قوغۇن ئۇرۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

قوغۇن ئۇرۇش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىرانىغا يەتكەن ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز ئارا بارماق ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان ئويۇن. بەسلىشىش ئۇسۇلى: بەسلەشكۈچىلەر پوستى چوڭ ھەم قېلىن قوغۇن ياكى ئۇزۇنچاقراق كاۋىنى تىكلەپ قويۇپ، ئالىقىنىنى ئېچىپ بارماق ئۇچلىرى بىلەن تىكلەنگەن قوغۇن ياكى كاۋىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇرۇپ ئىككىگە بۆلۈۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاستى قىسمى يەردە قېلىپ، ئۈستى قىسمى ئۇچۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئويۇندا ئەڭ قاتتىق قوغۇن ياكى كاۋىنى ئۇرۇپ ئۈزۈۋەتكەن كىشى قالتىس ماھارەتلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئويۇن بىلەن چېنىققان كىشىلەرنىڭ بارماق ئۇچلىرى چامباشچىلارنىڭ قولىدەك تاۋلىنىپ چېنىقىپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا بارماق ئۇچى بىلەنمۇ قاتتىق قوغۇن، كاۋىلارنى ئۇرۇپ تېشىۋېتىشتىمۇ ئۆز ئارا بەسلىشىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]