قالپاققا تۇشلۇق «قىرغىز»لار غايىب زاماندا
قالپاققا تۇشلۇق «قىرغىز»لار غايىب زاماندا
ئەقلىي يېتىلىشى كېچىكىپ بوي تارتىپ قالغان كەپسىز بالىنى نازۇ - نېمەتلىك داستىخانغا قويۇپ بەرسەڭ، قىلىدىغان ئىشى پېتىقداش بولغىنى بولغان. «سەۋىيە» دەرىجىسىگە كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئېتىرازغا يەڭ تۈرگۈچە، سەۋىيە ئالدىدا ھەد – ھۇدۇدىنى بىلىدىغان قۇلاق موللىسى بولۇشمۇ بىر سەنئەت، بىر سەۋىيە، بىر دىت مەسىلىسى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھە دېگەندە تەنقىدىي كۆز قاراشلارغا ئولتۇرالماي كېتىدىغان، پەرقلىق سىياسىي نۇقتىئىنەزەرلەرگە ئەقلىي سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى، مۇھاكىمىلىق يوسۇندا زاكونلىشىشنى بىلمەي كالامپايلارچە ئىنكاس قايتۇرۇش (كاپشىش) قا خۇشتار نوپۇزپەرەسلىكنىڭ؛ تەنقىدنى قانداق يوسۇندا ئوقۇشنى، ئاڭلاشنى ۋە قانداق قوبۇل قىلىشنى بىلمىگەندىن سىرت، ئېپىنى كەلتۈرۈپمۇ بولسا جاۋاب قايتۇرۇشتا ساپاسى نۆلدىن تۆۋەنگە ساقىپ تۇرىدىغان تومپايلىقنىڭ؛ ئىجتىمائىي تەنقىد تىلى بىلەن سىياسىي تەنقىد تىلى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى پېتىقداپ كۈلكىگە قېلىشتىن ئايانمايدىغان پىكرىي گادايلىقنىڭ؛ يوق نوپۇزنىڭ ئارقىسىغا سىغىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى داھىيلىق سانايدىغان ئانارخىيلىق بەڭۋاشلىقنىڭ؛ ئىشى ئارتىپ كەتكەن قانسىق تەرەپبازلىق ۋە قوش ئۆلچەمچى قاشاڭ زېھنىيەتنىڭ تىپىك ئورنىكى بولغان بۈگۈنكى «ئەبگالاشقان موللىلىق» ئەسلىدىكى پەگاسىنى تاپالماي پەدە ئىزدەپ ئاۋارە ئوخشايدۇ.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى