قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى
كۆرۈنۈش


قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى (رۇسچە: Казахская Советская Социалистическая Республика؛ قازاقچە :Қазақ Кеңестік Социалистік Республикасы\قازاق كەڭەستىك سوتسيالىستىك رەسپوبلىكاسى) 1917 - يىلىدىكى ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن قۇرۇلغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان 15 جۇمھۇرىيەتتىن بىرى.
1936 - يىلى 5 - دېكابردىن 1991 - يىلى 26 - دېكابرغىچە مەۋجۇت بولغان.

2 مىليون 717 مىڭ 300 كم2 لىق كۆلىمى بىلەن رۇسىيە سوۋېت فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتىدىن قالسا س س ج ئى نىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئىدى. باشبالىقى ئالمائاتا شەھىرى بولۇپ، قازاق س س ئى ج قازاق كومپارتىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلاتتى. كۈنىمىزدىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتى دەل شۇ توپراقلار ئۈستىگە قۇرۇلغان.