قىرال يوق (نامايىش)
كۆرۈنۈش
«قىرال يوق» ناملىق نامايىشلار — 2025-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى، كۆپ قىسىمى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان، داانىلد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھۆكۈمىتى مەزگىلدە باشقۇرغان سىياسىتى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆپ سانلىق نامايىشلار توپلىمىدۇر. بۇ نامايىشلار 2025-يىلى ئىيۇن ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «قىرال يوق» نامايىشلىرىنىڭ داۋامىدۇر. تەخمىنەن 2,500 جاي، جۈملەدىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى مىللىي باغچىدا پائالىيەتلەر پىلانلانغان بولۇپ، زور مىقداردا كىشى قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە. ۋاشىنگتوندىكى نامايىشنى تەشكىللىگەن گۇرۇپپا ھەققىدە، ۋاكالەتخانىلار رەئىسى مايىك جانسون بۇ گۇرۇپپىنى «ئامېرىكىغا قارشى» دەپ باھالىغان.
