قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بولالايسىز؟

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بولالايسىز؟


مۇھەممەد پەتھى نادىي.


بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم



ئالىملار ۋە دانالارنىڭ دوستلۇقنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ۋە ئەھمىيىتىگە دالالەت قىلىدىغان ناھايىتى ھېكمەتلىك سۆزلىرى بولۇپ، ئەبۇ ھىلالىل ئەسكىرى مۇنداق دېگەن:

دوستلۇق دېمەك، قەلىبلەرنىڭ بىر- بىرىنى ياخشى كۈرۈشكە ئىتتىپاقلىشىشىدۇر. ئەگەر ئىككى كىشى بىر- بىرىگە بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشسا، ئىچكى دۇنياسى بىلەن تاشقى كۈرۈنىشى بىرلەشسە دوست دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇ، يەنە مۇنداق دېگەن: دوستلۇق مېھرى مۇھەببەتنىڭ كۈچىدۇر.

ئەبۇ ئېلىي رەھىمەھۇللاھ: دوستلۇق قەلىبلەرنىڭ مېھرى – مۇھەببەت ئۈستىگە بىرلىشىشىدۇر دېگەن.

دوستلۇق بىر- بىرىگە، مېھرى- مۇھەببەت كۆرسىتىش ئۈستىگە قورۇلغان بولۇپ، ياسالمىلىق ياكى تەكەللۇپ بولماستىن بەلكى قەلب ئىشىدۇر. شۇڭا سىزنىڭ ئاغىزىڭىزدىلا دوستلۇق ئىزھار قىلىشىڭىز، ئەرزىمەس بىر دوستلۇق بولۇپ، ئۇنداق دوستلۇق زور كۈنلەردە پوت تىكىپ تۇرالمايدۇ. سىزنىڭ سەمىمىي دوستىڭىز، سىزگە ھەقىقى كۈيۈنگەن ۋە ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلغان كىشىدۇر.

دوستلۇق: پەقەتلا مېھرى – مۇھەببەت ئىزھار قىلىش بىلەنلا بولماستىن، بەلكى ئۇ مېھرى – مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ۋە توغرا نەسىھەت قىلىش دېمەكتۇر. چۈنكى نەسىھەت ئارقىلىق دوستىڭىزنىڭ ئەيىبى تۈزۈلىدۇ.

لېكىن نەسىھەت قىلدىم دەپ، دوستلۇققا تەسىر يەتكۈزۈدىغان قوپال ۋە يىرىك سۆزلەرنى قىلماسلىق، بەلكى مېھرى – شەپقەت ۋە كۆيۈنۈش ئىزھار قىلىش ئارقىلىق چىرايلىق ۋە گۈزەل بىر شەكىلدە نەسىھەت قىلىش كېرەك.


بالىلار تەربىيىسىدىكى بىپەرۋالىق ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش:

بالىلارنى تەربىيىلەش تۈنجى بولۇپ ئاتا- ئانىلارغا، ئاندىن قالسا ئوقۇتقۇچى ۋە تەربىيىچىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدىغان مۇھىم بىر مەسئۇلىيەت بولۇپ، بالىلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ۋە كىيىم كىچىكىنى بىرىش، بالىلارنى تەربىيلىگەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى بالا – تەربىيىسى بۇنىڭدىن ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىكتۇر.

ئىمامى ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بالىلار ئاتا- ئانىلار ئۈچۈن ئامانەتتۇر. بالىلارنىڭ قەلبى ھېچقانداق بىر نەرسە نەقىشلەنمىگەن ۋە ياكى رەسىممۇ سىزىلمىغان قىممەتلىك بىغۇبار بىر گۆھەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭغا نېمە سىزىشنى خالىسا شۇنى سىزغىلى ۋە قانداق ئىشلىتەي دېسە شۇنداق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. جۈملىدىن كىچىك بالىلار، كىچىكلىكىدە ياخشى ئىشلارغا ئادەتلەنسە، ياخشى ئىلىملەر ئۆگىتىلسە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت سائادەتكە ئىرىشىدۇ ۋە ئۇ ئېرىشكەن ساۋابقا ئاتا – ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى ۋە تەربىيلىگۈچىلىرىمۇ شېرىك بولىدۇ.

ئەگەردە، ئۇ بالا يامان ئىشلارغا كۆنۈپ قالسا، ھايۋانلارغا ئوخشاش تېپىپ قۇيۇپلا تاشلىۋېتىلسە ۋە ئەسكى ئادەملەردىن بولۇپ قالسا، ئاتا- ئانىسى ۋە تەربىيىچىلىرى گۇناھكار بولىدۇ.

ئەمما، دۇنيادا پەقەت بالىلىرىنى يېمەك- ئىچمەك، ئالىي كىيىم – كېچەك ۋە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ، بالىلىرىنىڭ گۈزەل – ئەخلاقلىق، ئىلىملىك يېتىشكەن ئادەملەردىن بولۇپ يىتىلىشىگە سەل قارىغان كىشىلەرنىڭ بالىلىرى يىتىم بالىلار ھىساپلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە ئەھمەد شەۋقى مۇنداق دېگەن:

ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ كېتىپ، يىتىم قالغان ،

دۇنيانىڭ جاپا مۇشەققەتلىرىدە خارلانغان كىشى يېتىم ئەمەس.

بەلكى ھەقىقى يىتىم ئاتا- ئانىسى ھايات ،

لېكىن ئاتىسى ئۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرالماي تاشلىنىپ قالغان بالا ھەقىقى يېتىمدۇر.

بەزەن: بالىلار تەربىيىسىدە ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋېتىش ياكى بىپەرۋالىق قىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بىرىدۇ.

مەسىلەن: بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى، يۇقىلاڭ ئىشلاردىن قورقۇتۇپ، ھەددىدىن زىيادە قورقۇنچاق قىلىپ تەربىيىلىسە، يەنە بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىمنى قورقماس ۋە شىجائەتلىك تەربىيەلەيمەن دەپ، باشقىلارنىڭ ھەق- ھۇقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىككىلەنمەيدىغان جىدەلخور، تەلۋە قىلىپ تەربىيلەيدۇ.

يەنە قىسمەن ئاتا- ئانىلار، بالىلىرى نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بىرىپ، ھېچقانداق تەلەپلىرىنى رەت قىلماي، راھەتپەرەس قىلىپ تەربىيىلىسە، يەنە بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار، خىراجەتتە ھەددىدىن زىيادە قىسىۋېلىپ بالىلىرى ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن ۋە كەمچىل ھېس قىلىدۇ. لېكىن ئەڭ توغرىسى ۋە ياخشىسى ھەممە ئىشنىڭ ئوتتۇراھال ۋە نورمال بولغىنىدۇر.


بالىلار بلەن دوستلىشىشنىڭ توغرا تەربىيىدىكى رولى:

بالىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە، ئۇلارنىڭ يېشىغا مۇناسىپ مۇئامىلە قىلىش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان مۇنداق دېگەن:

بالاڭ يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ بىلەن ئوينىغىن، يەنە بىر يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇنى تەربىيىلىگىن، يەنە بىر يەتتە يېشىدا بولسا ئۇنىڭغا دوست ياكى سەپداش بولغىن، دېگەن.

بۇ باسقۇچلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، دوستلۇق ياكى سەپداشلىق باسقۇچى بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ يېشى چوڭايغان ۋە ئەقلى يېتىلگەن، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا بايان قىلماقچى بولغان ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئىگە بولغان بىر باسقۇچ بولىدۇ.

بالىلارنىڭ بالاغەتكە يىتىش مەزگىلى، مىجەز خاراكتىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ناھايىتى قىيىن بىر مەزگىل بولۇپ، دىققەت قىلمىغاندا بالىلارنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بىرىدۇ. جۈملىدىن بۇ مەزگىلدە بالىلارغا بۇيرۇق ۋە چەكلەش ئارقىلىق نەسىھەت قىلغاندا بالىلار ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە بالىلاردىكى مەسىلىلەرنى بالىلار بىلەن دوست بولۇش ۋە يېقىنلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئەگەر بۇ مەزگىلدە بالىلار بىلەن دوست بولۇپ يېقىن ئۆتمىگەندە ۋە ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىمىغاندا، بالىلار  سىرتتىن ئۆزىنىڭ دەردىنى ئاڭلايدىغان ۋە مۇڭدىشىدىغان باشقا بىرىنى تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكن بۇ خىل ئۇسۇلنى تاللاش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇناسىپ تاللاش بولماستىن، بەلكى مەسىلە تېخىمۇ زورىيىپ قىينلىشدىغان بىر تاللاشتۇر.


قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بولالايسىز؟

ئەبۇلپۇدەيل ئۆزىنىڭ بىر شېئىرىدە: ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئاچىدىغان ئاچقۇچى بارلىقىنى، ئىشىكىنىمۇ ئۆز ئاچقۇچىسىدىن باشقا ئاچقۇچىدا ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، مەجبۇر ئاچماقچى بولغاندا ئاچقۇ ياكى ئىشىكنىڭ سۇنۇپ زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىز يۇقىرىدا بالىلار بىلەن دوست بولۇش مەزگىلىنىڭ ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يىتىش، ياكى ئاق – قارىنى، ياخشى – ياماننى پەرق ئىتىش ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش ۋاقتى ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋاقىتتا بالىلار دوستلىرى ئالدىدا ئۆز پىكرى ۋە گۈزەل سالاپىتىنى نامايان قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزگىلىدە بالىلىرىمىزغا بېخىللىق قىلماسلىقىمىز، بالىلىرىمىزنى ئۇلار قىزىقمايدىغان نەرسىلەرگە زورلىماسلىقىمىز كېرەك.


ئاتا- ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئورنىتىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى:

1- بالىڭىزغا مەلۇم دەرىجىدە ئەركىنلىك بېرىڭ. چۈنكى بالىلار كىچىكلىكىدە ئاتا- ئانىسى قانداق كىيىم سېتىۋالسا ۋە نىمىنى كىيگۈزسە شۇنى كىيىپ چوڭ بولىدۇ. لېكىن ئۇلار چوڭ بولغاندا ئۇلارغا تاللاش ئەركىنلىكى بىرىش، ئۇلارنى يېراقتىن كۈزىتىپ كونترول قىلساقمۇ چوڭ كىچىك ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقىمىز لازىم.

2- بالىلار بىلەن پاراڭ ياكى سۆھبەت خاراكتىرىدە سۆزلىشىش. چۈنكى بالىلار بالاغەتكە يىتىش مەزگىللىرىدە باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ۋە دەردلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا بىز ئاتا – ئانىلار سۆھبەتنىڭ بىر تەرىپى بولۇشىمىز، ئالدى بىلەن پاراڭنى بىز باشلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى، ئىش ئورنىدىكى بەزى ئەھۋاللارنى، گەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان پىلانلىرىمىزنى، ئائىلىنى قانداق ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىمىز قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە سۆز ئېچىشىمىز، ھەرگىزمۇ بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا خۇددى ئۇنىڭ ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقى ھەققىدە دوكلات يازىدىغاندەك سوئال ۋە تەنقىد ئۇسلۇپلىرىنى ئىشلەتمەسلىكىمىز كېرەك.

چۈنكى بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بالىلارغا سۆزلەپ بەرگىنىمىزدە، ئۇلار ئۆزلىگىدىنلا ئۆزنىڭ ئەھۋالى، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى ۋە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى نىشان -غايىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بىرىدۇ.

3- بالىلىرىڭىزنىڭ پىكىرىنى ئەخمىقانىلىق ۋە دۆتلۈك قاتارىغا چىقارماڭ. يەنى بالىلىرىڭىز سۆزلىسە دائىم ئۇنىڭ پىكىرىنى ئەخمىقانە ۋە دۆت قاتارىغا چىقارماستىن ۋە ئۇنى دائىم بىر نەرسە چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسە بىلمەيدىغانلار قاتارىغا چىقىرىۋەتمەستىن، ئۇلارغا مەسىلىنىڭ ئايدىڭ بولماي قالغان تەرەپلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىڭ.

4- بالىلىرىڭىزدا بار ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلەرنى يەڭگىل سانىماڭ. چۈنكى بۇ ياشتىكى بالىلارغا مەلۈم مىقداردا تايىنىش مۇمكىن. شۇڭا ئۇلارغا بەزى ئىشلارغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىش ۋە ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا قىزىقتۇرۇش ۋە جۈپلەندۈرۈش، سىز بولمىسىڭىز ھېچبىر ئىشنى بىجىرەلمەيدىغان ئاجىزلار قاتارىغا چىقىرىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك.

5- بالىلىرىڭىزنى ئىش ھەرىكەتلىرىدە گۈزەل بۇلۇشقا قىزىقتۇرۇش. چۈنكى گۈزەل سۆزنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. بالىلارغا قىلغان ياخشى سۆز ۋە ياخشى مۇئامىلە، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىش، بۇيرۇلغان ئىشلارنى قولىدىن كېلىشچە ياخشى ئادا قىلىشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ياراتماسلىق ياكى يوققا چىقىرىۋېتىش بولسا، ئۇلارنى ئىش قىلىشتىن توختىتىپ، قەلبلىرىدە بىر قانچە كۈنگىچە كەتمەيدىغان جاراھەت ئىزى قالدۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلارغا قىلالايدىغان بەزى ئىشلارغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىپ ياخشى قىلسا رەھمەت ئېيتىش، قىلالماي قالسىمۇ تاپا – تەنە قىلماسلىقىمىز لازىم.

6- بالىلىرىڭىزنى ئۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. بەزى- ئاتىلار بالىلىرىنى ئۇرۇپ ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى بالىلار كىچىكلىكىدە ئەدەپلەش يۈزىسىدىن ئاز - تولا ئۇرۇلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى بالاغەتكە يىتىش مەزگىللىرىدە ئۇرۇش ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەت قالدۇرغاندىن باشقا، ئاتىسىغا يېنىش، ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كىتىش ياكى تېخىمۇ باشتۇڭ، ئاتا- ئانىسىنڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قېلىشتەك چوڭ خاتالىقلارغا سەۋەب بولىدۇ.

7- بالىلىرىڭىزنى ئائىلىنىڭ مەسلىھەتلىرىگە قاتناشتۇرۇڭ ۋە ئۇلارغىمۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇڭ. مەسىلەن: سىڭلىسىنىڭ توي مەسلىھەتىگە قاتناشتۇرۇپ ئۇنىڭ پىكرىنى ئېلىڭ، ئائىلىنىڭ ئايلىق كىرىم چىقىم ئىشلىرىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇڭ.

8- بالىلىرىڭىزنى دوستلىرى ئالدىدا يەرگە قاراتماڭ. بەزى ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى دوستلىرى ئالدىدا ئۇرۇپ تىللايدىغان ئىشلار يۈز بىرىدۇ. بالىلارنى دوستلىرى ئالدىدا ئۇرۇش ئاتا- ئانىسىدىن نارازى بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا بالىلارنى ئۇرماسلىق، ئامال بار نەسىھەت ۋە گۈزەل سۆزلەر ئارقىلىق تۈزۈشكە تېرىشىش لازىم.

9- ئۇلارغا دوستلىرى مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، كۆپىنچە ئاتىلار ئوغۇللىرىنىڭ دوستلىرى بىلەن يېقىن ئۆتىدۇ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن دەردلىشىپ مۇڭدىشىدۇ. لېكىن بالىلىرىغا ئۇنداق مۇئامىلە قىلمايدۇ.

قېنى ئويلاپ باقايلى! ئەكسىچە بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتىن ئەۋزەل ئەمەسمىدى؟؟؟





مەنبە: كۇۋەيتتە چىقىدىغان ئەلۋەئيۇل ئىسلامى ژورنىلىنىڭ 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14 – كۈنكى نەشرى 560- سانى.


ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.