قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىقى
چىڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى يازما ماتېرىياللاردا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار كۆپىنچە «مۇسۇلمانلار» (回)دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تارىم ئويمانلىقى بولسا «مۇسۇلمانلار يۇرتى» (回疆)ياكى «ئۇيغۇرلار يۇرتى» (回部)دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى دىن بۇيانقى قومۇل ئۇيغۇر ئىنانچىخانلىرى بولسا «ئۇيغۇر ۋاڭلىرى» دەپ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى بولسا «قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭ قەبرىسى» دەپ، ئۇلار تۇرغان شەھەر بولسا «مۇسۇلمانلار شەھىرى» دەپ ئاتالغان. قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 1697-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتامانى ئەبەيدۇللاغا «قومۇلدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ 1-دەرىجىلىك جاساق تارخانى» دېگەن ئاتاقنى بەرگەندىن تارتىپ، 1931-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت «يەرلىك تۇراقلىق ئەمەلدارلىقنى يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئەمەلدارلىققا ئۆزگەرتىش» نى يولغا قويۇپ، قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ سۇيۇرغال ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەنگە قەدەر توققۇز ئەۋالاد ۋاڭ ئۆتۈپ، جەمئىي 233 يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈردى. بۇ ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا قومۇل ۋاڭلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمىغاچقا، قومۇل ۋاڭلىرىمۇ ئۆز سۇيۇرغاللىق زېمىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاھى بولۇپ قالدى.[تەھرىرلەش]
«ئۇيغۇر ۋاڭ» دەپ ئاتالغانلار مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پەرمانلىرىغا، لەشكىرىي يارلىقلىرىغا بويسۇنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى ئۇيغۇر جەئىيىتىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىر يۈرۈش مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەرلىك ھاكىمەت شەكىللەندۈرگەنىدى. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتىدا، ئۇيغۇر ۋاڭدىن سىرت، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تۇرغۇزغان بىر چوڭ تەيجى، بىر كىچىك تەيجى، ئىككى خاس مەسلىھەتچى بەگ، بىر ئامام ئاخون، بىر خەنزۇ بەگ بولۇپ، بۇ ئالتە كىشى ھوكۇمرانلىق يادروسىنى تەشكىل قىلاتتى. ھەر قېتىم ھەربىي، مەمۇرىي چوڭ ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلار كېڭەشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋاڭ تەستىقلاپ يولغا قوياتتى.[تەھرىرلەش]
قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭى ئالاھىدە تارىخىي دەۋرنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشى ئۇزاق تارىخنى باشتىن كەچۈردى. «قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى تارىخى» دا مۇنداق بىر رىۋايەت خاتىرىلەنگەن . «مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە (تەخمىنەن 1605-يىلى) ئەرەبىستاندىكى ئالىي ئىسلام تەشكىلاتى ئۈچۈنچى پېشىۋا مۇھەممەد شاھ خوجىنى قومۇلغا ئەۋەتكەن.» مۇھەممەدشاھ خوجا ھەقىقەتەن ئۆتكەن كىشى، «قومۇل ۋاڭلىرى شەجەرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، مۇھەممەدشاھ خوجا ئىلىدىن كەلگەن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ 7-ئەۋلاد نەۋىرىسى ئىكەن. مۇھەممەدشاھ خوجا قۇمۇلغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ ئقساقىلى بولۇپ قالغان.[تەھرىرلەش]
مۇھەممەدشاھ خوجا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ كۈچى خېلى زورىيىپ كەتكەچكە، قومۇل رايۇنىغا ھەمىشە پاراكەندىچىلىك سېلىپ تۇراتتى. مال-مۈلۈك ۋە چارۋا ماللارنى بولاپ قويمايتتى. شۇڭا مۇھەممەدشاھ خوجا قۇمۇل خەلقىنى باشلاپ ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلدى. كاڭشىنىڭ 9-يىلى (1668-يىلى) مۇھەممەدشاھ خوجا كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى بەيدۇللا ئاقساقاللىق ئورنىغا چىقتى.[تەھرىرلەش]
ئەبەيدۇللا سىياسى جەھەتتە بەك يىراقنى كۆرەر كىشى بولۇپ، قولىدىن خېلى ئىش كېلەتتى. ئۇ ئەمدىلا تەخىتكە ۋارىسلىق قىلغاندا، قومۇل يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى. كاڭشىنىڭ 19-يىلى (1678-يلى) يەركەن خانلىقى جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولدى. شۇنىڭ بىلەن قومۇل جوڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇيغۇرلار رايۇنىدا كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇشتەك تالان-تاراج تۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغانلىقتىن، ئۇيغۇر خەلقنىڭ كۈچلۈك ئۆچمەنلىكىنى قوزغىدى. ئەبەيدۇللا ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش تۇتۇپ، چىڭ سۇلالىسى گە بەيئەت قىلىش نىيىتىگە كەلدى. ئەينى چاغدا چىڭ سۇلالىسى ئاللىقاچان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ خوجىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگونى تېخى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولالمىغانىدى. شىنجاڭ يەنىلا جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھوكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىدى.[تەھرىرلەش]
قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى كاڭشىنىڭ 35-يىلى (1696-يىلى) 5-ئايدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن جۇڭغار قوشۇنى زونمودتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. غالدان قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. چىڭ سۇلالىسى بىلەن جۇڭغارلارنىڭ ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۈرمىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشقان چاغدا، ئەبەيدۇللا «ئەل بولۇپ ئوليان تاپشۇرۇشقا ئەلچى ئەۋەتتى». قومۇلنىڭ ئەل بولغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقە «پادىشاھنىڭ شىمالىي قۇملۇقنى تىنىچتىش تەدبىرلىرى»ناملىق ئەسەردە تەپسىلى خاتىرىلەنگەن. ئەبەيدۇللانىڭ چىڭ سۇلالىسى گە يازغان مەكتۇبى ئىززەت-ئىكراملىق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، «بىر ئاق تەقىيەلىك قوۋم ئەزەلدىن خان ئالىيلىرىغا تەلپۈنۈپ، ئولپان تاپشۇرۇپ ئىنئام ئېلىشنى ئويلاپ كەلگەن پۇقرالارمىز» دەپ باشلانغان، ئەبەيدۇللا بىر تارىخىي پاكىتنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. غالداننىڭ كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەبەيدۇللانىڭ چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا تېخىمۇ ئىنىق پۇزىتسىيە بىلدۈرۈپ: «ناۋادا غالدان كەلسە، بىزلەر پۇرسەت تېپىپ ئۇنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە تۇتماي قويمايمىز؛ ناۋادا خەۋىرىنى ئالالىساق، داۋاملىق مەلۇمات يوللايمىز» دەپ مەلۇمات يوللىغان، كاڭشى ئۇنىڭ سەمىمىيىلىك بىلەن بەيئەت قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، «زەر بوغما يىلان سۈرىتى كەشتىلگەن مانجۇچە تون، سۆسەر تەلپەك، زەر كەمەر قاتارلىق بۇيۇملارنى ئالاھىدە تارتۇق قىلغان» ئەبەيدۇللا جۇڭغارلارنىڭ ئىش -ھەرىكىتىگە تېخىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كاڭشىنىڭ 36-يىلى (1697-يىلى)نىڭ بېشىدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا غالداننىڭ يار كۆلدىكى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «غالداننىڭ ئۇزۇق-تۈلۈكى ئۆكسۈپ قېلىپ، ئىلاجىسىزلىقتىن ئوغلى سەبتون بارجۇرنى (باركۆلگە شىكارغا) ئەۋەتىپتۇ. قۇللىرى چوڭ ئوغلۇم گوپا بەگنى 350 لەشكەر بىلەن غالداننىڭ ئوغلىنى تۇتۇشقا ئەۋەتتىم.» چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى غالداننىڭ ئوغلىنى تۇتۇشنىڭ زۆرۆرلىكىنى ئوبدان تۇنۇپ يەتكەچكە، بۇ تەدبىردە «ئوغرىنى توخۇمىدىن قۇرۇتقىلى بولىدىكەن، غالدان ئۇ يەر، بۇ يەردە قېچىپ جان ساقلاپ يۈرگىنى بىلەن قېرىپ كەتتى. ئەمدى ھېچقانچە ئىشقا يارىمايدۇ. ناۋادا ئوغلى قولۇمغا چۈشسە، بۇمۇ تەڭرىنىڭ ماڭا قىلغان شاپائىتى ھېابلىنىدۇ» دەپ قارىدى. پادىشاھ كاڭشىنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن قاتتىق خۇش بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.[تەھرىرلەش]
شۇ يىلى 3-ئايدا قومۇل «ئەتۈك قاشقانى تۇتۇپ»، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا تاپشۇردى. شۇ يىلى 3-ئايدا (3-ئاينىڭ باشلىرى)يەنە «گۈنجاننىڭ خوتۇنى تۇخۇن دالاينىڭ قولچۇمىقى بولغان ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ ئەنكە تارخانى زايسان»نى تۇتۇپ تاپشۇردى. بىراق بۇ چاغدا سېۋان ئارابداننىڭ قومۇلغا بولغان تەھدىتى ۋە بېسىمى كۈنسايىن كۈچيىۋاتاتتى. شۇڭا، ئەبەيدۇللا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا مەلۇمات يوللاپ:«ئوغلۇم گويا بەگ غالداننىڭ ئوغلىنى تىرىك تۇتۇۋالغان ھەم چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى، شۇڭا ئويراتلارنىڭ ئۆچ ئالغىلى كېلىشى تۇرغانلا گەپ، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ سول قانات قوشۇنىنىڭ ئۆچمەنلىكى كۈچلۈك پېقىرلىرى قومۇلدا ئاجىز كىلىپ قالىدىغىنىم تۈپەيلىدىن سېۋىن ئارابدانغا تەڭ كېلەلمەسلىكىم تۇرغانلا گەپ، ئالىيلىرىدىن ۋاسساللار مەھكمىسى ئارقىلىق كۆكنۇر *(چىڭخەي) دىكى تەيجىلەر ۋە سېۋان ئارابدانغا نامە يوللاپ، ئۇلارغا قومۇلنىڭ ئوردىغا بەيئەت قىلغانلىقىنى، تاجاۋۇز قىلىپ پاراكەندىچىلىك سالماسلىق لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشنى ئۆتۈنىمەن» دېدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئەبەيدۇللا يەنە چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا مەلۇمات يوللاپ: «مەن خان ئالىيلىرىغا بەيئەت قىلغانلىقىم ھەم ئۇنىڭ ئوغلىنى تۇتۇپ كېلىپ ئوردىغا تارتۇق قىلغىنىم ئۈچۈن، سېۋان ئارابدان ماڭا قاتتىق ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ماڭا ئارام بەرمەي كەلدى. ناۋادا ئارابدان بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قالغۇدەك بولساق، ئالىيلىرىنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. ئەبەيدۇللا چىڭ سۇلالىسى نىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك قوغدىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا مەلۇمات يوللاپ: «مەن سېۋان ئارابداننىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن، خان ئالىيلىرى يارلىق چۈشۈرۈپ، پېقىرلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىم ئۈچۈن، پېقىرغا يارلىق ۋە مۆھۈر ئاتا قىلغان بولسىلا غەم-ئەندىشلىرىممۇ تۈگەيتتى. تېرىتورىيەمىزنى قوغداش ئۈچۈن...قوۋمىمنى باشلاپ سۇجۇۋغا كۆچۈشنى تېخىمۇ خالايتتىم. ئۇمۇمەن ئوردىغا سالامغا بېرىش-كېلىش ئىشلىرىدا سۇجۇۋ بىر ئۆتەڭ، پېقىر ئۇ يەردە خەۋەر ئۇقۇشۇپ، پەيتى كەلگەندە ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا سالامغا بارىمەن» دېدى.[تەھرىرلەش]
چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەبەيدۇللا «سەمىمىيىلىك بىلەن تەلپۈنۈۋېتىپتۇ» دەپ قاراپ، ئۇنى «رىغبەتلەندۈرۈش» مەقسىتىدە، ئەبەيدۇللاغا قومۇلنىڭ «1-دەرىجىلىك جاساق تارخانى» دەپ ئۇتۇغات بەردى. شۇنىڭ بىلەن قومۇل ھەر قايسى موڭغۇل قەبىلىلىرىگە ئوخشاش «خۇشۇن بۇيىچە تەۋەلىككە ئۆتكەن» جاي بولۇپ قالدى. ئەبەيدۇللانىڭ «يارلىق ۋە مۆھۈر» بېرىش ھەم «سۇجۇۋدا تۇرۇش» تەلىپىگىمۇ چىڭ سۇلالىسى رەسمىي ئۇتۇغات بەرگەن يەرلىك ئەمەلدارغا ئايلىنىپ، قومۇلدىن ئىبارەت بۇ ئۇيغۇر يۇرتى بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى تەۋەلىك مۇناسىۋىتىمۇ رەسمىي ئورنىتىلدى. ئەبەيدۇللا جەمەتىنىڭ قومۇل دىيارىدىكى ئاتا مىراس ھۆكۈمرانلىقىمۇ رەسمىي تىكلەندى.[تەھرىرلەش]