قاسساپلىق

ئورنى Wikipedia

       خەلقىمىز ئۆرپ – ئادىتى بويىچە گۆشى ھالال، دەپ قارالغان قوي، ئۆچكە، كالا، قوتاز، تۆگە، ئات قاتارلىق كۆندۈرۈلگەن ھايۋانلارنى، شۇنداقلا ئارقار، كىيىك، بۇغا – مارال قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ئېتىقاد قائىدىسى بويىچە سويۇپ گۆشىنى يېيىشكە ئادەتلەنگەن. مۇشۇنداق ماللارنى سويۇپ سېتىشنى كەسىپ قىلغۇچىلار‹‹قاسساپ›› دەپ ئاتالغان. خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، قاسساپلارنىڭ پىرى ئىمام جەئىفەر دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ نامىدا تارقالغان قاسساپلىق رىسالىسىدە: قاسساپلارنىڭ پاكىز، پاك، راستچىل بولۇشى، ھەپتىدە بىر قېتىم رىسالە نىزاملىرىنى ئوقۇپ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشى، مال سويغاندا تىغنى بىلەپ ئىتتىك تۇتۇشى، مالنىڭ ئايىغىنى باغلاپ، بېشىنى قىبلىگە قارىتىپ، تەگبىر بىلەن پىچاق سۈرۈشى، مالنىڭ قېنى چىقىپ بولغۇچە كۈتۈشى، پايدىنىڭ ئوندىن بىرىنى خەير – ساخاۋەت قىلىشى، سەمىمىيلىك بىلەن شاگىرت تەربىيىلىشى، گۆشنى كانارغا ئېسىپ قائىدە بويىچە تەرتىپ بىلەن پارچىلىشى ۋە ھارام دېيىلگەن بەزلىرىنى ئېلىپ تاشلىشى، بوغۇزلانمىغان، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكى، ساتماسلىقى، قان، ئۆت ۋە ئۆت قېپى، يۈرەكنىڭ ئىككى قۇلىقى، بەز، مىڭە قېپى، كۆزنىڭ قارىقى، مالنىڭ جىنسىي ئەزالىرى قاتارلىقلارنى كېسىپ تاشلىۋېتىشى... قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.

     قاسساپلىرىمىز بۇ نىزاملارغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىپ، بوغاز، كېسەل ماللارنى سويمايدۇ. مال سويغاندا مالنىڭ ئالدى ئىككى  پۇتى بىلەن ئارقا سول پۇتى (ئۈچ ئايىغى)نى قوشۇپ باغلاپ، رىسالە بويىچە بوغۇزلايدۇ. قېنى چىقىپ بولغاندا ئوڭ پۇتىنىڭ تىزىنىڭ ئۈستىدىكى تېرىدىن تۆشۈك ئېچىپ پۈۋلەپ، مالنىڭ تېرىسىنى قورسىقىدىن كارنىيىغا ئۇدۇللاپ يېرىپ، تېرىنى ئىككى تەرەپكە قايرىپ ئاجرىتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مالنىڭ بېشى، ئالدى ئىككى پاقالچىقىنى كېسىۋېتىپ، ئارقا پۇتىدىن كانارغا ئېسىپ تېرىسىنى تولۇق ئاجراتقاندىن كېيىن مالنىڭ قارنىنى يارىدۇ، قىزىلئۆڭگەچنى چىگىپ قويۇپ، ئاچچىق ئۈچەينى ئۈزمەي سېرىۋالىدۇ، ئاندىن ئىچ –  باغرىنى پىچاق تەگكۈزمەي ئايرىۋالىدۇ، ئۆپكە بىلەن چىققان يۈرەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا پىچاق ئۇرۇپ، يۈرەكنىڭ قېنىنى چىقىرىۋېتىدۇ. ئاخىرىدا مالنىڭ قارنىدىكى شىللىق ئەت، سېرىق سۇ ۋە گۆشكە چاپلاشقان قىللارنى تازىلاپ قائىدە بويىچە پارچىلايدۇ ياكى پەشلەيدۇ. قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى پۈتۈن كېسىۋالىدۇ، ئىچ مېيىنى بۆرەككە قوشۇپ تەكيىچىلەپ يۆگەپ قويىدۇ.

     ئۇستا قاسساپلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون مىنۇتتا بىر قوينى سويۇپ بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ مال سويۇش ئالاھىدىلىكى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇلار ھەر بىر مالنىڭ چوڭ –  كىچىك ئۇستىخان، ئۈگە قۇرۇلمىسىنىڭ جايلىشىشىنى ئىنتايىن پۇختا بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار مالنىڭ ئۇستىخان، ئۈگىلىرىنى سۇندۇرماي، گۆش بىلەن ئۇستىخاننىڭ تەڭلىمىسىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، ئەپچىللىك بىلەن ئاجرىتىپ، خېرىدارلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ. [1]

  1. ئاپتۇر: بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 03- 13 10:27؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-03/13/content_167161.htm