قىرىم يېرىم ئارىلى

ئورنى Wikipedia

قىرىم يېرىم ئارالنىڭ 4/5 قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ يايلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى كىرىچ يېرىم ئارىلىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار بار . ئاساسى ئۇچۇرلىرى نامى :قىرىم يېرىم ئارىلى

يەر مەيدانى :25500 كۋادرات كىلومېتىر

نوپۇسى :228 تۈمەن

چەتئەلچە نامى :Krymsky Poluostrov

جۇغراپىيەلىك ئورنى :سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا قىسمىنىڭ جەنۇبى

دىئالىكىتى :رۇس تىلى ، ئوكرائىن تىلى ۋە تاتار تىلى

ئىقلىمى :ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىم

جۇغراپىيىلىك ئورنى قىرىم يېرىم ئارىلى روسىيە فىدراتىسيەسى ياۋروپا قىسمىنىڭ جەنۇبىغا، ئازوۋ ۋە قارا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى 18 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى پېرېكوپ بوغۇزى ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 25500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ئارالنىڭ 4/5 قىسمىنى تۈزلەڭلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ يايلاق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. شەرقتىكى كىرىچ يېرىم ئارىلىدا يەر ۋەزىيىتى ئانچە ئېگىز بولمىغان ئېدىرلىقلار بار، بۇ جاينىڭ تۆمۈر بايلىقى ناھايىتى مول. ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا سوزۇلغان قىرىم تاغلىقلىرى جايلاشقان، بۇ تاغلىقنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1545 مېتىر كېلىدۇ. تاغلىقنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىنىڭ كەڭلىكى 2-8 كىلومېتىر بولۇپ، ئىقلىمى يىللىق، مۆتىدىل كېلىدۇ. بۇ جايلار پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ مۇھىم دەم ئالىدىغان ساناتورىيە رايونى ھېسابلىنىدۇ. تاغلىقلار ھەرخىل ئورمانلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تاغ ۋادىلىرى بىلەن دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا كۆپلەپ ئۈزۈم ۋە سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ جايلار قىرىم تەبىئىي قوغداش رايونى قىلىپ ئايرىلغان.


مۇھىم شەھەرلىرى قىرىمدىكى مۇھىم شەھەرلەر سىمفېروپول، يېۋپاتورىيە، سېۋاستوپول، پالتا ھەم كىرىچلاردىن ئىبارەت