلىق كۆلچىكى شىنجاڭ قومۇل ۋىلايىتى گە جايلاشقان بۇلۇپ، قومۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 73 كىلومېتىر. قارغايلىق كۆلچىكى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، بارىكۆل ۋە ئارا تۈرۈك چېگرىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000-1800 مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃-0.4، دائىم 6-ئايلاردا قار ياغىدۇ، 8-ئايدا قىرو چۈشۈش ھادىسلىرى كۆرۈلىدۇ.

مەنزىرىسى[تەھرىرلەش]

بارىكۆل قارغايلىق كۆلچىكى جەنۇبى تاغ، شىمال تەرىپى چۆپلىرى ياپيېشىل ئۆسكەن توپ-توپ بارىكۆل يايلاقلىرى، يەلپۈگۈچسىمان كەلكۈن چۆكۈندىسى قىيپاش دۆڭ ۋە تاغ قاپتىلى، جىلغا ئوتتۇرىسىدا بۈك-باراقسان ئۆسكەن قارىغاي، ئورمان ئىرەن دەرىخى، شەمشاد دەرىخى كەڭ تۈزلەڭ بويىغىچە سوزۇلىدۇ.

ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، بارىكۆل ناھىيە تەۋەسىدىكى ئورمان كۆلىمى 56 مىڭ گېكتارغا يەتكەن، تاغ چوققىسى يىلبويى ئاپئاق قار بىلەن پۈركىنىپ تۇرىدۇ.