قارىغۇ چاشقان ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

قارىغۇ چاشقان ئويۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قىزىقارلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئويناش ئۇسۇلى: قارىغۇ چاشقان ئويۇنىغا قاتنىشىدىغان بالىلار دۈگىلەڭ بىر سورۇن تۈزەپ ئولتۇرىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار ئىچىدىن بىرسىنىڭ كۆزىنى ياغلىق بىلەن تاڭىدۇ. كۆزى تېڭىلغان بالا قارىغۇ چاشقان بولىدۇ. يەنە بىر بالىنىڭ بىر قولىنى بىر پۇتىغا چېتىپ باغلايدۇ. باغلانغان بۇ بالا مۈشۈك بولىدۇ. ياشلار ئىچىدىكى ئويۇن باشقۇرغۇچى مۈشۈك بولغان بالا بىلەن قارىغۇ چاشقان بولغان بالىنى مەيدانغا يېتىلەپ ئەكىرىپ قويىدۇ. مۈشۈك بولغان بالا <مىياڭ> دېيىشى بىلەنلا ئويۇن باشلىنىدۇ. قارىغۇ چاشقان قېچىشقا باشلايدۇ. مۈشۈك بولغان بالا مەيدان ئىچىدە ئۈزلۈكسىز <مىياڭلاپ> تۇرۇشى كېرەك. قارىغۇ چاشقان بولغان بالا ئاشۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ مۈشۈكتىن قېچىپ تۇرىدۇ. مۈشۈك چاشقاننى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن، چاشقان ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر مۈشۈك بولغان بالا قارىغۇ چاشقان بولغان بالىنى تۇتۇۋالالىسا، چاشقان بولغۇچى بالا ئويۇن كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مۈشۈك بولغۇچى بالا قارىغۇ چاشقان بولغۇچىنى تۇتالمىسا، مۈشۈك بولغۇچى بالا ئويۇن كۆرسىتىدۇ. ئويۇن ئاشۇ تەرتىپ بويىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ ئويۇندا كىمنىڭ <مۈشۈك>، كىمنىڭ <قارىغۇ چاشقان> بولۇشىنى چەك ئارقىلىق بەلگىلەشكىمۇ بولىدۇ ياكى ئۆزلىرى خالاپ مەيدانغا چۈشسىمۇ بولىدۇ. ئويۇن قائىدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەر: قارىغۇ چاشقان ئويۇنىدا، چاشقان بولغۇچى كۆزىنى ئېچىۋېلىشقا، مۈشۈك بولغۇچى قولىنى پۇتىدىن ئاجرىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. مەيلى چاشقان بولغۇچى بولسۇن، ياكى مۈشۈك بولغۇچى بولسۇن، بالىلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ھاسىل قىلغان دۈگىلەك دائىرە ئىچىدە، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە (ۋاقىتنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ئۆزلىرى بېكىتىدۇ) مۈشۈك بولغۇچى قارىغۇ چاشقان بولغۇچىنى كۈتۈشى كېرەك. مۈشۈك بولغۇچى مەيدان ئىچىدە ئۈزلۈكسىز <مىياڭلاپ> تۇرۇشى، ھەرگىز قارىغۇ چاشقان يېنىغا كېلىۋېلىپ ئاندىن <مىياڭلىماسلىقى> لازىم. ئەگەر يۇقىرىدىكى تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىنسا، ئويۇننىڭ قىزىقارلىقى قالمايدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]