قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار

ئورنى Wikipedia
قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار
ئومۇمى ئەھۋال
نوپۇسى 5,000+
مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان

شەھەرلەر

تىللار ئۇيغۇرچە،
نورۋېكچە
دىن ئىسلام

قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Qirghizistanliq Uyghurlar ) بولسا...

تارىخى[تەھرىرلەش]

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى – قازاقىستان، قىزغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈرۈكمەنستان ۋە تاجىكىستان زېمىنلارىدا مەلۇم دەرىجىدە چوڭ – چوڭ توپلارنى ھاسىل قىلغان ھالدا جايلاشقان. قىرغىزىستاندا 36 مىڭ ئۇيغۇر ياشىماقتا، ئۇنىڭ ئىچىدە 20 مىڭى شەھەرلەردە، 16مىڭى يېزىلاردا ياشايدۇ. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنى جەنۇب ئۇيغۇرلىرى ۋە شىمال ئۇيغۇرلىرى دەپ ئىككى بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. جەنۇب ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋىلايىتى، ئۇش شەھىرى، قارا سۇ، قەشقەر قىشلاق يېزىلىرىدا ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قەشقەردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بىر نەچچە مەھەللىقلەرنى تەشكىل قىلغان.

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن. قالغان قىسىمى ئاز بولۇپ شالاڭ جايلاشقان. شىمال ئۇيغۇرلىرى بولسا قىرغىزىستاننىڭ شىمالدىكى بېشكەك، قارا بالتا، سۇقۇلۇق، قارا قۇل شەھەرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى قاراقۇل، ئېردېق ۋە تېپلوكليوچكا قاتارلىق يېزىلاردا ياشايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىدىن كەلگەن ، ئۇلار مۇشۇ كۈنگىچە ئۆز يۇرتىلىرى بىلەن خەت – ئالاقە قىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاندىكى شەھەرلەردە ، يېزىلاردا رۇس ، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلار بىر نەچچە دۆلەت تەركىبىدە ياشىسىمۇ ئۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تىلغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مىللەت ۋەكىللىرىدۇر. ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر ۋە ھەر خىل مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئارىسدا ياشاش سەۋەبلىك تىلنىڭ قوللىنىش دائىرىسىمۇ ۋە ئۇنىڭ لېكسىكىلىق ، گىرامماتىكىلىق سۈپىتىمۇ ھەر خىل دەرىجىدە بولغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىجتىمائىي جەھەتتىن ھىمايە قىلىنىشى ھەممە جايدا بىر خىل ئەمەس. ئەگەر قازاقىستان جۇمھۇرىيتىدە ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلەر بىلەن ئالىي ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىلسە، باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە پەقەت ئائىلە تۇرمۇش دائىرىسىدە قوللىنىلىدۇ.

جەنۇبىي قىرغىزىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئۆزبېك تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلار كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزبېكلەر بىلەن ئىشلەش ، ئۆزبېك تىلدا ئوقۇش، يېزىش سەۋەبلىك قوش تىللىق ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئۆزبېك تىلىنىلا بىلىپ، ئۆز ئانا تىلىنى تامامەن ئۇنتۇپ، پەقەت ئۆزبېك تىلى بىلەن سۆزلىشىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلغان.

ھازىر بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى پەقەت كېيىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار تەرەپىدىن ئىشلىتىلىدۇ، لكىن ئۇمۇ ساپ ئۇيغۇر تىلى ئەمەس ، ئارىلاشما تىل، يەنى ئۇيغۇر، ئۆزبىك تىللىرى ئارىلاشتۈرۈلۇپ قوللىنىلىدۇ. ھازىر ئۇلار تولۇق سىڭىپ كېتىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. شىمالىي قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە 60 ياشتىن ھالقىغان ، يەنە كېلىپ يېزىلاردا تۇرىدىغانلار ئىلى شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ تىلىدا قىرغىز ، ئۆزبېك تىللىرىنىڭ ئېلېمېنىتلىرى ئارىلاش بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تەلەپپۇرزدا سۆزلىشىدۇ. بېشكەك، قارا بالتا شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى غۇلجا ۋە قەشقەردىن چىققان بولۇپ ، ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە توپ بولۇپ ياشايدۇ.

مەزكۇر ئىككى شەھەردە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئىلى شىۋىسىنىڭ خۇسۇسىيتىنى ساقلاشقا ئىنتىلىدۇ. بولۇپمۇ چوڭ ئەۋلاد بۇنىڭغا دىققەت بىلەن قارايدۇ. ياشلار بىلەن ئوتتۇرانچى ئەۋلادنىڭ تىلىدا ئارىلاش شىۋە خۇسۇسىيەتلىرى بايقىلىدۇ. ئۆيدىن سىرت ۋاقىتتا ۋە باشقا شىۋە ۋەكىللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھەمسۆھبەتدىشىغا تەقلىد قىلىش بايقالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلى شىۋىسنىڭ كۈچلۈك تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ ئىلى شىۋىسى ياشلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە. قەشقەر شىۋىسىدىكى چوڭلارنىڭ تىلغا خاس سۆزلەر ئىلى شىۋىسىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە ياكى ئاددىلاشتۇرۇپ،يەنى ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىلىدۇ.

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار شەھەر شارائىتىدىمۇ توپ بولۇپ ياشايدۇ. لېكىن بۇ توپلار قىرغىز ياكى رۇس ئاھالىلىرى بىلەن قوشنا يەنى بىللە تۇرىدۇ. دېمەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھىمايىسىزلىقى، يەنى ئۇنىڭ راۋاج تېپىپ تەرەققىي قلىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ يوقلىقى ، رايونلاردا ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئازلىقى ۋە كۈندىلىك ھاياتتا باشقا مىللەت خەلقلىرى بىلەن ئالاقە ، مۇناسىۋەتنىڭ زىچلىقى تۈپەيلىدىن باشقا تىللارنىڭ ياشلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار تىلغا يەتكۈزىدىغان تەسىرى كۈچلۈك بولىدىغانلىقى ئۆز – ئۆزىدىن چۈشىنىشلىكتۇر.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تېگىشلىك شارائىت يارىتىلمىغان . ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يەرلىك خەلىققە بولغان تەسىرى يوقنىڭ ئۇرنىدا، ھەتتا ياشلارغا تونۇش ئەمەس. مەزكۇر رايون بويىچە يۈرگۈزۈلگەن ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق تەھلىلىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئارىلاشما قىلىش نەتىجىسىدە پەيدا بولغان ئىلى يەتتىسۇ ۋە قەشقەر پەرغانە دېئالىكتىكىلىرىنىڭ ئىسسقكۆل ۋە ئوش شىۋىلىرى مەۋجۇت دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ. بېشكەك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا دېئالىكتىكىلىق خۇسۇسيەتلەرنىڭ ئارىلىشىش جەريانى يۈز بەرمەكتە. بۇ دېئالىكىت ۋەكىللىرىنىڭ كۈندىلىك مۇئامىلە ئالاقىسى نەتىجىسىدە ئۇ ياكى بۇ خاس خۇسۇسىيەتلىرى ئۇنتۇلۇپ، ئەڭ ئاساسىي تەرەپلىرى ساقلىنىپ ، ئۇمۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

تەشكىلاتلار[تەھرىرلەش]

تونۇلغان كىشىلەر[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى