قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى
قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى 843 — 14 - ئەسر | |||||||||||||||||||||||||
---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
|
قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى ياكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى (843 - 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى) بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان تۇرپان ئاستانە ۋە بەشبالىق مەركەزلىك قۇرۇلغان فېئودال مونارخىيەلىك دۆلەت.
ئۇمۇمىي چۈشەنچە
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئۆز تارىخىدا، ئاسىيادا ئۇلۇغ ھون تەڭرىقۇتلۇقى (م. ب 240 — م. 216)، ئاق ھونلار ئىمپېرىيىسى (م. 420 — 565)، ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى، ئۇيغۇر خانلىقى (487 — 546)، ئۇلۇغ كۆكتۈرك قاغانلىقى (551 — 744)، ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى (744 — 840)، قاراخانىيلار دۆلىتى (850 — 1212)، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى (843 — 1335)، ئۇلۇغ سەلجۇقىلار سۇلتانلىقى (1040 — 1157)، غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى (963 — 1187) قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر بولغان دۆلەتلەرنى قۇرغان. بۇ دەۋرلەردە قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەرنىڭ تارىخىي سەھنىسىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان، بولۇپمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە مەدەنىيەت گۈللەپ - ياشناپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ خەزىنىسىگە قىممەتلىك تۆھپە قوشۇلغان.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە، 200 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى مىلادىنىڭ 840 - يىلىغا كەلگەندە، تەخت تالىشىش، ئىچكى ئىسيان، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق سەۋەبلەردىن ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. شۇڭا، شەرقىي ئۇيغۇرلار ھازىرقى موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن دەرياسى بويىغا جايلاشقان پايتەختى قارابالغاسۇننى تاشلاپ چىقىپ، قاغانلىقىنىڭ سىىياسىي مەركىزىنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ باغرىغا يۆتكەپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
شەرقىي تۇرالارنىڭ مىلادىنىڭ 646 - يىلى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنى قۇرغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، IX ئەسىردە ئۆتكەن ئەرەب جۇغراپىيە ئالىملىرى بۇ قاغانلىقنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇن شەھىرىنى، 12 تۆمۈر دەرۋازىلىق شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى قاغان ئوردىسىنىڭ ئۈستىدە 100 ئادەم سىغىدىغان ئالتۇن چېدىر بار. بۇ ئالتۇن چېدىر بەش فەرسەخ (35 كىلومېتىر) يىراقتىن كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ دەپ يېزىشقانىدى. ئۇيغۇر- ئورخۇن قاغانلىقىنى باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇزدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارمىقى بىرلىشىپ قۇرغان.
ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى كۈچەيگەن مەزگىلدە (750 - يىللىرى) تېررىتورىيىسىنىڭ شەرقىي چېگرىسى قىدىرقان تاغلىرىنىڭ شەرقىغە، شىمالىي بايكۆل (بايقال) بىلەن يەنسەي (ئەسلى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى ئانا ساي) دەرياسىنىڭ بويلىرىغىچە، غەربىي چېگرىسى بالقاش كۆلىنىڭ شىمالىدىن تارتىپ، پەرغانە ۋادىسىغىچە، جەنۇبىي چۇغاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىگىچە، غەربىي - جەنۇبىي ھىندىستاننىڭ شىمالىغىچە سوزۇلغانىدى. قاغانلىق تېررىتورىيىسىنىڭ يەر مەيدانى 5 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ھازىرقى فرانسىيىدىن بەش ھەسسە چوڭ ئىدى. ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ ھەربىي كۈچلىرى 646 - يىلىدىن 740 - يىلىغىچە 50 مىڭ ئاتلىق قوشۇندىن ئىبارەت بولغان بولسا، 750 - يىلىدىن باشلاپ 221 مىڭ ئاتلىق قوشۇنغا (ئاتلىق قوشۇن 17 دېۋىزىيە بولۇپ، ھەر بىر دېۋىزىيىسى 13 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان) كۆپەيگەنىدى.
مانا شۇنداق ناھايىتى كۈچلۈك، مۇستەقىل بولغان ئۇيغۇر- ئورخۇن قاغانلىقى ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر بولغان ــ تاڭ سۇلالىسى ۋە تىبەت خانلىقى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇراتتى.
IX ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغا كەلگەندە، بۇ كۈچلۈك ئۈچ دۆلەت ئىچكى زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭدى.
بولۇپمۇ ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى 830 - يىللىرىغا كەلگەندە، قورقۇنچلۇق ئەھۋالدا قالدى. ھازار تېكىن قاغان بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۇيغۇر- ئورخۇن شاھزادىلىرى ئىچىدە قاغانلىق ئورنىنى تالىشىش يۈز بېرىپ ئىچكى ئۇرۇشلار باشلاندى. بولۇپمۇ خۇ تېكىننىڭ ۋاقتىدا ئىچكى ئۇرۇش ئەۋجىگە چىقتى. ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ھازار تېكىننىڭ تەرەپدارلىرى،خۇ تېكىننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈشكە بەل باغلىدى. ئەھۋالنى سېزىپ قالغان خۇ تېكىن ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغانلارنى ئۆلتۈردى. بۇ ئەھۋال يۈز بەرگەندە، باش تارقان قارا بولۇق 839 - يىلى بىر قىسىم قوشۇنغا تايىنىپ، خۇ تېكىنگە قارچى چىقتى. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان خۇ تېكىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. قارا بولۇق كېچىك تېكىننى قاغانلىق تەختكە چىقاردى. 839 - يىلى ياغلاقارلاردىن بولغان باش تارقان قارا بولۇق ياغلاقار خانزادىسى كىچىك تېكىننى تەختكە چىقارغاندا، ئادىزلاردىن بولغان باش قوماندان قولۇق باغا ئىسيان كۆتۈرۈپ ئاسىيلىق يولىغا ماڭدى. مانا شۇنداق خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ئۇيغۇر- ئورخۇن قاغانلىقى تېررىتورىيىسىدە تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋەيران بولدى. ئەلنى ئاچارچىلىق قاپلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋابا كېسىلى تارقىلىپ نۇرغۇنلىغان ئادەم ئۆلدى. قاتتىق قار يېغىپ جۇتچىلىق ھۆكۈم سۈرۈپ، ناھايىتى نۇرغۇن چارۋا مال توڭلاپ ئۆلدى.خەلق ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولدى.
بۇلارنى ئاز دېگەندەك، قىرغىزلار ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا بەل باغلىدى. قىرغىزلار ئەسلىدە 756 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىغا بېقىنغان خانلىق ئىدى. ھازىرقى يەنسەي دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايدىغان قىرغىزلار 821 - يىلى ئۇيغۇر قاغانى ئاي تەڭرىدا قۇت بولمىش قۇچ بىلگە قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، توختىماي ئىسيان كۆتۈرۈپ كەلگەنىدى.
«كونا تاڭنامە: قىرغىزلار ھەققىدە قىسسە»، «يېڭى تاڭنامە: قىرغىزلار ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش بولغان يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ تىل ـ تېزىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ـ يېزىقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، چاچلىرى قىزغۇچ، كۆزلىرى كۆك، چىرايلىرى ئاق سۈزۈك ئىكەن. يەنە باشقا تارىخىي مەلۇماتلاردا، VIII ئەسىردە يەنسەي قىرغىزلىرىنىڭ سانى 1 مىليون بولۇپ، 100 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان ئاتلىق قوشۇنى بار ئىدى، دېيىلىدۇ.
840 - يىلى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىدا خەتەرلىك ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان قىرغىز خانى ئازى (بۇ ئىسىم ئەمەس، خانلىق ئۇنۋانى بولسا كېرەك) قارابالغاسۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. دەل شۇ چاغدا، ئادىزلار قەبىلىسىدىن بولغان باش قوماندان قۇلۇق باغا قىرغىزلارنىڭ ياردىمىگە يۆلىنىپ، ياغلاقارلاردىن قاغانلىق ئورنىنى تارتىۋېلىشنى كۆزلەپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ قىرغىزلار ئارىسىغا قاچتى ۋە ئىچكى ئەھۋالنى قىرغىز خانىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇنى قارابالغاسۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتتى. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن قىرغىز خانى ئاپا باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇننى ئاتلاندۇرۇپ (بۇ قوشۇننىڭ مەلۇم قىسمى قۇلۇق باغا باشلاپ بارغان ئۇيغۇر قوشۇنى ئىدى) ئۇلارنى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇنغا يوللىدى. قىرغىزلار قاغان كىچىك تېكىننى ۋە قارابولۇقنى ئۆلتۈرۈپ قاغان ئوردىسىغا ئوت قويدى. ئوردا خەزىنىسىدىكى ھەددى - ھېسابسىز دۇنيا دەپىنىلەرنى بۇلاپ - تالىدى. 221 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئاتلىق قوشۇنغا ئىگە قۇدرەتلىك ئۇيغۇر قاغانلىقى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئوڭۇشسىزلىقلار سەۋەبىدىن، قىرغىزلارنىڭ ئىسيانىغا تاقابىل تۇرالمىدى. شۇ چاغدا بىر قىسىم ئۇيغۇر خانزادىلىرى پايتەخت قارابالغاسۇننى تاشلاپ چىقىپ، قاغانلىقنىڭ سىياسىي مەركىزىنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئېتىكىگە كۆچۈرۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.
خائىن قولۇق باغا مەقسىتىگە يېتەلمەي، ھەسرەت - نادامەتتە قالدى.
يۇقىرىدىكى سەۋەبلەرگە كۆرە، شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى غەربكە قاراپ كۆچتى. شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تەرەپلەرگە كۆچمەي غەربكە كۆچىشىدە مەلۇم تۈرلۈك سەۋەبلەر بار ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەزەلدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىدى. بۇنىڭدىن قالسا، ئوتتۇرا ئاسىيا تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى خېلى كۆپ رايونلار (تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبى، پەرغانە ۋادسى، يەتتەسۇ) ئۇيغۇر-ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىگە كېرەتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، 840 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار شەرق تەرەپكە ــ قىتانلار ۋە شىرۋىلار قېشىغا بارماي، غەربكە ــ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان غەربىي ئۇيغۇرلار قېشىغا كۆچكەن. ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان قىتانلار ۋە شىرۋىلار ئۇيغۇر- ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار موڭغۇل - توڭگۇز نەسىللىك خەلق بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن قان قېرىنداش ئەمەس ئىدى. شەرقىي ئۇيغۇرلار مانا شۇ ئەھۋالنى ھېسابقا ئېلىپ، قىتانلار ۋە شىرۋىلارغا ئىشەنچ قىلالمىغان. كېيىن يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىك ئەھۋاللار شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئويلىغانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
840 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز قېرىنداشلىرى ــ غەربىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا كۆچتى. بىر قىسمى بولسا ئۆگە تېكىن باشچىلىقىدا جەنۇب (جۇڭگونىڭ شىمالىي چېگرىسىغا يېقىن جايلارغا) قا كۆچتى. مانا شۇ جەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار 300 مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، ئۆگە تېكىننى قاغان قىلىپ كۆتۈردى. لېكىن ئۇلار ئېچىنىشلىق تەقدىرگە دۇچ كەلدى؛ ئىشەنگەن قوشنىسى دۈشمەنلىك قىلدى. ئىچكى ئۇرۇشقا دۇچ كەلدى. قىتانلار بىلەن شىرۋىلار ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ دۈشمەنلىرىگە ياردەم بەردى. ئۆگە قاغان ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئۇكىسى ئىنان قاغان بولدى. ئىنان قاغان شىرۋىلارنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ، ئۇنى دۈشمەنلىرىگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى سېزىپ قېلىپ، ئايالى قارلۇ بىكە بىلەن ئوغلى دوست تېكىن قاتارلىق توققۇز كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ، يوشۇرۇنچە غەربكە قاراپ قاچتى.
پان تېكىن
[تەھرىرلەش]840 - يىلى ئادىز خانزادىسى پان تېكىن بىر قانچە قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇن ئەتراپىغا يېقىنراق بولغان جايلاردا ياشايدىغان قەبىلە - ئۇرۇغنى باشلاپ غەربكە كۆچتى.
پان تېكىن مۇشەققەتلىك يول يۈرۈپ، تاغ - داۋانلارنى ئېشىپ، بىرنەچچە يۈز مىڭ ئاھالىنى باشلاپ، مىليونلىغان چارۋا ماللارنى ھەيدەپ 841 - يىلى كۈزدە ھازىرقى جىمسارنىڭ شەرقىدىن تارتىپ ھازىرقى قۇمۇل بارىكۆل يايلىقىغىچە بولغان جايلارغا كېلىپ توختىدى. ئۇنىڭغا دەم ئېلىش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش يېقىنلاپ قالغانلىقتىن، چارۋا ماللارنى ئامان - ئىسەن ئەتىيازغا چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن، ئوت - چۆپى مول، ئىللىق قىشلاقلارنى تېپىشقا، قىشلىق ئوت - چۆپ، يەم ـ خەشەك تەييارلىۋىلىشقا توغرا كېلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن قارابالغاسۇننى ۋەيران قىلغان قىرغىزلارنىڭ پان تېكىننىڭ ئىزىدىن قوغلاپ كېلىش خەۋپىمۇ بار ئىدى.
دېگەندەك 842 - يىلى قىرغىزلار پان تېكىن باشچىلىقىدا غەربكە كۆچۈپ جىمسار، بارىكۆل ئەتراپلىرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا، تاڭ سۇلالسىنىڭ بەزى سىياسەتچىلىرى پان تېكىنگە ياردەم بېرىپ، قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەكلىپ باش ۋەزىر لى دېيۈ تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق بولغان ياخشى ۋەزىيەتتىن پايدىلانغان قىرغىزلار 842 - يىلى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىغا بېسىپ كېلىپ، ماناس، جانبالىق، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەرنى بېسىۋالدى. ئاندىن كېيىن شەرققە يۈرۈپ، بەشبالىقنى بېسىۋالدى. بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋالدىن چۆچۈگەن پان تېكىن غەربىي جەنۇبقا يۈرۈپ (قۇمۇلدىن ئۆتۈپ) قارا شەھەر، كۇچا رايونلىرىغا بېرىپ ماكانلاشتى. قارا شەھەر بىلەن كۇچا ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئوبدان شارائىتقا ئىگە بولۇپ، تەڭرىتاغلىرى توسۇپ تۇراتتى. قىرغىزلار ئاسانلىقچە ھۇجۇم قىلالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قارا شەھەر بىلەن كۇچا رايونلىرى بىرنەچچە يۈز مىڭ ئادەمنى باقالايدىغان ئىقتىسادىي ئاساسقا ۋە مىليونلىغان چارۋا ماللار يايلىغۇدەك يايلاقلارغىمۇ ئىگە ئىدى. پان تېكىن قارا شەھەر بىلەن كۇچا رايونلىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.
ئورخۇندىن كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ئىرسىن ۋادىسى (ھازىرقى نىڭشىيادا) دىن تارتىپ كەڭسۇنىڭ جاڭېى، ۋۇ ۋېي قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ ماكانلاشتى. چۈنكى ئۇ جايلاردا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەنىدى. بۇ جايلارغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ياغلاقار قەبىلىسىنى ئاساس قىلغان قەبىلە - ئۇرۇقلار ئىدى. بۇلار كەڭسۇدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ 870 - يىلى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى.
پان تېكىن قارا شەھەر، كۇچا رايونلىرىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، دەرمان يېغىپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى «يابغۇ» دەپ ئاتىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بار ئەلۋەتتە. 840 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۆگە تېكىن باشچىلىقىدا جەنۇبقا كۆچكەن. ئۇلار تاڭ سۇلالىسىدىن ھەربىي ياردەم ئېلىپ قاغانلىقنى ئۈزۈل - كېسىل ھالاك بولۇشتىن ساقلاپ قالماقچىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئۆگە تېكىننى قاغان قىلىپ كۆتۈرگەن. دېمەك، پان تېكىن ئۆگە تېكىننىڭ قاغان بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مىلادىنىڭ 842 - يىلى ئۆزىنى «يابغۇ» دەپ ئاتىغان بولسا كېرەك. ئۆگە تېكىن ئادىز خانزادىسى ئىدى.
«تاڭنامە: ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە» ۋە «قامۇسنامە» دىكى تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مىلادىنىڭ 840 - يىلى جەنۇب (جۇڭگونىڭ خېبېى، سەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي) قا كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار مىلادىنىڭ 841 - يىلى ئۆگە تېكىننى قاغان قىلىپ كۆتۈرگەن. ساددا، غەيرەتلىك، سەمىمىي، بەختسىز قاغان ئۆگە تېكىن تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى ۋۇزۇڭنى (مىلادىنىڭ 841 - يىلىدىن 846 - يىلىغىچە پادىشاھ بولغان) بېشىغا كۈن چۈشكەن ئۇيغۇرلارغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدى. ئەمما ئۆگە تېكىننىڭ ئارزۇسى يوققا چىقتى. چۈنكى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ۋۇزۇڭنىڭ ھۇزۇرى (چاڭئەن) غا ھەربىي ياردەم سوراپ بارغان ئۇنىڭ ئەلچىسى باش ۋەزىر ئېل ئىگەسى چاڭئەندىن ئۈمىدسىز، پەرىشان ھالدا قايتىپ كەلدى. پادىشاھ ۋۇزۇڭ ئۆگە قاغاننىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانىدى. تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشتا ناھايىتى قىينالدى. ئۇلارغا دۈشمەنلىرى ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خانزادىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بەردى. خانزادە ھورموز تېكىن باشلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولدى. 846 - يىلى باش ۋەزىر مويىنچۇر تېكىن ئۆگە قاغاننى ئۆلتۈردى. ئىنان تېكىن ئاكىسىنىڭ ئورنىغا قاغان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي شىرۋىلار ئىنان قاغاننى تاڭ سۇلالىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋالىيسى جاڭ جۈنۋۇغا تۇتۇپ بەرمەكچى بولدى. بۇ ئىشتىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر تاپقان ئىنان قاغان بىز باشتا ئېيتىپ ئۆتكەندەك يوشۇرۇنچە غەربكە قاچتى. لېكىن ئىنان تېكىننىڭ غەربكە ئامان - ئېسەن كەلگەنلىكى ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەردە ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق.
پان تېكىن مىلادىنىڭ 846 - يىلى شەرق ۋە غەربتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئورتاق قاغانى بولمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاشقا ھازىرلاندى. چۈنكى، ئىنان قاغان، ئىزسىز يوقالغانىدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى پان تېكىن مىلادىنىڭ 848 - يىلى قاغانلىق تەختكە چىقتى. پان تېكىن قاغان بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋال تىبەتلىكلەرنى تۇرپاندىن قوغلىدى. ئاندىن كېيىن، بوكو تېكىن قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرى (ماناس، ئۈرۈمچى، بەشبالىق قاتارلىق جايلار) دىن قىرغىزلارنى قوغلاپ چىقاردى. بوكو تېكىن مىلادىنىڭ 866 - يىلى چىڭخەي ئەتراپلىرىدا تىبەتلىكلەرنى تارمار قىلىپ، ئۇلارنىڭ سەردارى ساڭكۇڭ رىنىڭ كاللىسىنى ئالدى. مانا شۇ غەلىبە مۇناسىۋىتى بىلەن بوكو تېكىن خەنزۇ خانلىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، كەڭسۇدا 100 يىل (مىلادىنىڭ 770 - يىلىدىن 866 - يىلىغىچە) تۇرغان تىبەتلىكلەرنى ئۇ جايدىن قوغلاپ چىقاردى. خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ (بۇلارنىڭ بىر قىسمى 840 - يىلى كۆچۈپ كەلگەن) 870 - يىلى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، پان تېكىن كەڭسۇدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت ئورناتتى.
پان تېكىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار غەلىبىلەردىن كېيىن، مىلادىنىڭ 866 - يىلى بەشبالىقنى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى يازدا بەشبالىقتا يازلاپ، قىشتا ئىدىقۇت شەھىرىدە قىشلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىختا، بەشبالىقنى يازلىق پايتەخت، ئىدىقۇت شەھىرىنى بولسا قىشلىق پايتەخت دەپ ئاتايدۇ.
بەشبالىقنى پايتەخت قىلغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ داۋامى ئىدى. ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ھازىرقى جيۇچۇەنگىچە، غەربتە بۈگۈرگىچە، جەنۇبتا تەكلىماكان چۆلىگىچە، شىمالدا جەنۇبىي ئالتايغىچە سوزۇلغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىرى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىزلار قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇلار ئۆزىنى «ئىدىقۇت» ئۇنۋانى بىلەن ئاتىدى. كىم خان بولسا ئۇنىڭ نامىغا «ئىدىقۇت» ئۇنۋانى قوشۇپ ئېيتىلاتتى. مەسىلەن: ئىدىقۇت بارچۇق ئات تېكىن، ئىدىقۇت قۇچقار تېكىن دېگەنگە ئوخشاش. قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا «ئىدىقۇت» سۆزى ــ «بەختىلىك پادىشاھ» دېگەن مەنىنى بېرەتتى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان بىر تامغىسىغا خەنزۇچە يېزىق بىلەن مۇنداق سۆزلەر ئويۇلغان: «大福大回鹘国» بۇنىڭ مەنىسى «ئۇلۇغ بەخت - سائادەتلىك، ئۇلۇغ ئۇيغۇر دۆلىتى» دېگەن بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلى ــ پان تېكىن مىلادىنىڭ 866 - يىلى بوكو تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
قاراخانىيلار ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى
[تەھرىرلەش]قاراخانىيلار بىلەن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر تارىخىي مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىسلام تارىخچىلىرى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى توغرىسىدا تۈزۈك مەلۇمات قالدۇرمىغان. جۇڭگو تارىخچىلىرى بولسا قاراخانىيلار بىلەن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تەپسىلىيرەك مەلۇمات بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. چۈنكى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە قىتان خانلىقى بىلەن تانغۇت خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ قاراخانىيلار ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن ھەر جەھەتتىن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىشقا توسقۇن بولغانىدى.
بىز پەقەت بەزىبىر ئىسلام يازغۇچىلىرىنىڭ يېرىم خىيالىي بولغان تەزكىرىلىرى، تۇرپاندىكى «ئەلپەتتا» مازىرى توغرىسىدىكى تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇنراق كېلىدىغان بەزى رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپلا، قاراخانىيلار بىلەن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ قانداق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە ھاسىل قىلالايمىز.
قاراخانىيلارنىڭ كۈچەيگەن دەۋرىدە (مىلادىنىڭ 920 - يىلىدىن 1010 - يىلىغىچە) ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى (مىلادىنىڭ 960 - يىلى) دەپ جاكارلىغان قاراخانى ئۇيغۇرلىرى بىلەن بۇددا دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىكى بۇددىسىت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇش بولغان.
مىلادىنىڭ 920 - يىلى ساتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، بۇددىسىت ئۇيغۇرلار بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇشلار داۋام قىلغان. ساتۇق بۇغراخاندىن تارتىپ يۈسۈپ قادىرخانغىچە قاغان بولغان قاراخانى ھۆكۈمرانلىرى (مىلادىنىڭ 920 - يىلىدىن 1030 - يىلىغىچە) بۇددا دىنى بىلەن شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا ئۇيغۇرلارنى ئىسلام ئېتىقادىغا ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش باشلىغان.
ساتۇق بوغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، خوتەندىكى، كۇچادىكى ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئېتىقاد قىلىش بۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قاراخانىيلارغا دۈشمەنلىك كۆزى بىلەن قاراپ، ئۇلارغا ئۇزۇن مۇددەتكىچە قوراللىق كۈچ بىلەن قارشى تۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ساتۇق بۇغراخان بۇددىسىت ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان قىلىش ئۈچۈن دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن كۆرە، تولىراق قورال كۈچى ئىشلىتىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەنىدى.
ساتۇق بۇغراخان ئاۋۋال خوتەندىكى ۋە كۇچادىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. بۇ ئىككى خانلىقتىكى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ئىلاجسىزلىقتىن بويسۇنغان بولسىمۇ، يەنىلا مۇسۇلمان بولمىدى، بۇرۇنقى بۇددا ئېتىقادىدا قالدى.
ساتۇق بۇغراخان تەخمىنەن مىلادىنىڭ 940 - يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئىككى يۆنىلىش بويىچە قوشۇن ماڭدۇردى. شىمالىي (ئىلى تەرەپتىن)، جەنۇبىي (قارا شەھەر تەرىپىدىن) يۆنىلىشتىن ھۇجۇم قىلغان قاراخانى قوشۇنلىرى ئىدىقۇت قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇددا ئېتىقادىدا قېلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلارغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىلادىنىڭ 870 - يىلى پان تېكىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن بوكو تېكىن خان بولغانىدى. بوكو تېكىن تۆت يىل (870 - 873) خان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مىلادىنىڭ 940 - يىلىغىچە بولغان 70 يىل (873 - 940) ئىچىد ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا كىملەرنىڭ خان بولغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىسلام تارىخچىلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرەر خاتىرە قالدۇرۇشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاڭ سۇلالىسى مىلادىنىڭ 907 - يىلى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگودا يۈز بەرگەن بۆلۈنۈش، ئىچكى ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن جۇڭگو تارىخچىلىرى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى توغرىسىدا بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولالمىغان. چۈنكى تاڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگودا «بەش سۇلالە» ۋە «ئون بەگلىك» دەپ ئاتىلىدىغان ھاكىمىيەتلەر مەيدانغا كەلگەن، ناھايىتى قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن. مانا شۇ «بەش سۇلالە» ۋە «ئون بەگلىك» دەۋرى مىلادىنىڭ 907 - يىلىدىن 960 - يىلىغىچە (سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغىچە) ھۆكۈم سۈرگەن. شۇ مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن غەربتىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالاقىلەر (دىپلوماتىك ئالاقە ۋە سودا ئالاقىلىرى) ئۈزۈلۈپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن «بەش سۇلالە» ۋە «ئون بەگلىك» دەۋرىدە ئۆتكەن جۇڭگو تارىخچىلىرى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى توغرىسىدا بىرەر خاتىرە قالدۇرمىغان.
بىز پەقەت قاراخانىيلارنىڭ بەزىبىر خانلىرى توغرىسىدا يېزىلغان تەزكىرىلەردىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خاتىرىدىن مىلادىنىڭ 940 - يىللىرى قاراخانىيلار بىلەن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ئارىسىدا بولغان ئۇرۇش توغرىسىدىكى مەلۇماتقا ئېرىشتۇق. مىلادىنىڭ 940 - يىللىرى قاراخانىيلار ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا يۈرۈش قىلغان چاغدا، ئۇيغۇر ئىدىقۇتى ــ ئىردىمىن ئىل تۇتمىش ئالپ ئارسلان قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان ئىدى. بۇ خان توققۇز يىل (940 - 948) سەلتەنەت سۈرگەن. دېمەك مىلادىنىڭ 940 - يىلى قاراخانىيلار بىلەن ئۇرۇشقان ئىدىقۇت خانى مۇشۇ قاغان ئىدى.
بۇددىست ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ئەبۇ نەسر سامانىنىڭ ئوغلى ئابدۇلپەتتا (بەزى تەزكىرىلەردە «ئالپ ئاتا» دەپ يېزىلغان) ناھايىتى چوڭ جاسارەت كۆرسەتكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ساتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا «ئالپ تېكىن» («قەھرىمان شاھزادە») ئۇنۋانىنى بەرگەن.
قاراخانىيلارنىڭ مىلادىنىڭ 970 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلغانلىقى مەلۇم. چۈنكى، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى مىلادىنىڭ 940 - يىلى قاراخانىيلارغا بېقىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە مۇستەقىل بولۇۋالغان.
ساتۇق بۇغراخان مىلادىنىڭ 956 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بايتاش (956 - 958)، تۇڭگا ئىلىك (958 - 970) لەر قاغان بولغانىدى.
مىلادىنىڭ 970 - يىلى تۇڭگا ئىلىك (سۇلايمان بۇغراخان) ئالپ تېكىننى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن يولغا سالدى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى ئارسلانخان (مىلادىنىڭ 948 - يىلىدىن 984 - يىلىغىچە خان بولغان) ئىدى. ئالپ تېكىن قوماندانلىقىدىكى قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنى ئاقسۇ، كۇچادىن ئۆتۈپ قارا شەھەرنى ئالدى. ئاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ قىشلىق پايتەختى ئىدىقۇت شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. قاتتىق ئۇرۇشلاردىن كېيىن ئارسلانخان مەغلۇپ بولدى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىققا چېكىندى. ئالپ تېكىن تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، بەشبالىققا يۈرۈش قىلدى. ئارسلانخان بەشبالىقتىن ئىدىقۇت شەھىرىگە بارىدىغان تەڭرىتېغىنى كېسىپ ئۆتكەن تاغ يولى ئېغىزى (بەزى خاتىرىلەرگە كۆرە ھازىرقى داۋانچىڭ ئەتراپى) غا نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ تۇردى. مانا بۇ جايدا بولغان ئۇرۇشتا ئالپ تېكىن مەغلۇپ بولدى. ئۆزىمۇ ئۆلدى. ئۇرۇشتا غالىب بولغان ئارسلانخان تۇرپان، قارا شەھەر قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى. XIV ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مۇسۇلمان بولغان تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ھازىرقى ئاستانىدە، ئالپ تېكىننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن «ئەلپەتتا» (ئالپ ئاتا ياكى ئابدۇلپەتتا دېمەكچى) دەپ ئاتىلىدىغان مازارنى بىنا قىلدى. بۇ مازار 1967 - يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ۋەيران قىلىندى.
قاراخانىيلارنىڭ مىلادى 970 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ئۇزۇنغىچە مۇستەقىل ياشىدى. بىز ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مىلادى 1027- يىلى 2 - ئايدا غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ مەشھۇر سۇلتانى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھۇزۇرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، قاراخانىيلارغا قارشى بىر بىتىمنامە تۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ئىدىقۇت بۇددىسىتلىرىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى باشتا بايان قىلغانىدۇق. بەزىبىر ئىشەنچلىك تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغان، شۇ چاغدا شەرقىي قىتان خانلىقى (907 - 1124) مۇ ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئەلچىلىرىگە ھەمراھ قىلىپ، غەزنىگە ئەۋەتكەن. مۇشۇ پاكىتقا قارىغاندا، ئەينى ۋاقتىدا قىتانلارمۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن بىرلىشىپ، غەزنەۋىلەرنى يېنىغا تارتىپ قاراخانىيلارغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈشكە ھەرىكەت قىلغان.
بەزى تارىخچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، مىلادىنىڭ 1018 - يىلى شەرقىي قىتانلار قاراخانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بالاساغۇن ئەتراپىغا بېسىپ كەلگەندە، قىتان قوشۇنلىرى قاتارىدا ئۇيغۇر ئىدىقۇت قوشۇنلىرىمۇ بولغانىكەن.
ئۇيغۇ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ سۇڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
[تەھرىرلەش]مىلادىنىڭ 850 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى قۇرۇلغاندا، جۇڭگودىكى تاڭ سۇلالىسى ئاجىزلاپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتقانىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنۈشتە دوستانە بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك ھالدا ئەمەس ئىدى.
مىلادىنىڭ 907 - يىلى تاڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن جۇڭگو تارىخىدا «بەش سۇلالە» ۋە «ئون بەگلىك دەۋرى» دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى چوڭ بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى مەيدانغا كەلدى. شۇ دەۋرىدىكى بۆلۈنۈش جۇڭگو تارىخىدىكى «ئۈچ دۆلەت دەۋرى» (مىلادىنىڭ 220 - يىلىدىن 280 - يىلىغىچە) دەپ ئاتالغان بۆلۈنۈشكە قارىغاندا، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بۆلۈنۈش ئىدى. «بەش سۇلالە» ۋە «ئون بەگلىك دەۋرى» دە، كېيىنكى تاڭ (923 - 936)، كېيىنكى لياڭ (907 - 923)، كېيىنكى جىن (936 - 946)، كېيىنكى خەن (947 - 950)، كېيىنكى جۇ (951 - 960) قاتارلىق بەش سۇلالە ھۆكۈم سۈرگەندىن تاشقىرى، يەنە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي تېررىتورىيىسىدە ئۇششاق ئون بەگلىكمۇ ھۆكۈم سۈرگەن. مانا شۇ «بەش سۇلالە» ۋە «ئون بەگلىك» لەر بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، دەريالاپ قان تۆكتى.
مىلادىنىڭ 960 - يىلى سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇپ جۇڭگو ئاساسەن بىرلىككە كەلگۈچە بولغان ئۇزۇن بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ قېلىش ھالىتىگەكېلىپ قالغانىدى. لېكىن، كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن جۇڭگودىكى «بەش سۇلالە» ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى قىزغىن داۋام قىلدى. بولۇپمۇ سودا مۇناسىۋەتلىرى بەكمۇ راۋاجلاندى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن سۇڭ سۇلالىسى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلدى.
سۇڭ سۇلالىسى مىلادىنىڭ 960 - يىلى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، شىمال تەرىپىدىكى قىتان خانلىقى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. شەرقىي قىتان خانلىقنىڭ تېررىتورىيىسىنى شەرقىي ياپون دېڭىزىغىچە، غەربىي ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ قوبدۇ رايونىغىچە، شىمالى ھازىرقى موڭغۇلىيىدىكى قۇرۇلۇن، ئورخۇن، سىلىنغا دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىغىچە، جەنۇبى جۇڭگونىڭ شەنشى، خېبېي، نىڭشىيا ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىغىچە سوزۇلغانىدى.
شەرقىي قىتان خانلىقى جۇڭگودا ھۆكۈم سۈرگەن «بەش سۇلالە » ۋە «ئون بەگلىك دەۋرى» دىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، تېررىتورىيىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. قۇدرەتلىنىۋالدى. شەرقىي قىتان خانلىقىنى قۇرغان ئاي بوغى (907 - 926) X ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىتان قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈردى. ئارقىدىنلا نوجىن (جۇرجىت ــ مانجۇلارنىڭ ئەجدادى) شىرۋى قاتارلىق قەبىلىلەرنى بوسۇندۇرۇۋالدى.
شەرقىي قىتان خانلىقى يىلودىگاننىڭ ۋاقتىدا (927 - 947) كۈچىيىشكە باشلىدى. يىلودىگان مىلادىنىڭ 936 - يىلى ھازىرقى خېبېي، سەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى 16 ئوبلاستىنى بېسىۋالدى. قىتانلار مىلادىنىڭ 946 - يىلى جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىپ، كېيىنكى جىن بەگلىكىنى يوقىتىپ بۇ بەگلىكنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالدى.
مىلادىنىڭ 960 - يىلى قۇرۇلغان سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خانى سۇڭ تەيزۇڭ (976 - 997) شەرقىي قىتانلاردىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 16 ئوبلاستنى قايتۇرۇۋىلىش ئۈچۈن مىلادىنىڭ 978 - يىلى ئۇلارغا قارشى ئاتلاندى. ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى ئەتراپىدا بولغان ئۇرۇشتا قىتانلار سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈردى. سۇڭ تەيزۇڭ ئاران قېچىپ قۇتۇلدى. مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمىگەن سۇڭ تەيزۇڭ مىلادىنىڭ 982 - يىلى قىتانلارغا يەنە قوشۇن تارتىپ باردى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىمۇ سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
شەرقىي قىتانلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، سۇڭ سۇلالىسىنى پاسسىپ مۇداپىئە ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويدى.
ئەينى ۋاقىتتا، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدا يەنە بىر دۈشمەن پەيدا بولدى. ئۇ بولسىمۇ تاڭغۇت قەبىلىلىرى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى تاڭغۇتلارنى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا تىلغا ئالغان 20 تۈرك قەبىلىلىرى قاتارىدا ساناپ ئۆتىدۇ.[1] مەھمۇد كاشغەرى يەنە «تاڭغۇت، تۈركلەردىن بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار چىنغا يېقىن جايلاشقان» دەپ يازىدۇ.[2] لېكىن، ھازىرغىچە تاڭغۇتلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە ياكى تىبەت نەسىللىك خەلقلەرگە كىرىدىغانلىقى تېخى ئايدىڭلاشمىدى، بۇ ھەقتە تالاش - تارتىش بار.
تاڭغۇتلار گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي قىسمى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمى، نىڭشىيانىڭ جەنۇبىي قىسمى، ھازىرقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ئوردوس يايلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدا كۆچۈپ يۈرەتتى. تاڭغۇتلار مىلادىنىڭ 1032 - يىلى رەسمىي دۆلەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا، سۇڭ سۇلالىسىگە خەۋپ سېلىشقا باشلىغانىدى.
مىلادىنىڭ 960 - يىلى سۇڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا، قىتانلار بىلەن تاڭغۇتلارنىڭ زېمىن كېڭەيتىش ئۈچۈن جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە چىداپ تۇرالمىدى.
لېكىن، سۇڭ سۇلالىسى ئۆز دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرغۇدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى قىتانلار ۋە تاڭغۇتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ سىناقتىن ئۆتكەن ۋە ياخشى ئۈنۈم بەرگەن «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى ئۇجۇقتۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىشقا قارار قىلدى. شۇنىڭغا كۆرە، ئۆزى بىلەن چېگرىداش بولمىغان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قىتانلار ۋە تاڭغۇتلارغا قارشى تۇرماقچى بولدى.
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە كەڭسۇ، كۆكنۈردىكى تىبەت بەگلىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشقا ئانچە قىزىقمىغان. كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تىبەت بەگلىكلىرى بىرنەچچە قېتىم تەكلىپ بېرىپ، تاڭغۇتلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنىڭ تەشەببۇسىنى رەت قىلغانىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىغاندا، سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى «يېقىن قوشنىلارغا ھۇجۇم قىلىش، يىراقتىكىلەر بىلەن دوستلىشىش» دېگەن كونا تەدبىرىگە ئەمەل قىلغان بولسا كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنلىرىدىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلىنىشقا بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. لېكىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئورخۇن - ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرىدەك سان جەھەتتىن كۆپ، سۈپەت جەھەتتىن جەڭگىۋار ئەمەس.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاڭ يەندى «ئىدىقۇتقا بارغان ئەلچىنىڭ خاتىرىسى» دا، ئەھۋالنى ئېنىق بىلمەيلا خاتىرىلىگەندەك، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى تېررىتورىيىە جەھەتتە، جەنۇبتا خوتەن بىلەن غەربتە... ئەرەبلەر ۋە ئىران چېگرىسىغىچە، غەربىي جەنۇبتا ھىندىستانغىچە سوزۇلغان چوڭ دۆلەتمۇ ئەمەس ئىدى.[3]
(原文:«......高昌,即西州也,其地南距于田,西南距大食,波斯,西距西天步路.»)
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىراننىڭ 980 - يىلىدىكى ئەھۋالىنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتسەكلا، ۋاڭ يەندىنىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە زادى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلىمىز.
مىلادىنىڭ 980 - يىللىرى قاراخانىيلار دۆلىتى شەرقتە بۈگۈرگىچە، غەربتە يەتتەسۇغىچە بولغان تېررىتورىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. سامانىيلار پادىشاھلىقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماۋەرائۇننەھرى قىسمى بىلەن ئىراننىڭ خوراسان قىسمىغا ھۆكۈمران ئىدى. شۇ مەزگىلدە ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ئىراننىڭ غەربىي قىسمى، ئىراق سۈرىيە قاتارلىق كەڭ تېررىتورىيىگە ھۆكۈمران ئىدى. دېمەك ئۇ چاغدا، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىگە، تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم جايلار (قۇمۇلدىن تارتىپ ماناسقىچە بولغان جايلار) بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىدىن تارتىپ، شەرقى جەنۇبىي كەڭسۇدىكى داشاتا ئەنشىغىچە، غەربىي جەنۇبى بۈگۈرگىچە، جەنۇبى لوپنۇرغىچە بولغان جايلار كىرەتتى.
كېيىنكى تارىخىي ۋەقەلەر، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ سۇڭ سۇلالىسىگە ھەربىي جەھەتتىن ئۈنۈم بەرگۈدەك ياردەم قىلالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
مىلادىنىڭ 1004 - يىلى شەرقىي قىتانلار سۇڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلدى. قىتان قوشۇنلىرى سۇڭ سۇلالىسنىڭ پايتەختى كەيفېڭنىڭ شىمالىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايغا قىستاپ كەلدى. ئەھۋال شۇنداق خەتەرلىك بولۇپ قالغاندا، سۇڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىكى بەزىبىر تۇراقسىز ۋەزىرلەر پايتەختنى نەنجىنگە ياكى سىچۇەنگە يۆتكەپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئاخىر مىلادىنىڭ 1005 - يىلى قىتان خانى يىلۇلۇڭشۇ (983 - 1031) نىڭ قورقۇتۇشى (يىلۇلۇڭشۇ قىتان قوشۇنلىرىغا ئۆزى باش بولۇپ كەلگەنىدى) بىلەن سۇڭ سۇلالىسى شەنجۇ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى فۇياڭ دېگەن جاي) دېگەن جايدا ئۆزلىرى ئۈچۈن ھاقارەتلىك بولغان «شەنجۇ بىتىمنامىسى» غا قول قويدى. «شەنجۇ بىتىمنامىسى» غا كۆرە، سۇڭ سۇلالىسى قىتانلارغا ھەر يىلى 100 مىڭ سەر كۈمۈش، 200 مىڭ توپ يىپەك مال ياساق تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭغا رازى بولمىغان قىتانلار سۇڭ سۇلالىسىگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ھەر يىلى 200 مىڭ سەر كۈمۈش، 300 مىڭ توپ يىپەك مال ياساق تۆلەشكە مەجبۇر قىلدى. مانا شۇنداق ئەھۋال خېلى ئۇزۇن مۇددەتكىچە خەلقنىڭ سۇڭ سۇلالىسىگە ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتى (تۆلەيدىغان ئالۋان - ياساقلىرى) نى بەكمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى (960 - 1126) شەرقىي قىتانلارغا 120 يىل (مىلادىنىڭ 1005 - يىلىدىن 1126 - يىلىغىچە) ئىچىدە تەخمىنەن 24 مىليون سەر كۈمۈش، 6 مىليون توپ يىپەك مال ياساق تۆلىدى.[4] بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تاڭغۇتلارغىمۇ مىلادىنىڭ 1044 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 72 مىڭ سەر كۈمۈشن 153 مىڭ توپ يىپەك مال، 30 مىڭ جىڭ چاي[5] ياساق تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. تاڭغۇت خانى لى يەنخاۋ (مىلادىنىڭ 1032 - يىلىدىن 1048 - يىلىغىچە خان بولغان) مىلادىنىڭ 1040 - يىللىرى سۇڭ سۇلالىسىنى ئۈچ قېتىم ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقاندىن كېيىن، بۇ ياساقنى تۆلەشكە مەجبۇر قىلغانىدى.
ئەگەر ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى 983 - يىلىدىن باشلاپ سۇڭ سۇلالىسىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بولسا، سۇڭ سۇلالىسى ئېھتىمال قىتانلارغا، تاڭغۇتلارغا مۇنچىلىك دەرىجىدە بوزەك بولمىغان بولاتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ۋەقەلەر خېلى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خانى سۇڭ تەيزۇڭ مىلادىنىڭ 981 - يىلى 5 - ئايدا ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا مەشھۇر دىپلومات، تارىخچى ۋاڭ يەندى (مىلادىنىڭ 938 - يىلى تۇغۇلۇپ مىلادىنىڭ 1000 - يىلى ئۆلگەن) باشچىلىقىدا، بەي شۈن ئورۇنباسارلىقىدا بىر يۈز نەچچە كىشىدىن تەركىب تاپقان ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتتى.
ۋاڭ يەندى مىلادىنىڭ 981 - يىلى 5 - ئايدا يولغا چىقىپ، مىلادىنىڭ 982 - يىلى 4 - ئايدا ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا كەلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى مىلادىنىڭ 983 - يىلى ئەتىيازدا ئاياغلاشتۇرۇپ كەيفېڭگە قايتتى. ۋاڭ يەندى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى كەيفېڭگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۇڭ تەيزۇڭغا تەپسىلى مەلۇمات بەردى. ئاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، كۆرگەن - بىلگەن، ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن مىلادىنىڭ 985 - يىلى «ئىدىقۇتقا بارغان ئەلچىنىڭ خاتىرىسى» ناملىق ئەسەر يېزىپ، سۇڭ تەيزۇڭغا تەقدىم قىلدى. بۇ ئەسەردە: ۋاي يەندىنىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا بېرىپ - كېلىشىدە بېسىپ ئۆتكەن يولى، ئىدىقۇت خانلىقىدىكى خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، دۆلەتنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى، تۇرپاننىڭ ھاۋا كىلىماتى، ئارسلانخاننىڭ سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرىنى قانداق قارشى ئالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكى توغرىسىدا ئېنىق، تەپسىلىي مەلۇمات بار. ئەپسۇسكى بۇ ئەسەر بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى سۇڭ سۇلالىسى دەۋردە ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخچىلار ئۆز ئەسىرىدە خاتىرىلەپ قالدۇرغان.
«ئىدىقۇتقا بارغان ئەلچىنىڭ خاتىرىسى» دىكى ئاساسىي مەزمۇنلار، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 203 - جىلدىدىكى «ئەدەبىي ئەسەرلەر بايانى» دا، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى. ۋاڭ يەندى ھەققىدە قىسسە» بابىدا، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 490 - جىلدىدىكى «ئىدىقۇت ھەققىدە قىسسە» دېگەن بابتا خاتىرىلەنگەن.
ۋاڭ يەندى مىلادىنىڭ 981 - يىلى 5 - ئايدا ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭشەن ناھىيىسىدىن يولغا چىقىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ يۈرۈپ، VIII ئەسىردىكى ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا تىلغا ئېلىنغان توققۇز تاتارلار يۇرتى (موڭغۇلىيە ۋە ئىچكى موڭغۇل دائىرىسىدىكى جايلار) دىن ئۆتىدۇ. ئۇ قىتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ناھايىتى ئېغىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ۋاڭ يەندى دەسلەپ ھازىرقى نىڭشيادىكى ئىرسىن (قارا دەريا) ۋادىسى (合罗川) دىكى قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرى خاتۇنبالىققا (可敦城) كېلىدۇ. ئاندىن كېيىن غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ... ئەڭ ئاخىرىدا قۇمۇلغا كېلىدۇ.
ۋاڭ يەندى مىلادىنىڭ 982 - يىلى 4 - ئايدا، قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەندە، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئىدىقۇت باش ۋەزىرى ئاپائوگا (ئاپا ــ ئاتا مەنىسىدە بولۇپ، «ئوگا» ــ جاناب مەنسىدە) سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتىپ قارشى ئالىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى ئىدىقۇت شەھىرىگە كېلىپ بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاپا ئوگا ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ.
ۋاڭ يەندى ئىدىقۇت شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ خانى ئارسلانخان پايتەخت بەشبالىقتا ئىدى. ئارسلانخان يازنى بەشبالىقتا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدىقۇت شەھىرىدىن كەتكەن چاغدا، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرۇشقا تاغىسى ئاپا ئوگا (بۇ ئىسىم ئەمەس ئۇنۋان) نى تەيىنلەپ قالدۇرغانىدى. ئارسلانخان سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرىنى بەشبالىققا تەكلىپ قىلىدۇ. ئەلچىلەر بەشبالىققا كېلىپ يەتتە كۈندىن كېيىن ئارسلانخاننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئارسلانخان سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرىنى قىزغىن، سەمىمىي ۋە ناھايىتى چوڭ دەبدەبە بىلەن قارشى ئالىدۇ. ۋاڭ يەندى شۇ چاغدىكى قوبۇل مۇراسىمى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئارسلانخان ۋە خانزادىلەر، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى كۈنچىقىشقا قاراپ چوقۇندى (بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شامان ئەقىدىسىگە كۆرە، كۈنگە چوقۇنۇشى ئىدى). ئاندىن كېيىن ئېسىل كىيىم، قىممەتلىك سوۋغىلار (ئەلچىلەر ئەكەلگەن سوۋغىلار ــ ئا) نى قوبۇل قىلدى. سازچىلار ھۆرمەت سازىنى چالغاندا، ئارسلانخان سازغا جور بولۇپ بېشىنى ئەگدى. ئاندىن كېيىن ئارسلانخاننىڭ ئوغۇل - قىزلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، سوۋغىلار (سۇڭ ئەلچىلىرىگە ــ ئا) تەقدىم قىلدى. يۇقىرىدىكى ئىشلار ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن، زىياپەت بېرىلدى. ئاخىرىدا ئويۇن كۆرسىتىلدى. ئەتىسى كۆلدە كېمە سەيلىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى زىيارەت قىلدۇردى.»[3]
(原文:«五及八子,待者,皆东向拜受赐旁有持謦者,击从节拜,八闻謦,乃拜。既而八之几女亲属,皆出罗拜以受赐,遂张乐音燕,为优戏,至暮。明日泛舟于池中,池四面作鼓乐,又明日游佛寺.»)
ئارسلانخان سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ بەشبالىقتىكى سەيلىگاھلار ۋە ئىبادەتخانىلارغا بىللە بارغان.
ۋاڭ يەندى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئارسلانخان بىلەن سەمىمىي، دوستانە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 7 - ئايدا بەشبالىقتىن ئىدىقۇت شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن.
ۋاڭ يەندى باشچىلىقىدىكى سۇڭ سۇلالىسى ئەلچىلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنداپ، مىلادىنىڭ 983 - يىلى ئۆز دۆلىتىگە قايتتى.
ۋاڭ يەندى ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىكى خەلق بەگلەر (خانلار، تارقانلار) ۋە قارا بودون (ئاۋام خەلق) تىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلار سازغا بەك ئامراق، كۆپىنچە بەرباب (پىپا)، 25 تارىلىق غوڭقا (كۇڭخۇ) قاتارلىق سازلارنى چالىدۇ. چەت ئەللەرگە سۆسەر، ئاق كىگىز، زىننەت بويۇنلىرى چىقىرىپ ساتىدۇ. ئەرلىرى ھەر دائىم ئات مىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. سەپەرگە چىققاندا سازنى بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ. مەملىكەت ئىچىدە كەمبەغەللەر يوق دېگۈدەك، ئاشلىقى يېتىشمىگەنلەرنى دۆلەت تەمىنلەيدۇ. كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ. ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلار يوق، ئاغرىق - سىلاقلارنى داۋالاش ئوبدان يولغا قويۇلغان. بىز ئىدىقۇت شەھىرىگە بارغاندا، خان بەشبالىقتا يايلاۋدا ئىكەن... مانا شۇ جايدا ئات - يىلقا ئويۇنلىرى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. خان، خانىش، خانزادىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قاراشلىق يىلقىلىرى بار ئىكەن. يىلقىلار رەڭگى بويىچە ئايرىم - ئايرىم بېقىلىدىكەن. ئاتلارنىڭ سانىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس، خاننىڭ ئوردىسىدا سازچىلار كۆپ، زىياپەت ۋە سۆھبەت ئورۇنلىرىدا ساز چېلىنىپ تۇرىدىكەن. شەھەرلەردە باغلار، چوڭ بىنالار، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى كۆپ ئىكەن. خەلق بەك ئاڭلىق، بىلىملىك، ئاق كۆڭۈل، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ئادەملەر ئىكەن. ئۇلار چاققان بولۇپ، ئىشنى چاپسان قىلىدىكەن. ئۇلار ئاتقا بەكمۇ ئامراق. ياخشى ئاتنى نۇرغۇن يىپەك مال بېرىپ سېتىۋالىدىكەن. ناچار ئاتنىڭ باھاسىمۇ ئۈچ توپ يىپەك مال ئىكەن. بايلىرى، ئادەتتىكى كىشىلىرىمۇ گۆش يەيدىكەن، گۆش ناھايىتى كۆپ، مەملىكەتنى خانلار ئىدارە قىلىدۇ. بىز بارغان چاغدىكى ئىدىقۇتنىڭ چوڭ خانى ــ ئارسلانخان ئىكەن... ھەر بىر ئىش ئۆز تەرتىپى بويىچە ئورۇندىلىدۇ. خان دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ. باشقا ئىشلارنى تارقانلار (ۋەزىرلەر)، بەگلەر بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئىدىقۇت بەگلىرى ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا ئوردىغا يىغىلىدىكەن.»[3]
ۋاڭ يەندىنىڭ يۇقىرىدىكى خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئات ئۈيۈرلىرى بەشبالىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلاردا ئەجدادلىرىمىزنڭ ئەنئەنىسى بويىچە بېقىلىۋاتقان ئاتلار ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى دۇنيادا يىلقا بېقىشنى تۇنجى قېتىم ياراتقان ئەجدادلىرىمىز ئاتلىق قوشۇنلىرىنى تۆت خىل رەڭ (ئاق بوز، قارا، كۆك، تورۇق رەڭ) دىكى ئاتلارغا مىندۈرگەنىدى. ئىدىقۇت خانلىرىمۇ ئۇرۇش ئاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە يىلقىلىرىنى رەڭگى بويىچە تۈرلەرگە بۆلگەن.
گۇجىچىن ئەپەندى ۋاڭ يەندىنىڭ ئۇيغۇ ئىدىقۇت خانلىقىغا قىلغان زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە باشقا ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە (تۇرپاننى دېمەكچى) قار ياغمايدۇ. قاتتىق ئىسسىق بولىدۇ. تومۇز كۈنلىرى كىشىلەر يەر ئاستىدىكى گەمىلەردە تۇرىدۇ. ئۇچار قاناتلارمۇ سۇ بويىغا توپلىشىۋالىدۇ. ئۇچۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇچىدىغان بولسا قانىتى كۆيۈپ يىقىلىدۇ. ئۆيلەر ئاق ھاك بىلەن ئاقارتىلىدۇ... بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ. تىپىك قۇرۇقلۇق ئىقلىمى... ئالتۇنتاغدىن (تەڭرىتېغى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) كېلىدىغان سۇ شەھەرنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ ئاقىدۇ. ئادەملىرى سازغا ئامراق. كۆپىنچە بەرباب ۋە غوڭقا قاتارلىق سازلارنى چالىدۇ. ئاق كۆڭۈل، تۈز، ھۈنەرۋەن كېلىدۇ. ئالتۇن - كۈمۈش، مىس، تۆمۈر تاۋلايدۇ. قاچا - قۇچا، جابدۇقلارنى ياسايدۇ. قاشتېشىدىنمۇ بۇيۇملارنى ياسايدۇ. ئىدىقۇتتىن بولغۇن، سۆسەر، ئاق كىگىز، كەشتىلىك، گۈللۈك رەختلەر چىقىدۇ. ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. خوتۇن - قىزلىرى چاچ سالدۇ.»[6]
يۇقىرىدىكى باياندا، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ھاۋا كىلىماتى، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىقتىسادى مەشغۇلاتى، ئەخلاقىي پەزىلىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى خېلى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن.
مىلادىنىڭ 981 - يىلى ۋاڭ يەندى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا ئەلچى بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە ئىككى قېتىم (مىلادىنىڭ 962 - يىلىدىن 981 - يىلىغىچە بولغان 20 يىل ئىچىدە) ئەلچى ئەۋەتكەن. مىلادىنىڭ 1040 - يىلى سۇڭ سۇلالىسى شەرقىي قىتانلاردىن مەغلۇپ بولۇپ ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر سېلىق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان چاغدىمۇ، ئىدىقۇت خانلىقى سۇڭ سۇلالىسىگە ئۈچىنچى قېتىم ئەلچى ئەۋەتتى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ غەربىي قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ قېلىشى
[تەھرىرلەش]شەرقىي قىتانلار مىلادىنىڭ 979 - يىلى ۋە مىلادىنىڭ 982 - يىلى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى ئەتراپىدىكى گاۋلىياڭخې دەرياسىنىڭ بويىدا، شىمالىي شەنشىدە ئىككى قېتىم تارمار قىلغاندىن كېيىن، ناھايىتى جانلىنىپ كەتتى. بولۇپمۇ شەرقىي قىتانلار مىلادىنىڭ 1004 - يىلى خېنەندىكى شەنيۈەن دېگەن جايدا تۈزۈلگەن «شەنيۈەن بىتىمنامىسى» ئارقىلىق سۇڭ سۇلالىسىنى ھەر يىلى 100 مىڭ سەر كۈمۈش، 200 مىڭ توپ يىپەك مال ياساق تۆلەشكە مەجبۇر قىلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كەتتى.
شەرقىي قىتانلار مىلادىنىڭ 985 - يىلى ھازىرقى ئامۇ (خېيلوڭجياڭ) دەرياسى ۋە سۇنغارى دەرياسى بويلىرىدا ياشايدىغان نۇجىن قەبىلىلرىنى بويسۇندۇرۇۋالغانىدى. نۇجىن قەبىلىلىرى يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرىدىغان جەڭگىۋار خەلق ئىدى.
مىلادىنىڭ XI ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نۇجىن قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ۋانيان قەبىلىسى، نۇجىن قەبىلىلىرىنى قەبىلە ئىتتىپاقىغا ئۇيۇشتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ نۇجىنلار كۈچەيدى. نۇجىنلار خانلىرىنى ۋانيان قەبىلىسىنىڭ خانزادىلىرىدىن تەيىنلىدى. مىلادىنىڭ 1114 - يىلى ۋانيان قەبىلىسىدىن بولغان ۋانيان ئاغۇدا قىتانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ھازىرقى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ فۇيۇ ناھىيىسىدە قىتانلارنى تارمار كەلتۈردى. ۋانيان ئاغۇدا، مىلادىنىڭ 1115 - يىلى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن تارىختا جۇرجىت 金) ( دەپ ئاتالغان خانلىق مەيدانغا چىقتى. جۇرجىت خانى ۋانيان ئاغودا شىمالىي سۇڭ سولالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ قىتانلارغا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. شەرقىي قىتان خانلىقى مىلادىنىڭ 1124 -يىلى خەلق قوزغىلاڭلىرى، ھۆكۈمران تەبىقە ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر (جۇرجىتلار بىلەن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى) نىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.
تارىختا 210 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي قىتان خانلىقى (916 - 1124) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي قىتان شاھزادىسى تۇس تايغۇ ــ يىلۇداشى (مىلادىنىڭ 1087 - يىلى تۇغۇلۇپ 1143 - يىلى ئۆلگەن) بىر قىسىم قىتانلارنى باشلاپ غەربكە قاچتى. تۇس تايغۇ دەسلەپ ھازىرقى موڭغۇلىيىدىكى خاتۇنبالىق (بۇ ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ خېلى مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى ئىدى) قا كەلدى. شۇ يەردە ئۆزىنى قىتان پادىشاھى دەپ جاكارلىدى. ئاندىن كېيىن يەنسەي دەرياسىنىڭ بويىدىكى قىرغىزلار ئارىسىغا باردى. قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرىغان قىتانلار يەنسەي دەرياسى بويىدىن قېچىپ بەشبالىق ئەتراپىغا كېلىپ توختىدى. تۇس تايغۇ باشچىلىقىدىكى قىتانلارنىڭ ئاھالە سانى 200 مىڭ بولۇپ، 40 مىڭ تۇتۇن (چېدىر) دىن ئىبارەت ئىدى. تۇس تايغۇ مانا شۇ 40 مىڭ چېدىرلىق قىتانلاردىن 40 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن تەشكىللىۋىلىشقا ئىمكانىيەت تاپقانىدى. ھەر جەھەتتىن خېلى مۇكەممەل تەجرىبىگە ۋە تەشكىللەش، باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان تۇس تايغۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى بەشبالىق ئەتراپىدا تۇرغان چاغدا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن تىڭ تىڭلىغۇچىلارنى ئىشقا سالدى. بۇ ئارقىلىق ئەھۋالىنى خېلى ئېنىق ئىگىلىۋالغان تۇس تايغۇ مىلادىنىڭ 1125 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانى بىلگە تېكىنگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ غەربكە بېرىشتا ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىدىن ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى، خاننىڭ بۇ ئىشتىن ئەندىشە قىلماسلىقىنى ئۇقتۇردى. بىلگە تېكىن تۇس تايغۇنىڭ مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قارارگاھىغا باردى. بىلگە تېكىن تۇس تايغۇنىڭ قارارگاھىدا ئۈچ كۈن مېھمان بولدى. تۇس تايغۇ غەربكە قاراپ ماڭىدىغان چاغدا، بىلگە تېكىن ئۇنىڭغا 600 ئات، 100 تۆگە 3000 قوي يوللۇق تۇتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنى گۆرۈ سۈپىتىدە تۇس تايغۇغا قوشۇپ قويدى. بۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تۇس تايغۇغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىلگە تېكىن تۇس تايغۇنى ئۆز مەملىكىتىنىڭ چېگرىسىغىچە ئۇزىتىپ راردى.[7]
باشقا تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇس تايغۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىدىن غەربكە قاراپ يۈرۈپ شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ شىمالىي ئىلىكخانى باشقۇرىدىغان تېررىتورىيە ئىچىدىكى ئىمىلدا بىر مەزگىل تۇردى. تۇس تايغۇ ئىمىلدا تۇرۇش ئۈچۈن شىمالىي ئىلىكخاندىن روخسەت ئالغانىدى.
تۇس تايغۇ ئىمىلدا تۇرۇپ كۈچ توپلىۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ئۈستىگە بېسىپ بېرىشنىڭ پەيتىنى پايلاپ تۇردى. دەل شۇ چاغدا، شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ قاغانى ئىبراھىمخان (1128 - 1158) قارلۇقلار ئىسيانىنى باستۇرۇشقا تۇس تايغۇدىن ياردەم سوراپ قالدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان تۇس تايغۇ مىلادىنىڭ 1130 - يىلى قارلۇقلار ئىسيانىنى باستۇرۇشنى باھانە قىلىپ، بالاساغۇن بىلەن قەشقەرنى بېسىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شەرقىي قاراخانىيلارمۇ قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ قالدى.
تۇس تايغۇ مىلادىنىڭ 1137 - يىلى 8 - ئايدا خوجەنت ئەتراپى (ئۆزبېكىستان) دا غەربىي قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. مىلادىنىڭ 1141 - يىلى غەربى قاراخانىيلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قارلۇقلار قىتانلارنى ياردەمگە چاقىردى. غەربىي قاراخانىيلار بولسا سەلجۇقىلارنى ياردەمگە چاقىردى. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەرگە كۆرە، مىلادىنىڭ 1141 - يىلى 9 - ئايدا تۇس تايغۇ سەمەرقەند بىلەن بۇخارا ئارىسىدىكى «قەتۋان» چۆلىدە، غەربىي قاراخانىيلار بىلەن سەلجۇقىلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، غەربىي قاراخانىيلارمۇ قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ قالدى.
تۇس تايغۇ تارىختا «غەربىي قىتان خانلىقى» دەپ ئاتالغان دۆلەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. غەربىي قىتان دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خېلى كۆپ قىسمى كىرگەنىدى. غەربىي قىتانلار ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى بېقىندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشمىغان. غەربىي قىتانلار ئۆز ئادىتى بويىچە، ئۇلاردىن مەلۇم مىقداردا سېلىق ئېلىپ تۇرۇش بىلەنلا چەكلەنگەن. غەربىي قىتانلار سېلىقنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇلۇشىغا كاپالەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئوردىسىغا بىر دائىمى نازارەت ئەلچىسى ئەۋەتكەن. بىلگە تېكىندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدا ئىسەن تۆمۈر ئاتلىق خاننىڭ ئۆتكەنلىكى مەلۇم، ئۇنىڭ خانلىق ھۆكۈمىتى قانچە يىل سۈرگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات يوق.
موڭغۇللار ۋە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى
[تەھرىرلەش]چىڭگىزخان ۋە بائۇرچۇق ئارت تېكىن
[تەھرىرلەش]XII ئەسىرنىڭ ئاخىرى، XIII ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىدىكى قۇرۇلۇن، ئۇنۇن دەريالىرىنىڭ بويلىرىدا ئۆز ئارا بىرلەشمىگەن موڭغۇل قەبىلىلىرى ياشايتتى. بايقال بويلىرىدا تاتار قەبىلىلىرى، توغلا دەرياسى بويلىرى ۋە شەرقىي ئالتايدا كېرەيلەر، نايمانلار، مەركىتلەر (بۇلار تۈركىي قەبىلىلەر ئىدى) ياشايتتى. مانا شۇ قەبىلىلەر، يايلاق، چارۋا مال، ئەمگەك كۈچلىرىنى تالىشىپ ئۆز ئارا ئۇرۇشۇپ تۇراتتى.
موڭغۇللارنىڭ دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغانلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، ئورمانلىقتا ياشايدىغانلىرى ئاساسەن ئوۋچىلىق قىلاتتى. موڭغۇللار ئۆزلىرىنى سان جەھەتتىن كۆپ ۋە ئابرۇيلۇق بولغان تاتار قەبىلىسى نامى بىلەن «تاتارلار» دەپ ئاتاشقانىدى. موڭغۇللار شۇ چاغدا پاترىئارخانلىق ئۇرۇق - قەبىلە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلىغان فېئوداللىق جەمئىيەت باسقۇچىدا ئىدى.
قەبىلىلەر ئارا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان ئۇرۇشلار موڭغۇل خەلقلىرىنى ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەتتە قويغانىدى. موڭغۇل ئەمگەكچىلىرى، موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە تەقەززا ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۆز ئارا ئۇرۇشلار تۈگەپ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ ئامان - خۇدا ياشاش مۇمكىن بولاتتى.
جۇرجىت خانلىقى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشتۇرۇپ قوياتتى. ئۇلارنى بۇلاپ - تالايتتى. قۇرامىغا يەتكەن موڭغۇل ياشلىرىنى قوشۇنغا ئالاتتى، ئۇرۇشلاردا ئۇلارنىڭ كۆپلەپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولاتتى. موڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇرۇشۇپ تۇرۇشى ــ جۇرجىت خانلىقىنىڭ موڭغۇل قەبىلىلىرىگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئەكسىيەتچى، ياۋايى - يىرتقۇچ سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى ئىدى.
موڭغۇل خەلقىنىڭ كۈچلۈك، مۇستەقىل دۆلەت قورۇش ئارزۇسىنى چىڭگىزخان ئەمەلگە ئاشۇردى.
مىلادىنىڭ 1153 - يىلى ئۇنۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايدىغان موڭغۇل قەبىلىسىنىڭ قىيات بۆرە تېكىن ئۇرۇقىنىڭ خانى يېسۇكەي باتۇرنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغۇلغا تۆمۈرچى (موڭغۇللار تىمۇچىن، دەپ ئاتىشىدۇ) دەپ ئات قۇيۇشتى. تۆمۈرچى ئاجايىپ قاۋۇل، چاققان، بەكمۇ ھۇشيار، كارامەت باتۇر ئوغۇل بولۇپ چىقتى. مىلادىنىڭ 1164 - يىلى تاتارخانى توغرۇلخان يېسۇكەي باتۇرنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى. دادىسىدىن يېتىم قالغان تۆمۈرچى پۇتىغا چېتىق سېلىنغان ھالدا، تاتارلارنىڭ تۆمۈر كېنىدا بىرنەچچە يىل قۇل ئورنىدا ئىشلىدى. تۆمۈرچى قۇللۇقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۆز قەبىلىسىگە خان بولدى. تۆمۈرچى قىلىچ چېپىپ، قان تۆكۈپ موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بويسۇندۇردى، بىرلەشتۈردى. ئاندىن كېيىن مىلادىنىڭ 1202 - يىلى تاتارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن، تاتار قەبىلىسىنىڭ ھارۋا شۇتىسىغا بويى يەتكۈدەك بالىلىرىنى ئامان قالدۇرۇپ، قالغانلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلىدى. تۆمۈرچى مىلادىنىڭ 1204 - يىلى نايمانلارغا ھۇجۇم قىلدى. نايمان خانى تايانخاننى ئۆلتۈردى. بىر قىسىم نايمانلار كۈچلۈكخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە يەتتەسۇغا قېچىپ كەتتى. تۆمۈرچى نايمانلارنى بويسۇندۇرغاندا، تايانخاننىڭ تامغىچىسى بولغان ئۇيغۇر تاتاتۇڭا ئاتلىق ناھايىتى بىلىملىك، تالانتلىق بىر تامغىچىسىنى قولغا چۈشۈردى. تاتاتۇڭا كېيىن چىڭگىزخان قۇرغان ئۇلۇغ ئېمپېرىيىسىدە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى.
موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1206 - يىلى ئۇنۇن دەرياسىنىڭ بويىدا 5000 كىشى سىغىدىغان (بەزى مەلۇماتلاردا 500 كىشى سىغىدىغان دېيىلىدۇ) بىر چېدىر تىكىپ، قۇرۇلتاي چاقىردى. قۇرۇلتاي تۆمۈرچىنى «چىڭگىزخان» (مەنىسى «دېڭىزخان») ئۇنۋانىدا قاغان قىلىپ سايلىدى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1206 - يىلى يېڭى قۇرۇلغان موڭغۇل دۆلىتىگە قاغان بولغاندىن كېيىن، مۇھىم بولغان ئىككى تۈرلۈك ئىشقا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ ئۆز دۆلىتىگە قوشنا بولغان جايلار (تولىراق غەرب) تىكى خەلقلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇمۇشلۇق، تالانتلىق ئادەملىرىنى ئوردىسىغا يېغىپ، ئۇلارنى يېڭى قۇرۇلغان موڭغۇل دۆلىتىنىڭ ھەربىي، مەمۇرى ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. چىڭگىزخان يەنە بىر تەرەپتىن كۆپ سانلىق، ياخشى قوراللانغان، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن بولغان، ئىنتىزاملىق قوشۇن تەشكىل قىلىشقا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلدى.
XIII ئەسىردە ياشىغان ئىران تارىخچىسى جۈۋەينى چىڭگىزخان ھەربىي قوشۇنىنىڭ تۈزۈلۈشى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ. ئۇنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا: «ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى بولمىغان تىنچ ۋاقىتلاردا ئۆز ئىختىيارىچە چارۋا مال بېقىش بىلەن مەشغۇل بولغان بارچە موڭغۇل ئاھالىسى ئۇرۇش ۋاقتىدا، كۆچمەنچىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، ئون كىشىلىك، 100 كىشىلىك، 1000 كىشىلىك، 10 مىڭ كىشىلىك قىسىملاردىن ئىبارەت قوشۇنغا ئايلاندۇرۇلاتتى. بىرەر جايغا يېزىلمىغان ۋە لېكىن ئەمەلىيەتتە رەسمىيلىشىپ قالغان قانۇنغا كۆرە، ھەربىر جەڭچى ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆزىگە لازىم بولىدىغان ھەممە ياراغ - ئەسلىھە ــ ئوقيا، باشاق، قىلىچ ۋە باشقىلارنى، ئۆزى مىنىدىغان ۋە يۈك ئارتىدىغان ھايۋان ــ تۆگە، ئات ياكى ئېشەكنى، خىلمۇ خىل جابدۇقلار ــ چۇلۋۇر، ئارغامچا، قازان، يىڭنە، پالتا ۋە باشقا لازىملىق نەرسىلەرنى ئالدىن تەييار قىلىپ قويۇشى كېرەك ئىدى. ھەربىي قىسىملارنىڭ باشلىقلىرى ئونبېشى، يۈز بېشى، مىڭبېشى، تۈمەنبېشى ۋاھاكازالار دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار موڭغۇل ھەربىي ئاقسۆڭەكلىرىگە مەنسۇپ كىشىلەردىن ــ باتۇرلار، مەرگەنلەر، چېچەنلەر، نويانلاردىن تەيىنلىنەتتى. موڭغۇل قوشۇنى ناھايىتى ئىنتىزامچانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەربىي يۈرۈشلەردىكى ئادەتتىن تاشقىرى چاققانلىقى، چىدامچانلىقى ۋە جەڭ ۋاقتىدىكى مەردلىكى بىلەنمۇكۆزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى.[8]
چىڭگىزخان يۇقىرىدىكى ئىككى تۈرلۈك مۇھىم ئىشنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، سىرتقا قارىتا بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ باردى. چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1207 - يىلى چوڭ ئوغلى جوجىخان (مىلادىنىڭ 1177 - يىلى تۇغۇلۇپ 1225 - يىلى ئۆلگەن) نى سىبىرىيىدىكى خەلقلەرنى بويسۇندۇرشقا ماڭدۇردى.
جوجىخان يەنسەي دەرياسىنىڭ بويىدىكى قىرغىزلارنى، بايقال بويىدىكى بۇرياتلارنى، ئالتايدىكى ئۇيغۇرلارنى، يەنسەي بويىدىكى ئۇيراتلار (ئۇيغۇراتلار)، قوڭۇر ئاتلار (قوڭراتلار) نى بويسۇندۇردى.
چىڭگىزخان ئۆزىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى ــ جۇرجىت خانلىقىنى تارمار كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاڭغۇت خانلىقى (1032 - 1227) نى تارمار كەلتۈرۈشكە بەل باغلىدى. تاڭغۇتلار جۇرجىتلار بىلەن ئىتتىپاقداش ئىدى. چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1209- يىلى تاڭغۇتلار ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى ۋە ئۇلارنى تارمار قىلدى. تاڭغۇت خانى لىئەنچۇەن (1206- 1211) قىزلىرىدىن بىرىنى چىڭگىزخانغا ياتلىق قىلدى. ئۆزىنىڭ چىڭگىزخانغا بېقىنغانلىقىنى تەن ئالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تاڭغۇتلار موڭغۇللارغا ياساق تۆلەشكە مەجبۇر بولدى.
ئاسىيانىڭ شەرقىدە باش كۆتۈرگەن موڭغۇللارنىڭ خانى چىڭگىزخاننىڭ داڭقى، شۆھرىتى توغرىسىدىكى مىش – مىش گەپلەر خۇددى قاناتلىق قۇشتەك ئۇچۇپ ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىگىمۇ تارقالدى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ غەربىي قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ قالغىنىغا توپتوغرا 84 يىل (مىلادىنىڭ 1125- يىلىدىن 1209 - يىلىغىچە) بولغانىدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانى بائۇرچۇق ئارت تېكىن (؟ - 1235) يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەر (موڭغۇللارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، غەربىي قىتانلارنىڭ ئاجىزلىشى) نى نەزەردە تۇتۇپ، مىلادىنىڭ 1209 - يىلى غەربىي قىتانلارنىڭ بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى.
بائۇرچۇق ئارت تېكىن بۇ توغرۇلۇق باش ۋەزىرى تارقان بىلگە بوقا بىلەن مەسلىھەتلەشتى. تارقان بىلگە بوقا قىلچە ئىككىلەنمەستىن قەتئىيلىك بىلەن غەربىي قىتانلارنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، موڭغۇللارغا بېقىنىشنى تەكلىپ قىلدى. بائۇرچۇق ئارت تېكىن ھە دېگەندىلا، تارقان بىلگە بوقانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئويلىنىپ كۆرۈپ، كېيىن ماقۇل بولدى. بائۇرچۇق ئارت تېكىننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان تارقان بىلگە بوقا ئىدىقۇت شەھىرىدە تۇرىدىغان قىتان ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى. ئىران تارىخچىسى جۇۋەينىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، غەربىي قىتان خانى چورۇق (1178 - 1211) تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا ئەۋەتىلگەن نازارەت ئەلچىسى شاۋكىم ئۆزى تۇرىدىغان ئۆيىگە باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن (ئۆي ئۆرۈپ تاشلانغان).
قىتان ئەلچىسى ئۆلتۈۈرلگەندىن كېيىن بائۇرچۇق ئارت تېكىن، ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان ئەلچىلەر ئۆمىكىنى چىڭگىزخانننىڭ قورولون دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئوردىسىغا ئەۋەتكەن. ئۇيغۇر ئەلچىلىرى بائۇرچۇق ئارت تېكىننىڭ چىڭگىزخانغا يازغان مەكتۇبى بىلەن ئېسىل سوۋغىلارنى ئاپارغان. بائۇرچۇق ئارت تېكىن چىڭگىزخانغا يازغان مەكتۇبىدا، قىتان ئەلچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، چىڭگىزخانغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چىڭگىزخان، بائۇرچۇق ئارت تېكىننىڭ ئەلچىلىرنى بەكمۇ ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن قىزغىن، سەمىمىي كۈتۈۋالغان. ئەمما ئۇ بائۇرچۇق ئارت تېكىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەن قىتان ئەلچىسىنىڭ بېشىنى ئېلىپ، چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلىشقا ئۆزىنىڭ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان.
بائۇرچۇق ئارت تېكىن مىلادىنىڭ 1211 - يىلى ئال قايا قاتارلىق بەگلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا قۇرۇلۇن دەرياسى (ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ شەرقىدە) بويىدىكى ئوردىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلدى.
چىڭگىزخان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانى بائۇرچۇق ئارت تېكىن بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن بەكمۇ خۇش بولۇپ، ئۇنى «بەشىنچى ئوغلۇم» دېگەن. قىزى ئال ئالتۇن (ئالتۇن بىكە) نى بائۇرچۇق ئارت تېكىنگە ياتلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەپسۇسكى شاھانە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگىچە، بائۇرچۇق ئات تېكىنگە ياتلىق بولىدىغان ئالتۇن بىكە ئالەمدىن ئۆتكەن.
چىڭگىزخانغا بېقىنغان بائۇرچۇق ئارت تېكىن ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا ئۆزى باش قوماندانلىق قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ كۆپ قېتىملىق ھەربىي يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان. ئۇ مىلادىنىڭ 1218 - يىلى جابانوباننىڭ كۈچلۈك باشچىلىقىدىكى نايمان خانلىقىغا قىلغان يۈرۈشلىرىگە، چىڭگىزخاننىڭ 1219 - يىلىدىن 1225 - يىلىغىچە غەرب (ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا) كە قىلغان يۈرۈشلىرىگە موڭغۇللارنىڭ 1227 - يىلى تاڭغۇت خانلىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن قىلغان يۈرۈشىگىمۇ قاتناشقان.
موڭغۇللارنىڭ شەرققە ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىشى
[تەھرىرلەش]چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1209 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى تىنچ يول بىلەن بېقىندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئەتراپلىق، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، مىلادىنىڭ 1211- يىلى شەرقتىكى دۈشمىنى ــ جۇرجىت خانلىقى ئۈستىگە باستۇرۇپ باردى. ئۇ بۇ يۈرۈشنى قىساسچىلىق روھى بىلەن تەشكىللىدى. چىڭگىزخان جۇرجىتلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىشتىن بۇرۇن، تەڭرىگە ئىبادەت قىلىپ، بۇرۇن جۇرجىتلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تاغىلىرى ــ ئاقىن بارقاق بىلەن ئامباغاينىڭ قىساسىنى ئېلىشتا، تەڭرىنىڭ ياردەم بېرىشىنى تىلىدى.[9] چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىقتىسادىي تەرىپىدىكى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، بايلىقى مول بولغان جۇرجىت خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، كۆپلەپ ماددىي بايلىققا ئىگە بولۇشنى كۆزلىگەنىدى.
چىڭگىزخان جۇرجىتلارغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق يۈرۈشكە 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەييارلىدى. قوشۇنغا ئۆزى قوماندانلىق قىلدى. ئوغۇللىرى جوجىخان، چاغاتايخان، ئوكتايخان، تولىخان ۋە مەشھۇر موڭغۇل قوماندانلىرىدىن سۇبۇلتاي باتۇر، جابانويانلارنى ھەمراھ قىلىپ ئېلىپ ماڭدى. چىڭگىزخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتكەندە، جۇرجىتلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. لېكىن چىڭگىزخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرى ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسىدىكى ۋەنچۇەن ناھىيىسى ئەتراپىدا جۇرجىتلارنىڭ مەشھۇر قوماندانلىرى ــ غوشىلا، غۇشاغۇر قوماندانلىقىدىكى 300 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان جۇرجىت قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈردى. بۇ ئۇرۇشتا جۇرجىت قوشۇنلىرىنىڭ سەرخىللىرى، مەشھۇر، تالانتلىق قوماندانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يوقىتىلدى. چىڭگىزخان خېبېي، خېنەن ئۆلكىلىرىنىڭ شىمالىي قىسمى، سەنشى، سەندۇڭ ئۆلكىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېسىۋالدى. جۇرجىت خانى ۋانيان يۇنچى (مىلادىنىڭ 1209 - يىلدىن 1213 - يىلىغىچە خان بولغان) نى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا تۇغقىنى ۋانيان شۇنتو خان بولدى. ۋانيان شۇنتو (1213 - 1223) ئەلچىسى ئارقىلىق چىڭگىزخانغا جۇرجىتلارنىڭ مەلىكە قىزلىرىدىن بىرىنى ئەۋەتتى. يەنە نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈش، يىپەك مال، 3000 ئات سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ جۇرجىت خانلىقىنىڭ چىڭگىزخان ئالدىدا تىز پۈككەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1214- يىلى ھەددى - ھېسابسىز ئېسىل بايلىقلارنى ئېلىپ شىمالغا ــ موڭغۇلىيىگە قايتىپ كەتتى.
چىڭگىزخان جۇرجىت خانلىقىغا قىلغان تۇنجى قېتىملىق يۈرۈشىدە، شىمالىي جۇڭگودىكى بىرقانچە مۇھىم شەھەرنى بسېىۋالدى ۋە بۇلاپ - تالىدى. لېكىن جۇرجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى جۇڭدۇ (ھازىرقى بېيجىڭ) گە ھۇجۇم قىلمىدى. مىلادىنىڭ 1214 - يىلى چىڭگىزخان قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، جۇرجىت خانى ۋانيان شۇنتو پايتەخت جۇڭدۇنى تاشلاپ چىقتى ۋە پايتەختنى كەيفېڭغا يۆتكەپ كەتتى.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1215 - يىلى جۇرجىتلار ئۈستىگە ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلدى. چىڭگىزخان 5 - ئايدا جۇڭدۇنى بېسىۋالدى. جۇڭدۇدىكى بايلىقلارنى قولغا چۈشۈردى. ئارقىدىنلا موڭغۇللار خېنەندە ناھايىتى قاتتىق بۇلاڭ - تالاڭ يۈرگۈزدى. بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە موڭغۇللار، جۇرجىت قوشۇنلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جۇرجىت خانلىقىنى تولۇق بويسۇندۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەن چىڭگىزخان جۇرجىتلاردىن تارتىۋالغان تېررىتورىيىگە موڭغۇل سەركەردىسى موغالىنى خان قىلىپ تەيىنلىدى، جۇرجىت خانلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنى شۇنىڭغا تاپشۇردى. چىڭگىزخان مەقسىتىگە قىسمەن يەتكەندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1215 - يىلى قۇرۇلۇن دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەتتى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1215 - يىلى جۇرجىت خانلىقىغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق يۈرۈشىدە: «شىمالىي جۇڭگودىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئولجىلار ــ ئالتۇن - كۈمۈش تاۋاقلار، شايى ۋە ئەتلەس ماللار، قۇللار، دېدەكلەر ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئەكەتتى. ئەمما چىڭگىزخان شۇندىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىنىڭ مۇۋەپپىقيىتىنى تەمىنلىگەن بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ــ ئۇنىڭ خەنزۇلارنىڭ شەھەرلەرنى قامال قىلىشتىكى يۈكسەك ھەربىي تېخنىكىسى بىلەن تونۇشۇۋالغانلىقى بولدى دەپ ئېيتىش مۇمكىن. چىڭگىزخان موڭغۇلىيىگە خەنزۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قورال - ئەسلىھەلىرىنى، قامال ماشىنىلىرىنى بەلكى شۇنداق ياراغ - ئەسلىھەلەرنى ياسىيالايدىغان ۋە ئىشلىتىشنى بىلىدىغان كىشىلەرنىمۇ ئەكەتتى. چىڭگىزخان ئۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆز قوشۇنلىرىنى زامانىسىنىڭ ئەڭ ياخشى قوراللىرى بىلەن تەمىنلىۋالدى.»[10]
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1215 - يىلىدىكى يۈرۈشىدە، قىتان شاھزادىسى يىلۇچۇ سايدەك ئاجايىپ قابىلىيەت ئىگىسىنىمۇ قولغا چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا ئىككى ياردەمچى ۋە مەسلىھەتچى ــ ئۇيغۇر، تاتاتۇڭا بىلەن قىتان يىلۇچۇسايغا ئىگە بولدى. يىلۇچۇساي (1190—1244) چىڭگىزخان ۋە ئوكتايخانغا 30 يىل باش ۋەزىر بولدى.
چىڭگىزخان 1215 - يىلى شەرقتە ــ جۇڭگوغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق يۈرۈشتىن كېيىن، غەربكە يۈرۈش قىلىشقا ھازىرلاندى.
موڭغۇللار غەربكە ئۈچ قېتىم يۈرۈش قىلدى. بىرىنچى قېتىملىق يۈرۈش ــ 1219 — 1226 - يىلىغىچە يەتتە يىل داۋام قىلدى. بۇ يۈرۈشكە چىڭگىزخان ئۆزى يېتەكچىلىك قىلدى.
ئىككىنچى قېتىملىق يۈرۈش ــ قاغان ئوكتايخاننىڭ ۋاقتىدا (1229 - 1241) 1236 — 1241 - يىلىغىچە بەش يىل داۋام قىلدى. بۇ يۈرۈشكە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى باتۇرخان يېتەكچىلىك قىلدى.
ئۈچىنچى قېتىملىق يۈرۈش ــ قاغان موڭكى خاننىڭ ۋاقتىدا (1251 - 1259) مىلادىنىڭ 1254 - يىلىدىن 1258 - يىلىغىچە تۆت يىل داۋام قىلدى. بۈ يۈرۈشكە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ يېتەكچىلىك قىلدى.
تۆۋەندە، موڭغۇللارنىڭ غەربكە قىلغان ئۈچ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق يۈرۈشى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1209 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى بېقىندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن داغدام يول ئېچىلغانىدى.
چىڭگىزخان، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خارەزىم دۆلىتىگە بارىدىغان يولىدىكى توسالغۇنىڭ كۈچلۈك خان ئىكەنلىكىنى ھېسابقا ئېلىپ، ئۇنى يوقىتىش قارارىغا كەلدى. چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1218 - يىلى جابانويان قوماندانلىقىدىكى 20 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق موڭغۇل قوشۇنىنى كۈچلۈكخاننى يوق قىلىشقا ماڭدۇردى. كۈچلۈكخان ــ مىلادىنىڭ 1204 - يىلى ئالتايدىن يەتتەسۇغا ــ غەربى قىتان خانى چورۇقنىڭ قېشىغا قېچىپ بارغان نايمان خانزادىسى ئىدى. كۈچلۈكخان چۇرۇقنىڭ ئىشەنچسىگە ئىگە بولۇۋالغاندىن كېيىن ئالتاينڭ شەرقىدە تارقىلىپ يۈرگەن نايمانلارنى يەتتەسۇغا كۆچۈرۈپ كەلدى، چۇرۇقنىڭ قىزىغا ئۆيلەندى. كۈچ توپلاپ، پۈرسەت پايلاپ يۈرگەن كۈچلۈكخان 1211 - يىلى چورۇق خارەزىم شاھ مۇھەممەد بىلەن غەربىي قاراخانىيلارنىڭ قاغانى ئوسمان بوغراخان قوماندانلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن تەرىپىدىن تارمار بولغاندا (تالاس دەرياسى بويىدا)، 80 نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي قىتانلار خانلىقى (1125 - 1211) نى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. شۇ خانلىقنىڭ خارابىسىدە غەربىي نايمان خانلىقى (1211 - 1218) نى قۇردى. بۇ نايمان خانلىقى تېررىتورىيىسىگە خوتەن، ياركەنت، قەشقەر، يەتتەسۇ، پەرغانە ۋادىسى كىردى.
كۈچلۈكخان قەشقەرنى پايتەخت قىلغان غەربىي نايمان خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن ئېغىر زۇلۇم سالدى. بولۇپمۇ دىنىي جەھەتتىن بەكمۇ يولسىزلىق قىلدى. كۈچلۈكخان ئەسلىدە خرىستىئان دىنى (ناستورىئان مەزھىپى) غا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇ مىلادىنىڭ 1204 - يىلى قىتانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتەسۇغا قېچىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى ئېتىقادىدىن يېنىپ، بۇددا دىنىغا كىرگەنىدى. كۈچلۈكخان كۆرۈنمەككە باتۇر، ھىيلىگەر بولسىمۇ، تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا دۆت، قارام، تەدبىرسىز، ۋەھشىي، زالىم خان ئىدى. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خوتەن، ياركەنت، قەشقەر قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىدىن يېنىپ، بۇددا دىنىغا كىرىشكە زورلىدى. ھەتتا ئۆزى خوتەنگە بېرىپ ئىمام ئالائىددىن مۇھەممەد خوتەنى باشلىق بىرنەچچە مىڭ ئۆلىمالارنى يېغىپ، ئۇلارغا ئىسلام دىنىدىن يېنىپ بۇددا دىنىغا كىرىش توغرىسىدا تەپ تارتماستىن ئۇقتۇرۇش قىلدى، شۇنداق قىلمايدىغان بولسا ئۇلارنى ئۆلتۈرىدىغانلقىنىمۇ ئەسكەرتتى. شۇ چاغدا، ئىمام ئالائىددىن خوتەنى كۈچلۈكخان بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئىمام ئالائىددىن مۇھەممەد خوتەنى كۈچلۈكخاننى مات قىلدى ۋە ھەم ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈردى. رەسۋا بولغانلىقىغا چىدىمىغان كۈچلۈكخان ئىمام ئالائىددىن خوتەنى باشلىق ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئۆلىما ۋە ئىماملارنى ئۆلتۈردى.[11]
موڭغۇللار مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن كۈچلۈكخان ئارىسىدىكى زىددىيەتنى نەزەرگە ئېلىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدا تەشۋىق يۈرگۈزدى. بۇ تەدبىر كۈچلۈكخاننىڭ ھالاكىتىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ قويدى.
مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ لەنەت - نەپرىتىگە يولۇققان كۈچلۈكخان ئىسسىقكۆلنىڭ بويىدا، جابانويان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، قەشقەرگە قاراپ قاچتى. ئۇيغۇرلار كۈچلۈكخاننىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈردى. ئېغىر ئەھۋالدا قالغان كۈچلۈكخان قەشقەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سېرىققولغا قاچتى. ئۇ، قوغلاپ بارغان موڭغۇللار تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1218 - يىلى كۈچلۈكخاننى يوقاتقاندىن كېيىن، بېسىۋىلىنغان خوتەن، ياركەنت، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق جايلارنى ئىدارە قىلىشتا، «دوغلات قەبىلىسىدىن بابداغان دوغلاتقا ماڭلاي سۇيەنى ئىنئام قىلىپ بەردى. ‹ماڭلاي سۇيە› دېگەن سۆز موڭغۇل تىلىدا ‹ئاپتاپ تەرەپ› (شەرقىي تەرەپ ــ ت) دېگەن مەنىدە ئىكەن. بۇ زېمىننىڭ دائىرىسى شەرقتە باغراش، كورلا، شىمالى تەرەپتە مۇزتاغ، غەربتە ئالاي تاغلىرى ۋە كاتتا داۋان، جەنۇبتا لەئىلىكات، بەدەخشان ۋە قاراڭغۇ تاغدىن ئىبارەت ئىدى. ئىنئام قىلىنغان بۇ زېمىنغا باغداغاننىڭ ئەۋلادلىرى ئۇزۇن زامانغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ‹دوغلات› دېگەن سۆز موڭغۇل تىلىدا ‹توكۇر›، ‹ئاقساق› دېگەن مەنىدە.»[12]
ماڭلاي سۇيە دوغلات موڭغۇلىيىدىن ئۆز ئۇرۇق - جەمەتلىرىنى ئېلىپ تارىم ۋادىسىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى چىڭگىزخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇيغۇرلاشتى ۋە ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ھاكىمىيىتىنى تاكى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغىچە بولغان 300 يىل (مىلادىنىڭ 1218 - يىلىدىن 1515 – يىلىغىچە) داۋامىدا ئىدارە قىلدى.
چىڭگىزخان نايمان خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1219 - يىلى (بۇ يىلان يىلى ئىكەن) 210 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان قوشۇنغا ئۆزى قوماندان بولۇپ، غەربكە ــ ئۇتتۇرا ئاسىياغا قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا، ئوتتۇرا ئاسىيا، خوراسان ۋە ئافغانىستاننى ئـۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تېررىتورىيىدە ئۇلۇغ خارەزىم شاھلار دۆلىتى بار ئىدى.
چىڭگىزخان خارەزىم شاھلار دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇن، ئەتراپلىق، پۇختا تەييارلىق كۆردى. ئۇ كۈچلۈكخاننى يوقاتتى، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەر ئىچىدىن چىققان سودىگەرلەر ئارقىلىق خارەزىم شاھلار دۆلىتىنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى، قوراللىنىش ۋە باشقا ئەھۋاللار توغرىسىدا ئېنىق، ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئىگە بولدى.
چىڭگىرخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشى بەزى تارىخچىلار ئېيتقاندەك، موڭغۇللارنىڭ ئىسىتېخىيىلىك ھەرىكىتى ياكى ئۇلۇغ خارەزىم شاھلار دۆلىتىنىڭ شاھى ئالائىددىن مۇھەممەدخاننىڭ چىڭگىزخان بىلەن ياخشى دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتمىغانلىقىدىن بولغان ۋەقە ئەمەس.
موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ باش ۋەكىلى بولغان چىڭگىزخاننىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇش نىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. موڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى مىلادىنىڭ 1206- يىلى ئۇنۇن دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئۇ (تىمۇچىن) نى «چىڭگىزخان» ئۇنۋانىدا، يېڭى قۇرۇلغان موڭغۇل دۆلىتىگە قاغان قىلىپ كۆتۈرىدىغان چاغدا، باش شامان كۆكچى سوتۇ: «ئۇلۇغ كۆك تەڭرىنىڭ چىڭگىزخانغا پۈتۈن ئالەمنىڭ قاغانلىقىنى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.»[13]
خۇراپاتقا ئىشىنىدىغان موڭغۇللار باش شامان كۆكچى سوتۇنى ئاسمانغا ئاتلىق چىقىپ، كۆك تەڭرى بىلەن كۆرۈشكەن دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. كۆكچى سوتۇنىڭ قۇرۇلتايدا: كۆك تەڭرىنىڭ چىڭگىزخاننى پۈتۈن دۇنيانىڭ قاغانى قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزى كېيىن گوياكى «ئىلاھىي تەستىق» دەك رول ئوينىغان.
دېمەك، چىڭگىزخاننىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇشىغا ئىنتىلىشى سىرلىق «ئىلاھىي تەستىق» بىلەنمۇ قارارلاشتۇرۇلغان.
دۇنيا تارىخىدىن ئاز - تولا خەۋىرى بار كىشىلەرگە مەلۇم بولغاندەك، دۇنيادا ناھايىتى مەشھۇر باسقۇنچىلار ئۆتكەن. ھازىرقى زاماندىكى بەزى غەرب تارىخچىلىرى ھون قاغانى ئاتتىلانى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىستېلاچى ــ بويسۇندۇرغۇچى دېسە، چىڭگىزخاننى دۇنيادا ئۆتكەن بىرىنچى دەرىجىلىك باسقۇنچىلار قاتارىغا قويىدۇ.
تارىخچىلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدىكى ھۆكۈملىرى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
چىڭگىزخاننىڭ غەربكە تاجاۋۇزچىلىق مەقسىتى بىلەن قىلغان يۈرۈشىگە 1218 - يىلى يۈز بەرگەن ئوترار ۋەقەسى چوڭ باھانە بولغانىدى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1218- يىلى «خارەزىم شاھلار دۆلىتىگە 450 كىشىدىن تەركىب تاپقان چوڭ سودا كارۋىنى ۋە ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتتى. كارۋاننىڭ يۈكلىرى 500 تۆگىگە ئارتىلغانىدى. كارۋان ناھايىتى نۇرغۇن قىممەت باھالىق بۇيۇملار ۋە سوۋغىلارنى ئاپارغانىدى.»[14]
مانا شۇ كارۋان ۋە ئەلچىلەر خارەزىم شاھلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئۆرگەنجىگە قاراپ كېتىۋىتىپ، چېگرىدىكى ئوترار شەھىرىگە كەلگندە چوڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىدى. ئوترار شەھىرىنىڭ بېگى، خارەزىم شاھنىڭ تۇغقىنى بولغان ئىنالچىق قاھىرخان چىڭگىزخاننىڭ سودا كارۋىنى بىلەن ئەلچىلىرىنى ئوترار شەھىرىدە توسۇپ قويدى. ئارقىدىنلا كارۋاننىڭ مال - مۈلكى تالاندى، ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى. ئىنالچىق قاھىرخان بۇ ئىشلارنى خارەزىم شاھ مۇھەممەدنىڭ رازىلىقى بىلەن قىلغانمۇ ياكى ئۆز خاھىشى بىلەن قىلغانمۇ، تارىخىي خاتىرىلەردە بۇ توغرىدا ئېنىق مەلۇمات يوق.
ئوترار ۋەقەسىنى چوڭ باھانە قىلغان چىڭگىزخان باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىلادىنىڭ 1219 - يىلى 210 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان چوڭ قوشۇنغا ئۆزى قوماندان بولۇپ غەربكە ــ خارەزىم شاھلار دۆلىتىگە قاراپ ماڭدى.
چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىدە: ئوغۇللىرى جۇجىخان، چاغاتايخان، ئوكتايخان، تولىخان ۋە مەشھۇر موڭغۇل قوماندانلىرىدىن سۇبوتاى باتۇر، جابانويانلار ھەمراھ بولدى. بۇندىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭغا باش ۋەزىرى ــ قىتان شاھزادىسى يىلۇچۇساي، ئۇيغۇرلاردىن تاتاتۇڭا توراقايا، بولادقايا (باش ھەربىي مەسىلىھەتچى) لەرمۇ ھەمراھ ئىدى.
چىڭگىزخاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن چاغاتاي بىلەن ئوكتايخان مىلادىنىڭ 1219 - يىلى 9 - ئايدا ئوترارنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئىنالچىق قاھىرخان شەھەرنى قەھرىمانلارچە مۇداپىئە قىلدى. موڭغۇللار ئوترارنى بىر ئاي مۇھاسىرە قىلغاندىن كېيىن، مىڭبىر مۇشەققەتتە ئاران ئالالىدى. ئىنالچىق قاھىرخان مەردلەرچە قۇربان بولدى.
موڭغۇللار ئوترارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، خارەزىم شاھلار دۆلىتىگە بىرقانچە يۆنىلىش بويىچە ھۇجۇم قىلدى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1220 - يىلى 2 - ئايدا تولىخان بىلەن بىرلىكتە موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىغا قوماندانلىق قىلىپ بۇخاراغا قىستاپ كەلدى. بۇخارا 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلىندى. چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى مىلادىنىڭ 1220 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە خارەزىم شاھلار دۆلىتىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىنى دېگۈدەك قويماي بېسىۋالدى. ئۆرگەنج ئۈچۈن بولغان جەڭ ناھايىتى كەسكىن بولدى. شەھەر ھىمايىچىلىرى موڭغۇللار بىلەن ئالتە ئاي جەڭ قىلدى. ئورگەنج مىلادىنىڭ 1221 - يىلى 4 - ئايدا ئېلىندى ۋە ۋەيران قىلىندى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1220- يىلى 3 - ئايدا سەمەرقەندنى بېسىۋالغاندا (شۇ چاغدا شەھەر ئاھالىسى 600 مىڭ ئىدى) خارەزىم شاھ ئائىلىسىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدە خارەزىم شاھ مۇھەممەدنىڭ ئەقىللىق تەدبىرلىك ئانىسى تۇركان خاتۇن، مۇھەممەد شاھنىڭ قىزلىرى ــ خان سۇلتان، تىركىن سۇلتانلار ۋە شاھزادىلەر بار ئىدى.
چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىدىغان چاغدا، تۇركان خاتۇننى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قاراقۇرۇمغا ئەكەتتى. تۇركان خاتۇن مىلادىنىڭ 1231 - يىلى قاراقۇرۇمدا ئالەمدىن ئۆتتى. دەسلەپ ئوسمان بوغراخانغا ياتلىق بولغان خان سۇلتان مىلادىنىڭ 1220 - يىلى جوجىخانغا ياتلىق بولدى، تىركىن سۇلتان بولسا چىڭگىزخاننىڭ بەگلىرىدىن بىرى بولغان ھاجىپ دانىشمەنگە ياتلىق بولدى. خارەزىم شاھزادىلىرى چىڭگىزخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.
موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەرنى بېسىۋالغاندا، شەھەر ئاھالىسىدىن ھۈنەرۋەنلەردىن باشقىسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قىرىپ تاشلىدى. بولۇپمۇ موڭغۇللارغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن شەھەرلەر (ئۆرگەنج، سەمەرقەند قاتارلىق شەھەرلەر) نىڭ ئاھالىسى دېگۈدەك قىرىپ تاشلاندى.
ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ موڭغۇللارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىدە، تارىختا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن باتۇرلار مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوترار بېگى ئىنالچىق قاھىرخان، خوجەنتنى مۇداپىئە قىلغان خارەزىم قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى تۆمۈر مالىك، خارەزىم شاھ جالالىددىن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنالچىق قاھىرخان ئۆز قوشۇنلىرىدىن ئون ھەسسە كۆپ موڭغۇللارغا قارشى ئۇرۇشۇپ ئوترارنى بىر ئاي مۇداپىئە قىلدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىدىن چاغاتاي بىلەن ئوكتايخان ئىنالچىق قاھىرخاننىڭ قەھرىمانلىقىغا ھەيران قالغانىدى. خوجەنتنى مۇداپىئە قىلغان قوشۇنلارنىڭ قوماندانى تۆمۈر مالىك موڭغۇللارنى ناھايىتى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى. تۆمۈر مالىك شەھەرنى مۇداپىئە قىلىشتا ئامال قالمىغاندا، بىر قىسىم جەڭچىلەرنى باشلاپ سىر دەريادىكى بىر ئارال (شەھەردىن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتا) غا چېكىنگەن. ئارالدا مۇداپىئە توسۇقلىرىنى بەرپا قىلىپ موڭغۇللار بىلەن كەسكىن جەڭلەرنى ئېلىپ بارغان. تۆمۈر مالىك ئەڭ ئاخىرىدا ئازغىنا جەڭچى بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ سىر دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا قاراپ ماڭغان. موڭغۇللار دەريانىڭ توغرىسىدا نەچچە قات تۆمۈر زەنجىر تارتىپ تۆمۈر مالىكنى توسىغان. لېكىن، تۆمۈر مالىك زەنجىر توسۇقلارنىمۇ بۆسۈپ ئۆتۈپ ساق - سالامەت خارەزىمگە يېتىپ كەلگەن ۋە خارەزىم شاھ جالالىددىن بىلەن بىرلىشىپ موڭغۇللارغا بىرنەچچە قېتىم قاتتىق زەربە بەرگەن.
چىڭگىزخان خارەزىم شاھلار دۆلىتىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغاندا، خارەزىم شاھ مۇھەممەد خۇددى بەزگەك ئادەمدەك تىترەپ، ماۋەرائۇننەھرىدىن خوراسانغا قاراپ قاچقان، ئۇ يەردىمۇ تۇرالماي كاسپى دېڭىزىدىكى ئابىكسون ئارىلى (رىۋايەتكە كۆرە، ماخاۋ كېسىلىگە ئۇچرىغانلار سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئارال) غا يوشۇرۇنغان ۋە شۇ ئارالدا ئۆلگەن. مۇھەممەد شاھ مىلادىنىڭ 1220 - يىلى 12 – ئايدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى جالالىددىن مەڭگۈ بەردى جىسمى تۈگەپ، قۇرۇق نامى قالغان خارەزىم شاھلار دۆلىتىگە شاھ بولغان. جالالىددىن مەڭگۈ بەردى خارەزىمدە موڭغۇللار بىلەن بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇشقاندىن كېيىن، ئافغانىستاندىكى غەزنىگە كەلگەن. چىڭگىزخان جالالىددىن مەڭگۈ بەردىنى تىرىك تۇتۇۋىلىش ئۈچۈن ئوغۇللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئافغانىستانغا كەلگەن. چىڭگىزخان سىندى دەرياسىنىڭ بويىدا جالالىددىننى قورشىۋالغان، ئوغۇز نەسلىدىن بولغان قەھرىمان جالالىددىن مەڭگۈ بەردى ئانىسى ئايجىجىك، ئايالى ۋە سەككىز ياشلىق ئوغلىنى سىندى دەرياسىغا تاشلاپ غەرق قىلىۋەتكەن. ئاندىن كېيىن، ئۇچقۇر تۈركمەن ئېتىغا مىنگەن جالالىددىن مەڭگۈ بەردى سىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا كەتكەن. تارىخچىلارنىڭ يېزىشىچە، جالالىددىن مىنگەن تۈركمەن ئېتى دەريانىڭ بۇ قېتىدىن ئۇ قېتىغا سەكرەپ ئۆتكەن. يالنى ئۇزۇن، پاكار موڭغۇل ئاتلىرىغا مىنگەن موڭغۇللار جالالىددىننى تۇتالمىغان. چۈنكى ئۇلار سىندى دەرياسىدىن ئۆتەلمىگەن. دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتكەن جالالىددىن چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ئوغۇللىرىغا قىلىچىنى تەڭلىگەن ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ كۆزدىن غايىپ بولغان. جالالىددىننىڭ قەھرىمانلىقىغا تەن بەرگەن چىڭگىزخان ئوغۇللىرىغا: «ئوغۇل بالا مانا شۇنداق بولۇشى كېرەك» دېگەن.
جالالىددىن موڭغۇللار بىلەن ئون يىل (1220 - 1230) كۈرەش قىلىپ، بىرقانچە جەڭلەردە غالىب كەلگەن بولسىمۇ، ھالاك بولغان خارەزىم شاھلار دۆلىتىنى قايتىدىن بۇرۇنقى ھالىغا كەلتۈرەلمىگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ قەھرىمان ئوغلى جالالىددىن مىلادىنىڭ 1231 - يىلى ئىراقتا كوردلار قولىدا ئۆلگەن.
خارەزىم شاھ مۇھەممەت مىلادىنىڭ 1220 - يىلى ماۋەرائۇننەھرىدىن خوراسانغا قاچقاندا، چىڭگىزخان سۇبوتاي باتۇر بىلەن جابانويان قوماندانلىقىدىكى 20 مىڭ كشىلىك ئاتلىق قوشۇنىنى خوراسانغا ماڭدۇردى. سۇبوتاي بىلەن جابانوياننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى خارەزىم شاھ مۇھەممەدنى تىرىك تۇتۇش ئىدى. سۇبوتاي باتۇر بىلەن جابانويان خارەزىم شاھ مۇھەممەنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىنى بويلاپ (ئىران ئارقىلىق) كاۋكازغا ئۆتۈپ، ئەرمەن ۋە گىروزنىلارنى بويسۇندۇردى. موڭغۇللار كاۋكاز خەلقلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، بايلىقلىرىنى تالاپ - بۇلاپ بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي روسىيىگە قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا روسىيىدە بىرلەشكەن، كۈچلۈك روس دۆلىتى يوق ئىدى. روسلار: ئايرىم - ئايرىم كۈچسىز بەگلىكلەر (كىنەزلىكلەر) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشايتتى. موڭغۇللار جەنۇبىي روسىيىگە بېسىپ كەلگەندە، دىنپېر بويلىرىدا ياشايدىغان قىپچاقلارنىڭ خانى قۇتانخان روسلار بىلەن بىرلىشىپ مۇڭغۇللارنى تارمار قىلىشقا بەل باغلىدى. قۇتانخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن كىيىۋدا روس كىنەزلىرىنىڭ كېڭىشى چاقىرىلدى. كېڭەشكە قاتناشقان روس كىنەزلىرى گالىچ كىنەزلىكىنىڭ كېنەزى مىستىتلاۋ ئوداتىنىنى روس قوشۇنلىرىغا باش قوماندان قىلىپ سايلىدى. مىستىتلاۋ ئۇداتىنى ئۆمرىنى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزگەن، تەجرىبىلىك كىنەز ئىدى. گالىچ، كىيىۋ، چىرنىگوۋ، ۋولىن، سىمولىنىسكى، سوزدال قاتارىلىق كىنەزلىكلىرىدىن بولۇپ 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن دىنپېرغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار ئالىكساندىرىۋو ئەتراپىدا توپلاندى. موڭغۇللار كۆرۈنۈشتە چېكىنگەن بولۇپ، روس ۋە قىپچاقلارنى ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرۈپ ماڭدى. موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1222 - يىلى 31 - ماي كۈنى ئازۇۋ دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان قالقا دەرياسىنىڭ بويىدا، ئاۋۋال قىپچاقلارنى، ئاندىن كېيىن روس قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى.
قالقا دەرياسىنىڭ بويىدا بولغان جەڭدە روسلار ۋە قىپچاقلارنى تارمار قىلغان موڭغۇللار ئون نەچچە روس كېنەزىنى تىرىك تۇتۇۋالدى. پەقەت گالىچ كىنەزى مىستىتلاۋ ئوداتىنىلا قېچىپ قۇتۇلدى.
سۇبوتاي باتۇر مىلادىنىڭ 1223 - يىلى، ئەسىرگە چۈشكەن رۇس كېنەزلىرىنىڭ بېشىنى ۋە نۇرغۇن ئالتۇن - كۈمۈشنى ئېلىپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ــ چىڭگىزخاننىڭ تالاس دەرياسىنىڭ بويىدىكى قارارگاھىغا قايتتى.
نېمە ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە باي بولغان خارەزىم شاھلار دۆلىتى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئاسانلا يوقىتىلدى؟
خارەزىم شاھلار دۆلىتىنىڭ موڭغۇللار تەرىپىدىن ئاسانلا يوقىتىلىشىدا مۇنداق بىرقانچە سەۋەبلەر بار:
چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كەلگەندە، خارەزىم شاھ مۇھەممەد ئۇرۇش تەييارلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۈچ يىللىق باج - خىراجىتىنى ئالدىن يىغقانىدى. خەلق ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان ئۈچ يىللىق باج - خىراجىتىنى تۆلەيمىز دەپ زار - زار قاقشاپ، ئاچ - يالىڭاچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن خەلقنىڭ مۇھەممەت شاھتىن كۆڭلى قالدى. مۇھەممەد شاھنىڭ 400 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان، ياخشى قوراللانغان قوشۇنى بار ئىدى. چىڭگىزخان بېسىپ كەلگەندە، مۇھەممەد شاھ قوشۇنلىرىنى بىرقانچە قىسىمغا ئاجرىتىپ، شەھەرلەرنى مۇداپىئە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. مۇھەممەد شاھنىڭ قوشۇنلىرىنى قىسىم - قىسىملارغا بۆلۈۋەتكەن خاتا تاكتىكىسى، چىڭگىزخاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەرنى بىر - بىرلەپ بېسىۋىلىشىغا ئوبدان ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇھەممەد شاھ بىلەن ئابباسىيلار خەلىپىلىكى (751 - 1258) نىڭ خەلىپىسى ناسىر (1180 - 1225) نىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس ئىدى. خارەزىم شاھ مۇھەممەد خەلىپە ناسىرنىڭ دىنىي ھۇقۇقىنىمۇ تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغانىدى. شۇ سەۋەبتىن، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ناسىر موڭغۇللارغا قارشى كۈرەشتە مۇھەممەد شاھنى قوللىمىدى. بىر زامانلاردا ئۆزىنى ئىككىنچى زۇلقەرنەيىن ۋە ئىككىنچى سۇلتانى سەنجەر دەپ ئاتاپ يۈرگەن خارەزىم شاھ مۇھەممەد ئۇلۇغ سەلجۇقىلارنىڭ سۇلتانلىرى ــ توغرۇلبەگ ئالپ ئارسلاندەك، قورقماس، قەيسەر، تالانتلىق ھەربىي ئىستراتېگ ئەمەس ئىدى. ئۇ ناھايىتى يېنىك، غەلىبىگە ئېرىشكەندە، ئادەتتىن تاشقىرى كۆرەڭلەيدىغان، بىرلا ۋاقىتتا 300 خوتۇننى نىكاھىدا ساقلاپ يۈرگەن، ئەيش - ئىشرەت مەستانىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن ھۆكۈمران ئىدى.
مانا شۇ يۇقىرىدىكى بىر قاتار سەۋەبلەرگە كۆرە، خارەزىم شاھلار دۆلىتى موڭغۇللار تەرىپىدىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە يوق قىلىندى.
چىڭگىزخان ئۇلۇغ خارەزىم شاھلار دۆلىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، 1223 - يىلى يازنى تالاس دەرياسىنىڭ بويىدا ئۆتكۈزگەن بولسا، 1225 - يىلىنى ئېرتىش دەرياسىنىڭ بويىدا ئۆتكۈزدى.
چىڭگىزخان بېسىۋىلىنغان خارەزىم شاھلار دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسى (ئاساسەن ماۋەرائۇننەھرى) گە ئۆز خەلقىگە خائىنلىق قىلىپ موڭغۇللارغا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان سەمەرقەندلىك باي سودىگەر مەھمۇد يالۋاچنى باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1225 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن موڭغۇلىيىگە قايتىپ كېتىشتىن بۇرۇن، بورتا ئاتلىق قەدىناس ئايالىدىن تۇغۇلغان تۆت ئوغلىغا موڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بىپايان تېررىتورىيىنى بۆلۈپ بەردى. شەرقىي ياۋروپادىكى قىپچاق دالاسىدىن تارتىپ، شەرقتە ئېرتىش دەرياسىنىڭ بويلىرىغىچە بولغان باي ئۆلكىلەرنى تۇنجى ئوغلى جوجىخانغا، ماۋەرائۇننەھرى، ئافغانىستان ۋە شىنجاڭنى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي خانغا، ھازىرقى جۇڭغارىيىنىڭ بىر قىسمىنى ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايخانغا، موڭغۇلىيە ۋە شىمالىي جۇڭگونى كەنجى ئوغلى تولىخانغا بۆلۈپ بەردى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1206 - يىلى قاغان بولغاندىن كېيىن، خېلى پۇختا، مۇكەممەل بولغان ھەربىي، مەمۇرىي قانۇن ۋە تۈزۈملەرنى ئورناتقانىدى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن قايتىدىغان چاغدا، ئوغۇللىرىغا قىلغان ۋەسىيىتىدە، «ياساق» (قانۇن، پەرمانلار، ۋەسىيەتلەر توپلىمى) قا سادىق بولۇشنى تاپىلىدى. چىڭگىزخان ئاخىردا ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايخاننى ئۆزىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئوغۇللىرىنىڭ ئوكتايخانغا بويسۇنۇشىنى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى تاپىلاپ مۇنداق دېگەن: «بىر يىلاننىڭ بىر باشى، نەچچە قۇيرۇغى بولسە، باشى بىر تۆشۈككە كىرسە قۇيرۇقلارى كەينىدىن كىرەر. ئەگەر باش ئون، قۇيرۇغى بىر بولسا، ھەر باشى بىر تۆشۈككە كىرسە، قۇيرۇغى تاشقارى قالۇر ۋە ساۋۇقغە ھەلاك بولۇر.»[15]
يەنە بەزىبىر رىۋايەتلەرگە كۆرە، چىڭگىزخان ئوغۇللىرىغا قىلغان ۋەسىيەتتە: «سىلەر ئوقيانىڭ باشىقىغا ئوخشىشىسلەر، تۆت تال باشاقنى جۈپلىگەندە، ئۇنى ھېچ كىشى سۇندۇرۇۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر باشاقتىن بىرى ئېلىپ تاشلانسا ئۈچ تال باشاقنى ھەرقانداق كىشى ئىككى بېشىدىن قايرىپ سۇندۇرۇۋېتەلەيدۇ. شۇڭا، مەندىن كېيىن قالغاندا، تۆت بىر تۇغقان بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ بىرلىكتە ئۆتۈڭلار. ھەرگىز ئايرىلىپ كەتمەڭلار» دېگەن.
چىڭگىزخاننىڭ ئوكتايخاننى ۋارىس قىلغانلىقىغا جوجىخان زادى رازى بولمىدى. لېكىن ئۇ نارازىلىقىنى قانداق يول بىلەن بولمىسۇن ئاشكارىلاشقا پېتىنالمىدى. جوجىخان خېلى بۇرۇندىن تارتىپ «دادامنىڭ ۋارىسى مەن بولىمەن» دەپ يۈرگەنىدى.
بەزى تارىخىي رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، چىڭگىزخاننى جوجىخاننى ۋارىس قىلمىغانلىقىنىڭ سىرلىق بىر سەۋەبى بار ئىدى. چىڭگىزخان بورتاغا مىلادىنىڭ 1176 - يىلى ئۆيلەنگەن: شۇ كۈنى كەچتە مەركىتلەر بېسىپ كېلىپ، بورتانى بۇلاپ كەتكەن. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ ئون ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، چىڭگىزخانغا سادىق بىر مەكىت بېگى بورتانى قۇتۇلدۇرۇپ، چىڭگىزخانغا ئەكېلىپ بەرگەن. بورتا شۇ كۈنى كەچتە ئوغۇل تۇغقان. موڭغۇللار ئوغۇلغا جوجىخان (مېھمانخان مەنسىدە) دەپ ئات قويغان. شۇ كۈنىلا چىڭگىزخاننىڭ بەزى يېقىنلىرى گۇمانلىنىپ بالىنى مەركىتخاندىن تۆرەلگەنمىكىن، دېيىشكەن، چىڭگىزخان گۇمانلانغۇچىلارنى شۇ كېچىدىلا ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان.
شۇنىڭدىن كېيىن، چىڭگىزخان ئۆزىمۇ گۇمانلىنىپ يۈرگەن. جوجىخان يىگىتلىك قۇرامىغا يېتىپ، باتۇر، ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى كۆپ ئۇرۇشلاردا نامايان قىلغان. چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈشكە ماڭىدىغان مەزگىلدىلا ئۆزىگە كىمنى ۋارىس قىلىشنى ئويلاپ، جوجىخاننى ئەمەس، ئوكتايخاننى تاللىۋالغان. چىڭگىزخان جوجىخاننى ۋارىس قىلغاندا، جوجىخان توغرىسىدىكى گۇماننى ئىچىدە ساقلاپ يۈرگەن بەزى ياشانغان موڭغۇل بەگلىرىنىڭ سۆز - چۆچەك تارقىتىپ قويۇشىدىن قورققان. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە (چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندە) شۇنداق سۆز - چۆچەكلەر تارقىلىدىغان بولسا، موڭغۇللار جوجىخانغا ئىتائەت قىلمايتتى، ئوغۇللىرى ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق تۇغۇلۇپ، قانلىق ۋەقەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
چىڭگىزخان شۇ سەۋەبكە كۆرە باتۇر، قابىلىيەتلىك، ئەقىللىق بولغان تۇنجى ئوغلى جوجىخاننى ئۆزىگە ۋارىس قىلىپ تاللىمىدى.
چىڭگىزخان غەربكە مىلادىنىڭ 1219- يىلى قىلغان يۈرۈشىنى مىلادىنىڭ 1225- يىلى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن شەرققە ــ موڭغۇلىيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھەددى - ھېسابسىز بايلىق ۋە مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئەسىرلەر (ئاساسەن قول ھۈنەرۋەنلەر) نى ئەكەتتى.
چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن موڭغۇلىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1225 - يىلى ۋە مىلادىنىڭ 1226 - يىللىرى قىش ۋە يازنى ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ئۆتكۈزدى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1226 - يىلى باھار پەسلىدە تاڭغۇت خانلىقىغا يۈرۈش قىلدى. تاڭغۇت خانلىقى مىلادىنىڭ 1211 - يىلى چىڭگىزخان تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغانىدى. چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1219 - يىلى غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، تاڭغۇت خانى ئاشاگامبۇ (1211 - 1223) مۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ يۈرۈشكە قاتنىشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئاشاگامبۇ يۈرۈشكە قاتناشقۇدەك قوشۇنى يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ بويۇن تولغىغانىدى. چىڭگىزخان تاڭغۇت خاننىڭ شۇ قىلمىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان. شۇ سەۋەبكە كۆرە چىڭگىزخان تاڭغۇت خانلىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مىلادىنىڭ 1226 - يىلى باھار پەسلىدە، ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە تاڭغۇتلارغا (ھازىرقى نىڭشيادا) يۈرۈش قىلدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى مىلادىنىڭ 1227 - يىلى باھاردا تاڭغۇتلار پايتەختىنى قورشىۋالدى. سالامەتلىكى يامانلىشىپ قالغان چىڭگىزخان بولسا ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ فېڭلياڭ رايونىدا ئارام ئالماقتا ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدە 72 - يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ چاغدا، تاڭغۇتلارنىڭ پايتەختى تېخى ئېلىنمىغانىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە كۆرە تاڭغۇتلار ئۈزۈل - كېسىل تەسلىم بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن چىڭگىزخاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. موڭغۇللار شۇ چاغدا، 196 يىل ھۆكۈم سۈرگەن (1032 - 1227) تاڭغۇت خانلىقىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.
چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ جەسىتىنى قورۇلۇن ۋە ئۇنۇن ۋادىسىدىكى بورخان خالدۇن دېگەن مۇقەددەس جاي (ھازىرقى خاڭگاي تاغلىرىنىڭ ئەتراپى) غا دەپنە قىلدى. مىلادىنىڭ 1229 - يىلى دادىسى چىڭگىزخاننىڭ ئورنىغا قاغان بولغان ئوكتايخان شۇ يىلى چىڭگىزخاننىڭ شەرىپىگە موڭغۇل ئادىتى بويىچە ناھايىتى چوڭ قۇربانلىق ئۆتكۈزدى. راشىددىننىڭ مەلۇمات بېرىشىچە ئوكتايخان: «ئۈچ كۈنگىچە دادىسىنىڭ مۇقەددەس روھىغا يېمەك- ئىچمەكلىكلەر بېرىلىشىنى بۇيرۇدى. نويان ۋە قوماندانلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن 40 نەپەر گۈزەل قىز تاللىۋېلىندى. قىزلارنىڭ ھەممىسىگە ئەڭ چىرايلىق كىيىم - كىچەكلەر كيىدۈرۈلدى. قىممەتلىك، بەكمۇ ئېسىل زىبۇ زىننەت جابدۇقلىرى تاقالدى. بۇ قىزلار ئۇ دۇنيادا چىڭگىزخانغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.»[16]
چىڭگىزخان ئۆلگەندى كېيىن، تولىخان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ئوكتايخاننىڭ قاغانلىق ئورنى قارارلاشتۇرۇلغىچە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ئىككى يىل (1227 - 1229) باشقۇردى. موڭغۇل خانزادىلىرى ئىككى يىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1229 - يىلى 8 - ئايدا قورۇلۇن دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇلتاي چاقىردى. قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرى چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتىگە كۆرە، ئوكتايخاننى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاغان قىلدى.
موڭغۇللار ئوكتايخاننىڭ دەۋرىدە (1229 - 1241) غەربكە ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلدى. ئوكتايخان غەربكە قىلغان ئىكككىنچى قېتىملىق يۈرۈشىنى تەشكىللەشتىن بۇرۇن، كورېيىنى قايتىدىن بويسۇندۇردى. جۇرجىت خانلىقىنىمۇ ئۈزۈل - كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1218- يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ كورېيىنى بېسىۋالغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ كورېيە موڭغۇللارغا ياساق تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. ئوكتايخان مىلادىنىڭ 1231 - يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ كورېيىنى قايتىدىن بويسۇندۇردى. ئوكتايخان تەرىپىدىن خەنچىڭغا ئەۋەتىلگەن داروغاچى نامىدىكى ۋەكىل كورېيىگە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى.
1223 - يىلى مۇۋغالى ئۆلگەندىن كېيىن، موڭغۇللار بىلەن جۇرجىتلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش توختاپ قالغانىدى. ئوكتايخان مىلادىنىڭ 1230 - يىلى جۇرجىتلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئوكتايخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى خېنەنگە بېسىپ كىرىپ جۇرجىتلارنىڭ پايتەختى كەيفېڭغا يېقىنلاپ كەلدى. ئوكتايخاننىڭ ئۇكىسى تولىخان قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ ئاتلىق موڭغۇل قوشۇنى ھازىرقى خېنەندىكى يۈنەن ناھىيىسى ئەتراپىدا 150 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان (ئاتلىق، پىيادە بولۇپ) جۇرجىت قوشۇنىنى تارمار كەلتۈردى. ئوكتايخان جۇرجىتلارنى بىرقانچە قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1232 - يىلى موڭغۇلىيىگە قايتىپ كەتتى. شۇ يىلى تولىخان كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتتى. جۇرجىتلارنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى سۇبوتاي باتۇرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنىدى. سۇبوتاي باتۇر مىلادىنىڭ 1234 - يىلى جۇرجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى كەيفېڭنى ئالدى. جۇرجىت خانى ۋانيان شۇشۇ (1224 - 1234) ھازىرقى خېنەندىكى رونەن ناھىيىسىگە قېچىپ كەلدى. مىلادىنىڭ 1224 - يىلى موڭغۇل ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى رونەن ناھىيىسىگە بېسىپ كىردى. جۇرجىت خانى ۋانيان شۇشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. 119 يىل ھۆكۈم سۈرگەن (1115 - 1234) جۇرجىت خانلىقى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. جۇرجىت خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان تېررىتورىيە موڭغۇل ئىمپېرىيىسى تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىندى.
ئوكتايخان جۇرجىت خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى (مىلادىنىڭ 1127 - يىلىدىن 1279 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) نىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئىگە بولدى.
ئوكتايخان جۇرجىت خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1235 - يىلى قورۇلۇن دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشنى قاراردىن ئۆتكۈزدى. بۇ بىز باشتا ئېيتقان موڭغۇللارنىڭ غەربكە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق يۈرۈشى ئىدى.
ئوكتايخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشكە 150 مىڭ ئاتلىق جەڭچىدىن تەركىب تاپقان موڭغۇل قوشۇنىنى سەپەرۋەر قىلدى. بۇ چوڭ قوشۇنغا چىڭگىزخاننىڭ چوڭ نەۋرىسى باتوخان (مىلادىنىڭ 1209 - يىلى تۇغۇلۇپ 1256 - يىلى ئۆلگەن) باش قوماندان بولدى. ئەمدىلا 26 ياشقا كىرگەن باتوخانغا 60 ياشلىق سۇبوتاي باتۇر (مىلادىنىڭ 1176 - يىلى تۇغۇلۇپ 1248 - يىلى ئۆلگەن) باش ھەربىي مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلەندى. نامدا باتوخان باش قوماندان بولسىمۇ، ئەسلىدە باش قوماندانلىق ھوقۇقى سۇبوتاي باتۇردا ئىدى. دۇنياغا تونۇلغان موڭغۇل قوماندانلىرى ئىچىدە چىڭگىزخاندىن قالسىلا سۇبوتاي باتۇر ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. ئوكتايخان باتوخانغا چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرىدىن: ئوردا، بىركى، شايبانخانلار (بۇ ئۈچى باتوخاننىڭ ئۇكىلىرى ئىدى) نى گويوك، قادانخان (بۇ ئىككىسى ئوكتايخاننىڭ ئوغۇللىرى)، قايدۇخان (بۇ ئوكتاينىڭ نەۋرىسى)، موڭكىخان (بۇ تىلىخاننىڭ ئوغلى)، بايدارخان (بۇ چاغاتايخاننىڭ ئوغلى) قاتارلىق خانزادىلەرنىمۇ بىللە قوشۇپ ماڭدۇدى.
باتوخاننىڭ باش قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى مىلادىنىڭ 1236 - يىلى ياۋروپاغا قاراپ ماڭدى. موڭغۇللار سۇبوتاي باتۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خانزادىلەرنىڭ قوماندانلىقىدا، بىرنەچچە يۆنىلىشتىن شەرقىي ياۋروپاغا ھۇجۇم باشلىدى.
باتوخان ۋە سۇبوتاي قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى مىلادىنىڭ 1236 - يىلى 4 - ئايدا ئېدىل بۇلغار خانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى. موڭغۇللار ئېدىل بۇلغار خانلىقى (مىلادىنىڭ 770 - يىلىدىن 1400 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) نىڭ پايتەختى بۇلغار شەھىرىنى ئالدى ۋە ئۇنى بۇلاپ - تالىدى. باتوخان بۇلغار خانلىقىنى يوقاتمىدى، ياساق تۆلەشكە ماقۇل كەلتۈرگەندىن كېيىن يۈرۈپ كەتتى.
باتوخان مىلادىنىڭ 1237 - يىلى موسكۋانى ئالدى، شەھەرنى تالىدى، ۋەيران قىلدى. باتوخان شىمالغا قاراپ يۈرمەكچى بولدى. ئۇ نوۋوگورود شەھىرىنى ئالماقچىدى. لېكىن نوۋوگورودنىڭ تەبىئىي توسۇق (قېلىن جاڭگال ۋە سازلىق) لار بىلەن ئورالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە يۈرۈشتىن يالتىيىپ، ئېدىل دەرياسىنىڭ بويىدىكى دالالارغا قاراپ ماڭدى. ئۆز ئارا ئۇرۇشلاردا پارچىلىنىپ ئاجىزلاپ كەتكەن روس بەگلىكلىرى (كىنەزلىكلىرى) موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالمىدى. موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1238 - يىلى ۋلادېمىر، سوزدال قاتارلىق رۇس كىنەزلىكلىرىنىڭ ئون نەچچە شەھەرلىرىنى بېسىۋالدى. موڭغۇللار قاتتىق قارشىلىق قىلغان شەھەرلەرنىڭ خەلقىنى قىرىپ تاشلىدى.
باتوخان مىلادىنىڭ 1240 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «روس شەھەرلىرىنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتالغان كېيىۋ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. باتوخان كېيىۋلىقلارغا «جەڭسىز تەسلىم بولۇڭلار» دېگەن بولسىمۇ، كېيىۋلىقلار تەسلىم بولمىدى. باتوخان شەھەر سېپىللىرىنى بۇزىدىغان قوراللارنى ئىشلىتىپ كېيىۋنىڭ سېپىلىنى بۇزۇپ تاشلىدى. كېيىۋ 1240 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدە ئېلىندى. شەھەر ۋەيران بولدى. كېيىۋ كېنەزى دانىئىل ۋېنگىرىيىگە قېچىپ كەتتى.
كېيىۋ ئېلىنغاندىن كېيىن، موڭغۇللار باتوخان ۋە سۇبوتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شەرقىي ياۋروپاغا ئىككى چوڭ يۆنىلىشتىن ھۇجۇم باشلىدى. باتوخان ۋە سۇبوتاي قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى كېيىۋدىن غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ دوناي ۋادىسىغا قاراپ ماڭدى. بايدارخان بىلەن قايدۇرخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى توپتوغرا غەربكە ــ پولشىغا قاراپ ماڭدى.
بايدارخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى مىلادىنىڭ 1241 - يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدە مۇزلىغان ۋىسلا دەرياسىدىن ئۆتۈپ كراكوۋنى ئالدى. مىلادىنىڭ 1241 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدە پولشا قىرالى ۋىلادىسلاۋ IV مۇراۋىيىگە قاچتى. بايدارخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى سىلىزيىگە (گېرمانىيە تېررىتورىيىسى) بېسىپ كىردى، روتىبورگتا ئودىر دەرياسىدىن ئۆتتى. بايدارخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى مىلادىنىڭ 1241 - يىلى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدە، سىلىزيىلىك ھىنىرىخ قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان پىدائىيلار (گېرمانلار، پولەكلەردىن تۈزۈلگەن) نى تارمار قىلدى. دېمەك، موڭغۇللار پولشىدىن ئۆتۈپ، چېخىسلوۋاكىيە، گېرمانىيىگىچە بېسىپ باردى.
باتوخان ۋە سۇبوتاي قوماندانلىقىدىكى دوناي ۋادىسىغا بېسىپ كىرگەن موڭغۇللار ئاساسىي ھۇجۇمنى ۋېنگىر دۆلىتىگە (مىلادىنىڭ 889 - يىلىدىن 1526 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) قاراتتى. ۋېنگىر قرالى بىلا IV (1235 – 1270) ھازىرقى بوداپىشت ئەتراپىغا نۇرغۇن قوشۇن توپلىدى. سۇبوتاي باتۇر مىلادىنىڭ 1241 - يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدە بىلا IV قوماندانلىقىدىكى ۋېنگىر قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈردى. موڭغۇللار بوداپىشتنى بېسىۋالدى. پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بىلا IV سىربىيە (ھازىرقى يۇگوسلاۋىيە) گە قاچتى. باتوخاننىڭ بۇيرۇقىغا كۆرە، قادانخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى، بىلا IV نى قوغلاپ، ئادىرىياتىك دېڭىزىنىڭ بويىغىچە كەلدى. سىربىيەگە قېچىپ كەلگەن بىلاIV قادانخاننىڭ قوغلاپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، دالماتىيە تاقىم ئاراللىرىغا قېچىپ كەتتى. قادانخان بىلاIV نىڭ ئىز -دېرىكىنى قىلىپ، ئۇنىڭ قەيەرگە قاچقانلىقىنى بىلمىگەندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1242 - يىلى 3 - ئايدا ۋېنگىرىيىگە قايتىپ كەلدى.
موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1241 - يىلى 4 - ئايدا ۋېنگىرىيىدە چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، دوناي ۋادىسىدىكى نۇرغۇن جايلارنى بېسىۋالدى.
موڭغۇللار شەرقىي ياۋروپادا ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، موڭغۇلىيىدىن كۆڭۈلسىز جىددىي بىر خەۋەر يېتىپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ ئوكتايخاننىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئىدى. ئوكتايخان مىلادىنىڭ 1241 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدە، 55 يېشىدا ئۆلگەنىدى. ئوكتايخاننىڭ ئۆلۈشى موڭغۇللارنىڭ يۈرۈشىنى توختىتىپ ئارقىغا قايتىشىغا سەۋەب بولدى.
قاغانلىق تەختكە كىمنىڭ ئولتۇرۇشىنى بەلگىلەش موڭغۇل خانزادىلىرى ئالدىدىكى ناھايىتى مۇھىم، بەكمۇ جىددىي مەسىلە ئىدى.
موڭغۇللارنىڭ يۈرۈشىنى توختىتىپ ئارقىغا قايتىشى ياۋروپانى قورقۇنچلۇق تەقدىردىن قۇتۇلدۇردى. ياۋروپا خەلقلىرى مىلادىنىڭ V ئەسىردە ھون قاغانى ئاتتىلادىن قورقۇپ كەتكەنىدى. باتوخاننىڭ ئاتتىلادىن سەككىز ئەسىر كېيىن ياۋروپاغا قىلغان يۈرۈشىمۇ ياۋروپالىقلارنى ئاتتىلا دەۋرىدىكىدەكلا ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن نىجاتلىق تىلەپ خرىستىئان ئىبادەتخانىلىرىدا يىغا- زار قىلىشتى. مىلادىنىڭ 1236 - يىلىدىن 1242 - يىلىغىچە ئالتە يىل داۋام قىلغان بۇ يۈرۈشتە موڭغۇل ئاتلىرىنىڭ ئىزلىرى شەرقتە ئېرتىش بويلىرىدىن تارتىپ، غەربتە دىنىستىر، دوناي دەريالىرىنىڭ بويىغىچە بولغان جايلاردا قالدى. بۇ ئىزلارنى زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بورانلار ئۇچۇرۇپ، قۇملار كۆمۈپ، يامغۇرلار يۇيۇپ، كۆكاتلار قاپلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن موڭغۇللارنىڭ ئاسىيا، ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ قەلبىگە سالغان قانلىق ئىزلىرى تارىختا مەڭگۈ ئۆچمىدى.
موڭغۇللار XIII ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا دۇنيانى تىترىتىپ، ئاسىيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى، ياۋروپانىڭ يېرىمىنى بېسىۋېلىپ، چىڭگىزخان تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن قۇدرەتلىك ھالغا كەلتۈردى.
باتوخان مىلادىنىڭ 1242 - يىلى 4 - ئايدا بۇلغارىيىدىن يولغا چىقىپ، قىشتا ئېدىل دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئوردىسغا يېتىپ كەلدى. باتوخان جوجىخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادىنىڭ 1226 - يىلى دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا خان بولغانىدى. باتوخان شەرقىي ياۋروپادىكى قىپچاق دالاسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئالتۇن ئوردا خانلىقى» نى قۇردى.
ئوكتايخان ئۆلگەندىن كېيىن، موڭغۇل خانلىرى ئارىسىدا زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى. قاغانلىق تەختىدە كىمنىڭ ئولتۇرۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلتاي چاقىرىلغىچە بەش يىل ئۆتتى. شۇ مەزگىلدە (1241 - 1246) موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ئوكتايخاننىڭ خانىشى تراگىناخاتۇن باشقۇرۇپ تۇردى. موڭغۇل خانزادىلىرى مىلادىنىڭ 1246 - يىلى يازدا ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇلتاي چاقىردى. قۇرۇلتايغا باتوخاندىن باشقا، خانزادىلەرنىڭ ھەممىسى، موڭغۇللارغا بېقىنغان دۆلەتلەرنىڭ خانلىرى، ھەتتا باغداد خەلىپىسى مۇستەسىمنىڭ دىپلوماتىك ۋەكىلىمۇ قاتناشتى. قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرى مىلادىنىڭ 1246 - يىلى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدە، تراگىنا خاتۇننىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن، ئۇنىڭ ئوكتايخاندىن بولغان ئوغلى گۈيۈكخاننى قاغانلىق تەختكە ئولتۇرغۇزدى. لېكىن باتوخان باشلىق بىر قىسىم خانزادىلەر گۈيۈكخاننى ئېتىراپ قىلمىدى. بىر پۈتۈن موڭغۇل ئىمپېرىيىسى بۆلۈنۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. قېيىن ئەھۋالدا قالغان گۈيۈكخان مىلادىنىڭ 1248 - يىلىنىڭ بېشىدا ئىمىلغا بارىمەن دېگەن باھانە بىلەن موڭغۇلىيىدىن چىقىپ بەشبالىقنىڭ شەرقىي شىمالىغا كەلدى. ئۇنىڭ كۈشەندىسى باتوخانمۇ ئېدىل بويلىرىدىن يەتتەسۇغا كەلدى. چىڭگىزخاننىڭ بۇ ئىككى نەۋرىسى بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن قوشۇننى سەپەرۋەر قىلغانىدى. كۈتۈلمىگەندە، گۈيۈكخان مىلادىنىڭ 1248 - يىلى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدە دەل 43 يېشىدا ئۆلدى.
موڭغۇل خانزادىلىرى قۇرۇلتاي چاقىرىپ، يېڭى قاغاننى تەختكە چىقارغۇچە، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى گۈيۈكخاننىڭ تۇل قالغان خانىشى ــ ئويرات ياكى مەكىت قەبىلىسىدىن بولغان ئوگۇل قايمىش باشقۇرۇپ تۇردى. ئۇ «قاغانلىق تەختىنى گۈيۈكنىڭ تۇغقىنى شىرىمونغا ياكى ئۆزىنىڭ گۆدەك ئوغلى قوچاغا بەرمەكچىدى. بۇ چاغدا، چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭى، ئەڭ ئابرويلۇقى بولغان باتوخان ئوكتايخاننىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادىنى كەسكىن ھالدا بىر تەرەپ قىلىشقا بەل باغلىدى. شۇ مەقسەتتە ئۇ تولىخاننىڭ تۇل قالغان خانىشى ــ سۇيۇرغاق تانى بىلەن بىرلەشتى.»[17]
باتوخان مىلادىنىڭ 1250 - يىلى ئالمىلىقتا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، تولىخاننىڭ چوڭ ئوغلى مونكىخاننى قاغانلىق تەختكە چىقىرىشنى تەكلىپ قىلدى. ئوكتايخان بىلەن چاغاتايخاننىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرى قۇرۇلتايغا كەلمىدى. ئۇلار، قۇرۇلتاي چىڭگىزخان ئوغۇللىرى دۆلىتىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىدىن بەكمۇ يىراقتا ئېچىلدى، دېگەننى باھانە قىلىپ، قارشىلىق كۆرسەتتى.
باتوخان بۇ ئەھۋالنى ھېسابقا ئېلىپ، قۇرۇلتاينى قورۇلۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ئېچىشقا قارار قىلدى. ئوكتايخان ۋە چاغاتايخاننىڭ ۋارىسلىرىنىڭ قۇرۇلتايغا كېلىشىنى ئۇقتۇردى. باتوخاننىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مونكىخان مىلادىنىڭ 1251 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدە قاغانلىق تەختكە چىقتى. مونكىخاننىڭ قاغان بولۇشى، قاغانلىقنىڭ ئوكتايخان ئائىلىسىدىن تولىخان ئائىلىسى قولىغان ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئىدى. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئوكتايخاننىڭ ۋارىسلىرى قوراللىق كۈچ بىلەن تەختنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. ناھايىتى قابىلىيەتلىك، تەدبىرلىك بولغان مونكىخان بەختسىز توغقانلىرى (ئوكتايخان ئەۋلادى) غا رەھىم قىلمىدى، ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدى.
مونكىخان قاغانلىق تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1251 - 1259) موڭغۇللار دۇنيانى تىترىتىدىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىنى يەنە باشلىدى.
مونكىخان چىڭگىزخاندىن كېيىن ئۆتكەن موڭغۇل قاغانلىرى ئىچىدە ناھايىتى غەيرەتلىك، ئەقىللىق، تەدبىرلىك، باتۇر قاغان ئىدىكى، ئۇ ئالدى بىلەن مەركىزىي ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنى رەتكە سالدى ۋە مۇستەھكەملىدى. ئۇ ئوردىسىغا ئاسىيا ۋە ياۋروپالىقلاردىن لاتىنچە، روسچە، فرانسۇزچە، ئوردۇچە، ئىرانچە، ھىندىچە، تىبەتچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تاڭغۇتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، يازىدىغان پۈتۈكچىلەرنى ئالدۇردى. ئۇنىڭ ئوردىسىغا مىلادىنىڭ 1254 - يىلى 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدە كەلگەن فرانسۇز راھىبى روبروكنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، قاغان ئوردىسىدا، شامان، ئىسلام، بۇددا، داۋ، ناستورىيان دىنلىرىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى بار ئىكەن.
مونكىخان ئوكتاي ۋە چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش، ھېچ بولمىغاندا ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، ئوكتاي ئۇلۇسىنى تولىخاننىڭ بالىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. چاغاتاي ئۇلۇسىغا قارايدىغان ماۋەرائۇننەھرىنى باتوخاننىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ماۋەرائۇننەھرى مىلادىنىڭ 1260 - يىلىغىچە ئالتۇن ئوردا خانلىقى ئەۋەتكەن باسقاقلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىندى. مىلادىنىڭ 1260 - يىلى چاغاتاي خانى ئالخوخان ئالتۇن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى ماۋەرائۇننەھرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
مونكىخان ناھايىتى پۇختا تەييارلىقتىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1253 - يىلى ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا قاراقۇرۇم شەھىرىنى بىنا قىلدۇردى. قاراقۇرۇم ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى بولدى.
مونكىخان مىلادىنىڭ 1253 - يىلى ئونون دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئىران ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى بويسۇندۇرۇشنى قارارلاشتۇردى. مونكىخان ئۇكىسى ھىلاكونى (مىلادىنىڭ 1219 - يىلى تۇغۇلۇپ مىلادىنىڭ 1268 - يىلى ئۆلگەن) 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا قوماندان قىلىپ غەربكە ماڭدۇردى. بۇ موڭغۇللارنىڭ غەربكە ئۈچىنچى قېتىملىق يۈرۈشى ئىدى.
ھىلاكو مىلادىنىڭ 1254 - يىلى قاراقۇرۇمدىن غەربكە قاراپ يۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلدى. ھىلاكو سەمەرقەندتە بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن يولغا چىقتى. ئۇ ئامۇ دەريادىن ئۆتۈپ، مىلادىنىڭ 1255 - يىلى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدە ئىراندىكى مۇلاھىدىلەر خانلىقىغا ھۇجۇم قىلدى. شىئە مەزھىپىدىكى بۇ خانلىقنىڭ مۇلاھىدە (ھەقىقىي يولدىن ئازغان) لار دەپ ئاتىلىشىدىمۇ مەلۇم سەۋەب بار ئىدى.
ئىراننىڭ كوھىستان رايونىدا (كاسپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا) قۇرۇلغان مۇلاھىدىلەر خانلىقى (1250 - 1256) موڭغۇللارنىڭ تەبرىزدىكى نويانلىرىغا سېلىق تۆلەيتتى. ھىلاكو 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدە مولاھىدىلەر شاھى نۇرىددىن خور شاھىنى ئەسىر ئالدى. نۇرىددىن قاراقۇرۇمغا ئەۋەتىلدى ۋە يولدا ئۆلتۈرۈلدى.
ھىلاكو مۇلاھىدىلەر خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 1257 - يىلى 11 - ئايدا ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغدادقا قاراپ ماڭدى. موڭغۇللار باغدادنى 30 كۈن قورشىدى. باغداد مىلادىنىڭ 1258 - يىلى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېسىۋېلىندى. شەھەر بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىدى. ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىگە 508 يىل پايتەخت بولغان باغداد شەھىرى موڭغۇللار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇستەسىم (مىلادىنىڭ 1242 - يىلىدىن 1258 - يىلىغىچە خەلىپە بولغان) ئائىلىسى بىلەن ئەسىرگە ئېلىندى. موڭغۇللار ھىلاكونىڭ بويرۇقىغا كۆرە، مۇستەسىم بىلەن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئاغزىغا ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئېرىتمىسىنى قۇيۇپ ئۆلتۈردى. ئابباسىيلار خاندانىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى.
ھىلاكو مىلادىنىڭ 1259 - يىلى كىت بوقانويان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرىنى سۈرىيىنى بېسىۋېلىشقا ماڭدۇردى. موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1260 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدە ھەلەپنى بېسىۋالدى. شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدە شام شەھىرىنى بېسىۋالدى.
ھىلاكونىڭ ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىكىنى يوقاتقانلىقىغا خرىستىئان دۆلەتلىرى چوڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلدى. ئەمما مىسىر مەملوكىلەر سۇلتانلىقى (1250 - 1517) موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمان ئوتتۇرا شەرقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقىنىغا چىدىماي، موڭغۇللارنى سۈرىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قوشۇن ماڭدۇردى. مىلادىنىڭ 1260 - يىلى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدە، مەملوكىلەر سۇلتانى قوتۇز قوماندانلىقىدىكى تۈرك مۇسۇلمان قوشۇنلىرى پەلەستىندىكى ئەين جالۇت ئۇرۇشىدا كىت بوقانويان قوماندانلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن (موڭغۇل، ئەرمەن، گروزينلاردىن تەركىب تاپقان) نى سۈرىيىدىن قوغلاپ چىقاردى.
ھىلاكو باغدادنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە (مىلادىنىڭ 1258- يىلىغىچە) ئېلىپ بارغان باسقۇنچىلىق يۈرۈشلىرىدە، ئىران، ئىراقنى ۋە كىچىك ئاسىيانى بېسىۋالدى. مىلادىنىڭ 1260 - يىلى ھىلاكو قۇرغان يېڭى دۆلەت «ئېل خانىلار» دەپ ئاتالدى. بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى تەبرىز ئىدى.
ئېل خانىلار سۈرىيە بىلەن پەلەستىننى بېسىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئۇرۇنۇپ مىسىر مەملوكىلەر سۇلتانلىقى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى.
مونكىخاننىڭ ۋاقتىدا، موڭغۇللار جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئاۋۋال سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىدىكى دالى خانلىقى (937 - 1253)، ۋيېتنام خانلىقىنى يوقىتىشقا كىرىشتى. مىلادىنىڭ 1252 - يىلى مونكىخاننىڭ ئۇكىسى قوبلايخان (مىلادىنىڭ 1215 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1294 - يىلى ئۆلگەن) سۇبوتاي باتۇرنىڭ ئوغلى ئورانغاتاينىڭ ھەمراھلىقىدا، سىچۈەن ئارقىلىق يۈننەنگە بېسىپ كېرىپ، دالى خانلىقىنى بېسىۋالدى. ئورانغاتاي مىلادىنىڭ 1257 - يىلى خانويگە بېسىپ كېرىپ، ۋيېتنام خانلىقىنى بويسۇندۇردى.
مونكىخان مىلادى 1258 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىشنى قارارلاشتۇردى. مونكىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئورانغاتاي ۋېيتنامدىن شىمالغا قايتىپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇجۇ (ھازىرقى خۇبېيدىكى ۋۇچاڭ شەھىرى) گە ھۇجۇم قىلدى. قوبلايخانمۇ مونكىخاننىڭ بويرۇقىغا بىنائەن، ۋۇچاڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. مونكىخان قوماندانلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى شەنشىدىن سىچۇەنگە بېسىپ كىردى، مونكىخان جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى بېسىۋالدى. ئۇ سىچۇەندىكى خاجۇ (ھازىرقى خاچەن) شەھىرىنى يېرىم يىل قورشىدى. مونكىخان شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان چاغدا، ئوق تېگىپ، ئېغىر يارىدار بولدى. بىرنەچچە كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا (1259 - يىلى 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدە) ئۆلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى توختاپ قالدى.
دوۋاخان ۋە قوجىغار تېكىن
[تەھرىرلەش]مونكىخان (مىلادىنىڭ 1208 - يىلى تۇغۇلۇپ 1259 - يىلى ئۆلگەن) 51 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مونكىخان ئۆلگەندىن كېيىن، بىر پۈتۈن موڭغۇل ئىمپېرىيىسى بۆلۈنۈپ كەتتى.
تولىخان (مىلادىنىڭ 1193 - يىلى تۇغۇلۇپ 1232 - يىلى ئۆلگەن) نىڭ مونكىخان، ھىلاكوخان، قوبلايخان، ئارىغ بۇقا قاتارلىق تۆت ئوغلى بار ئىدى. مونكىخان ئۆلگەندىن كېيىن، قوبلايخان بىلەن ئارىغ بوقا قاغانلىق تالاشتى. ئارىغ بوقا مىلادىنىڭ 1260 - يىلى قاراقۇرۇمدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاغان بولۇشقا ئۇرۇندى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان قوبلايخان خېنەندىكى كەيفېڭدا ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىدى. قوبلايخان نۇرغۇن سانلىق قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ (موڭغۇل، خەنزۇ، مانجۇلاردىن تۈزۈلگەن) شىمالغا ــ موڭغۇلىيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئۇكىسى ئارىغ بوقا بىلەن بىر نەچچە يىل ئۇرۇشتى. ئارىغ بوقا مىلادىنىڭ 1264 - يىلى قوبلايخانغا تەسلىم بولدى. لېكىن ئوكتايخاننىڭ ئەۋرىسى قايدۇخان چاغاتاي ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز يېنىغا تارتىپ، قوبلايخانغا قارشى 35 يىل كۈرەشتى. قايدۇخان مىلادىنىڭ 1264 - يىلى تالاس دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، قوبلايخانغا قارشى موڭغۇل خانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك ئىتتىپاق تۈزدى. قايدۇخان چاغاتاي ئۇلۇسىنى تىزگىنلىۋالدى، ئۇ قاغان ئۇنۋانىنى ئالغانىدى.
تولىخاننىڭ ئوغلى قوبلايخان مىلادىنىڭ 1260 - يىلى كەيفېڭدا ئۆزىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى دەپ جاكارلىغاندا، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى ئۇنى ئېتىراپ قىلغانىدى. بىز باشتا چىڭگىزخانغا زامانداش بولغان بائۇرچۇق ئارت تېكىننى تىلغا ئالغانىدۇق. ئۇ مىلادىنىڭ 1235 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا قوسمايىن (1235 - 1245)، سالون تېكىن (1245 - 1255)، ئوغرونج تېكىن (1255 - 1265)، ماموراق تېكىن (1265 - 1266) لەر ئىدىقۇت بولغان.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانى قوجىغار تېكىن (مىلادىنىڭ 1266 - يىلىدىن 1275 - يىلىغىچە ئىدىقۇت بولغان) مىلادىنىڭ 1266 - يىلى قاراقۇرۇمغا بېرىپ قوبلايخاننى زىيارەت قىلغان. شۇ چاغدا قوبلاي گۈيۈكخاننىڭ قىزى مەلىكە باباغارنى قوجىغار تېكىنگە ياتلىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قوجىغار تېكىن قوبلايخانغا تېخىمۇ ساداقەت بىلدۈرۈپ، قايدۇخانغا قارشى چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن قايدۇخان بىلەن دوۋاخانلار ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا بىرنەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلدى، بەشبالىقنىمۇ بېسىۋالدى.
مىلادىنىڭ 1275 - يىلى قايدۇخان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەھشەتلىك كۈلپەتلەرنى سالدى.
قايدۇخاننىڭ ئىرادىسىگە سادىق بولغان چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ خانى دوۋاخان مىلادىنىڭ 1275 - يىلى 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن كېلىپ، ئىدىقۇت شەھىرىنى قورشىۋالدى. قورشاۋ ئالتە ئاي داۋام قىلدى. قوجىغار تېكىن باشچىلىقىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى شەھەرنى قەھرىمانلارچە قوغداپ، موڭغۇللارنى شەھەرگە كىرگۈزمىدى. لېكىن 120 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان موڭغۇل قوشۇنى تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا خەلقنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكىنى، مال - مۈلكىنى بۇلاپ تالىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئىقتىسادى ئىگىلىكى خاراب بولدى. خەلق ھايات كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. شەھەرنى ئالالمىغان دوۋاخان شەھەر قورغىنىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان قوجىغار تېكىنگە ۋارقىراپ: «ماڭا تاقابىل تۇرالمايسەن، كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىسەن، يېتىم قالغان شەھەرگە كىرىۋېلىپ ماڭا تاقابىل تۇرماقچىمۇ سەن؟» دېگەندە، قوجىغار تېكىن: «مەن بىرلا پادىشاھقا سادىق، ئىككى پادىشاھقا ساداقەتمەنلىك بىلدۈرمەيمەن. مەن مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان. ئۆلسەممۇ قەبرەم مۇشۇ شەھەردە بولىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، مەن ساڭا زادى باش ئەگمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئىلاج قىلالمىغان دوۋاخان ئوقيانىڭ باشىقىغا باغلاپ شەھەرگە ئاتقان خېتىدە: «مەن چىڭگىزخاننىڭ ئەۋرىسى بولىمەن. نېمە ئۈچۈن ماڭا بويسۇنمايسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بوۋامنىڭ مەلىكە قىزىغا (باباغارنى دېمەكچى) ئۆيلەنگەن. سەن مەلىكە قىزىڭنى ماڭا ياتلىق قىلىدىغان بولساڭ، ئۇ چاغدا قوشۇننى قايتۇرۇپ كېتىمەن. ئۇنداق قىلمايدىغان بولساڭ، شەھەرگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قلىمەن» دېدى. دوۋاخاننىڭ ئوقيا ئارقىلىق شەھەرگە ئاتقان خېتىنى قوجىغار تېكىننىڭ بەگلىرى ئوردىغا كىرىپ ئىدىقۇتقا سۇندى، دوۋاخاننىڭ خېتىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولغان قوجىغار تېكىن ئوردا بەگلىرى بىلەن قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكەندە، ئىدىقۇت بەگلىرى، «شەھەردىكى ئاشلىق ئۆكسۈپ، تۈگەي دەپ قالدى. ماغدۇردىن كېتىپ قالدۇق. دوۋاخان شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن تىركەشكەن تەقدىردىمۇ ھالاك بولۇپ كېتىمىز» دېيىشتى. دۆلەت ۋە خەلقنى بالايىئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ھەممىدن ئەلا كۆرگەن ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەر قوجىغار تېكىن: «خەلقنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىزىمنىڭ مېھرىدىن كېچىمەن!» دېدى. شۇنداق قىلىپ قوجىغار تېكىننىڭ بەگلىرى ئىدىقۇت بېكەسى ئىل ئىتمىش ئاتلىق قىزنى ئىچىگە كۆرپە - يىكەنداز سېلىنغان باداڭغا ئولتۇرغۇزۇپ، باداڭنى ئارغامخا بىلەن باغلاپ، شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا چۈشۈرۈپ بەردى. بۇ ئىشلار ئورۇندالغاندىن كېيىن دوۋاخان شەھەر قورشاۋىنى بىكار قىلىپ، موڭغۇل قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتتى.[18]
دوۋاخان قوماندانلىقىدىكى 120 جەڭچىدىن تەركىب تاپقان چوڭ قوشۇننىڭ ئىدىقۇت شەھىرىنى ئالتە ئاي مۇھاسىرىگە ئالغانلىقى سەۋەبىدىن، تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلاڭ - تالاڭچىلىقىغا، ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچراپ جېنىدىن جاق تويغانىدى. شۇ چاغدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ۋۇۋېي ناھىيىسى ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. قوجىغار تېكىن تۇرپان رايونىنىڭ خاراب بولغان ئىقتىسادىي ئىگىلىكى (يىزا ئىگىلىك ۋە باشقىلار) نى ھە دېگەندىلا ئۆز ھالىغا كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. قوجىغار تېكىن مىلادىنىڭ 1276 - يىلى قايدۇخانغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلدى.
يۇقىرىدا ئېتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىلادىنىڭ 1275 - يىلى ۋۇۋېي ئەتراپىغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ ئەۋلادىغا مەنسۇپ بولغان بەگلەرمۇ بار ئىدى. مانا شۇ بەگلەر موڭغۇللارنىڭ تەيىنلىشى بىلەن ۋۇۋېيغا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارغا خان بولدى.
گەنسۇدىكى ۋۇۋېي ناھىيىسىنىڭ شىمالدىن 30 چاقىرىم يىراقلىقتىكى «ئىدىقۇت يېزىسىنىڭ مەڭگۈ تاش جىلغىسى»(高昌乡石碑沟) دېگەن جايدىن تېپىلغان خاتىرە تاشقا، تەخمىنەن 70 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەر (مىلادىنىڭ 1266 - يىلىدىن 1335 - يىلىغىچە) ناھايىتى گۈزەل شېئىرىي تىل بىلەن تەسۋىرلىنىپ ئويۇپ يېزىلغان. «ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ياراتقان تۆھپىلىرى توغرىسىدىكى خاتىرە يېزىلغان مەڭگۈ تاش» دىكى شېئىر شەكلىدە يېزىلغان داستاننىڭ 10 - قۇرىدىن 20 - قۇرىغىچە بولغان خاتىرىنى كۆزدىن كەچۈرەيلى:
«گۈزەل ھۆسنىلىك، ئەقىللىق، نازلىق، قائىدە - يوسۇنلۇق قىزىڭىز بار ئىكەن. ئارغامچىسىنى ئۈزمەي (باداڭغا باغلانغان ئارغامچا كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، باشقىچە قىلماي، ئۆزۈمگە بەرسىڭىز، سىزگە ئوغۇل بولغان بولاتتىم.... ئاكا - ئۇكا بولۇشۇپ، تويلىشىپ ئىچىشىپ، مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈشۈپ... قايتىپ كېتەي.... (دوۋاخاننىڭ قوجىغار تېكىنگە كۈيئۇغۇل بولۇش ئارزۇسى بايان قىلىنغان)... تۈرلۈك - تۈمەن مۇشۇنداق ياخشى گەپلەرنى... ئۆز رېتى بويىچە، كەم - كۈتسىز تولۇق چۈشەندۈرۈپ يازغان خېتىنى قاتلاپ، ئوققا باغلىتىپ، زەمبىرەكلەرنى كەلتۈرۈپ شەھەرگە ئاتقۇزدى (‹موڭغۇل تارىخى› دا ‹ئوقيانىڭ باشىقىغا باغلاپ› دېيىلگەن). بارلىق ئەل خەلقى خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ تولىمۇ شادلاندى. خەتنى ئېچىپ ئوقۇغان ئابرويلۇق بەگلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، ئوردىغا كىرىپ، ھۆرمەتلىك تەڭرىكەنگە (قوجىغار تېكىنگە دېمەكچى) شۇنداق دەپ ئىلتىماس قىلدى: ئالتە ئاي شەھەرگە بېكىنىپ، ئوزۇق - تۈلۈكسىز جەڭ قىلىپ، ئوزۇقىمىز تۈگەي دەپ قالغاندا... ئەلنى كۈلپەتتىن خالىي قىلىش ئۈچۈن، دەرد - ئەلەملىك ئىلتىماسىمىزنى قوبۇل قىلسا (قوجىغار تېكىننى دېمەكچى) دەپ مۇشۇ ئىلتىماسنى (قوجىغار تېكىنگە) سۇندى... كىچىكىدىن ئەركە ئۆسكەن، بۇتساتىۋادەك (بۇددا دىنىنىڭ ئەۋلىياسىدەك دېمەكچى) ئىل ئىتمىش بىكەنى..... ئارغامچا بىلەن پەسكە چۈشۈردى، دوۋاخاننىڭ تەلىپى ئورۇندالدى، ئۇ قايتىپ كەتتى.»[19]
مانا شۇ مەڭگۈ تاشتىكى خاتىرە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (1368 - 1644) ياشىغان تارىخچى سۇڭ لىيەن يازغان «موڭغۇل تارىخى. بائۇرچۇق ئارت تېكىن ھەققىدە قىسسە» دىكى خاتىرە بىلەن ئوخشاش.
قوجىغار تېكىن مىلادىنىڭ 1276 - يىلى قايدۇخانغا قارشى بولغان بىر چوڭ ئۇرۇشتا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى نولىن تېكىن ئىدىقۇت بولغان. نولىن تېكىنمۇ (1276 - 1318) ئاتىسىدەكلا قوبلايخاننى قوللىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قوبلايخاندىن تارتىپ ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ كۆڭلىگە قەدەر ياققان نولىن تېكىن بورقان، باباچا، ئوراچىن قاتارلىق موڭغۇل مەلىكىلىرىگە ئۆيلەنگەن.
ئوكتايخاننىڭ ئەۋرىسى قايدۇخان قوبلايخاننىڭ ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاغان بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن 34 يىل (مىلادىنىڭ 1266 - يىلىدىن 1302 - يىلىغىچە) ئۇرۇشتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ۋە ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى چاپارخان مىلادىنىڭ 1306 - يىلى قوبلايخاننىڭ ئوغلى تۆمۈرگە (مىلادىنىڭ 1295 - يىلىدىن 1307 - يىلىغىچە خان بولغان) تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئوكتاي خاندانى ھۆكۈم سۈرۈشتىن قالدى. ئوكتاي ئۇلۇسىغا قاراشلىق يەرلەر چاغاتاي ئۇلۇسىغا قوشۇۋېلىندى.
قوبلايخان مىلادىنڭ 1260 - يىلى ئۆزىنى ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، چىڭگىزخان قۇرغان موڭغۇل ئىمپېرىيىسى بىرنەچچە قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كېيىن، ئوكتايخان (1229 - 1241)، گۈيۈكخان (1246 - 1248)، مونكىخان قاتارلىق ئۈچ قاغان ھۆكۈم سۈرگەن چاغدا (1229 - 1259)، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلىغانىدى. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىلادىنىڭ 1260- يىلى (قوبلاي قاغان بولغاندىن كېيىن) ئالتۇن ئوردا خانلىقى، چاغاتاي خانلىقى، ئوكتاي خانلىقى، ئېل خانىلار دۆلىتى قاغاننىڭ توغرىدىن - توغرا ھۆكۈمرانلىقىدىكى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىگە بويسۇنمايدىغان ئايرىم - ئايرىم دۆلەتلەر بولۇۋالدى. ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل سىياسەت يۈرگۈزدى. ئىچكى ئۇرۇشلارنىڭ ئوت يالقۇنلىرى ئىچدە قالغان قوبلايخان ئاتاققىلا قاغان ئاتىلىپ، بۆلۈنۈپ كەتكەن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قوراللىق كۈچ ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالدى.
قوبلايخان مىلادىنىڭ 1279 - يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىپ، پۈتۈن جۇڭگونى بېسىۋالدى. ئۇ بېيجىڭنى پايتەخت قىلىپ، جۇڭگودا موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتتى. قوبلايخان خەنزۇلارنىڭ مىللىي روھىنى ئاجىزلىتىپ، جۇڭگوغا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىش خىيالىدا، ئۆزى قۇرغان سۇلالىنى «يۈەن سۇلالىسى» دەپ ئاتىدى.
لېكىن، مىللىي، مۇستەقىل دۆلەتچىلىك روھىغا باي بولغا خەنزۇلار مىلادىنىڭ 1368 - يىلى موڭغۇللارنىڭ جۇڭگودىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي دۆلىتى ــ مىڭ سۇلالىسىنى قۇردى.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھى جۇ يۇەنجاڭ (مىلادىنىڭ 1368 - يىلىدىن 1398 - يىلىغىچە پادىشاھ بولغان) مىلادىنىڭ 1368 - يىلى جۇڭگوغا 88 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان موڭغۇللارنىڭ ئاخىرقى خانى بولغان توغان تۆمۈرنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقاردى.
موڭغۇللار ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى قوجىغار تېكىننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە (مىلادىنىڭ 1276 - يىلىغىچە) قوبلايخاننى قوللاپ، قايدۇخانغا قارشى تۇرغانلىقىنى، شۇ ۋەجدىن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى تېررىتورىيىسىنىڭ قايدۇخانغا قارشى كۈرەشتە سىياسىي، ھەربىي، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ھېسابقا ئېلىپ، ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرىغا موڭغۇل مەلىكىلىرىنى ياتلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ يوقىلىشى
[تەھرىرلەش]بىز باشتا نولىن تېكىن (1276 - 1318) نىڭ موڭغۇل مەلىكىلىرىدىن بورخان، باباچا، ئوراچىن ئاتلىق ئۈچ مەلىكىگە ئۆيلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق.
نولىن تېكىن مىلادىنىڭ 1318 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ مەلىكە باباچادىن تۇغۇلغان تۆمۈر بوقا ۋە سەڭكى تېكىن ئاتلىق ئىككى ئوغلى بار ئىدى. نولىن تېكىننىڭ ئورنىغا تۆمۈر بوقا ئىدىقۇت بولدى. تۆمۈر بوقا مىلادىنىڭ 1307 - يىلى ئوكتايخاننىڭ ئوغلى قۇداننىڭ قىزى تۇرچىسمانغا ئۆيلەنگەنىدى. تۆمۈر بۇقانىڭ ئون يىل (1318 - 1327) خان بولغانلىقى مەلۇم. بەزى تارىخىي خاتىرىلەردە، تۆمۈر بوقا مىلادىنىڭ 1327 - يىلى جازاغا تارتىلغان، ئۇ خانبالىق (بېيجىڭ) دىكى موڭغۇل خانى سۇن تۆمۈر (1324- 1328) نىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تۆمۈر بوقانىڭ ئۇكىسى سەڭكى تېكىنمۇ ئۆلتۈرۈلگەن، دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۆمۈر بوقا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سەڭكى تېكىن ئىدىقۇت بولغان دېگەن خاتىرىلەرمۇ بار. بەزى تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، سەڭكى تېكىن (1227 - 1331) دىن كېيىن، ئۇنىڭ ئانا باشقا ئۇكىسى تايپان ئىدىقۇت بولغاندەك تۇرىدۇ. قانداق بولمىسۇن، ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى مىلادىنىڭ 1335 - يىلى چاغاتاي خانلىرىدىن تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغان تارماشىرىننىڭ ۋاقتىدا (1320 - 1335) يوقىتىلغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى چاغاتاي خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىنغان.
بەش ئەسىر (485 يىل) ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى 282 يىل (843 — 1125) تولۇق مۇستەقىل ياشىغان بولسا، 210 يىل (1125 — 1335) يېرىم مۇستەقىل ھالدا ياشىدى. بۇ بېقىندىلىق ھالدا ياشىغان 210 يىلنىڭ، 80 يىلى (1125 — 1209) غەربىي قىتانلارغا، 136 يىلى (مىلادىنىڭ 1209 — 1335) موڭغۇللارغا قارام بولۇپ ياشىغان مەزگىل بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇر ئىمپېرىيىسىدە ئوينىغان رولى
[تەھرىرلەش]چىڭگىزخان (1206 — 1227 - يىلىغىچە قاغان بولغان) ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئوكتايخان، گۈيۈكخان، مونكىخانلارنىڭ ۋاقتىدا (1206 - يىلىدىن 1259 - يىلىغىچە) شەرقىي ئۇلۇغ ئوكياندىن تارتىپ غەربىي دوناي دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان جايىغىچە ۋە شىمالىي سىبىرىيە دالالىرىدىن تارتىپ جەنۇبىي كىچىك ئاسىياغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان يەرلەرنى ئىگىلىگەن، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ۋۇجۇدقا كەلدى.
مانا شۇنداق ئىمپېرىيىنى قۇرغان موڭغۇللار ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا خېلىلا قالاق ئىدى. ئۇلار دەسلەپ شەرقىي ئاسىيانىڭ دالالىرىدا، ئورمانلىرىدا،چۆللىرىدە ياشىغان. موڭغۇللارنىڭ يايلاق، دالالاردا ياشىغانلىرى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، ئورمانلاردا ياشىغانلىرى ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن موڭغۇللار يايلاق ۋە ئورمانلىق رايونلارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ مەركىزى ۋە تايانچ جايى قىلىشقانىدى. مۇنداق ئەھۋال مونكىخان موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاغان بولغۇچە داۋام قىلغان.
موڭغۇللار ناھايىتى قالاق بولۇشىغا قارىماي، جەڭگىۋار، باتۇر خىسلەتكە ۋە بەكمۇ پۇختا بولغان، ھەربىي ئىنتىزامغا شەرتسىز بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئىگە ئىدى. دالادا، چۆل - باياۋاندا، قاتتىق تەبىئىي شارائىتتا ھايات كەچۈرۈش، چارۋا ماللارنى قىرغىنغا ئۇچرىتىدىغان، دائىما بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر (قارنىڭ قېلىن يېغىشى، قۇرغاقچىلىق يىللىرى ئۆت - چۆپنىڭ ئۈنمەسلىكى)، دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى موڭغۇللارنى قىيىنچىلىققا چىدايدىغان، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ئادەتكە ئۆگەتكەنىدى. موڭغۇللاردا قەبىلىۋى مۇناسىۋەت ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، موڭغۇللار چىڭگىزخاندەك ساۋاتىسز بولسىمۇ ناھايىتى ئەقىللىق، ھوشيار، بەكمۇ ھىيلىگەر، ئادەتتىن تاشقىرى تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتىگە ئىگە قەھرىمان يېتەكچىگە ئىگە ئىدى.
چىڭگىزخان موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا بەل باغلىغاندىن تارتىپ، قابىلىيەتلىك، بىلىملىك، ئەقىللىق كىشىلەرنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەنىدى.
دەل شۇ چاغدا، شەرقىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى ــ ئۇيغۇرلار ئىدى. چىڭگىزخان ئالتايلىق، بەشبالىقلق، تۇرپانلىق، قارا شەھەرلىك، قەشقەرلىك، خوتەنلىك ئۇيغۇرلاردىن يۈزلىگەن، مىڭلىغان قابىل كىشىلەرنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچكى - تاشقى، چوڭ، مۇھىم ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلغانىدى. چىڭگىزخاننىڭ قابىلىيەتلىك باش ۋەزىرى قىتان شاھزادىسى يىلۇچۇساي كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىڭگىزخانغا مۇنداق دېگەنىدى: «ئوقيا ياساشقا ئۇستا كېرەك بولغاندەك، جاھاننى سوراشنى بىلىدىغان ئۇستا كېرەك.»[20]
ئۇيغۇرلاردىن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان كىشىلەر تەجرىبىلىك سىياسەتچىلەر، ھوشيار، ئۇستا دىپلوماتلار، ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ نازۇك سىرلىرىنى بىلىدىغان ھەربىي ئىستراتېگلەر، تاكتىكىچىلار، ھەربىي تېخنىكلار، چىداملىق، قەيسەر سەيياھلار، دېڭىزچىلار، قۇرۇلۇش ئېنژېنېرلىرى، ئىلىملىك ئالىملار، تۈرلۈك ئەللەرنىڭ تىلىنى بىلىدىغان تىلماچلار، شائىرلار، تارىخچىلار، خەتتاتلار، رەسساملار، مۇزىكانتلاردىن ئىبارەت ئىدى.
چىڭگىزخان بىرىنچى قەدەمدە موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچ توپلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ شىمالىي (شەرقىي سىبىرىيىدىكى) ۋە غەربىدىكى (شەرقىي ئالتايدىكى) تۈركىي قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغانىدى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1204 - يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئـۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ قولىغا چۈشكەنىدى. بىز ئۇنى باشتا ئېيتقان.
چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز قىلىپ تەيىنلەندى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىدا يېزىلدى. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئىلخانلار (مىلادىنىڭ 1258 - يىلىدىن 1335 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) نىڭ ئالاقىلىرى ئۇيغۇرچە، پارسچە يېزىقىدا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى (1231 - 1370) بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1227 - 1502) دا رەسمىي دۆلەت تىلى ــ ئۇيغۇر تىلى، دۆلەت يېزىقى ــ ئۇيغۇر يېزىقى بولغانىدى. چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ، تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا كىردى. موڭغۇل خانلىرى ئارىسىدىكى ئورتاق تىل، موڭغۇل بەگلىرى ئارىسىدىكى ئەدەبىي تىل، رەسمىي سىياسىي ئالاقىلاردا قوللىنىدىغان تىل ــ ئۇيغۇر تىلى بولغانىدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بائۇرچۇق ئارت تېكىن مىلادىنىڭ 1210 - يىلى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قورۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بەشبالىقلىق ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن كىشىلەر موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا جەلپ قىلىندى.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1206 - يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى باشلىدى. چىڭگىزخاننىڭ ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ مىلادىنىڭ 1215 - يىلى جۇرجىت خانلىقىغا قىلغان يۈرۈشىدە، 1219 - يىلىدىن 1225 - يىلىغىچە داۋام قىلغان غەربكە يۈرۈشىدە ھەربىي مەسلىھەتچىسى بولدى.
چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار جەلپ قىلىندى.
چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئەڭ مەشھۇرلىرى بولغان توراقايا، بۇلادقايا، قاتارلىقلار توغرىسىدا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىش كېرەك.
توراقايا بەشبالىقلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ھەربىي ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە قوللىنىشقا ناھايىتى ئۇستا ئىدى. توراقايا چىڭگىزخاننىڭ ئۇلۇغ خارەزىم شاھلار دۆلىتىگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئىچىدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي ئالىملاردىن بىرى ئىدى. بۇلادقايا بولسا چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى تولىخاننىڭ ئورۇنباسارى بولغان. بەشبالىقلىق بۇلادقايا چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1215 - يىلى بېسىۋالغان جۇڭدۇ (جۇرجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى) گە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئەلچى ۋە نازارەتچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن (مىلادىنىڭ 1215 - يىلىدىن 1223 - يىلىغىچە) جۇڭدۇدىكى باش ۋالىي موڭغۇل سەركەردىسى مۇغالى ئىدى. مۇغالى مىلادىنىڭ 1223 - يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، جۇڭدۇغا بۇلادقايا ئەۋەتىلگەن. بۇلادقايا جۇڭدۇدا تۇرغان مەزگىلىدە، شىمالىي جۇڭگوغا موڭغۇللار نامىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇ چاغدا، جەنۇبىي جۇڭگو جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىدى.
موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1279 - يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن تولىخاننىڭ ئوغلى قوبلايخان 87 يىل ھۆكۈم سۈرگەن يۈەن سۇلالىسىنى (1279 - 1368) قۇرغان، ئۇيغۇرلار مانا شۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇقلىرىنى ئىگىلىۋالغانىدى.
قوبلايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىگىچە (1279 - 1368) ئۇيغۇلاردىن لەن شىشەن (1231 — 1280). ساڭگا (؟ — 1291) ئەھمەد (ئۆ. 1282)، ئەل يىغمىش (ئۆ. 1320) مەڭگۈ تېكىن (XIII ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، شىبان (1197 —1276)، موڭسۇز (XIII ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، ئەختەرىدىن (XIII ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن) قاتارلىقلار خانبالىقتا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
شۇلارنىڭ ئىچىدە ئادىللىقى، كەمتەرلىكى، خەلقپەرۋەرلىكى، قابىللىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان لەن شىشەن، موڭسۇز، مەڭگۈ تېكىن، شىبان، ئەل يىغمىش، ئەختەرىددىن قاتارلىقلار توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
لەن شىشەن مىلادىنىڭ 1231 - يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى بەشبالىقتا تۇغۇلغان. ئۇ قوبلايخاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان، مىلادىنىڭ 1259 - يىلى مونكى قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندە، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى قاراقۇرۇمنى ساقلاشقا تەيىن قىلىنغان ئارىغ بوقا (قوبلايخاننىڭ ئۇكىسى) پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قاراقۇرۇمدا قورۇلتاي چاقىرىپ، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانلىق ئورنىنى تارتىۋالماقچى بولغاندا، قوبلايخان مىلادىنىڭ 1260 - يىلى لەن شىشەننىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، قاغان سايلاشتىكى ئەنئەنىگە خىلاپ ھالدا كەيفېڭدا ئۆزىنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانى دەپ جاكارلىغان.
شۇنىڭدىن كېيىن قوبلايخان بىلەن ئارىغ بوقا ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇشلار يۈز بەردى. قوبلايخان ئارىغ بوقانى تارمار كەلتۈرۈپ، قاراقۇرۇمنى ئىگىلىۋالدى. مىلادىنىڭ 1264 - يىلى ئارىغ بوقا قوبلايخانغا تەسلىم بولدى.
موڭغۇللار مىلادىنىڭ 1279 - يىلى پۈتۈن جۇڭگونى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قوبلايخان يۈەن سۇلالىسىگە خان بولۇپ، بېيجىڭنى پايتەخت قىلدى. لەن شىشەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قوبلايخانا باش ۋەزىر بولدى.
موڭسۇزمۇ قوبلايخاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى ئىدى. قوبلايخان ئۇنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەندە ئۇ باش ۋەزىرلىكنى قوبۇل قىلمىغان، موڭسۇز ناھايىتى ئەقىللىق، بىلىملىك ئادەم بولغان.
مەڭگۈ تېكىن بولسا قوبلايخاننىڭ ئۇستازى ئىدى. قوبلايخان ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر شەخس بولۇپ يېتىشكەن.
شىبان بولسا مەشھۇر دىپلومات ئىدى. ئۇ قوبلايخان بىلەن ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى ئارىسىنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. شىبان ئوكتايخان بىلەن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادىنىڭ 1276 - يىلى 79 - يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان ئەخمەت قوبلايخانغا ۋەزىر بولغان. ئۇ ناھايىتى قابىل ئادەم بولۇپ باش ۋەزىرگە تەڭ ئابرويغا ئىگە ئىدى.
يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى قوبلايخان، تۆمۈرخان، ئىسەنخانلارنىڭ ۋاقتىدا (مىلادىنىڭ 1270 - يىلىدىن 1320 - يىلىغىچە) مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى ۋە دىپلومات بولغان ئېل يىغمىش ئاتلىق ئۇيغۇر موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ كېمە ئەترىتىنى باشلاپ بىرنەچچە قېتىم ھىندى ئوكيانغا ۋە ئوكيانىيىگە بارغان. ئېل يىغمىش دېڭىز - ئوكيان ئارقىلىق ھازىرقى سېرىلانكا، ماۋىرىيە (ھىندىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ھىندىچىنى، ھىندۇنېزىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇ قايتىشىدا چەت ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ كەلگەن ھەم شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغان دورا - دەرمانلارنى ئەكەلگەن.
قوبلايخاننىڭ ئېل يىغمىشنى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا (ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە ۋە ھىندىستان) غا ھىندۇنېزىيىلەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى شۇ دۆلەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئىدى. چۈنكى، قوبلايخان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندونېزىيىنى بېسىۋىلىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى تەييارلانماقتا ئىدى.
دېگەندەك، قوبلايخان مىلادىنىڭ 1279 - يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن، شەرققە ــ ياپونىيىگە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا ــ ھىندونېزىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلىدى.
قوبلايخان مىلادىنىڭ 1280 - يىلى يۈزلىگەن - مىڭلىغان كېمىلەر بىلەن تەمىنلەنگەن 165 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تابقان قۇدرەتلىك چوڭ قوشۇننى (بۇنىڭ 120 مىڭى خەنزۇ ۋە كورېيىلىك جەڭچىلەر ئىدى) دېڭىز ئارقىلىق ياپونىيىگە ماڭدۇردى. لېكىن بۇ چوڭ تاجاۋۇزچى قوشۇننىڭ ناھايىتى نۇرغۇن ئادىمى ئۇلۇغ ئوكياندا تەيفېڭ بورىنىغا ئۇچراپ غەرق بولدى. نەتىجىدە موڭغۇللارنىڭ پاپۇنىيىگە قىلغان يۈرۈشى ئەمەلگە ئاشمىدى.
قوبلايخان ياپونىيىگە قىلغان يۈرۈشىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1283 - يىلى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى ۋيېتنام، مالايشىيا، بىرما، كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئېل يىغمىش موڭغوللارنىڭ ھىندىچىنىدىكى دۆلەتلەرگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشتى. يەنە ئۇ موڭغۇللارنىڭ 1293- يىلى ھىندونېزىيىگە قىلغان يۈرۈشىگىمۇ قاتناشتى. ئېل يىغمىش قوبلايخاننىڭ ھىندونېزىيىگە قىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن (موڭغۇللار ئوكيانىيىنىڭ ئىسسىق ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشالماي ئىچ ئۆتكۈ كېسىلىگە مۇبتىلا بولغانىكەن)، خانبالىققا قايتىپ كېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئورۇنباسارى بولۇپ خىزمەت قىلدى. مىلادىنىڭ 1320 - يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.
قوبلايخاننىڭ ۋاقتىدا، ئەختەرىددىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئېنژېنېر ئۆتكەنىدى. ئەختەرىددىن خان تەرىپىدىن ئوردا ۋە شەھەر قورۇلۇش ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان چادىر مەھكىمىسىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەنگەن.
ئەختەرىددىن ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى لايىھىلەپ بىنا قىلغان.
بېيجىڭ جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن بىر مۇنچە سۇلالىلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. بېيجىڭ جۇڭگو تارىخىدىكى «يىلنامە چۈنچيۇ دەۋرى» (مىلادىدىن 770 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 475 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە)، «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى» (مىلادىدىن 475 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 221 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە)دىكى يەن بەگلىكىگە پايتەخت بولغانىدى. ئۇ چاغدا جىچېڭ (蓟城) دەپ ئاتىلاتتى. چىن سىخۇاڭ مىلادىدىن 221 يىل بۇرۇن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، جىچېڭ شەھىرى چىگرا مۇداپىئە بويىچە مۇھىم شەھەرگە ئايلاىغان. جىچېڭ شەھىرى خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن 207 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 220 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)، سۈي سۇلالىسى (581 - 618)، تاڭ سۇلالىسى (618 - 907) دەۋرىدىمۇ مۇھىم ھەربىي شەھەر بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە (960 - 1279)، جىچېڭ شەھىرىنى مىلادىنىڭ 960 - يىللىرى قىتانلار بېسىۋالغان. جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن جۇرجىت خانلىقى (1115 - 1234)، يۈەن سۇلالىسى (1279 - 1308)، مىڭ سۇلالىسى (1368 – 1644)، چىن سۇلالىسى (1644 - 1911) قاتارلىق تۆت سۇلالە باشتىن - ئاخىرغىچە جىچېڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان.
شەرقىي قىتان خانلىقى مىلادىنىڭ 1053 - يىلى جىچېڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان ۋاقتىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، بېيجىڭ 800 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بولىدۇ.
تارىخى ئۇزۇن بولغان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نامى تۈرلۈك تارىخىي شارائىتلاردا تۈرلۈك ئاتىلىپ كەلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يۇجۇ، قىتان خانلىقى دەۋرىدە (916 - 1125) پېيدۇ - يەنجىڭ (陪都-燕京)، جۇرجىت خانلىقى دەۋرىدە جۇڭدو (中都) دەپ ئاتالدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خانبالىق دەپ ئاتالدى. پەقەت چىڭ سۇلالىسى (清朝) دەۋرىگە كەلگەندىلا بېيجىڭ (北京) دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.
ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسى يەن بەگلىكىنىڭ پايتەختى جىچېڭ شەھىرىمۇ ئەمەس، شۇنىڭدەك، شەرقىي قىتان خانلىقى، جۇرجىت خانلىقى دەۋرىدىكى يەنجىڭ، جۇڭدۇ شەھەرلىرىنىڭ ئاساسىمۇ ئەمەس ئىدى. ھازىرقى بېيجىڭ پەقەت موڭغۇللار ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنغان خانبالىق شەھىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ كېڭىيىپ ھازىرقى ھالىغا كەلگەن.
چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1215 - يىلى جۇڭگوغا ئىككىنچى قېتىم ناھايىتى چوڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، جۇرجىت خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان بۇ شەھەرنى بېسىۋالغاندا، شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئۇنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى. تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا، جۇڭدۇ شەھىرى بىر ئايدىن ئارتۇق كۆيۈپ، قورقۇنچلۇق خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
مانا شۇ ۋەقەدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن (مىلادىنىڭ 1268 - يىلى)، قوبلايخان جۇڭدۇ شەھىرىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە يىڭى بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇنى پايتەخت قىلىش قارارىغا كەلگەن.
ئەختەرىددىن قوبلايخاننىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان پايتەختنىڭ غايەت چوڭ، مۇرەككەپ لايىھىسىنى ئىشلەپ چىققان ۋە شۇ لايىھە بويىچە «خانبالىق» دەپ ئاتالغان بۇ پايتەختنى بىنا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان.
ئەختەرىددىننىڭ لايىھىسى بويىچە، بىرىنچى قەدەمدە، يەرنىڭ قىيپاش شەكلىگە ئاساسەن، يەر ئاستى كانالىزاتسىيىسى ياسىلىپ، سۇ ئاقىدىغان ساپال نوكەشلەر ئورنىتىلغان. ئىككىنچى قەدەمدە، تەبىئىي مەنزىرىسى چىرايلىق جايلارغا خانلار تۇرىدىغان ئوردىلار سېلىنغان. ئەختەرىددىننىڭ لايىھىسىگە ئاساسەن، ھازىرقى جۇڭنەنخەي ۋە بېيخەي كۆللىرى بىنا قىلىنىپ خان ئوردىلىرى شۇ كۆللەرنىڭ ئىككى قىرغىقىغا سېلىنغان. ھازىرقى جۇڭشەن باغچسى بىنا قىلىنغان.[21]
خانبالىقنىڭ «كوچىلىرى چوڭ كوچا، كىچىك كوچا ۋە خۇتۇڭ دەپ ئاتىلدىغان ئۈچ خىل كوچىدىن ئىبارەت بولغان.... چوڭ كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 24 قەدەم، كىچىك كوچىلارنىڭ كەڭلىكى 12 قەدەم بولغان. شەھەرگە 364 چوڭ ۋە كىچىك كوچا، 2009 خۇتۇڭ ياسالغان... بۇنداق كوچىلارنىڭ چوڭ - كىچكلىكى قاتناشنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجىغا ئاساسلانغان.»[22]
خانبالىقتىكى ئوردىلار ،كۆللەر ،باغچىلار ،كۆۋرۈكلەر، كوچىلار، شەھەر دەرۋازىلىرى، يەر ئاستى قانالىزاتسىيىسى «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى، تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ شەرت- شارائىتىلىرى ۋە يەرلىك ئەھۋالىنىڭ بەزىبىر جۇغراپىي ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن لايىھىلەنگەن.»[23]
بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ھونلار دەۋرىدىن تارتىپلا ھازىرغىچە جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ بەردى. ئەختەرىددىننىڭ خانبالىقنى بىنا قىلىشتا ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى تارىخ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ئىقتىساد
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋردە ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت خېلى تەرەققىي قىلدى.
شۇ دەۋردە ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئورخۇن دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرنەچچە ئەسىردىن تارتىپ، مىلادىنىڭ IX ئەسرىگىچە) دىكى قەدىمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك رول ئوينىشى، ئىدىقۇت خانلىقى تېررىتورىيىسىنىڭ شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى ئۇلۇغ كارۋان يولىنىڭ بويىغا جايلاشقانلىقى ۋە شۇ تېررىتورىيىدە ياشىغان غەربىي ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقتىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا يۇقىرى ئىكەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مىلادىنىڭ 840 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ بەشبالىق، تۇرپان، قارا شەھەر، كۇچا قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كەلگەن بىر تارمىقى شۇ جايلاردىكى ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىدا يېڭى بىر بۇرۇلۇش دەۋرى باشلاندى.
دېھقانچىلىق
[تەھرىرلەش]تۇرپان، بەشبالىق، قارا شەھەر، كۇچار رايونلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇنلا دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ھايات كەچۈرگەنىدى. تۇرپاندا ئىگىلىكتە دېھقانچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان بولسا، بەشبالىقتا چارۋىچىلىق ئاساسى، دېھقانچىلىق قوشۇمچە ئورۇندا تۇراتتى. قارا شەھەر بىلەن كۇچادا بولسا، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق باراۋەر ئورۇندا ئىدى.
مىلادىنىڭ 840 - يىلى غەربكە كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار ئورخۇن دەۋرىدە ئاساسەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق قوشۇمچە ئورۇندا تۇرغانىدى.
غەربكە كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتىپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلغان ئىگىلىككە ئۆتۈپ، ئاساسەن ئولتۇراقلاشقان ھاياتقا كۆچتى.
سۇڭ سۇلالىسى دەرۋىدە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچى ئۇياڭ شيۇ «بۇ يەرنىڭ زېمىنلىرى (ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ زېمىنلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ــ ئا) بۇغداي، ئارپا، كەندىر، پىياز، كۈدە، قاپاق، يۇمغاقسۈت قاتارلىقلارنى تېرىشقا لايىق، قوشقا تۆگە قوشۇپ يەر ھەيدىشىدۇ. شۇنداق ئۇسۇل بىلەن تېرىقچىلىق قىلىنىدۇ.»[24] دەپ يازغان.
تارىخچى توقتۇ (مىلادىنىڭ 1314 - يىلى تۇغۇلۇپ 1355 - يىلى ئۆلگەن): ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ «سۈيى ئالتۇنتاغدىن (تەڭرىتېغى كۆزدە تۇتۇلىدۇ ــ ئا) كېلىدۇ. ئىدىقۇت دۆلىتىدىكى شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئاقىدۇ. ئېتىزلىقلار، باغلارنى سوغىرىدۇ. تۈگمەنلەر چۆرۈلىدۇ. ئاشلىق تېرىلىدۇ. بۇ يەردە يالغۇز قارا بۇغدايلا يوق.»[25] دەپ يازغان.
توقتۇ يەنە: «كۇچا خانلىقىدا شال، بۇغداي، قوغۇن مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ» دەپ يازغان.
بولۇپمۇ تۇرپان رايونىنىڭ يەر شارائىتى دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىككە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلەتتى. شۇڭلاشقا، تۈرلۈك ئاشلىق زىرائەتلىرى، پۇرچاق، كېۋەز، كەندىر قاتارلىقلار، خىلمۇ خىل ئوتياش، قوغۇن - تاۋۇز، ئۈزۈم تۈرلىرى ۋە ئۈجمە ئۆستۈرۈلگەن.
چارۋىچىلىق بىلەن ئوۋچىلىقمۇ دېھقانچىلىقتىن قالسىلا خېلى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيتتى.
چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق
[تەھرىرلەش]توقتۇ: «بەشبالىقتا ئات كۆپ بېقىلىدۇ. خان، خانىش، خانزادىلەرنىڭ ئۆز يىلقىلىرىنى باقىدىغان يايلاقلىرى بار. ئۇلارنىڭ يىلقىلىرى ئوت - چۆپى، سۈيى مول بولغان كەڭ يايلاقلاردا، رەڭگى بويىچە، ئۈيۈر - ئۈيۈر بولۇپ يايلايدۇ. يىلقىلار شۇنچىلىك كۆپكى، سانىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس، بەشبالىق تۈزلەڭلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىرنەچچە مىڭ چاقىرىم كېلىدۇ»دەپ يازغان[25].
قەدىمكى چاغدىن تارتىپ، ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە قايسى دۆلەتنىڭ قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن ئاتلىق بولغان بولسا، شۇ دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن بولۇپ كەلگەن.
ھونلارنىڭ ئاسىيانىڭ شەرقىدىن ياۋروپانىڭ غەربىگىچە بولغان يۈرۈشلىرىدە، ھون ئاتلىقلىرىنىڭ ھەيۋىسى، جەڭگىۋارلىقى، باتۇرلۇقى دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان بولسا، كۆك تۈرك ئاتلىقلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈشىدىكى سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېزلىكى (ھۇجۇم ۋە چېكىنىشتە) ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنى كاپالەتلەندۈرگەن ئامىللارنىڭ بىرى بولغان. ئۇيغۇرلار ئورخۇن دەۋرىدە ئۆز ئاتلىق قوشۇنلىرى ئارقىلىق سان جەھەتتىن ئۆزىگە نىسبەتەن بىرقانچە ھەسسە كۆپ بولغان دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۈستىدىن كۆپ چاغلاردا غالىب كەلگەن. XIII ئەسىردە، چىڭگىزخاننىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسەن پىيادە قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.
قەدىمكى زامان ئۇرۇشلىرىدا، ئاتلىق قوشۇن ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىدىغان ئاساسىي كۈچ ئىدى. ئات ــ ئەجدادلىرىمىز ھاياتىدا يالغۇز قاتناش قورالى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ھەربىي جەھەتتىكى ئاساسىي قورال بولغان. ئات يەنە تاشقى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ، چەت ئەلگە چىقىرىلىدىغان مۇھىم تاۋار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھونلار، كۆك تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە ئات بېقىش، ئات ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغانىدى. بىرنەچچە يۈزمىڭ جەڭ ئاتلىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن، بىرنەچچە مىليون ئات يېتىشتۈرۈش لازىم ئىدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە ئات ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەندىن تاشقىرى، قوي، كالا، تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن.
ئوۋچىلىق ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئوزۇق - تۈلۈككە بولغان بەزى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامداشنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپلا قالماستىن، تىنچ كۈنلەردە قوشۇنلارنى ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇشنىڭ بىر ۋاسىتىسىمۇ بولغانىدى. ئۇيغۇرلار ئوۋغا ناھايىتى ئۇستا ئىدى. مىلادىنىڭ 981 - يىلى جۇڭگو (سۇڭ خانلىقى) دىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا ئەلچى بولۇپ كەلگەن ۋاڭ يەندى: «ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە كېتىۋىتىپ ئوقيا ئېتىشقا ماھىر كېلىدۇ» دەپ يازغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تاغلىرى، ئورمانلىرى، يايلاق - دالالىرىدا، ياۋايى ھايۋانلار، ياۋايى يىرتقۇچ قۇشلار كۆپ ئىدى. ئوۋچىلىقنىڭ شەرت - شارائىتلىرىمۇ ئوبدان ئىدى. ئۇياڭ شيۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن قاشتېشى، ياۋا قوتاز، قۇلان، بىر ئۆركەشلىك تۆگە (نار تۆگە)، ئاق سۆسەر، بۆكەن مۈڭگۈزى... ئالماس، قىزىل تۇز، كىگىز، ئات كۆنى چىقىدۇ.»[26]
ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئوقيا بىلەن ئوۋ قىلغاندىن تاشقىرى، قولغا ئۆگىتلىگەن يىرتقۇچ قۇشلار ئارقىلىقمۇ ئوۋ قىلاتتى. «ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىدىن شۇڭقار، بۈركۈت، لاچىن، قارچىغا چىقىدۇ.»[27]
قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تىنچ، ئىناق ئۆتۈشتەك ئوبدان قوشنىدارچىلىق يولىنى تۇتقانىدى. لېكىن قاراخانى ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن (قاراخانى ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىغا، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى) ئىككى قېرىنداش دۆلەت ئارىسىدا بىرنەچچە قېتىم ئۇرۇش بولغان بولسىمۇ، ئىدىقۇت خانلىقى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىدىن قوبلايخان بىلەن قايدۇخان ئارىسىدا 40 يىل داۋام قىلغان (1260 - يىلىدىن 1300 - يىللىرىغىچە) ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىگىچە (850 - 1260) ئاساسەن تىنچ دەۋردە ياشىغانىدى. مانا شۇنداق ئەھۋال دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن.
يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سۈردى. پاختا توقۇمىچىلىقى، يىپەك توقۇمىچىلىقى، زەرگەرلىك (ئالتۇن، كۈمۈشتىن زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى ياساش) مېتالچىلىق، (مىس، تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ياساش)، كانچىلىق، دورىگەرلىك، سەرراشلىق (ئېگەر، يۈگەن، نوختا ياساش)، مەيچىلىك (ئۈزۈم شارابلىرى) قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ خىلمۇ خىل تۈرلىرى بەكمۇ تەرەققىي قىلغان.
توقتۇ مۇنداق دەپ يازغانىدى: «ئۇيغۇرلار ئەقىللىق، ساغلام بولۇپ، ھۈنەرۋەن كېلىدۇ. ئۇلار، ئالتۇن - كۈمۈش، مىس - تۆمۈرلەرنى ئېرىتىپ سايمان ياساشقا ۋە قاشتېشى ھۈنىرىگە ئۇستا كېلىدۇ.»[25]
XIII ئەسىردە ياشىغان جۇڭگو تارىخچىسى خۇڭ خاۋ مۇنداق دەپ يازغانىدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياللىرى باشلىرىغا جىرىڭلاپ، تىترەپ تۇرىدىغان، چاچنى قارماپ، بىر - ئىككى ئىلىك ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئالتۇن تۈرگۈچ تاقايدۇ. ئۇيغۇرلار زەرگەرلىك ھۈنىرىگە ئۇستا بولۇپ، تىترەپ تۇرىدىغان ئالتۇن - زىرە ۋە ئالتۇن ھالقىلارنى ياسايدۇ. يىپەك تارتىپ يىپەك بېسىپ چىقىرىپ، كىمخاپ، شايى، يىپەك تورلارنى توقۇشقا ئۇستا. يەنە بەش خىل رەڭلىك يىپتىن توقۇلما تون توقۇيدۇ. بۇنداق تونلار كىس دەپ ئاتىلىدۇ، بەكمۇ چىرايلىق بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە كالاۋۇتۇن (ئالتۇن يىپ) ئىشلەشكە ئۇستا. مانا شۇ كالاۋۇتۇندىن چاپانلارنىڭ دۈمبىسىگە گۈل ۋە دەرەخلەرنى كەشتىلەپ قويىدۇ.»[28]
قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىچكى بازار بىلەن تاشقى سودا ئالاقىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈنمۇ كەڭ مىقياستا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدىكى خەلقئارا قۇرۇقلۇق سودا يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. مانا شۇنداق شارائىت، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو ۋە غەربتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقە قىلىشىغا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق ئىدى.
قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تاغلىق قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن «سارت» دېگەن نامغا ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ سودا ئىشلىرىغا ئۇستا ئىكەنلىكى، سودا ئالاقىلىرىدا ساختىپەزلىك قىلمايدىغان ئاق كۆڭۈللۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. «سارت» سۆزىنىڭ مەنىسى ــ «كارۋان بېشى» دېگەن بولىدۇ.
ئۇيغۇر سودىگەرلىرى شەرقتە شىمالىي سۇڭ خانلىقى، شەرقىي قىتان خانلىقى، تاڭغۇت خانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، غەربتە قاراخانىيلار ئارقىلىق شەرقىي روما، ئىران، ئەرەب ھىندىستانغىچە بېرىپ سودا قىلغان.
ئۇيغۇرلار چەت دۆلەتلەرگە ئات، تۆگە، ئات جابدۇقلىرى (ئاساسەن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىگە) گۈللۈك يىپ رەختلەر، يىپەك ماللار، ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى، دورا - دەرمانلار، نۆشۈدۈر، مەستىكى رۇمى، ئاق سۆسەر، بۆكەن مۆڭگۈزى، ئالماس، كىگىز، كۆن قاتارلىق تاۋارلارنى چىقىراتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قاشتېشىدىن ياسالغان زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئەسۋاب - جابدۇقلىرىنىڭ شەكىل جەھەتتىن چىرايلىق، سۈپەت جەھەتتىن نەپىسلىكى دۇنيا بازىرىدىكى خېرىدارلارنى ھەيران قالدۇرغانىدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى، شەرقىي قىتان خانلىقى، جۇرجىت خانلىقى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئات، دورا - دەرمان، رەخت (پاختا يىپتىن تۇقۇلغان) قاتارلىق ماللىرى، جۇڭگونىڭ يىپەك ماللىرى ۋە مىس پۇللىرىغا ئالماشتۇرۇلاتتى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى شەرقىي قىتانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا كۆپرەك جەڭ ئاتلىرىغا ئېھتىياجلىق ئىدى. سۇڭ سۇلالىسى جەڭ ئاتلىرىنى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن سېتىۋالغاندىن تاشقىرى، قاراخانىيلاردىن (خوتەن ئارقىلىقمۇ) سېتىۋالاتتى. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى مىلادىنىڭ 1085 - يىلى شەرقىي قاراخانىيلاردىن 1 مىليون 200 مىڭ سەر كۈمۈش قىممىتىگە باراۋەر كېلىدىغان پۇلغا ئات سېتىۋالغانىدى.
تۇرمۇش باياشاتلىقى
[تەھرىرلەش]ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى باياشات ئۆتكەن. ئوزۇقلىنىشتا خىلمۇ خىل ئاشلىق، گۆش، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، ئۈزۈم شارابلىرى مول بولغان. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەملىكەت ئىچىدە كەمبەغەللەر يوق دېگۈدەك ئىدى. ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئاز ئۇچرايتتى. تۇرمۇشنىڭ باياشاتلىقى، داۋالاش ئىشلىرىنىڭ ياخشى يولغا قويۇلغانلىقتىن كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن.
كىشىلەر يېمەك - ئىچمەكتە باياشات، غەمسىز ياشىغاندىن تاشقىرى، ناھايىتى ئېسىل كىيىم - كېچەكلەرنى كىيەتتى.
«غەربىي يۇرت توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» ناملىق ئەسەرنىڭ 1 - جىلدىدا مۇنداق يېزىلغان: «كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ھەممىسى يۇمىلاق ياقىلىق، تار يەڭلىك بولۇپ، ئەرلەرنىڭ ئېتىكى سولغا، ئاياللارنىڭ ئېتىكى ئالدىغا ئېچىلىدۇ. ئىچ كۆڭلەك ۋە تىزىنى يېپىپ تۇرىدىغان كەمزۇل كىيىشىدۇ. ئاياللار بېشىغا قىش - يازدا دېگۈدەك ئالدىغا ئۆكە قادالغان، بېزەلگەن تۇماق كىيىدۇ. ئەرلەر بولسا قىشتا تۇماق، يازدا كىمخاپ دوپپا ياكى كىگىز قالپاق كىيىدۇ. قالپاقلارنىڭ ئۈستى يېشىل تاۋار تاشلىق بولىدۇ. بۇنداق قالپاقلارنىڭ ئېگىزلىكى بەش - ئالتە سۇڭ بولۇپ، قالپاقلارنىڭ چېكىلىكىگە قادالغان ئۆگە (يىرتقۇچ قوشلارنىڭ پەيلىرى) لەرنىڭ ئۇزۇنلىقىمۇ بەش - ئالتە سۇڭ كېلىدۇ. ئەرلەر قالپىقىنىڭ ئۆكەسى تىك - تۈز بولۇپ، ئاياللارنىڭ تۇمىقىغا قادالغان ئۆكە ئارقىغا ئېگىلىپ تۇرىدۇ. ئاياللارنىڭ تۇماقلىرى ئالتۇن - كۈمۈشتىن ياسالغان چېكە گۈللەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئاجايىپ چىرايلىق كېلىدۇ. روھانىيلارنىڭ دوپپىسى يۇمىلاق جىيەكلىك بولۇپ، ئاق رەختتىن تىكىلىدۇ... پۇتىغا كالا، قوي تېرىسىدىن ئىشلەنگەن كۆن ئۆتۈك كىيىشىدۇ.»
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانلىرى، بەگلىرى كىمخاپ، تەتىللا، دۇخاۋا، رەڭگى كۆك، قىزىل يىپەك تاۋارلاردىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ، ئالتۇن تاج تاقايتتى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت
[تەھرىرلەش]بىناكارلىق
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى تېررىتورىيىسىدە ئاۋات، ئاجايىپ چىرايلىق شەھەرلەر، ئوردىلار، قورغانلار، ئىبادەتخانىلار، ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
مىلادىنىڭ 981 - يىلى شىمالى سۇڭ سۇلالىسىدىن ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا ئەلچى بولۇپ كەلگەن ۋاڭ يەندى: «شەھەرلىرىدە باغچىلار، ئېگىز چوڭ مۇنارلار، ئارامگاھلار كۆپ» دەپ يازغان بولسا، مەھمۇد كاشغەرى مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇ شەھەرلەرنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار، ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر. بۇ شەھەرلەر: سۇلمى، بۇنى زۇلقەرنەيىن سالدۇرغان، قۇچۇ، جانبالىق، بەشبالىق، يېڭىبالىق.»[29]
مەھمۇد كاشغەرى XI ئەسىردە بەرگەن مەلۇماتىدا، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇددا دىنىدا ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، «ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار» دېگەن. مەھمۇد كاشغەرى «سۇلمى» شەھىرىنى زۇلقەرنەيىننىڭ سالدۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ رىۋايەت بولسا كېرەك. چۈنكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىدىن 330 يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان يۈرۈشلىرىدە تۇرپان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئەمەس. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، سۇلمى شەھىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ پايتەختى بەشبالىق شەھىرىنىڭ قاچان بىنا بولغانلىقى، قاچاندىن تارتىپ «بەشبالىق» دەپ ئاتالغانلىقى، شەھەر قورۇلۇشى ۋە ئۇنى كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىرنەرسە دېيىش قىيىن، لېكىن يازما تارىخىي مەلۇماتلار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن پاكىتلار بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا، بەشبالىقنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇشىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا باشلانغانلىقى (ھون دەۋرىدە)، بولۇپمۇ بەشبالىقنىڭ كۆك تۈركلەر قاغانلىقى ۋە ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە خېلى چوڭ كۆلەمدە ئىكەنلىكى مەلۇم. بەشبالىق ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىغا پايتەخت بولغاندا، شەھەر تاشقىرىقى ۋە ئىچكىرىكى شەھەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، شەھەر سېپىلىنىڭ ھازىرقى خارابىسىگە قاراپ ھۆكۈم قىلغاندا، شەھەر سېپىلى ئۇلىنىڭ توغرىسى سەككىز مېتىر، ئېگىزلىكى ئون مېتىر ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ. مىلادىنىڭ 732 - يىلى كۆل تېكىن خاتىرىسىگە قويۇلغان مەڭگۈ تاشتا بەشبالىق تىلغا ئېلىنغان. شۇ پاكىتقا قارىغاندا، بەشبالىقنىڭ بەش شەھەردىن تەركىب تاپقانلىقى ئېنىق. بەشبالىقنىڭ ئىچكىرىكى شەھىرى خانلار، بەگلەر تۇرىدىغان بىنالارنى ئاساس قىلغان خان شەھىرى ئىدى. مانا شۇ خان شەھىرىدە ئىدىقۇتلار تۇرىدىغان خان ئوردىسى بار ئىدى. شەھەرنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان خارابىسىگە قاراپ ھۆكۈم قىلغاندا، خان شەھىرى سېپىلىنىڭ ئەتراپىدا كىچىك كۆلگە ئوخشىشىدىغان، توغرىسى 18 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان خەندەك بولغان.
ئورنى ھازىرقى جىمسار ئەتراپىغا توغرا كېلىدىغان بەشبالىق شەھىرى مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇنلا تارىخىي يىلنامىلەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ (ئۇ چاغلاردا باشقا نام بىلەن ئاتالغان) شەھەر قۇرۇلۇشىدا، پىششىق خىش، گۈللۈك خىشلار ئىشلىتىلگەن، شەھەر سېپىلى قاڭدىلىپ، توپا بىلەن قۇپۇرۇلغان.
بەشبالىقنىڭ جايلاشقان ئورنى يېقىدىن قەدىمكى چاغدا، خەلقئارا قاتناش ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بەشبالىق قەدىمكى چاغدا غەربتىن شەرققە، شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقا، جەنۇبتىن شىمالغا ئۆتىدىغان ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن يوللارنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىدى. شۇنىڭدەك، شەرقىي ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىر - بىرىگە قارشى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈشتە چوقۇم تالىشىدىغان ئىستىراتېگىيىلىك جاي ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى چاغدا، ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسى، تۈركلەر بىلەن تاڭ سۇلالىسى، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلىكلەر بەشبالىق ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزونغا سوزۇلغان سان - ساناقسىز، قانلىق ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان.
جۇڭگو 751 - يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى تالاس دەرياسى بويىدا، ئەرەبلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىلادىنىڭ 758 - يىللىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭلار (ئۆڭلۈك - سۆگۈم توپىلىڭى) جۇڭگودىكى تاڭ سۇلالىسىنى ھالسىرىتىپ قويدى. شۇ سەۋەبكە كۆرە، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي تەسىرى ئاياغلىشىپ، ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى كۈچەيدى. تىبەت خانلىقى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاجىزلاپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، مىلادىنىڭ 760 - يىللىرى گەنسۇنى بېسىۋالدى. گەنسۇنىڭ قولدىن كېتىشى جۇڭگونىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇ سەۋەبكە كۆرە، جۇڭگو «ئۇيغۇرلار يولى» دەپ ئاتىلىدىغان يول ئارقىلىقلا، غەرب ئەللىرى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بولدى. شۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى تىبەت خانلىقىغا قارشى ئىتتىپاقداش ئىدى. جۇڭگونىڭ ئەلچىلىرى، سودىگەرلىرى چاڭئەندىن شىمالغا قاراپ يولغا چىقىپ، سەددىچىن سېپىلىدىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇنغا باراتتى، ئاندىن كېيىن غەربكە بۇرۇلۇپ ئالتاي تاغلىرىدىن ھالقىپ بەشبالىققا كېلەتتى. بەشبالىقتىن غەربكە ياكى جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، تەڭرىتاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تارىم ۋادىسى ئارقىلىق غەرب ئەللىرىگە باراتتى. مانا شۇ خەلقئارا يول شۇ چاغدا «ئۇيغۇرلار يولى» دەپ ئاتالغانىدى. «ئۇيغۇلار يولى» ئۆتىدىغان ئاساسىي رايونلار (موڭغۇلىيە، جۇڭغارىيە ئويمانلىقى، تارىم ۋادىسى، پەرغانە) ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئىدى.
ئۇيغۇرلار شەرقتىن غەربكە بارىدىغان خەلقئارا سودا يوللىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن (ئاساسەن جۇڭگو بىلەن) غەرب ئەللىرى ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا داۋام قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھېسابسىز قان تۆكتى.
ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار خەلقئارا قاتناش يولىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بەشبالىق ئۈچۈن، تىبەت خانلىقى بىلەن بىرنەچچە قېتىم قانلىق ئۇرۇش قىلدى. بۇنداق ئۇرۇشلار ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلىشىپ، تىبەت خانلىقىنىڭ بەشبالىقنى تارتىۋېلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى بەشبالىقنى پايتەخت قىلغانىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە بەشبالىق كېڭەيتىلىپ، تېخىمۇ چوڭ شەھەرگە ئايلاندى. شۇ دەۋردە، بەشبالىق سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانىدى. «ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە ئوينىغان رولى» توغرىسىدىكى بابتا: XIII ئەسىردە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىدا، ناھايىتى مۇھىم (سىياسىي، ھەربىي) ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ بەشبالىقلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. مانا شۇ پاكىتنىڭ ئۆزىلا بەشبالىقنىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. XIII ـ XIV ئەسىرلەردە بەشبالىقتا يېتىشكەن سىياسەتچىلەر، ھەربىي ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى شۇ شەھەردە ناھايىتى بىلىملىك ئالىملارنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە، خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئولتۇراق ھايات كەچۈرگەن. ئىقتىساد گۈللەپ ياشنىغان. شۇڭلاشقا، بىناكارلىق ئالاھىدە تەرەققى قىلغان. خانلار، بەگلەر، ناھايىتى ئازادە، ھەشەمەتلىك ئوردا - سارايلاردا ياشىغان بولسا، خەلقلەر ئىچىدىكى ھاللىقلارمۇ ئىككى قەۋەتلىك، ئاستى گۈللۈك، تاختايلىق، روجەكلىك، ھويلىلىرى گۈل ۋە دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ئۆيلەردە ياشىغان.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ قىشلىق پايتەختى ھېسابلانغان قارا قۇچۇ شەھىرىنىڭ قىش پەسلىدىكى ھاۋاسىنىڭ ئۇنچىۋالا سوغۇق بولماسلىقى ئۇنىڭ خانلارنىڭ قىشلايدىغان شەھىرى بولۇشقا سەۋەب بولغان. قارا قۇچۇ شەھىرى ــ ئىقتىساد ۋە دىنىي مەركەز ئىدى.
ئەدەبىيات
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە تۇرپان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. خانلىق تېررىتورىيىسى غەرب بىلە شەرق ئارىسىدىكى خەلقئارا قاتناشنىڭ مۇھىم تۈگۈنلىرى ئۆتىدىغان رايون بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇرپان ۋە باشقا شەھەرلەر يۇنان، پارس، ھىندى، خەنزۇ، تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. شۇ سەۋەبتىن، مەزمۇنى مول، شەكلى بەكمۇ گۈزەل، ئۆزگىچە بولغان يۈكسەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇر ئىدىقۇت مەدەنىيىتى قەدىمكى شامان، بۇددا، مانىي، قىسمەن خرىستىئان دىنىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان دۇنياۋى مەدەنىيەت ئىدى. بولۇپمۇ بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق قوللانغان دەۋرىدىن ھېسابلاشقا توغرا كەلسە، بۇ دەۋر مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇن يېزىق قوللانغانىدى. ئەپسۇسكى ھېلىغىچە تېپىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يازما يادىكارلىقلىرى V ئەسىرگە تەئەللۇق بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن قەلەمگە ئېلىنغانلىرىدىن دېرەك بولمايۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات توغرىسىدا گەپ ئاچقاندا، كۆز ئالدىمىزغا «مۇقەددەس قەبرە» (مانىي دۇئاسى)، «چىستانى ئىلىك بەگ»، «ئىرق پۈتۈك» (پالنامە)، «مانىي شېئىرلىرى»، «ئوغۇزنامە»، «ئالتۇن ياروغ»، «ئىككى تېكىن ھېكايىسى» قاتارلىق ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر كېلىدۇ.
غەربىي ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنلا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، IV ياكى V ئەسىردە قىسمەن ھالدا مانىي دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلغانىدى. 180 قۇرلۇق «مۇقەددەس قەبرە» ناملىق مانىي دۇئاسىنىڭ V ئەسىردە بوتورمىش تارقان تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى تاسادىپى ئەمەس ئىدى. بۇددا دىنىي مىلادىنىڭ IV ئەسىردە غەربىي ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي دىنغا ئايلانغان. شۇ چاغدا، بۇددا دىنى، خوتەن، قەشقەر، كۇچا خانلىقلىرىدا دۆلەت دىنى بولغان بولسا، V ئەسىرگە كەلگەندە تۇرپان رايونىدىمۇ ئاساسىي دىن بولۇپ قالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر، كۇچا، تۇرپان رايونلىرىدىمۇ مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا، شەرقىي ئۇيغۇرلار شامان دىنىدا ئىدى. شەرقىي ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر - ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ قاغانى بوگوخاننىڭ ۋاقتىدا مىلادىنىڭ 762 - يىلى شامان دىنىنى تەرك ئېتىپ، مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان.
تۇرپاندىن تېپىلغان «چىستانى ئىلىك بەگ» قىسسىسى مىلادىنىڭ V ئەسىردە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان. بۇ قىسسە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ، V ئەسىردىلا قەلەمگە ئېلىنغان. «چىستانى ئىلىك بەگ» قىسسسىدىكى قەھرىمان چىستانى ئىلىك بەگ، ئۆز خەلقىنى بالايىئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، خەلق ئارىسىغا قورقۇنچلۇق ۋابا كېسىلىنى تارقىتىۋاتقان بەكمۇ ياۋۇز جىنلارغا قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. بۇ قىسسە ئۇيغۇر ئەپسانىسىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، كۆپتۈرۈش قاتارلىق بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى قوللىنىلغان.
VIII ئەسىردە، ئۇيغۇر - ئورخۇن يېزىقىدا يېزىلغان «ئىرق پۈتۈك»نى ئاۋرېل سىتەين داشاتادىكى بۇددا مىڭ ئۆيلىرىنىڭ بىرىدىن تاپقان. «ئىرق پۈتۈك» 104 بەتلىك بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق چۈش ۋە تەبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئىرق پۈتۈرك» نىڭ لىكوك تەرىپىدىن تۇرپان تۇيۇقتىن تېپىلغان باشقا بىر نۇسخىسىمۇ بار.
«ئىرق پۈتۈك» ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ھالەتلىرىدىن بىرى بولغان چۈشكە ئىشىنىش، چۈشكە تەبىر بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئىرق پۈتۈك» دە بەزى چۈشلەر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارالسا، بەزى چۈشلەر يامانلىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن: كىشىلەر چۈشىدە قۇش بولۇپ ئۇچسا، ئوقيا ئاتسا، تاڭ ئاتقانلىقىنى كۆرسە، بۇ ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر كىشىلەر چۈشىدە: بىرەر جايغا ئوت كەتكەنلىكىنى، قۇشلارنىڭ تۇزاققا چۈشكەنلىكىنى كۆرسە، بۇ چوقۇم يامانلىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ.
«ئىرق پۈتۈك» دە بايان قىلىنغان چۈشلەردىكى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئالامەتلىرىنىڭ خېلى كۆپى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز تەسىرىنى يوقاتقان ئەمەس.
مىلادىنىڭ VIII ئەسرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر - ئورخۇن يېزىقىدا يېزىلغان «ئىرق پۈتۈك» نى ئى. ۋ. سىتىلوۋا ئەدەبىي ئەسەر سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئادەم ۋە ھايۋانلار تۇرمۇشى، ئەپسانە ۋە چۆچەك ۋەقەلىرى، تەبىئەت تەسۋىرى، ماقال - تەمسىللەردىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە ئايرىغان.»[30]
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە، خېلى كۆپ شائىرلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار مەيدانغا كەلگەن. شۇ دەۋردە ئۆتكەن شائىر ۋە تەرجىمانلاردىن ئىسمى ۋە ئەسەرلىرى بىزگە مەلۇم بولغانلاردىن بىرنەچچىسىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
«ئۇلاردىن ئاپرىنچۇر تېكىن (IX ئەسىردە ياشىغان)، كۆل تارقان، سىنقۇ سەلەى تۇتۇڭ، كەلىمە كەيشى، فىراتياشرى، كى - كى، ئاسىخ تۇتۇڭ، چىسۇيا تۇتۇڭغا ئوخشاش ئەدىبلەر ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانىدا ئىجادىي ئىش بىلەن شۇغۇللانغان.»[31]
ئۇلار ئىچىدىن IX ئەسىردە ئۆتكەن مانىخېست شائىر ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ تۇرپاندىن ئىككى پارچە شېئىرى تېپىلغان. شېئىرنىڭ بىرى مانىي تەڭرىسىگە بېغىشلانغان «مەدھىيە» بولۇپ، تۆتلۈك بىلەن يېزىلغان ئۈچ تاقماقتىن ئىبارەت. «مەدھىيە» نىڭ ئۈچىنچى تاقماقنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان يەشمىسىنى كۆزدىن كەچۈرەيلى:
ئەسلى نۇسخسى:
كۈن تەڭرى يارۇقىن تەگ كۆكۈزلۈگۈم بىلگەم،
كۈن تەڭرى يارۇقىن تەگ كۆكۈزلۈگۈم بىلگەم.
كورتلە تۇزۇن تەڭرىم كۇلۇگۇم كۇزۇنچۇم،
كورتلە تۇزۇن تەڭرىم، بورقانىم بولۇنچىسۇزۇم.
يەشمىسى:
كۆڭلى كۈن تەڭرىسىنىڭ نۇرىدەك دانىشمىنىم،
كۆڭلى كۈن تەڭرىسىنىڭ نۇرىدەك دانىشمىنىم،
گۈزەل پەزىلەتلىك، شۆھرەتلىك، قوغدىغۇچى تەڭرىم.
گۇزەل پەزىلەتلىك، تەڭداشسىز بۇرھانىم تەڭرىم.
شېئىرنىڭ يەنە بىرى، ئىشقى مۇھەببەت تېمىسىغا بېغىشلانغان لىرىك ھېسسىياتقا تولغان ئالتىلىك شەكىلدىكى بىر تاقماقتىن ئىبارەت.
ئەسلى نۇسخىسى:
يارۇق تەڭرىلەر يارلىقازۇن،
ياۋاشىم بىرلە.
يافىشيان ئادرىل مالىم،
كۈچلۈك پەرىشتىلەر كۈچ بىرزۇن.
كۆزى قارام بىرلە
كۇلۇشۇگىن ئولۇرالىم.
يەشمىسى:
يورۇق تەڭرىلەر يار بولغاي،
يوگەچىم بىلەن
يېپىشقانچە ئايرىلمايلى،
كۈچلۈك پەرىشتىلەر كۈچ بەرسۇن،
قارا كۆزلۈكۈم بىلەن
كۈلۈشۈپ ئولتۇرايلى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شائىرلاردىن ئاپرىنچور تېكىندىن باشقىسى دېگۈدەك بۇددىست شائىرلار ئىدى. چىسۇيا تۇتۇڭ، پراتياشلىرى، كى - كى، ئاسىخ تۇتۇڭلار بۇددىسىت شائىرلار ئىدى. پراتياشرىنىڭ «ھېكمەت پەزىلىتى» ناملىق 293 قۇردىن ئىبارەت شېئىرى ئەسىرى بار. شائىر كى - كىنىڭ 260 قۇردىن ئىبارەت توققۇز پارچە شېئىرى بار.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ساپلىقىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى كۆرىمىز.
«ئوغۇزنامە» نىڭ XIII ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىمۇ تۇرپاندىن تېپىلغان.
«ئوغۇزنامە» ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ كەلگەن بولسىمۇ، XI ئەسىردە قاراخانىيلارنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن قەشقەردە ياكى سەمەرقەندتە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن قەلەمگە ئېلىنغان. «ئوغۇزنامە» نىڭ XIII ئەسىردە تۇرپاندا قەلەمگە ئېلىنىپ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغىنى قاراخانىيلار دەۋرىدە (XI ئەسىردە)، قەلەمگە ئېلىنىپ ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخىسىدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ تىزىملىكىدە «ئوغۇزنامە» نىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالساقلا، مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ.
قاراخانىيلار دەۋرىدە، «پەن ۋە ئەدەبىيات بەكمۇ تەرەققىي قىلغانىدى. چوڭ تارىخىي ئەسەرلەر، مەسىلەن، گەردىزىنىڭ ‹زەينۇلئەخبار› (گۈزەل خەۋەرلەر) ناملىق ئەسىرى، بەيھەقىنىڭ 30 توملۇق تارىخىي كىتابى، مەجدىدىن ئەدماننىڭ ‹تارىخىي مۈلكى تۈركىستان› (‹تۈركىستان تارىخى›) ئەسىرى پەيدا بولدى. مۇھەممەد نارشاھىنىڭ كىتابى تەرجىمە قىلىندى. دىداكتىك ئەسەرلەردىن: نىزامۇلمولىكنىڭ ‹سىياسەتنامە› سى (‹دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى كىتاب›)، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹قۇتادغۇ بىلىك› ناملىق ئەسىرى، زەمەخشەرىنىڭ، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تىلشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلىرى، ‹ئوغۇزنامە› ۋە باشقىلار يېزىلدى.»[32] يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەر XI ۋە XII ئەسىردە يېزىلغان. دېمەك «ئوغۇزنامە»نى قاراخانىيلار دەۋرىدە، قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدە يارالغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ يادىكارلىقلار قاتارىغىمۇ كىرگۈزۈش كېرەك.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت دەۋرىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسمىنى بۇددا رىۋايەتلىرىگە ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ قايتىدىن يېزىلغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى «ئالتۇن ياروغ» دۇر.
«ئالتۇن ياروغ» نى X ئەسىردە بەشبالىقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان سىنقوسەلى تۇتۇڭ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان.
«ئالتۇن ياروغ» نىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى رۇس ئالىمى مالوۋ 1909 - يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۇەن ۋىلايىتىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ياشايدىغان ۋاڭشىگو يېزىسىدىكى بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن تاپقان. «ئالتۇن ياروغ» 1915 - 1917 ـ يىللىرى رادلوۋ ۋە مالوۋلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇلغان. «ئالتۇن ياروغ» نىڭ داشاتا ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىلىرى ۋە ھىند - سانسكرىتچە، تىبەتچە، خەنزۇچە، موڭغۇلچە نۇسخىلىرى بېرلىن ۋە لېنىنگىرادتا ساقلانماقتا.
«ئالتۇن ياروغ» 730 بەتلىك چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەر، ئۇنىڭدا بۇددا رىۋايەتلىرى، ھېكايىلىرى سۆزلەنسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى خېلى كۈچلۈك بولغان.
سىنقۇسەلى تۇتۇڭ VII ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر بوددىسىت ۋە ئاتاقلىق تەرجىمان. «شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەركىن، بەكمۇ راۋان تەرجىمە قىلغان.
سەنئەت
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە يالغۇز ئەدەبىياتلا تەرەققىي قىلىپ قالماستىن، ئىران (مانىي دىنى ئارقىلىق)، يۇنان (ھىندىلارنىڭ بۇددا مۇھىتى ئارقىلىق) ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە (ئوخشاشمىغان دەرىجىدە) مەيدانغا كەلگەن رەسساملىق، نەققاشلىق، ھەيكەلتىراشلىققا ئوخشاش ئۇيغۇر بۇددا سەنئىتىمۇ تەرەققىي قىلدى.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى تېررىتورىيىسىدە بىنا قىلىنغان مىڭئۆيلەرنىڭ تام رەسىملىرى، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىكى ھەيكەللەر (بۇتلار) ئۇيغۇر ئىدىقۇت مەدەنىيىتىنىڭ ئىران، يۇنان، ھىندى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە ئاساسىي ھۆكۈمران دىن بۇددا دىنى بولۇپ، مانىي، ناستورىيان دىنلىرى ئۇنچىۋالا چوڭ تەسىرگە ئىگە ئەمەس ئىدى. 840 - يىللىرى غەربكە كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار مانىي دىنىدا بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي غەربىي ئۇيغۇرلاردا ئاساسىي دىن ھېسابلانغان بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. تۇرپاندىكى مانىي ئىبادەتخانىلىرى 840 - يىللىرى كۆچۈپ كەلگەن شەرقىي ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئازغىنا قىسمى XIII ئەسىردە خرىستىئان دىنىنىڭ ناستورىيان مەزھىپىنى قوبۇل قىلغان.
نەسەبنامە
[تەھرىرلەش]ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرىنىڭ نەسەبنامىسى
[تەھرىرلەش]ئىسمى سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقتى
1. پان تېكىن 850 - 866
2. بوكو تېكىن 866 - 871
3. ئىردىمىنخان 940 - 948
4. ئارسلانخان 948 - 985
5. بىلگە تېكىن 1126 - ؟
6. ئىسەن تېمۇر (بۇ بائۇرچۇق تېكىننىڭ ئاتىسى) !؟ - ؟
7. بائۇرچۇق ئارت تېكىن 1208 - 1235
8. قۇسمايىن 1235 - 1245
9. سالۇن تېكىن 1246 - 1255
10 ئوغرۇنج تېكىن 1255 - 1265
11. ماموراق تېكىن 1265 - 1266
12. قوجىغار تېكىن 1266 - 1276
13. نولىن تېكىن 1276 - 1318
14. تۆمۈر تېكىن 1318 - 1327
15. سەڭگى تېكىن 1327 - 1331
16. تايپان 1331 - 1335
موڭغۇل بىكەلىرىدىن ئۇيغۇر ئىدىقۇتلىرىغا ياتلىق بولغان قىزلار
[تەھرىرلەش]بىكەنىڭ ئېتى | ئاتىسى | ياتلىق بولغان كىشى | ۋاقتى |
---|---|---|---|
ئال ئالتۇن | چىڭگىزخان | بارچۇق ئارت تېكىن | توي مۇراسىمىدىن بۇرۇن ئۆلگەن (1210) |
باباقار | گۈيۈكخان | قوچغار تېكىن | |
بۇرقان | ئۆگەدەينىڭ نەۋىرىسى | نولىن تېكىن | |
باباچا | ئۆگەدەينىڭ نەۋىرىسى | نولىن تېكىن | |
ئۇراچىن | ئانادار | نولىن تېكىن | |
تورچىسمان | موڭغۇل خانزادىسى | تۈمۈر بوقا |
مەنبەلەلەر
[تەھرىرلەش]- ↑ مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» I توم، 38 - بەت.
- ↑ «تۈركىي تىللار دىۋانى» III توم، 495 - بەت.
- ↑ 3.0 3.1 3.2 «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» خەنزۇچە 203 - جىلد «ۋاڭ يەندى» ۋە «ئىدىقۇتقا بارغان ئەلچىنىڭ خاتىرىسى.»
- ↑ سۈي شىنيى: «جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرى توغرىسىدا قىسسە» خەنزۇچە 2 - قىسىم 91 - بەت.
- ↑ سۈي شىنيى: «جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرى توغرىسىدا قىسسە» خەنزۇچە 2 - قىسىم 92 - بەت.
- ↑ گوجىچىن: «ۋاڭ يەندى» ۋە «ئىدىقۇتقا بارغان ئەلچىنىڭ خاتىرىسى» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1985 - يىل 4 - سان ئۇيغۇرچە، 143 - بەت).
- ↑ ئۇ. كارايىۋ: «قاراخانىيلار قاغانلىقىنىڭ تارىخى» رۇسچە 167 - بەت.
- ↑ «ئۆزبېكىستان س س س ر تارىخى» I توم ئۆزبېكچە 307 - 308 - بەتلەر.
- ↑ ريېنى گرۇست: (فرانسۇز تارىخچىسى) - «بوزقىر ئىمپېراتۇرلۇقى» 224 - بەت.
- ↑ «ئۆزبېكىستان س س س ر تارىخى» I توم ئۆزبېكچە 308 - بەت.
- ↑ موللا مىر سالىھ كاشغەرى: «چىڭگىزنامە» ئۇيغۇرچە 24 -، 25 - بەتلەر.
- ↑ موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى» ئۇيغۇرچە 97 - بەت.
- ↑ ريېنى گرۇست: «بوز قىر ئىمپېراتۇرلۇقى» 213 - بەت.
- ↑ «ئۆزبېكىستان س س س ر تارىخى» I توم ئۆزبېكچە 310 - بەت.
- ↑ موللامىر سالىھ كاشغەرى: «چىڭگىزنامە» ئۇيغۇرچە 36 - بەت.
- ↑ ريېنى گرۇست: «بوز قىر ئىمپېراتۇرلۇقى» 242 - بەت.
- ↑ «بوز قىر ئىمپېراتۇرلۇقى» 266 - بەت.
- ↑ «موڭغۇل تارىخى. بائۇرچۇق ئارت تېكىن ھەققىدە قىسسە».
- ↑ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇزنىلىنىڭ 1985 - يىل 1 - سانى، ئۇيغۇرچە 109 - 111 - بەتلەر.
- ↑ چىئوشۇسىڭ: «جۇڭگو تارىخىي ھېكايىلىرى» خەنزۇچە 1 - بەت.
- ↑ ليۇ ۋېيجۈن: «غەربى دىيار ھەققىدە قىسسە» خەنزۇچە 1 - كىتاب، 122 - بەت.
- ↑ «غەربى دىيار ھەققىدە قىسسە» 124 - بەت.
- ↑ غەربى دىيار ھەققىدە قىسسە» 122 ـ بەت.
- ↑ ئۇياڭ شيۇ: «بەش سۇلالە تارىخى» 74 - جىلد «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە».
- ↑ 25.0 25.1 25.2 تۇقتۇ: «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» خەنزۇچە «ئىدىقۇت ھەققىدە قىسسە».
- ↑ ئۇياڭ شيۇ: «يېڭى بەش سۇلالە تارىخى» خەنزۇچە «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە».
- ↑ تۇقتۇ: «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» خەنزۇچە «ئىدىقۇت ھەققىدە قىسسە». 232 - بەت.
- ↑ «غەربىي دىيار ھەققىدە ئومۇمىي بايان» خەنزۇچە 1 - جىلد 9 - بەت.
- ↑ مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» I توم 152 - بەت.
- ↑ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» ئۇيغۇرچە، قازاقىستان س س س ر «نائۇكا» نەشرىياتى 1983 - يىل نەشرى 11 - بەت.
- ↑ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قىسقىچە تارىخى» 9 - بەت.
- ↑ «ئۆزبېكىستان س س س ر تارىخى» I توم ئۆزبېكچە 293 - بەت.