Jump to content

قاسىم تۇردى

ئورنى Wikipedia

قاسىم تۇردى (لەقىمى نۇرلۇپ)، ئەر، ئۇيغۇر، قارچۇغا يېزا قارچۇغا كەنتىدىن. ئارامغا چىققان ئىشچى،1912-يىلى قارچۇغا يېزىسىنىڭ شوتاڭ مەھەللىسىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە 12يېشىدىن باشلاپ دۆڭقۇتان يېزىسىنىڭ جىگدە باشلام باشلانغۇچ مەكتىپىدە ھەم ناھىيدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1944- يىلىدىن 1951-يىلىغىچە قارچۇغا يېزا چوڭ مەھەللە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1951-يىلى كورلا ئوقۇتقۇچىلار كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1959-يىلى شايار ناھىيسىگە كەتكەن. شايار ناھىيلىك يېمەك-ئىچمەك شىركىتىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن.1981- ئارامغا چىقىپ قاچۇغا يېزىسىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدا قوشاق تۈزگەن ۋە خەلق قوشاقلىرىنى توپلىغان. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر "تەكلىماكان"قاتارلىق نەچچە يۈز كۇپلىت قوشىقى ۋە "ئادىل شاھ"قاتارلىق چۆچەكلىرى بار.

مەنبەلەر

[تەھرىر]